كۆرۈش: 732|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلېرى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەدان بىلەن گول
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ياۋا كەپتەر قۇمىسىدا، توخۇلار ئۇۋىسىدا دانلىغان بىر زامانلاردا ئىككى ئاغىنە ياشىغانىكەن. بىرى تەدان، يەنە بىرى گول ئىكەن. تەدان خوتۇنلۇق،گول بويتاق ئىكەن. تەداننىڭ خوتۇنى ھەر كۈنى خەقنىڭ كىر-قاتلىرىنى  يۇيۇپ بىر-ئىككى جىڭ ئۇن تېپىپ كېلىپ ئوچاققا بىر كۆمەچ كۆمۈدىكەن.تەدان ئوچاق بېشىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ كۆمەچنىڭ سىڭىپ پىشقان يەرلىرىنى گولغا بېرىدىكەن. خوتۇنى ئاچ قېلىۋېرىدىكەن.
كۈن-ئايلار ئۆتكەنسېرى تەداننىڭ خوتۇنى بۇ ناھەقچىلىققا چىدىيالماپتۇ. بىر كۈنى ئېرىگە:
-ھوي رودىپاي،ئۆيدىن چىق، سېنى كۆرۈشكە چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. دەپ ئاچچىقلاپتۇ. تەدان ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ گولنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. گول سۆگەتنىڭ سايىسىدا چۈمۈلىنى قەغەزگە چىقىرىپ ئويناپ ئولتۇرغانىكەن، گول تەدانغا قاراپ:
- ئاداش، بەك خاپا كۆرۈنىسىلەر، نېمىگە ئىچىڭ پۇشۇپ قالدى؟ دەپ سوراپتۇ. تەدان خوتۇنىنىڭ  ھاقارەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ.گول:
-ئۇنداق بولسا سىلە ماڭا بىر خوتۇن ئېلىپ بېرىڭلار،سىلەر كەلسەڭلار ،دەرھال قازان ئاسسۇن،-دەپتۇ.ئىككى ئاغىنە خوتۇن ئىزدەپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار –مېڭىپ –مېڭىپ بىر مەھەللىگە يېقىنلاشقاندا تەدان گولغا:
-ئاداش،خوتۇن ئېلىشقا قۇرۇق قول بارغىلى بولمايدۇ.سىلە ئىشتىنىڭلارنى سېلىپ قولتۇقۇڭلارغا قىستۇرۇپ مېڭىڭلار.مەن بىر پۇشقىقىنى كۆتۈرۈپ يېنىڭلىدا ماڭاي دەپتۇ.گول ماقۇل بولۇپتۇ،ئۇلار مېڭىپ بىر باغنىڭ سۈڭگۈچىدىن شۇڭغۇپ ئۆتكەندە، گول پالاققىدە يىقىلىپتۇ.تەدان ئىشتاننى تارتىپلا قوينىغا تىقىۋاپتۇ. ياندىكى بىر تۈپ تېرەكتە قاغىلار قونۇپ ئولتۇرغانىكەن.تەدان قاغىلارغا چالما ئېتىپتۇ.قاغىلار پالاق-پۇلۇق ئۇچۇپ كېتىپتۇ.تەدان:
-ئەمدى قانداق قىلىمىز ئاداش،تېز قوغلاڭلار دەپتۇ.گول ئىشتىنىمنى قاغا ئېلىپ قېچىپتۇ دەپ ئويلاپ قاغىلارنى قوغلاپ كېتىپتۇ. تەدان گولنىڭ ئىشتىنىنى ئۆزىنىڭ ئىشتىنى ئۈستىگە قوشلاپ كىيىۋاپتۇ.بىر چاغلاردىن كېيىن گول ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەپتۇ. تەدان گولغا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىپ :
-ئىشتانسىز ماڭساڭلار بەك سەت بولىدۇ. مېنىڭ ئىككى ئىشتىنىم بار. بىرنى كىيىپ مېڭىڭلار،-دەپتۇ.گول ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى تونۇماي تەدانغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئىككىسى كېتىۋېتىپ بىر قىزنى ئۇچرىتىپتۇ.ئۇلار قىزغا ئەگىشىپ  ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تىنىچ-ئامانلىق سوراپتۇ. ساھىپخان مېھمانلارنىڭ ئالدىغا داستىخان ساپتۇ.
گول نانغا قول ئۇزاتقانىكەن. تەدان ئۇنىڭ قۇلىقىغا:
-ئاداش ئىشتىنىمنى بېرىڭلار. دەپتۇ، گول شۇ ھامان ناننى تەداننىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ تۈپرۈكىنى يۇتۇپ  ئولتۇرىۋېرىپتۇ. تەدان نانلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ قورسىقىنى تويغۇزىۋاپتۇ. ساھىپخان داستىخانغا سۇيقاش كەلتۈرۈپ:
-ئاشقا بېقىشسىلا،-دەپ قويۇپ تالاغا چىقىپ كېتىپتۇ. گول قوشۇقنى قولىغا ئېلىشى بىلەن تەڭ تەدان:
-ئاداش،ئىشتىنىمنى بېرىڭلار.،-دەپتۇ.
گول ئاشنى تەداننىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ ئاچلىققا چىداپ ئولتۇرۇپتۇ. كېچە بولۇپ بۇ ئىككى مېھمان  بۇ ئۆيدە قونۇپ قاپتۇ. ئەتىسى گولنىڭ قېيىن ئانىسى چوقۇچاق ئاش ئېتىپ بېرىپتۇ.  بۇ ئاش گولنىڭ ئاغزىغا بەك تاتلىق تېتىپ كېتىپتۇ. گول قېيىن ئانىسىدىن:
-بۇ ئاشقا نېمە سېلىپ ئەتتىلە؟،دەپ سوراپتۇ. قېيىن ئانىسى:
-ئۇن،سۇ ،تۇز، چامغۇر سېلىپ ئەتتىم،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.گول خوتۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن يول بويى ئۇن،سۇ،تۇز،چامغۇر،دەپ تەكرارلاپتۇ. بىر ئېرىقتىن شۇنداق ئاتلاپ ئۆتكەنىكەن. ئۇن،سۇ،تۇز،چامغۇر،دېگەن سۆزلەر يادىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ۋاي ئېسىت تاپالىدىم. ۋاي ئېسىت تاپالىدىم. دەپ ئېرىقتىكى سۇنى قوچۇشقا باشلاپتۇ. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سودىگەرلەر ئېرىققا ئالتۇن ياكى كۈمۈش چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئىزدىشىپ بېرىپتۇ-يۇ،ھېچنەرسە تاپالماي تىت-تىت بولۇپ:
-ھوي، بۇ ئېرىقتا سۇدىن باشقا ھېچنەرسە يوقكەن. ئىزدىگىنىڭ نېمىدى؟-دەپ دوراپتۇ.گول:
-ھە! ئەمدى يادىمغا كەلدى. ئۇن،سۇ،تۇز،چامغۇر دەپ تەكرارلاپتۇ. سودىگەرلەر بىزنى ئەخمەق قىلىپتۇ.دەپ غەزەپلىنىپ گولنى راسا ئۇرۇپتۇ. گول:
-مەن يوقىتىۋەتكىنىمنى دېدىم. نېمە دەيتتىم ئەمىسە؟ دەپ سوراپتۇ. سودىگەرلەر:
-خۇدا جىق تىلىگەنگە ئاز بەرگىن دەيسەن، دەپتۇ. گول شۇ گەپنى تەكرارلاپ خوتۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ مېڭىۋېرىپتۇ. بىر جايغا بارغاندا بىر دېھقان خامان سورىۋاتقانىكەن. گولنىڭ تەكرارلاپ كېلىۋاتقان گېپىنى ئاڭلاپ مەن خۇدادىن ئاز بۇغدىيىمغا جىق بەرىكەت تەلەپ قىلىۋاتسام بۇ ساراڭ مېنىڭ ئارزۇيۇمنىڭ تەتۈرىسىچە گەپ  قىلىۋاتىدىغۇ، دەپ ئاچچىقلىنىپ،گولنى بولۇشىغا ئۇرۇپتۇ.گول:
-نېمە دەيتتىم ئەمىسە؟-دەپ سوراپتۇ. دېھان:
-بىرسى مىڭ بولغاي دەيسەن دەپتۇ. گول بۇ گەپنى تەكرارلىغىنىچە  خوتۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ يولىغا راۋان بوپتۇ.  مېڭىپ-مېڭىپ بىر يەرلىرىگە بارسا بىر باي تاز بالىنڭ بېشىدىكى قۇرۇتلارنى تېرىۋاتقانىكەن. گولنىڭ بىرسى مىڭ بولغاي دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ تېرىكىپتۇ. گولنى خوتۇنى يىغلاپ يالۋۇرغىچە ئۇرۇپتۇ.گول:
-نېمە دەيتتىم ئەمسە؟- دەپ سوراپتۇ.باي:
-بىرسى بولسىمۇ ئۆلسۇن. ئىككىسى بولسىمۇ ئۆلسۇن دېگىن دەپتۇ. گول  بۇ گەپنى تەكرارلاپ مېڭىۋېرىپتۇ. يول بويىدا بىر بەگنىڭ بالىسى ئۆلۈپ قېلىپ ھەممە ئادەم ماتەمدە ئىكەن. بەگ گولنىڭ:
-بىرسى بولسىمۇ ئۆلسۇن.ئىككىسى بولسىمۇ ئۆلسۇن. دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ چاپارمەنلىرىگە گولنى ئۇرغۇزۇپتۇ. گول:
-بېگىم نېمە دەيتتىم ئەمسە؟ دەپ سوراپتۇ. گول:
-خۇشمۇ ئوبدان كىشىدى دېگىن دەپتۇ. گول شۇ گەپلەرنى ئويلاپ مېڭىۋېرىپتۇ. يول بويىدا ئەلىماخۇنۇمنىڭ چوڭ ئوغلى بىر كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكەن.  ئەلىماخۇنۇم گولنىڭ:
-خۇشمۇ ئوبدان كىشىدى دەپ ئىچ ئاغراتقانلىقىنى ئاڭلاپ غالچىلىرىغا گولنى بولۇشىغا دۇمبالىتىپتۇ.گول:
-نېمە دېسەم بولار ئەمسە؟ دەپ سوراپتۇ: ئەلىماخۇنۇم:
-جېنىڭ لازىم بولسا تېز قاچ دەپ ۋاقىرىغىن،-دەپتۇ.گول شۇ گەپنى تەكرارلاپ ۋارقىراپ مېڭىۋېرىپ جاڭگاللىققا بېرىپ قاپتۇ. بىر پالۋان مىلتىقىنى بەتلەپ كىيىكنى قارىغا ئېلىۋاتقانكەن. گولنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كىيىك قېچىپ كېتىپتۇ. پالۋان گولنى راسا دۇمبالاپتۇ. گول:
-نېمە دەيتتىم ئەمسە؟-دەپ سوراپتۇ. پالۋان:
-مۆك،مۆك،چوڭقۇرغا مۆك،دېگىن دەپ ئۆگىتىپتۇ. گول شۇ گەپنى تەكرارلاپ بىر جايغا بارسا،بىر قوغۇنچى قوغۇنلۇقتا بىر ئوغرىنى قوغلاۋاتقانىكەن.گولنىڭ:
-مۆك،مۆك،چوڭقۇرغا مۆك، دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئوغرىنىڭ شېرىكى مۇشۇ  ئىكەن. دەپ ئويلاپ كالتەك بىلەن تازا ئۇرۇپتۇ.گول خوتۇنى بىلەن قېچىپ ئۆيىگە بېرىپتۇ.گول:
-بارىدىغان يېرىم بار،بىرسى ئىشىكنى قاقسا ئېتىڭ كىم دەپ سوراڭلار، موللا پېقىر دېسە ئىشىكنى ئېچىڭلار،بولمىسا ئىشىكنى ئاچماڭلار،-دەپتۇ. گول بارغان يېرىدىن قايتىپ كېلىپ ئىشىكنى قېقىپتۇ.خوتۇنى ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ:
-ئېتىڭ نېمە؟-دەپ سوراپتۇ. گول ئۆزىنىڭ ئېتىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا جاۋاپ بېرەلمەپتۇ. خوتۇنى ئىشىكنى ئاچمىغانلىقتىن گول مەسچىتكە بېرىپ ئۇخلاپتۇ.سەھەر ۋاقتىدا مەزىن ئاخۇنۇم بامداتقا ئەرزان توۋلاپتۇ. گول ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچالماي يۇمىلاشقا باشلاپتۇ. مەزىن ئاخۇنۇم مەسچىتكە ئالۋاستى كىرىۋاپتۇ. دەپ قورقۇپ قېچىپتۇ. گول ئورنىدىن قوپۇپ ئاخۇنۇمنى قوغلاپ بوسۇغىغا پۇتلىىشپ يىقىلىپ پۇتى زەخىملەنگەنلىكتىن ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. مەزىن ئاخۇنۇم  ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تونۇۋېلىپ:
-موللا پىقىرمۇ سەن؟دەپ سوراپتۇ.گول ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكىنى قېقىپتۇ.خوتۇنى:
-ئېتىڭ نېمە دەپ سوراپتۇ.گول:
-مەن موللا پېقىر،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. خوتۇنى ئىشىكنى ئېچىپتۇ. خوتۇنىنىڭ بىر كاللا يىگۈسى بار ئىكەن.
-ھوي گاداي،بىر كاللا تېپىپ كېلىڭلار، مەزىن ئاخۇنۇمنى مېھمان قىلايلى.بولمىسا كېيىنكى قېتىمدا ئېتىڭلىنى ئۇنتۇپ قالساڭلار دەپ بەرگىلى ئۇنىماسمىكىن،-دەپتۇ. گول بىر كاللا ئېلىپ كېلىپ،خوتۇنىغا تېز پىشۇرۇشنى تاپىلاپ قويۇپ،مەزىن ئاخۇنۇمنى مېھمانغا تەكلىپ قىلىپتۇ. بۇ يەردىن شورپىغا چىلاشقا زاغرا تاپاي دەپ بىر باينىڭ ئۆيى تەرەپكە كېتىپتۇ. خوتۇنى كاللىنى پۇشۇرۇپ يەپ، قازاننى يوشۇرۇپ قويۇپ، ئوچاققا چوڭ بىر سوقا تاشنى تىقىپ قويۇپتۇ. مەزىن ئاخۇنۇم ئۆيىگە كىرىپ:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،-دەپتۇ ۋە گولنى سوراپتۇ.گولنىڭ خوتۇنى:
-بىزنىڭ گاداي كېچىدىن مەسچىتتە يېتىپتىكەن. مەزىن ئاخۇنۇم تولا توۋلاپ ئۇخلىغىلى قويمىدى.كەلسە مۇشۇ تاش بىلەن ئۇرۇپ قوغلىۋېتىڭلار، دېگەنتى دەپلا تاشنى قولىغا ئاپتۇ.مەزىن ئاخۇنۇم ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماي قېچىپتۇ. گول زاغرا كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ خوتۇنىدىن:
-ئاخۇنۇم كەلمىدىمۇ؟-دەپ سوراپتۇ. گولنىڭ خوتۇنى:
-ھوي گاداي،ئۇ نا ئىنساپ موللا كاللىنى قازان بىلەن ئېلىپ قاچتى. دەپتۇ. گول مەزىن ئاخۇنۇمنى ئىزدەپ ئۆيىگە بېرىپتۇ. مەزىن ئاخۇنۇم گولنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىشىكنى ئىچىدىن دەملىۋېلىپ يوچۇقتىن قارىسا گولنىڭ قولىدىكى زاغرا ياپىلاق تاشتەك كۆرۈنۈپتۇ. گول:
-كاللىنى بەر،-دەپ توۋلاپتۇ. مەزىن ئاخۇنۇم:
-كاللىنىمۇ يېمىدىم. چىشىنىمۇ چاقمىدىم.-دەپتۇ، گول ئىىشىكنى قېقىۋېرىپتۇ. مەزىن ئاخۇنۇم قورقۇپ بىر يوتا قوي گۆشىنى تاشلاپ بېرىپتۇ. گول گۆشنى ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ.گول ئۆزىمۇ بىلمەي مۇشۇ بىر قېتىم ئولجىغا ئېرىشكەنىكەن.
سۆزلەپ بەرگۈچى:ئابدۇللا ئاخۇن سىرچى
1989-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
مەمىتىمىن قۇربان نەشىرگە تەييارلىغان.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-31 00:34:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن داۋاملىق ياخشى تىمىنى يوللىغايسىز
ۋاقتى: 2015-1-31 17:22:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كاللىنىمۇ يېمىدىم. چىشىنىمۇ چاقمىدىم›› بۇ گەپ شۇنىڭدىن قالغان ئىكەندە. تىمىڭىزغا رەخمەت
ۋاقتى: 2015-12-15 11:24:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى ياخشىراق تەربىيلەيلى .ئەقىللىق ئادەملەردىن بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش