| ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ئۇلۇغ پەزىلەتتۇر
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
-------------------------------------------------------------------------------- مۇھەممەدجان تىلىۋالدى، ئابدۇلىتىپ مامۇت
ئۇستاز ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئۇستاز كۆيۈۋاتقان شام، ئۇستاز ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان نۇرلۇق مەشئەل. بۇ مەشئەلنىڭ نۇرى ۋە خاسىيىتى چەكسىزكى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ھاياتلىق سەپىرىدە ئۆز رولىنى مۇكەممەل جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇستاز ئەۋلاد تەربىيەلىگۈچى، ئۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قەلب تۇپرىقىدا ئەقىدە-ئېتىقاد، ئادىمىيلىك ۋە ئەخلاق -پەزىلەتنىڭ سۇلماس گۈللىرىنى ئۆستۈرىدۇ. دانالار ‹‹ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار›› دەيدۇ. دەرھەقىقەت، بۇ سۆزگە ئاجايىپ ھېكمەت سىڭدۈرۈلگەن. ھەرقانداق ئىلىم، ھۈنەر – كەسىپنى، ھەرقانداق ئەخلاق-پەزىلەت، ئادىمىيلىك خىسلەتنى تەربىيەسىز تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.
ئۇستاز ئىنسان قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، ئىنسانىيەتنى بەختكە، گۈزەل كېلەچەككە، پارلاق ئىستىقبالغا يېتەكلەيدۇ، ئالغا ئىنتىلىشكە دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئابدۇراخمان جامىي: ‹‹ئۇستازسىز قالسا گەر زامان، نادانلىقتىن قاپقارا بولاتتى جاھان›› دەپ ئېيتىدۇ. شۇڭا ئەقىللىق كىشىلەر ئۆزىدىن بىلىمى يۇقىرى كىشىلەرنى ئۇستاز ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ، تەلىم ئېلىپ، بىلمىگەنلىرىنى بىلىۋېلىشقا، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
ئۇستاز ئۇلۇغ ئىنسان. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۆزگىلەرگە ‹‹ئۇستاز›› بولالىغانلىقىدا. ئۇستاز ئىلىم بېرىش بىلەن كىشىنىڭ نامىنى ئەۋلادلار ئاغزىدا قالدۇرىدۇ ۋە ئىككىنچى ھايات ئاتا قىلىدۇ. ئۇستازنى سۆيۈش، ئۇستازنى ھۆرمەتلەش قەدىمدىن تارتىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئېسىل پەزىلەتتۇر.
خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىدە ئۇستازنى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، ئۇستازىغا باش كۆتۈرۈپ قارىماسلىق تەكىتلىنىپ كەلگەن. كونىلاردا ‹‹ئۇستاز يەتتە چامدام يىراقتا تۇرۇپ سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان كىشى›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. جىبران خېلىل ‹‹ھەممە گۈزەللىك ياخشىلىقنى، سەمىمىيلىكنى، قەتئىيلىكنى، مۇھەببەتنى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ھىممىتىدىن كۆردۈم›› دەپ ئۇستازىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەنىدى. ئارىمىزدىمۇ شۇنداق باھالارغا نائىل بولغۇدەك ئۇستازلار ئەلۋەتتە كۆپ. لېكىن بىز ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەشكە سۇسلۇق قىلىۋاتىمىز.
بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئەگەر بىر شاگىرت ئىلىم ۋە ئۇستازنى سۆيمىسە، ئىشتىياق بىلەن ئوقۇمىسا، مەقسىتىگە يېتەلمەس››. شەكسىزكى، ئۇستازدىن بىلىم ئېلىپ، نام – ئاتاق، ھوقۇق-مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، ئازراق كۈچ -قۇۋۋەت توپلاپ، ئۆزىگە بىلىم بەرگەن ئۇستازنى پەس كۆرىدىغان، ئۇنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە كۆز يۇمىدىغان، ئۇستازنىڭ ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدىغانلار قىلغان ئىشىدا روناق تاپالمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەت بار:
چېلىشىشنىڭ 360 خىل ماھارىتىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن بىر پالۋان بار ئىكەن. ئۇ شاگىرتلىرىدىن بىرىگە 359 خىل چېلىشىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، بىر خىل ئۇسۇلنى ئۆگەتمەي ساقلاپ قاپتۇ.شاگىرت چېلىشىشتا ئەلا نەتىجە قازىنىپتۇ. شۇڭا، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز-ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى ئۇ پادىشاھقا ئۇستازى توغرىسىدا سۆزلەپ:
يېشىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ماڭا ئۇستاز بولغانلىقىنى دېمىسەم، ئۇنىڭدىن كەم ئەمەسمەن، دەپتۇ.
ئۇنىڭ بۇنداق ماختانچاقلىقى پادىشاھقا ياقماپتۇ. پادىشاھ ئاخىر ئۇستاز بىلەن ماختانچاق شاگىرتنى چېلىشىشقا بۇيرۇپتۇ. چېلىشىش باشلىنىپتۇ. شاگىرت ئۇستازىغا ھۈرپىيىپ كەپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە ‹‹چويوندىن پۈتۈلگەن تاغ بولسىمۇ، ئۇنى ئورنىدىن يۇلۇۋېلىپ تاشلايمەن›› دەپ ئويلاپتۇ. ئۇستاز شاگىرتىنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتتە ئۆزىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، شاگىرتىغا ئۆگەتمىگەن ئۇسۇلى بىلەن تاقابىل تۇرۇپتۇ. شاگىرت ئۇستازىنىڭ بۇ ئۇسۇلىغا تەڭ كېلەلمەپتۇ. ئۇستاز ئۇنى بېشىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئايلاندۇرۇپ يەرگە ئۇرۇپتۇ. تاماشىبىنلار قىيقاس-چۇقان سېلىپ ئۇستازنى ئالقىشلاپتۇ. پادىشاھ ئۇستازغا ئېسىل سوۋغات تەقدىم قىلىپتۇ. شاگىرتقا:
ئۆزۈڭنى ئۇستازىڭدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويماقچى بولدۇڭ، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك، ئۇستازغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك مەغلۇبىيەتنىڭ بېشىدۇر دەپ تەنبىھ بېرىپتۇ...
بۇ ھېكايەتتىن ئايانكى، ئۇستازنى بىلىم ئالغاندا، ھۈنەر ئۆگەنگەندە ھۆرمەتلىگەندەك قىلىپ، ئۇنىڭ قېشىدىن كەتكەندىن كېيىن ياكى ئازراق بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقاندىن كېيىن ئۇنى ھۆرمەتلەش مەجبۇرىيىتىم يوق دەپ قاراش، ئىلىم بەرگەن ئۇستازىدىن ئۆزىنى كاتتا ساناش، ئۇستازىغا بىھۆرمەتلىك قىلىش تولىمۇ ئەقىلسىزلىقتۇر. شۇڭا ئىلىم-ھۈنەر ئۆگەتكۈچى ئۇستاز مەيلى يېنىدا بولسۇن، مەيلى يىراقتا بولسۇن، مەيلى ھايات بولسۇن، مەيلى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن، ھەر ۋاقىت ئۇستازنى ئەستىن چىقارماسلىق، مۇۋاپىق ۋاقىتلاردا يوقلاپ ئەھۋال سوراپ تۇرۇش، ھال-مۇڭ بولۇپ دەردىگە يېتىش، ئۆزىنى ‹‹ئۇستازىمنىڭ ئەجرىگە لايىق نېمە ئىش قىلالىدىم؟›› دەپ سوراقلاپ تۇرۇش ھەربىر كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئادىمىيلىك خىسلەتتۇر.
ھەر قانداق ئادەمدە ھۆرمەت، ماختاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ. شۇڭا مىننەت-تاماسىز ئۇستازلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش ئىنسانلارنى ھۆرمەت قىلايلى. چۈنكى، ‹‹مائارىپتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى- ئۇستاز بولغۇچىلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇرغۇزۇشتۇر.›› قەلبىمىزدە ئۇستازغا بولغان چىن مۇھەببەت، ھۆرمەت ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرسۇن.
|
|