مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1851 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ماۋسۇممۇ باشلىناي دەپ قالدى . شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ ئۇلارغا مەدەت بى...

  • بەختىيار(بايقاش تۈنۈگۈن 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايەم بۈگۈن،قۇتلۇق روزا ھېيىت!ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن...

  • دىلرۇس ئۈلۈشكۈن 01:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشتىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك!

  • pari 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    توپقا قوشۇلالمايۋاتىمەنغۇ؟؟؟

  • abdihnijan 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ياخىشمۇ سسللەر؟ئايەملەرگە مۇبارەك بولسۇن.مەن يىللارغا خىتا....

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

كۆرۈش: 24|ئىنكاس: 1

ئىككى پارچە خەتنىڭ داۋامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

5

دوست

641

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
115 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
108 سەر
شۆھرەت
134 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
                                         ئىككى پارچە خەتنىڭ داۋامى
دوستۇم رازىيەگە دەپ يېزىلغان كونۋىرتنى قۇلۇمغا ئالدىم ،ئەمما مېنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىسنى كۆردىغان ئادىتىم بولمىغاچقا قۇلۇم تىتىرەپ يەنە قويۇپ قويدۇم،  بۇ ۋاقىتنى قانداق توشقۇزامەن ، يا گۈلۈمنى كۆرەلمىسەم .....
كونۋىرتنى ئېلىپ ئۇقۇدۇم .
   دوستۇم رازىيە ،ياخشىمۇ سەن ؟ بۈگۈن سېنى ئەسلەپ قالدىم ،ھەر ۋاقىت سەن بىلەن پاراڭلاشساملا كۆڭلۈم كۆتىرلىپ قالاتتى،سېنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش ۋاقتىڭغىمۇ ئاز قاپتۇ ،سېنى بەك سېغىندىم ،كەيپىياتىم ناچارلىشىپ يەنە سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئويلاپ ئولتۇرۋاتمەن ،سەن بەخىتلىك ئائىلەڭ،كۆيۈمچان ئېرىڭ،سۈيۈملۈك پەرزەنتىڭ توغرىسدا كۆپ سۆزلەيتىڭ،كۆزلىرىڭدىن چۇڭغۇر مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى .كۆڭلى يېتىشلىك يولدىشىڭنىڭ سېنى شۇنچىلىك ھۆرمەت قىلدىغانلىقى ،ئاسرايدىغانلىقى،سالامەتلىكىڭ ياخشى بولمىغاندا، پايدىلىق دورلارنى،قوۋۋەت يىمەكلىكلەرنى ئەكىلىپ بېردىغانلىقنى ،كىر يۇيۇپ ھېرىپ كەتسەڭ يۇندىسنى تۆكۈپ، بەل - پوتلىرىڭنى تۇتۇپ قويدىغانلىقنى ،ئەر ئاياللار تۇرمىشمىدمۇ سېنى قاتتىق ئاسرايدىغانلىقنى ،ھويلاڭنى ئۈزى گۈللۈك قلىپ ،گۈل تېرىپ چىرايلىق بېزۋەتكەنلىكنى ،ئاتا- ئاناڭنىڭ كىئوغلى ئەمەس،ئۆز ئوغلىدەك سىڭىپ كەتكىننى ئيتقىنىڭدا ساڭا قاتتىق ھەۋەس قىلاتتىم ھەم ئۆز- ئۆزەمگە ئەپسۇسلىناتتىم ،مىنىڭ تۇرمىشىمدا ئەزەلدىن بۇنداق ئىشلار ،بۇنداق تۇيغۇلار بۇلۇپ باقمىغان .دوستۇم تۇرمۇشۇمدا نۇرغۇنلىغان كەملىكلەرنىڭ بارلىقنى ھىس قلىپ تۇرغان بولساممۇ لېكىن تۇرمۇشۇمدىن نارازى بۇلۇپ باقمىدىم،ئۆزەڭ بىلسەن مەن يولدىشىمنى قاتتىق ھۆرمەت قلىمەن ،ئۆزەم ئارزو قىلغان ئىنتىلگەن خوشاللىق ۋە بەخىت ئۈچۈن كېچە- كۈندۇز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلۋاتمەن .بىز تۇنشۇپ تۈزۈك چۈشنىشمەيلا توي قىلغان بولغاچقا شۇنداقمىكىن ،ئۇ مېنى بىرەر قتىم ئەركىلەتكىننى، بىرەر قېتىم كۆڭۈل ئازادلىك بىلەن پاراڭلاشقىنمىزنى ئەسلەپ بېرەلمەيمەن،مەن ساڭا ئوخشاش يولدىشىمنىڭ قۇچىقدا تاتلىق ئەركىلەپ باقسام،كۆڭلۈم بىئارام بولغاندا ياكى كۆڭلۈمگە ئازار بەرگەنلىردە بىرەقېتىم چىن كۆڭلىدىن چىقرىپ «كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلارخۇتۇن »دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن.ئەپسۇس، بەك ئەپسۇس ....تۇرمۇشۇمدا ماڭا مۇشۇنچىلىك كىچىك خوشاللىقمۇ نىسىپ بۇلۇپ باقماپتۇ ،بىز ئاياللار ئەشۇنداق قانائەتچان ، مىھرىمىز ئىسسىق كېلىدىكەنمىز، لېكىن ئەرلەرچۇ؟ ئەپسۇس .... ئائىلەم، پەرزەنتىم ئۈچۈن بارلىق مىھرىمنى بېرىپ كۆيۈپ پىشىپ ئەجىر قلىغىنىم ھىساۋغا يولدىشىم ئۆزگىرۋالدى ،ئائىلدە قىلچىلىكمۇ ئىللىقلىق يوق،قاپاق ئېچىلماي توڭلا تەككەن، شۇنچىلىك ئوماق ئوغلىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەي ۋارقىراپ ھىچ ئىشنىڭ تاينى يوق شاپلاق كۆتىرىپ يۈرۈيدۇ ،سەۋەپسىزلا يۈزلىرىمدىن كۆك كەتمەيدىغان بوپ قالدىم ، سەن بىلسەن ، مەن كىچىمدىن شۇنداق نازۇك چوڭ بولغان ، مانا ھەدەمنىڭ ئۈيىگمۇ بارالمايۋاتمەن ، ئۇنىڭغا نىمە دەيمەن ؟ئويلاپ باقە دۇنيادا سەۋەپسىز ئىش بولامدۇ؟ ئەسلدەئۇنى بىر ئالۋاستى ئازدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن .
ئاش بەرگەنگە مۇش بەردى دىگەن شۇ دە، ئۇدۇل خوشنا بۇلۇپ ئولتۇرغانلار بەشقا يەردىن كۆچۈپ كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان كىشلەر ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانسى نىمە سەۋەپتىنكىن يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ ئۆيدە ئاكا - سىڭىل ئولتۇراتتى  . دوستۇم تەسەۋۋۇر قلالامسەن ؟ مېنىڭ ئۈيۈمدە ،ئىشىكىمنىڭ ئالدىدا يولدىشىمنى باشقىلار(خوشنامنىڭ قىزى ) قۇچاقلاپ سۆيۋاتقان،قۇچىقدا ئەركىلەپ ئېسلىۋاتقان ھالەتنى كۆرۈشتىن ئارتۇق خورلۇقنى سەن تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن ،ئەجىر بىلەن مىھرىمنى بەرگەن ئۈيۈممۇ ماڭا زۇلمەت بولدى ،بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق نۇمۇس بولامدۇ؟ بىر قېتىم مېنى ھويلىدا قارتىپ قويۇپ  ئۇ ھولىغا كىرىپ كەتكەنچە بەك ئۇزۇنغىچە چىقمىدى ،مەن جۇرئەت قلىپ كىردىم ، نىمنى كۆرگىنىمنى بىلەمسەن ؟ ئۇ قىزنىڭ ئۇچىسسدا ھەتتا كۇسارمۇ يوق ، يولدىشىمغا كۆرۇنمەي چىقىپ ئەلىممنى ئىچىمگە يۈتۈپ ھەسرەتلىك ياشلىرىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يۇردۇم .
قانداق قىلاي دوستۇم؟ بۇ ئۆينى تاشلاپ بۇ خىل تۇرمۇشتىن ۋاز كەچمەكچىمەن ،ئەمما نەگە بارمەن؟ ئانام بولسا ئۇ دۇنياغا كەتكەن ، ھەدەم بولسا ... ھەي بىچارە ،ئۇ تۈمۈردەك چىڭ ئايالدە ، دەردى يىتىپ ئاشقىچە بار،  ئۇنى يىغلاپ بۇ ئىشلارنى كۆترىپ بېرىپ كۆڭلىنى قانداق ئاۋۇندۇراي، مېنىڭ ئەشۇ غەمگۇزارىمدىن باشقا نىمەم بار دەيسەن ؟ بۇ دۇنيانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغانلىرى مۇشۇنداق بولسا كېرەك ؟
ئانام بىچارىمۇ دادامنىڭ بىرەر خوللىقنى كۆرمەي، ھەتتا ئۆيدە ئۈنلۈكرەكمۇ تىنالماي ، تاياق- تاستەك ئىچىدە قانائەت بىلەن ئۈتۈپتىكەن ،مەنمۇ مېنى چېقىپ كېتۋاتقان ئۈيۈمدىن بىزار بولماي ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك يولدىشىمغا يېقىنچىلىق قىلدىم ،مەن نىمە ئۈچۈن شۇنداق قلىمەن؟ مېنىڭدە غۇرۇر ۋىجدان يوقمىدۇ؟ياكى مىڭەم ئىشلىمەمدۇ؟مۇشۇ بالامنى دىمگەن بولسام .....يۈكۈم قاتتىق يىغلاۋاتدۇ ....
مەن بۇرۇنقىدەك بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ يۈزگە سالماي ، بالسىنى، ئائىلسنى ئويلاپ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرەر دەپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئىنساپ تىلەپ كېلۋاتمەن .ئەمما ئۇ بۇنى بىلمىدى ،تېخى قايسى كۈنلا بالا قاتتىق ئاغرىپ قالدى، قىزىتمىسى 39.5گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندىمۇ قايتا- قايتا تېلفۇن قىلسام ئۇ يەنلا ئۆينى تاپالمىدى ،خوشنامدىن پول ئۆتنە ئېلىپ يېرىم كېچدە دوختۇرخانغا ئاپاردىم ،دوختۇرلار جىددى تۇتۇپ بالامنى قۇتقۇزۋادى ،دوختۇرلارنىڭ دىيشچە  مىنگىت بۇلۇپ قېلىش ئىھتىمالى بەك يۈقرى ئىكەندۇق ، دورا ، ئۇكۇل تىزدىن ئۈنمىنى بېرىپتۇ . ئويلاپ باقە ، بالا دىگەنگە ئاتا- ئانا بولغۇچى ھەقىقەتەن چىدىمايدۇ ،ئىچ باغرىمىزنى يېرىپ چىققان بالىغا قانداق چىدايمىز؟ئەمما شۇ كۈنى بالىغا بىرە رئىش بوپ قالغان قالغان بولسا ئۇ يەنلا ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرەرمىدى ؟ ئۇ شۇكۈنى بىر كېچە قايتمىدى ، ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيسى ماڭا بەكلا ھار كەلدى . مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ، ھازىر مېنى مەسخىرە قلىپ قاراۋاتقاندەك ھىس قلىدىغان بولدۇم، دوستۇم قانداق قلىسام بولا؟ بەل قويۋېتىپ بالامنى يىتىم قلىشىم كېرەكمۇ؟....داۋاملىق مۇشۇنداق بەدەل تۆلىشىم كېرەكمۇ ؟ دوستۇم سەن دەپ باقە، مەن نىمە بولغان بەندىمەن؟ بولدى ئىچىم خېلى بوشاپ قالدى . ئامان بول دوستۇم . سېنىڭ مېنىڭ ئازاپلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ماڭا ھەمدەم بۇلۇپ يىغلىسام يىغلايدىغانلىقڭنى ، كۈلسەم كۈلدىغانلىڭنى بىلمەن . ..... ئەمدى خوشلىشاي.
     خەتنى تۇتقان قۇلۇم تىترەپ كېتۋاتاتتى.بىچارە سىڭلىم ئىچىڭ نىمە دىگەن چىڭ،شۇنچىۋالا تاتقۇلۇقنى ئىچىڭگە قانداق سىغدۇرغانسەن؟ ئىشتىيىڭ تۇتۇلۇپ بۇنچىۋالا بوپ كەتكىنىڭ ئەسلى بىكار ئەمەسكەندە؟مەن سېنىڭ ھەدەڭغۇ ؟جېنىم گۈلۈم ، مېنىڭ سېنىڭدىن باشقا نىمەم بار ؟ ......ئۈزەمنى تۇتۋالالمىدىم ،ياتاقتىكى ۋاڭ ئايى،تازلىق قلىۋاتقان مىھرى ئىسىق ھەدەم تەسەللى بېرۋاتاتتى . ئۇلار سىڭلىسدىن ئەنسرەپ مۇشۇنداق ياش تۆكۋاتدۇ دەپ قېلىشقان ئىدى .ھەقىقەتەن ،ئۇنىڭ سالامەتلكىدىن ئەنسرەيمەن . مانا 24 سائەتمۇ توشتى ، ئەمما ئۇنىڭ قانداق ياتقانلىقنىمۇ بىلەلمىسەم ، ئاللاھ تائالا بەندىگە ھەر قىسمەتنى ، ھەرخىل رەنجىنى ئاتا قلىدىكەن .توۋا ئىنسان دىگەن ئاجايىپ بولدىكەن ھە! بۇئەسقەرنى بىلمەك نىمانچە تەستۇ ؟ ماڭا شۇنداق ياخشى ،ئۈزىنى تۇتۋالغان، ئېغىر بېسىق تەسىر بەرگەن بۇ بالغا ھۆرمىتىم بار ئىدى ، ئۇنىڭ كىچىكلا تۇرۇپ قابىليەتلىك ئىكەنلىكگە قايىل ئىدىم . ئەمما بىزنىڭ ئۆيگە بەك ئاز كېلەتتى ، كۆپ ھاللاردا گۈلجامال ئەنقەر بىلەن بىللە كېلەتتى . ئۇنى سورسام ئالدىراشلا دەپ گەپنى تۈگتەتتى .بۇ ئشلارغا نىمە دىگۈلۈك . بىزگە ئاتا- ئانامدىن يا يىڭنە چاغلىق نەرسە ، زىبۇ زىننەتمۇ مىراس قالماي،دادىمىزدىن كئوغۇللارغاخۇتۇن بوزەك قلىش، ئانمىزدىن قىزلىرغا ئەرلەرنىڭ جاپا مۇشاققىتنى تارتىش مىراس قالغان بولسا كېرەك .سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىردىم ، قارسام ئەسقەر بالنىست ئالدىدا  دادسى بىلەن تۇرۇپتۇ ، شۇ تاپتا ئالدىغا بېرىپ يۈزىگە قاتتىق بىر كاچات سالغىم كەلدى . ئەمما ......ئۇنىڭغا نەپرەت غەزەپ بىلەن قاراۋاتمەن . ئۇنىڭغا بۇ خەتنى كۆرسىتەيمۇ؟ سىڭلىمنىڭ ھازىرقى يۈرەك كېسلى بۇلۇپ قېلىشنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بۇ زۇلمەتنى ئۇمۇ نىمىشقا بىلمەيدۇ؟ ....بۇلار پەقەت خىيال ....بۇ خەت پەقەت بىر ھىكايە ياكى رومان بۇلۇپ قېلىشنى شۇنداق ئۈمىت قلىدىم . ئەمما ئۇ خۇشچاقچاق ، ئۇچۇق- يۇرۇق سىڭلىمنىڭ بۇنچىۋالا دەرت تارتىشى نىمە ئۈچۈن ؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟ دوختۇرخانغا كىرىپ چىقۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماڭلا قاراۋاتقاندەك ، بىر دوختۇر ئالدىمغا يۈگرەپ كېلىپ :
- نىمە بولدۇڭ؟ بىر يېرىڭ ئاغىرۋاتامدۇ؟-دەپ سورغاندىلا ئەسلىمگەكەلگەن ئىدىم .
- ھە ، ياق ، ئاغىرمىدى ،ھىچ ئىش بولمدى ،- دەپ ئاران دۇدۇقلاپ دىيەلدىم .
نىشانسىز مېڭىپ يۈرۋاتمەن . خالى بىر ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردۇم . جۇرئەت قلىپ يەنە بىر پارچە خەتنى قۇلۇمغا ئالدىم
مەنبە: ئۇنۋىرسال مۇنبىرى
داۋامى داۋاملىق يوللىندۇ
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

15

تېما

46

دوست

5631

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1079 سەر
تىللا
316 دانە
تۆھپە
1114 سەر
شۆھرەت
1337 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ، داۋاىمىنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-9 03:55, Processed in 0.164260 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش