تېما يوللىماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟ (چوقۇم كۆرۈڭ)
بايقاش مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بولغان ۋە ئەزا بۇلۇشنى ئويلاۋاتقان دوستلار، ياخشىمۇسىلەر؟ بايقاش مۇنبىرىمىزگە كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا! بايقاش مۇنبىرىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق تورداش دوستلار سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ! بايقاش مۇنبىرىمىز - رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە جاپالىق ئىشلەۋاتقان كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاددىلىقتىن سەرخىللىققا قاراپ يۈزلىنىش قاتارلىق ئەگرى-توقاي تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلارنىڭ سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئەزالىرىنىڭ سەرخىللىقى، تېمىلىرىنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى بىلەن قېرىنداش مۇنبەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى. رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە 2-ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى باشلىنىش ھارپىسىدا يەنە رايونىمىزنىڭ مىللى مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇنلىغان كەسىپداش دوستلار مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل مائارىپ ماتىرىياللىرىنى مۇنبىرىمىزگە يوللاپ، مۇنبىرىمىزنىڭ ماتىرىيال ئامبىرىنى بېيىتىپ، مۇنبىرىمىزدىكى كەسىپداشلارنىڭ ماتىرىيال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغا مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كەسىپداشلار نامىدىن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز: رەھمەت سىلەرگە! ئۇيغۇر مىللى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتىسىلەر، ئەجرىڭلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ!
شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر نەچچە كۈندىن بېرى مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بولغان بىر قىسىم تورداش دوستلار تېما-ئىنكاس، QQ ئۇچۇرى قاتارلىق ئالاقە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەدەپ تىللا غەلۋىسى قىلىۋاتىدۇ. بەزى تورداشلار بىر قىسىم تېمىلارنىڭ تىللالىق تەڭشىلىشىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بەزى تورداشلار مۇنبەردىكى تورداشلار ئارىسىدىن يۇرتداش، ساۋاقداش، خىزمەتداش ۋە تونۇش-بىلىش ئىزدەپ، ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ماتىرىياللارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىگە يوللاپ، ئاۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ...... بۇ ئىشلار بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
باشقىلارغا ياردەم قىلىش - ئىسىل ئەخلاقى پەزىلەت، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى. سىزگە ئېھتىياجلىق ماتىرىياللارنى ئۇمۇ، مەنمۇ سىزگە يوللاپ، ئەۋەتىپ بەرسەك بۇلىدۇ، سىز مىننەتدار بۇلىسىز. ئەمما شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟..... «مۇنبەرگە تېما يوللاڭ، تېما يوللىسىڭىز تىللاغا ئېرىشەلەيسىز، تىللاغا ئىگە بولسىڭىز، خالىغان ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايسىز» دىسە، سىز نىمىلەرنى دىدىڭىز؟ بىرىنچى، «مەن بەك ئالدىراش، تېما يوللاشقا ۋاختىم يوق» دىدىڭىز. تۇرمۇش رېتىمى كۈنسېرى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە كىم ئالدىراش ئەمەس؟! ئوقۇتقۇچىلارغا كېرەكلىك مائارىپ ماتىرىياللىرىنى مۇنبەرگە يوللاپ، باشقىلارنىڭ ماتىرىيال ئېھتىياجىنى قاندۇرىۋاتقانلارمۇ ئوقۇتقۇچى، شۇنداقلا سىزمۇ ئوقۇتقۇچى. ئۇلار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كونۇپكا تاختىسىدىن باش كۆتۈرمەي ئىشلەۋاتقاندا، سىز شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان. ئۇلار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ھازىرقى زامان مائارىپ تەلىۋىگە ئويغۇنلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقاندا، سىز ئاللىكىملەرنىڭ كەيگەن كىيىمى بىلەن قويغان ئوسمىسى ھەققىدە، ئاللىقانداق دۇنيا غارايىباتلىرى ھەققىدە ئايىغى چىقماس، مەنىسىز بەس-مۇنازىرىلەر قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، «مەندە يوللايدىغان تېما يوق» دىدىڭىز. سىز بىر ئوقۇتقۇچى، سىز ئالى مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان، كەم دىگەندە بىر-ئىككى يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى. سىز مەكتەپتىكى نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ ئىشتىراكچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى. شۇنداق بولغاچقا مۇنبەرگە يوللايمەن دىسىڭىز، سىزدە يوللايدىغان تېمىلار ناھايىتى كۆپ، پەقەت ئىزدەنسىڭىزلا. مەسىلەن:
1.مەكتەپلەر ھەر يىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ھەرخىل دەرىجە-كۆرسەتكۈچلەرنى تەخسىم قىلىپ بېرىپ، ئىككى ئاساسەن، ئەخلاقى تەربىيە، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەت ئارخىپلىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. مۇشۇ خىزمەتلەردە ئۆزىڭىز قول تىقىپ ئىشلىگەن مەلۇم كۆرسەتكۈچلەرنى مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنغۇڭىز يوقمۇ؟
2.سىز بىرىنچى سائەتلىك دەرس ئۆتتىڭىز، دەرس ئاخىرىدىكى قايتارما ئىنكاس ئارقىلىق، دەرس مەزمۇنىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆزلەشمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن سىز دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ھەققىدە ئىزدەندىڭىز. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئىككىنچى سائەتلىك دەرسنى باشلىدىڭىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئاكتىپچانلىقى قوزغۇتۇلۇپ، دەرس مەزمۇنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈلدى. سىز مۇشۇ ئىككى سائەتلىك دەرسخانا كايپىياتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتىڭىز. مۇشۇ ئىككى سائەتلىك دەرستىن ئالغان تەسىرات-چۈشەنچىلىرىڭىزنى خۇلاسىلاپ، بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى يازغۇڭىز يوقمۇ؟
3.سىز دەرستىن چۈشۈش ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بەردىڭىز، ئەتىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى يىغىلىپ، ئالدىڭىزغا كەلدى. سىز تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ بۇلۇپ، خۇلاسە يازدىڭىز. يازغان مۇشۇ خۇلاسىڭىزنى ئازراق بېيىتىپ ۋە كەڭەيتىپ، «ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە خۇلاسىلاشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك» دىگەن تېما ئاستىدا بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى يازغۇڭىز يوقمۇ؟
4.سىز دەرس تەييارلاۋېتىپ، جاۋابى بىر قەدەر مۈجىمەل بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدىڭىز، مۇشۇ مەسىلە ھەققىدىكى خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ جاۋابىدىن دىگەندەك رازى بولمىدىڭىز. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى مۇنبەردىكى «ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى»دە مۇنبەرداشلارنىڭ نەزەرىگە تاشلاپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشكىڭىز يوقمۇ؟
5.مەكتىۋىڭىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىي بۈلۈم ۋە ھەرقايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىقىدا باسقۇچلۇق ۋە ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ئېلىندى. ئىمتاھان سۇئاللىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئۈچۈن ئىمتاھان سۇئاللىرىنى تورداشلارنىڭ نەزەرىگە سۇنغۇڭىز يوقمۇ؟
6.ماۋسۇم ئاخىرىدا مەكتىۋىڭىزدە بىر ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن خۇلاسە چىقىرىلدى، خۇلاسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى بېرىۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئۆزلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا بىر پارچىدىن سۈپەت تەھلىلى دوكلادى يېزىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سىز بىر ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن، قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر پارچە سۈپەت تەھلىلى دوكلادى يېزىپ چىقتىڭىز. بۇنى تورداشلارنىڭ نەزەرىگە تاشلاپ، ئورتاق تاتقىقات تېمىسىغا ئايلاندۇرغۇڭىز يوقمۇ؟
7.تەتىلگە قايتتىڭىز، قايتىش ئالدىدا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تەتىل جەريانىدا قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرۇش، مەسىلە كۆرۈلسە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دوكلات قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سىز ھەپتىدە بىركۈن مەكتەپكە يىغىلىش ياكى ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردىڭىز ۋە ئاڭلىدىڭىز. مۇشۇ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭىزنى خۇلاسىلاپ، بىر پارچە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىدىن قىسقىچە دوكلات» يازغۇڭىز يوقمۇ؟
8.تەتىل ۋاختى توشۇپ، پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىيۈزلۈك ئىشقا چۈشتى، مەكتەپ مۇدىرى دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ھەرقايسى بۈلۈم-ئىشخانا مەسئۇللىرىنى، ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا، ھەرقايسى كۇرژۇك-ئۇيۇشمىلارغا مەسئۇل خادىملارنى ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك خىزمەت پىلانلىرىنى، ھەرقايسى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش كالىندار پىلانلىرىنى ئۆز ۋاختىدا تۈزۈپ، تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇلار قاتارىدا سىزمۇ كەم دىگەندە 2-3 خىل پىلان تۈزدىڭىز، مۇشۇ پىلانلىرىڭىزنى مۇنبەرداشلارنىڭ نەزەرىگە سۇنۇپ، ئورتاق پايدىلىنىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟
9.سىز ئۇنۋان ئالماقچى بولدىڭىز، ئۇنۋان ئىسلاھات ئىشخانىسى سىزنىڭ كەم دىگەندە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئائىت ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلدى. سىز ئۇنۋان ئېلىش زۈرۈرىيىتىدىن بولسىمۇ، ھورۇنلۇقىڭىزنى تاشلاپ، ماقالە يېزىشقا تۇتۇش قىلدىڭىز. كۆپ ماتىرىيال كۆرۈش، ئىزدىنىش، تەھلىل-تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ تاماملىدىڭىز. مۇشۇ مېھنىتىڭىزدىن مۇنبەرداشلارنىمۇ بەھرىمان قىلغۇڭىز يوقمۇ؟
10.جەمىيەتنىڭ كۈنسېرى تەرەققى قىلىشى، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ئوقۇتقۇچىلارغا كومپىيوتېردا دەرس تەييارلاپ، كومپىيوتېردا دەرس ئۆتۈش تەلىۋى قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن سىز ۋە سىز قاتارىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى كەسكىن تاللاش ۋە شاللاش رىقابىتىكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇلار قاتارىدا سىزنىڭمۇ شاللىنىپ قالغۇڭىز يوق. مائارىپ تور بەتلىرىنى ئارىلىدىڭىز، ماس كېلىدىغان دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈپ، كومپىيوتېردا دەرس ئۆتۈپ، ئۆتكەلدىن ئۆتتىڭىز. بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر ئۆتكەل سىزنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، توردىن مۇناسىپ ماتىرىيال ئىزدىدىڭىز، ئەمما تاپالمىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىڭىز تەييارلاشقا تۇتۇش قىلدىڭىز. ھەر تەرەپلىمە كۆپ ئىزدىنىش، كومپىيوتېر ئالدىدا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرى بىر سائەتلىك دەرس دىتالىنى لاھىيەلەپ چىقتىڭىز. مۇشۇ بىر سائەتلىك دەرس تەييارلىقىڭىزنى مۇنبەرگە يوللاپ، تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنگۈڭىز يوقمۇ؟ ھاسىلاتىڭىز نىمە بولدى؟..... ئاخىرى كومپىيوتېردا دەرس تەييارلاش ۋە دەرس دىتالى لاھىيەلەشنىڭ ئىلگىرى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئوڭاي ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىڭىز. بىر سائەتلىك دەرس تەييارلىقى ۋە دەرس دىتالىنى لاھىيەلەش ئاسان بولمىغان يەردە، بىر ماۋسۇملۇق، بىر يىللىقنىڭ ئاسانمۇ؟!!
ئۈچۈنچى، سىز «مۇنبەرگە تېما يوللاشنى بىلمەيمەن» دىدىڭىز. مۇنبەردە تېما يوللاش دەرسلىكى ناھايىتى كۆپقۇ؟! شۇلارنى تەپسىلى كۆرۈشكە، باشقىلار قىلالىغاننى قىلىپ ئۈگىنىشكە ئىنتىلمىدىڭىزمۇ؟! مۇنبەردىكىلەردىن تېما يوللاش ئۇسۇلى ھەققىدە ياردەم سوراپ باقتىڭىزمۇ؟! قېنى قاچان، مۇنبەردىكى قايسى تورداش، قايسى باشقۇرغۇچى سىزنىڭ ياردەم ئىلتىماسىڭىزنى جاۋاپسىز قالدۇردى؟!!.... ئەسلىدە مۇنبەرگە تېما يوللاشنى كۆپ سانلىق تورداشلار بىلمەيتتى، ئۇلار ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ئاساسىدا بىر-بىرىدىن سوراپ، بىر-بىرگە ئۈگىتىپ، تېما يوللاشتا پىشىپ يېتىلدى، بۇ ئارقىلىق ئۇلار بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئائىلىنىڭ سادىق ئازالىرى ۋە غوللۇق قۇرغۇچىلىرىدىن بۇلۇپ قالدى. تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش QQ توپىغا قوشۇلۇپ، بېرەر مەسىلىگە يولۇققاندا توپتىكى ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن ياردەم سوراڭ. بايقاش مۇنبىرى QQ توپىنىڭ نۇمۇرى: 110384522، ھەر ۋاقىت ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز.
ئەمدى يەنە «مەندە يوللايدىغان تېما يوق» دىيەلەمسىز؟!! مۇنبەرگە تېما يوللىماسلىققا يەنە باھانىڭىز بارمۇ؟؟؟
سىزدە بايقاش مۇنبىرىگە يوللايدىغان تېمىلار بار، بولغاندىمۇ ناھايىتى كۆپ! سىزدە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىدىن پايدىلىنىش بار، ئەمما باشقىلارغا تەقدىم قىلىش روھى يوق، سىزدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بار، ئەمما ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئېڭى يوق، سىزدە خىزمەت بار، ئەمما ئۇتۇق قازىنىش روھى يوق، سىزدە ئارزۇ-غايە بار، ئەمما غەيرەت-شىجائەت يوق، غەيرەت-شىجائەت بولسىمۇ، تىرىشچانلىق يوق، قىسقىسى ئېلىش بار، ئەمما بېرىش يوق....
قەدىرلىك دوستۇم: بەلكىم بۇ ئاخىرقى قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ تېرىكىۋاتقانسىز، بۇ يازمىنى يوللاشتىكى مەخسەتمۇ سىزنى بىردەم تېرىكتۈرۈپ، ئۆزىڭىز ھەققىدە، كەسپىڭىز ھەققىدە ئويلاندۇرۇش!.... قېنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ: دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشالماي، شاللىنىپ قالغۇڭىز يوقتۇ؟!... ئۆز كەسپىنى سۆيمىگەن ئادەم ئۆزىنى سۆيەلمەيدۇ! سىز ئوقۇتقۇچى بولغانكەنسىز ئۆز كەسپىڭىزنى قەدىرلەڭ، كەسپىڭىزگە ئىشتىياق باغلاڭ. سىزنىڭ ئۆز كەسپىڭىزگە تۇتقان پوزۇتسىيىڭىز سىزنى ھەم ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، ھەم سىزنى مۇرات-مەخسىدىڭىزگە يەتكۈزەلەيدۇ. تاللىنىش ياكى شاللىنىش ئۆزىڭىزگە باغلىق، چۈنكى ھەركىمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا!... تىرىشچان، غايىلىك ئادەملەر ھامان ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرالايدۇ، كۆزلىگەن مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ. بايقاش مائارىپ مۇنبىرى- مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، بۇ ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش ۋە قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى بار!
دىققەت: بۇ تېما پەقەت بايقاش مۇنبىرىگە مەنسۇپ، باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ!
|