كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 2

تىرىشچانلار مارشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچانلار مارشى
تۇرسۇنگۈل ئابدۇرىشىت

ھايات ماڭا كېلىدۇ بىر رەت،
گۈل تىزىمەن ئۇنىڭدىن رەت-رەت.
تەبەسسۇمدا ياشايمەن ھەيۋەت،
ئىشەنمىسەڭ كېلىپ كۆرۈپ كەت.

ياشلىق ماڭا كېلىدۇ بىر رەت،
پۈركىنىمەن گۈلگە مەن بۇ رەت.
ئۈندۈرمەيمەن قەلبىمدە نەپرەت،
يول قويمايمەن چېكىشكە ھەسرەت.

پۇرسەت ماڭا كېلىدۇ بىر رەت،
ئارزۇيۇمغا يېتىمەن شۇ رەت.
بوش قويمايمەن بىر مىنۇتنىمۇ،
ئۇنىمايمەن دېسە « قويىۋەت ».



باھار ئەلچىسى
تۇرسۇنگۈل ئابدۇرىشىت

باھاردا ئېرىقتا ئاققان شوخ سۇغا،
تەشەككۇر بىلدۈرۈپ قىلىدۇ تەزىم.
ھال سوراپ تۇرىدۇ يېنىك تەۋرىنىپ،
ھەر تامچە سۇلاردىن شۇنچە مۇلايىم.

ئۇنىڭ ياپرىقى ھەم غولى تامام،
ياپيېشىل كۆرۈنەر ياساپ دولقۇنلار.
بولغاچ ئۇ كۆكلەمنىڭ تۇنجى سىماسى،
ئاتالغان باھارغا ئەلچى مەجنۇنتال.

سوغ شامال ئۆتكەندە يۈزلەرنى سىپاپ،
تەۋرىنىپ تۇرىدۇ ئاستا دولقۇنلاپ.
ئىنچىكە ھەم گۈزەل يېشىل شاخلىرى،
شوخ گۈزەل بىر قىزغا كېتىدۇ ئوخشاپ.

تەۋرەنسە ئەۋرىشىم شاخلىرى ئۇنىڭ،
سۈپسۈزۈك سۇلارنى سۆيۈپ كېتىدۇ.
سۇلارنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىمۇ،
مەجنۇنتال جىسمىغا سىڭىپ كېتىدۇ.


مەنبەسى: شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرىستېتى گېزىتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-10-1 23:42:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىركەن رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-10-4 00:04:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ دەقىقىدە باھارغا ھەمرا بولۇپ، تىرىشچانلار مارشىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقانلارغا زوقلۇنۇپ قاراپ قاپتىمەن...
ياخشى سوۋغىكەن، رەھمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش