| ئۈچ غەزەل
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈ*رك
ئاشىق سەپىرى
ئىشىق سەھراسىدا گۈ-گۈر كۆيۈپ كەلدىم داۋا ئىزدەپ ، سۈزۈك تاڭلارغا تاشلاندىم شىپالىق ساپ ھاۋا ئىزدەپ .
قويۇپ چۆللەرگە ئوت گاھى غېرىپتەك بوزلىدىم نەچچە ، مېنىڭدەك بىناۋالارغا يېقىملىق كۈي ناۋا ئىزدەپ .
قىزىلگۈل بەرگىگە تامغان سۈزۈك ياشنى سۆيۈپ ئۆتتۈم ، چېچى بوستان ، دىلى ۋۇلقان ، لېۋى قان-قان سابا ئىزدەپ .
زىمىستان پەسلىدە گۈلگۈن تېنىم چوغدانغا ئايلاندى ، يۈرەكلەر تەكتىدىن قايناپ ئېقىپ تۇرغان لاۋا ئىزدەپ .
گۈلى سۇنغان دالالارغا مۇھەببەتتىن ئۇرۇق چاچتىم ، شىۋىرغان سوقسىمۇ ئۆچمەس قۇياش يەڭلىغ جۇلا ئىزدەپ .
سۈكۈت تولغان قىيالاردا ئېتىمنىڭ كىشنىشى قالدى ، قورام تاشلارنى ئۈن قىلغان قاناتلىق شوخ سادا ئىزدەپ .
ئۆمۈرنىڭ ئۆركىشى بەلكىم يەنە ئوتلارنى ئۇلغايتار ، ۋىسال قۇچماق ئۈچۈن بىر كۈن سۆيۈملۈك جان پىدا ئىزدەپ .
دىلبەرگە مەكتۇپ
بىلىپ بولماس ئاچاللاردا كۈتەرسەنمۇ مېنى دىلبەر ، ئىشىق سەھراسىدا ئىزدەپ يۈرەرسەنمۇ مېنى دىلبەر .
پۇرۇقلاپ قاينىسام دائىم مۇھەببەتنىڭ ئوچاقىدا ، بىلەلمەستىن يىراقلارغا سۈرەرسەنمۇ مېنى دىلبەر .
تېنىمنى يالمىشىپ سەۋدا مېنى ساتتى قۇمۇشلارغا ، ھىلالغا بىر نىگاھ تاشلاپ كۆرەرسەنمۇ مېنى دىلبەر .
قۇيۇنلار ئوۋلىغان سايدا غېرىپتەك تالجىقىپ ياتسام ، كېلىپ بىر لەھزە باغرىڭغا بۆلەرسەنمۇ مېنى دىلبەر .
نىتەي دوستلار ئىكەن مۈشكۈل ئازاپ يۇتماي ۋىسال قۇچماق ، يۈرەكنىڭ تەكتىگە شۇڭغۇپ سۆيەرسەنمۇ مېنى دىلبەر .
نورۇزنامە
سۆيۈپ قويغىن مېنى نورۇز چېچەككە ئايلىناي ئەمدى ، قۇياشنىڭ باغرىدىن تامغان گۆدەككە ئايلىناي ئەمدى .
سېنى كۈتمەك بىلەن روھىم ئازاپ پەنجىدە قىرچىلدى ، قىياقلار جىلمىيىپ ئۆسكەن چۆنەككە ئايلىناي ئەمدى .
ئېمىپ تەپتىڭنى يۈكسەككە ھامان قونماقنى ئىستەيمەن ، ئىچۈرگىن بىر قەدەھ جۈرئەت پىلەككە ئايلىناي ئەمدى .
ھارارەت چاچمىسام سەندەك خىلى مەن قايسى ئەركەكنىڭ ؟ جاھانغا ئوت سۇنۇپ بەرگەن يۈرەككە ئايلىناي ئەمدى .
يېلىنجاپ تۇرسا شەيدالىق لېۋىمگە تامچىغاي يالقۇن ، جۇدۇننى دان قىلىپ يۇتقان تىلەككە ئايلىناي ئەمدى .
|
|