كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 0

نان ۋە كائىنات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نان ۋە كائىنات






پەرھات ئىلياس مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان يازغۇچى ۋە شائىر . ئۇ ئۆزىنى ئىجادىيەتكە بىغىشلىغان ، تىنىمسىز ئىزدىنىدىغان بىر ئەدىب . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سان جەھەتتىنلا ئەمەس ، سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ . ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرىدا ئەسەر يازغان ، يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇتۇقلۇق چىقىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن ئەدىب . مەن ئۇنىڭ بىر سادىق ئوقۇرمىنى . بۇ يەردە پەقەت ئۇنىڭ « پەرۋاز » ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدا بېرىلگەن بىر پارچە شېئىرى نان ۋە كائىنات ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن .

شائىر ئالدى بىلەن بىر كۈزەتكۈچى . ئۇ نەزىرىگە ئىلىنغان ھەر بىر نەرسە ، ھەر بىر ھادىسىنى شېئىرىي نۇقتىدىن كۆزىتىشكە ئامراق . كۈزىتىش جەريانىدا قەلبىنى ھاياجانغا سالغان بىرەر نۇقتىدىن چىقىپ ، بىزنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر پارچە شېئىرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ .

پەرھات  ئىلياس كۈزىتىشكە ماھىر شائىر . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كۈزىتىشتىن چاقناۋاتقان گۈزەللىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان . « نان ۋە كائىنات » دەل شۇ خىل ئۇزاق مۇددەتلىك كۈزىتىش ۋە ھاياجاننىڭ نەتىجىسىدۇر . شائىرغا ئاۋال ئانىسنىڭ نان يېقىش جەريانى تەسىر قىلغان . ئانىلارنىڭ نان يېقىش جەريانى بىر خىل گۈزەللىكتۇر . ئانىلار خىمىردىن نىپىز ۋە يۇمىلاق ناننى ياساپ تونۇرغا ياقىدۇ . گۈلخان كەبى ئوتتا قىززىپ تەييار بولغان تونۇر ، ئۆز تەپتى بىلەن بىز ھۇزۇرلىنىپ يەۋاتقان بىر مۇھەببەتنى ، ئانىلارنىڭ چەكسىز مىھرى سىڭگەن ناننى پۇشۇرۇپ بېرىدۇ . شائىرغا بۇ خىل گۈزەللىك يارىتىش جەريانى ئىلھام ئاتا قىلغان . بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ نانغا چىرايلىق گۈللەرنى چېكىش جەريانى شائىر قەلبىدە پارتىلاپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن بۇ شېئىر يېزىلغان .

   ئانىلار نان ياققاندا چەككۈچ بىلەن نانغا چىرايلىق گۈللەرنى چىكىدۇ . بۇنىڭدا قانداق ئىلمى ئاساسى بارلىقى ماڭا سىر . بەلكىم شۇ تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق خىمىر ئىسسىقلىق قۇبۇل قىلىپ ياخشى پىشىدىغاندۇ . ئەمما ، بۇ گۈللەرنىڭ نانغا بىر گۈزەللىك بېرىدىغانلىقى بىزگە سىر ئەمەس . ئەسلىدىنلا گۈزەل نەرسىگە چىكىلگەن بۇ گۈزەللىك ناننى قەلبىمىزدىكى بىر بۈيۈك نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ .

شائىرنىڭ قەلبىدىكى ھاياجان ئىلھامغا ئايلىنىپ ، قولىغا قەلەم ئالغاندا ، نان ، ئانا ۋە ناندىكى گۈللەر ئەسلىدىكى مەنىسىدىن ھالقىپ سىموۋۇللۇق ئوبرازغا ئايلىنىپ كەتكەن . دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك شېئىرنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك چىقىشىغا تۈرتكە بولغان .

نان بىز ياشاۋاتقان كائىناتقا ئايلانغان . ئانىلار كائىناتقا گۈزەللىك بىغىشلىغۇچى ئىلمىنىتلارغا ، ئانىلار چەككەن گۈللەر بولسا ، كائىناتنى يۇرۇتقۇچى يۇلتۇزلارغا ، تۈرلۈك ئاسمان جىسىملىرىغا ، ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى تۈرلۈك سىموۋۇللۇق ئوبرازلارغا ئايلانغان . ئاپتۇر بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا يەنە ئاستىرۇنومىيەلىك بىلىملەرنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق بىر گۈزەل ئوبرازنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . ئانىلارنىڭ مىھرى ، ئانىلارنىڭ قەلبىدەك گۈزەللىك سىڭگەن نان ، ناندىن ھالقىغان سىموۋۇل ، ئىنسانلارنىڭ ئىتىقاد قارىشى ۋە ئاستىرونومىيەلىك قاراشلارنىڭ زىچ بىرىكىشى ، بۇ شېئىرغا جان كىرگۈزگەن . شۇڭا بۇ شېئىرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدە بىر خىل سۆيۈنىش ھىسسىياتى قوزغىلىدۇ . بۇ ھىسسىيات شائىرغا بولغان رازىمەنلىك ھىسسىياتى بولىشىمۇ ياكى شېئىرنىڭ گۈزەللىكىدىن ھاسىل بولغان ھىسسىيات بولىشىمۇ ۋە ياكى شېئىرغا سىغدالغان نۇرغۇن بىلىملەرنىڭ بىرىكتۈرلىشىدىن كەلگەن ھىسسىيات بولىشىمۇ مۇمكىن .

شائىر شېئىردا بىر خىل ئىددىيەنى يۇرۇتقان . ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ نانغا بولغان ئەقىدىسى بىلەن ئاستىرۇنومىيەلىك قاراشلارنىڭ بىركىشىدىن ھاسىل بولغان ئىددىيەدۇر . شېئىرنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن شېئىرىدىن ئۆزىگە كىرەكلىك نەرسىنى تامامەن تېپىپ چىقالايدۇ .

شېئىرنىڭ تىلى تاتلىقلاشتۇرۇلغان . يەنى بالىلارچە تۇيغۇ ، بالىلارچە تەسەۋۋۇر ۋە بالىلارچە چۈچۈك تىل بىلەن يېزىلغان . شېئىرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ، تەبىئىي ھالدا شېئىرنى ئوقۇغان بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغايدۇ . بالىلار شېئىرغا ئەگىشىپ يۇلتۇزلارنى سانايدۇ ، يۇلتۇزلارغا قاراپ پىچىرلايدۇ ، يۇلتۇزلاردىن زوقلىنىپ خۇشاللىققا چۆمىدۇ . شۇ خىل ھاياجان بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نان ئەقىدىسى ۋە بىر قىسىم ئاستىرۇنومىيەلىك بىلىملەرگە ئىگە بولىدۇ . مەسىلەن : ئۈكەر يۇلتۇز ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدا نىشاننى پەرىق ئېتىش نۇقتىسى بولغان . چولپان يۇلتۇز ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدا تاڭ ئېتىشقا سىموۋۇل بولغان . چولپان يۇلتۇز يورىغاندا تاڭ ئاتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم . ھەمەل يۇلتۇز تۈركىمى بولسا باھارنىڭ كەلگىنىدىن بىشارەتتۇر . تارازا يۇلتۇز تۈركىمى بولسا تومۇز ئىسسىقنىڭ يانىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . سۇمبۇلە يۇلتۇز تۈركىمى بولسا ئۇزۇق-تۈلۈكلەرنىڭ يىغىۋىلىشقا ، قىشنىڭ كېلىۋاتقانلىقىغا سىموۋۇل قىلىنغان . دېمەك ، بۇ خىل قاراشلار شېئىردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ، بۇ شېئىر ھەقىقى مەنىدىكى بىر ئاستىرۇنومىيەلىك شېئىر بولغان . بۇ شېئىرنىڭ بالىلارغا ئاتا قىلىدىغىنى ھەقىقەتەن كۆپ .

شېئىرنىڭ ئاخىرقى ئالاھىدىلىكى ، بۇ شېئىرنى ئوقۇغان بالىلار تەبىئى ھالدا قولىغا قەلەم ئېلىپ ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ . شېئىردىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئوۇغۇچىلارنى يىزىقچىلىققا يېتەكلىگەندە ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ .

يىغىنچاقلىغاندا ، شائىر پەرھار ئىلىياس ئانىلارنىڭ نانغا گۈل چېكىش جەريانىدا تۇغۇلغان ئىلھامىغا تەبىئىتنىڭ گۈزەللىكى ، ئىنسانلارنىڭ نانغا بولغان ئىتىقادى ۋە بىر بۆلۈك ئاستىرۇنومىيەلىك بىلىملەرنى قۇشۇپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىزنى بىر گۈزەل كائىناتقا باشلىغان . بۇ ھەقىقەتەن بىز ياشاۋاتقان گۈزەل يەر شارىغا ئوخشايتتى . ياق ، ئوخشايتتى ئەمەس ، دەل ئۆزى ئىدى .

ئەسلى شېئىر



نان ۋە كائىنات



ئاپام تىنماي نان ياسار ،

چەككۈچ بىلەن گۈل باسار .

ھەر بىر چەككەن ئىزلىرى ،

يۇلتۇزلارغا ئايلىنار .



چەككىنىدە ئۈكەرنى ،

نىشان بولۇپ پارلىدى .

يول تېپىشىپ ئازغۇنلار ،

يەنە سەپەر باشلىدى .



بىر چەككىنى بوپ قالدى ،

كۈن بوۋاينىڭ جەمەتى .

بالىلىرى يوپىتېر،

ئوران ، مارىس ، يەر شارى ...



چەككىنىدە چولپاننى ،

ئۇپۇق يورۇپ تاڭ ئاتتى .

قۇشلار چۈچۈك چۇرۇقلاپ،

كۈن بوۋايغا كۈي قاتتى .



ئاندىن يەنە چېكىلدى ،

ھەمەل يۇلتۇز تۈركىمى .

كەلدى شۇئان نەۋباھار ،

ئۇ پەسىللەر كۆركۈمى .



چېكىلگەندە تارازا ،

تومۇز تەپتىن قايرىدى .

تاڭ سەلكىنى غۇرۇلداپ ،

تەن ئاجايىپ يايرىدى .



چېكىلگندە سۇمبۇلە ،

ياز خوشلىشىپ كۈز يەتتى .

قىش غېمىدا جىمى جان ،

بەك ئالدىراش بوپ كەتتى .



ئاندىن يەنە چېكىلدى ،

ئەسەد، سەۋىر ، پادىچى .

بەكمۇ تىرەن مەنىگە ،

تولغانىدى بارچىسى .



ئاپام تىنماي نان ياسار ،

چەككۈچ بىلەن گۈل باسار .

نەن يۈزىگە پەم بىلەن ،

كائىناتنى سىغدۇرار .

2015-يىلى 14-ماي

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش