مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 3

ئىككى پارچە خەتنىڭ كېيىنكى داۋامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

10

دوست

977

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
176 سەر
تىللا
96 دانە
تۆھپە
172 سەر
شۆھرەت
230 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 23:52:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توغراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 00:30  

بىر دەمدىن كېيىن سىڭلىمنى 13- قەۋەتتىكى كۈزتىش ئۈيگە يۆتكىدى ، شۈكرى ،سىڭلىم نۇرسىز كۆزلىرنى ئەتراپقا بېقىپ ، ئەخمەتكام،ئەسقەر،ئۈچىمىزگە بىر تەكشى قارغاندىن كېيىن لومۈلدەپ يىغلاپ كەتتى،ئادەمنىڭ بەك ئىچى سىرىلاتتى.ھەنىم بولسا بۇ يەرگـە ئەركىن كىرىپ تۇرساق بولدىكەن، ئارتۇق گەپ قلىماسلىقنى ،ئۇسسۇزلۇقنى كۆپ بېرىشىمىزنى تاپىلدى . مانا مۇشۇ 48 سائەت ئىچىدە ئاران بىر قېتىم قۇرۇق شوۋ گۈرۈش ئەكىرىپ بەرگەنچە ئۇ بىر نەرسە يىگەنلىكنى بىز كۆرمىگەن ئىدۇق . ئەسقەر ئۇنىڭغا شوۋ گۈرۈش ئەكىرگىلى چىقىپ كەتتى . سىڭلىم توختىماي ياندۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان سېرىق زەرداپ سۇ بىلەن بەلغەمنىڭ كۆپلىكدىن ئىچىمدە ھەي بىچارە، بۇ ئىچىڭدىكى زەرداپنىڭ ھەممىسى سەن يۈتكەن ئاچچىق ئازاپلار ئىكەندە ،-دىدىم . ئۇنىڭ گېلدىن بىر نەرسە ئۆتمىدمۇ،ياكى يىگۈسى كەلمىدىمۇ ئاران ئۈچ قۇشۇق نەرسە ئاران يۈتالدى ، ئەمما ئۇزۇنغاقالماي بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يېنىپ كەتتى .دوختۇرنىڭ دىيىشچە يۈرەك ئاپراتسىيە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولدۇ ،بۇ نۇرمال ئەھۋال ئىكەن .
- قىزىم ،قانداقراق تۇرسىز، ئاپىڭىزنىڭمۇ شۇنداق كەلگىسى كېلىپ ئولتۇرالمايلا قالغان قىزىم،ئەنقەردىن ئەنسىرمەي ئوبدان داۋالنىپ تېزراق ئەسلىڭىزگە كېلىڭ،- دىدى ئەخمەتكام.
-ھىم، باش لىڭشىتتى ، شۈكرى ياخشى ،- دىدى سىڭلىم .
-ئۇ يەرگە يا كىرگۈزمەيدىكەن، شۇنداق تىتىلداپ كەتتۇق،- دىدى ئەسقەر.
دوختۇر ئارتۇق پاراڭ قلىماڭلار، ئارتۇق ئادەم تۇرمىسۇن دىگەچكە ئەسقەر قېلىپ ئىككىمىز يېنىپ چىقتۇق.
-ئەخمەتكا ،سىزمۇ بەك ئاۋارە بولدىڭىز، بۇ يەردە تۇرسىڭىزمۇ كۈن ئۈتىۋېردۇ، قىزىڭىزنىمۇ كۆردىڭىز، ئەمدى قايتىپ كەتسىڭىز بولارمىكىن ،- دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ.
-ھە بولدۇ،بايا ئاپىسىدىن تېلفۇن كەلگەن،ئەنقەر ئاغىرىپ قاپتۇ، بەك قىزىپ كېتۋاتدۇ ، دوختۇرخاندا دەيدۇ ،- دىدى .
- ۋاي خۇدايىم ،ئۇ ئوماققا نىمە بولغاندۇ ئەمدى ،ئەسقەر نىمە دەيدۇ ؟ - دىدىم.
-ئۇ ھىچ ئۈندىمدى ،شۇ تىتىلداپلا تۇرۋاتدىغۇ شۇ ،- دىدى .
-ئۇنداق بولسا ئۇمۇ قايتىپ ئوغلىنى كۆرۈپ كەلسۇن، بۇ يەردە مەن بار، گۈلجامالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالمۇ مۇقىملىشىپ قالدى ، دوختۇر چوڭ خەتەردىن ئۈتۈپ كەتتى، بۇ يەردىن بىر كۈن كۈزتۈپ ئاندىن ئەتە ئەتىگەن ياتاققا يۆتكەيمىز ديدۇ ،- دىدىم .
-ئۇنداق بولسا مەن بۈگۈن قايتاي، ئەسقەر ئەتە قايتسۇن ،- دىدى ئەخمەتكام.
بىر دەم بىرسىمىز بىر دەم بىرسىمىز كىرىپ ئۇنىڭ يېندا تۇردۇق، نىمە ئامال، ئاغرىق ئازابنى تارتىشىپ بېرەلسەك ئىدۇق،ئازراقمۇ يىنىكلىتەر بولغىيتۇق . ئۇ ئۇرۇقلاپ بىر تېرە- بىر ئۇستقان بوپ قالغان ئىدى.




بەلغەم يېنىپ تۇراتتى .كەچتە ئەخمەتكام قايتىپ ماڭماقچى بۇلۇپ.ئەسقەر بېكەتكە ئۇزتۇپ ماڭدى ،مەن سىڭلىمنىڭ يېندىن ياتاققا چىقىپ تۇرشۇمغا يولدىشىم ،ئاكام، يەڭگەم،قىزىم 4 ئادەم كەپتۇ . ئۇلارنى كۆرۇپ شۇنداق خوش بولدۇم. كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى . ئاكامغا ئىچكىرى ئۆلكە ياراشتىمۇ قانداق ئاقىرىپ ، سەمىرىپ بۆلەكچىلا سالاپەتلىك بوپ كەتكەن ئىدى ، ياتاقتا ئۇلارغا سىڭلىمنىڭ قېشىغا كىرگەندە كۆپ گەپ قلىماسلىقنى، ئالاھىدە تاپلاپ ئۇلارنى باشلاپ كىردىم ،ھەممىسى بىلەن سالاملىشىپ كۆرشۈپ بولغاندىن كېيىن ،ئاكامنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇلار بىلەن ياتاققا يېنىپ چىقتۇق، يەڭگەم بىلەن گېپىمىز تۈگمەيتى، تۆت يىلدىن بېرى   ئۇلارنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم ،ئۇلار بۇ خەۋەرنى بېيجىڭغا بارغان خوشنىمىزنىڭ ئوغلى (ئاليەنىڭ ئىنسى ) دىن ئاڭلاپ كەلگەن ئىدى ، پويىز بېكتىدە ئاكاملار پويىزدىن چۈشۈپلا يولدىشىمغاياتاق ئادىرسىنى ئۇققىلى  تېلفۇن قلىپتۇ ، ئاندىن ساقلىشىپ،بىللە كەپتۇ.
ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى .ئاكامنى سېستىرالار چىقىپ كېتىشكە بۇيرىغاندىلا ئۇ يېنىپ چىقىپتۇ . ھەممىز بىللە غىزالانغىلى سىرتقا چىقتۇق،ئاشخانلاردىمۇ تاماقلار ئاخىرلىشىپ قالغان بۇلۇپ بار نەرسىلەردىن يەپ سىرتتىن ياتاق ئالغىلى (ئەسقەر ئىلگىركى ياتاقنى قايتۇرۋەتكەن ) چىقتۇق .دوختۇرخاننىڭ ياتقىدا ئەسقەر قالدى ،قالغانلار ئىككى ياتاق ئېلىپ ،نەرسىلەرنى جايلاشتۇرۇپ قويۇپ بىر دەم پاراڭلاشتۇق.
- تاتلىق سىڭلىمنىڭ بۇ ھالنى كۆرۈپ ئىچىم بەك ئاچچىق بوپ كەتتى،ئۈزەمنى تۇتۋالالمايۋاتمەن ، بايا ئۈزەمنى قاتتىق تۇتۋالاي دىسەممۇ ئۇ مېنى يىغلىتۋەتتى ، سېنى كۆرەلمەي ئۇ دۇنياغا ئارمانسىز كېتەرمەنمۇ  دەپ ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدىم ئاكا ، دەپ بوينۇمغا چىڭڭىدە ئېسىلۋالدى ،- دىدى ئاكام يىغلامسىسراپ.
-ئۇ بەك چىداملىق، دوختۇرلار ئۇنى ئاپراتسىيەگە ئېلىپ ماڭغاندا 50% ئۈمىت بار ، ئاشقازاندىكى راك ھۈجەيرىگە بىر نەرسە دىيەلمەيمىز ، ھەم بۇ قىزنىڭ تىنى بەك ئاجىز ئىكەن ،بەرداشلىق بېرىش ئۈنمىنى بىر نەرسە دىيەلمەيمىز ،دىگەن ئىدى .
- ھە ئۇنداقتا ئاشقازان ھازىر تەسىر كۆرسەتمەپتۇ دە ؟- دىدى يولدىشىم.
- ھازىرچە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى نۇرمال ئىكەن ،ئەمما ئەسلىگە كېلىشى بەك ئۇزۇن ، يۈرەككە قارغاندا ئاسان ئەسلىگەكەلمەيدۇ، بىئارام بولسا،ئاچچىق يۇتسا ھەرگىز بولمايدۇ ،- دەيدۇ.
بىز ئۇنى بۇنى دىيشىپ دادامنىڭ گېپنى قلىشىپ قالدۇق. دادام نەدىدۇ؟ تا ئانام ۋاپات بولغان شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ دادام بىلەن ئالاقە قلىپ باقمىغان ئىدۇق.  ئۇنى ئويلاپ قالغان ئىدىم ، ئۇلار يولدا ھېرىپ كەتكەن بولساكېرەك  يېتىپ قالدۇق.
ئەتسى گۈلجامالنى ياتاققا يۆتكىدى ، بۇ ياتاق ئىلگىركى ياتاققا قارغاندا ئازادە ئىدى . ئولتۇردىغان سافا،ئۇرۇندۇقلار خېلى كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ گېلىدىن سۇيۇق- سلەڭ نەرسىلەر ئاران ئۈتەتتى ،ئەمما ئانچە ھەزىم بولماي ياناتتى. يەنە داۋاملىق بەلغەم ياندۇراتتى. ئەسقەر خوشلىشىپ ماڭدى .مېنى سىرتقا چاقىرىپ گېپى بارلىقنى ئىيتتى .
- ھەدە، سىز بىلەن بىر دەم پاراڭلىشاي دىگەن .نىمە دىسەم بولا ، سىزنى ئۆزەمنىڭ ئۆز قىرىندىشمدەك كۆرمەن ھەدە،-دىدى ئەسقەر.
- نىمە دەپ يۇۇريدىغانسىز ، نىمە دىمەكچى ئىدىڭىز ؟- دىدىم.
- ھەدە، سىز گۈلجامالغا ئوخشاشلا بەك ئىسىل ئىكەنسىز. قايسى كۈنى سىز قولڭىزدىكى خاتىرنى تۇتقانچە بەك ئۇزۇن يىغلاپ كەتتىڭىز ، سىزنى مەن كۈزتۈپ تۇردۇم .سىزنى مۇشۇنچە يىغلاتقان خاتىرنى ئۇقۇپ باققۇم كەلدى .  مەن ئۇ خاتىرنى سىرتقا ئېلىپ چىقتىم. ئۈنچىدەك چىرايلىق يېزىلغان بۇ خەتلەر ماڭا تۇنۇش ئىدى ،بۇ گۈلجامالنىڭ خاتىرسىغۇ؟ مەن ئۇنتۇلماس ئىشلار دىگەن تىمدىكى كۈندىلىك خاتىرنى ئاچتىم. ئۇنىڭدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتى قېن ئاپامنىڭ ھايات ۋاقتىكى ئىشلاردىن باشلاپ، مېنىڭ ئۇنىڭغا قلىغانلىرىم،دوستلىردىن تاپقان چەكسىز خوشاللىقلار،ئوغلىمىزنىڭ ئېلىپ كەلگەن چەكسىز خوشللىقلىرى  يەنە بەزى بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇقۇپ مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم، مەن ئالدىنقى قېتىم ئۇ ھوشىدىن كېتىپ بىر كېچە « ئەسقەر كەتمەڭ ،مەن سىزنى سۆيمەن، مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ » دەپ جۇيلۇپ كەتكەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكنى ھىس قلىپ ئۇنىڭغابېرەلمىگەننى بېرىشكە تىرشىپ كېلىۋاتمەن ھەدە، تۇرمىشىمىزدا ئۇنى خۇددى  ساختىلىق قلىۋاتقاندەك ئۈزەمگە بېسىم قلىپ كەپتىمەن،چۈنكى ئۇ ھازىرغىچە مېنىڭ بىر ئېغىز گىپىمنى يىرىپ باقمىدى ،خاتا ئىش قلىغان بولسام،خاتا گەپ قلىساممۇ رەدىيە بېرىپ باقمىدى ، ئىدىيسىدىن ئۆتمىسمۇ ئۆزىنى مەجبورلايتى ،مانا مۇشۇ تەرپىدىن ئۇنى ماڭا دۇرۇس مۇئاملە قلمىغاندەك ھىس قىلاتتىم ، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئاياللىرغا ئوخشاش،ئۇرۇشۇپ جېدەللىشىپ ،داۋلىلىشىپ،بىرنى دىسەم بىرنى دىيشىنى،تاماق ئېتىپ بەر دىسەم ئاشخاندىن يەڭ دىيىشنى ئارزو قلاتتىم، ئۇنىڭدىن سەۋەنلىك ئىزلەيتىم،ئەمما تاپالمايتىم،ئۇنىڭ چەبدەس ھەركەتلىرى، سىلىق سىپايلىقى، ئىشلارغا شۇنداق ئىدىتلىقى، تاماقنى شۇنداق ئوخشىتىپ ئىتىشلىرى، ئاپامغا ئوخشاش كۆيۈنۈشلىرى مېنى بىئارام قىلاتتى. ئۇ يېڭدىن توي قلىغان گۆدەكلەرگە ئوخشىمايتى ، ئىچىمدە تەڭسىزلىك ھىس قىلاتتىم .بۇلارنى نۇرمال تۇرمۇش ئەمەستەك سېزەتتىم ،ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قول تاككۈزدۇم، ئەمما شۇنداق چاغدا ئۇنىڭ زەردە بىلەن ئۆيدىكى نەرىلەرنى يەرگە قاتتق ئېتىپ ،چىقىپ كېتىشنى ئۈمىت قىلاتتىم ،شۇنداق قلىسا ئەر - خۇتۇنغا ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن ، ھەم ئۈزەمنى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي قاچۇرۇپتىمەن ،ئۇنىڭ دىلغا ئازار بېرىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قلىدىم، بۇلارنى ئۇنى ئەسلا بىلمەيدۇ ، ھەم بىلسىمۇ پەرۋاسىز ھالەتتە يۈرۇيدۇ  دەپ ھىس قلىپ يۈرۇپتىمەن ھەدە، ئۇ بۇلارنى مېنى دەپ ،مېنىڭ خوشاللىقىم، مېنىڭ  ھۆرمىتىم ئۈچۈن شۇنداق قلىپتىكەن  ئەمەسمۇ؟ھەممە دوستلىرىم سېنىڭ بەك تەليىڭ بار، ئايالىڭ سېنى شۇنداق ۋاي دەيدۇ، شۇڭا ھۆرمىتىڭ ھەممىزدىن ئۈستۈن دىسە،ئۈزەمنى- ئۈزەم مەسخىرە قلىپ يۈردۇم . ئۇ ھوشغا كەلگەن شۇ دەقىقىدە ئۈزەمنى بۇ دۇنيادىن يوقتىپ قويغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى تاپقاندەك بولغان ئدىم.بۇ خاتىرنى ئۇقۇپ  سىزمۇ مېنىڭ شۇنداق ئەسكى بىر ئەر ئىكەنلىكمنى بىلدىڭىز ،شۇڭا سىزگە بۇ گېپىمنى دىيىشنى لايىق كۆردۇم. مەن ئۇنىڭ يۈركىگە ئۆچمەس جاراھەتنى قالدۇرۇپ مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۇپتىمەن . قانچىلىك بېدەل تۆلىشىمىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا چۇقۇم بەخىتكە ئېرىشتۇرمەن .- دىدى دە ، كۆزلىرنى سۈرتىكىلى تۇردى .
- بولدى ،ئىچىڭىزنى ئاچچىق قلىماڭ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق كۈننىڭ يۇرۇقنى كۆرۈپ تۇرالىشى بىز ئۈچۈن بەخىت، ئاللاھ بۇ پەرىشتىدەك گۈلۈمنىڭ سالامەتلىكنى بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈرگەي،- دىدىم ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.
ئەسقەر ماڭدى . ئۇنىڭ گەپلىرنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ئۈزەمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قلىسام بىر تەرەپتىن سىڭلىمنىڭ سالامەتلىكنى ئويلاپ ئىچىم ئاچىچىق بولاتتىم .ياتاققا كىردىم ، قىزىم سىرتقا ئەپچىقىڭ دەپ جېدەل قلىدى، ئاكام بىلەن يولدىشىمنى قالدۇرۇپ قويۇپ يەڭگەم ئۈچىمىز سىرتقا چىقتۇق .يەڭگەمنىڭ دىيىشچە دادام خوتەندە تۇرۋېتىپتۇ، بىر قاتناش ھادىسگە ئۇچىراپ پوتى زەخمىلنىپ ئۇزۇندىن بويان ھاسىدا ماڭدىغان بوپ قاپتۇ،بىر كىچىك سەي سېتىش دۇكىنى ئېچىپ تۇرمۇش قامداۋاتقانلىقنى ئېيتتى،بۇلارنى خوتەندە ئۇقۋاتقان خوشنىسنىڭ بالىسىدىن ئاڭلىغانلىقنى ،ھەم يانفۇندا سۆرىتىنى كۆرسەتكەنلىكنى ئيتتى .كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى ،نىملا دىگەن بىلەن ئۇ دىگەن دادا ئەمەسمۇ؟ بۇنداق مىھرى ئاجايىپ ئاچچىق ھەم ئاجايىپ تاتلىق بولسا كېرەك .
بىز بىر دەم ئايلىنىپ قىزىمغا ،ئوغلۇمغا ،ئەنقەرگە كىيىم ئېلىپ يېنىپ كىردۇق . ئەرلەرمۇ تاماق يىگلى ماڭدى . بۈگۈن ياتاققا چىققان بىرىنچى كۈنى بولسىمۇ تاياققا گۈلجامالنىڭ ساۋاقداشلىرى دوستلىردىن ئىبەرتىلگەن شۇنداق چىرايلىق گۈللەر بىلەن ياتاق باشقىچە تۈسكە كىرگەن ئىدى .قىزىم بۇنداق چىرايلىق ئورالغان گۈلنى كۆرۈپ باقمىغاچقا توختىماي سىلايتى ، توختىماي يانفۇنغا سۆرەتكە ئالاتتى، ھەدىسى گۈلجامالغا ئەركىلەپ چۇڭۇلداپ سۆزلەيتى .....ياتاقتا باشقا كارۋاتتا ياتقانلار خوتەندىن ئىدى. قىزىم ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزنى كەچكىچە دورايتى ، ئۇلارمۇ شۇنداق چىقىشقاق بولغاچقا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆگتىپ قوياتتى . بۇ ھەدىمىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى گۈلجامالغا قارغاندا ياخشى ئىدى ،نىمە بولسا يەپ،گەپ سۆزنىمۇ نۇرمال قلىپ ياتاتتى . گۈلجامال شۇنداق ھالسىز بولسىمۇ ئامال بار ئۈزىنى روھلۇق تۇتۇشقا تىرشاتتى.
ئەتسى كەچتە يولدىشىم،قىزىم، ئاكام ،يەڭگەملەر ماڭدىغان بولدى.
-مە،ماۋۇ پولنى داۋالاشقا ئىشلىتىڭلار ،مەن ئاكا تۇرۇپ بۇ تاتلىق سىڭلىمغا ھىچ ئىش قلىپ بېرەلمىدىم ،- دىدى ،ئۈچ باغلام قىزىل بولاقنى تەڭلەپ .
- ئاكا ،بۇ بەك كۆپ بوپ كەتتى، سىزنىڭمۇ باللىرىڭىز بار تۇرسا ، بۇ پوللارنى ئېلىپ كېتىڭ ،- دىدى سىڭلىم.
- نىمە دەۋاتسىز؟ مەن يا يات ئادەم ئەمەس، مېنىڭمۇسىلەردىن باشقا نىمەم بار، نەچچە يىلدىن بويان ھالىڭ نىچۇن؟ دەپ باقمىدىم ،- دىدى ياندۇرۇپ .
ئۇلار يولغا چىقىشقا تەمشەلدى . سىڭلىم كۆز يېشى قلىدى .
- ئاللاھقا شۈھرى ، مەن ئۈستىدە كۈزتىش ئۆيدە يېتىپ ،ھاياتلىقنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن بەخىت ئىكەنلىكنى ھىس قلىدىم ، مېنىڭ ئەڭ ئەڭ ئارزو قلىغىنىم قوياشنى، كۆپ كۆك ئاسماننى، سىلەرنى ،بالام ،يولدىشىمنى بىر قېتىم كۆرۋېلىشنى بەك بەك ئارزو قلىپ كەتتىم، بۇلۇپمۇ مېنىڭ ئۈلۈك تىرىكىلىمنىڭ دېرىكىنى ئالالماي، ئىچى سىقلىپ بىئارام بۇلۇپ يۈرۋاتقان دىلكەش ھەدەمنى، يولدىشىمنى بىر قېتىم كۆرۇۋالسام دەپ يىغلاپ كەتتىم ،-دىدى .
- ئاللاھقا شۈكرى ، سىز ساقيىپ كېتىسز، ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ،نەقەدەر ئىللىق ئىكەنلىكنى ھىس قلىپ ياشايسىز سىڭلىم، - دىدىم .
- شۇنداق تاتلىق، سىز شۇنچىلىك سۈيۈملۈك ،شۇنچىلك مىھرى ئىسسىق ھەم غەيرەلىك قىز ، قالايمىقان ئىشلارنى ئويلىماي، كۆڭۈللۈك ئىشلارنى قلىپ، تىزراق ئەسلىڭىزگە كېلىڭ ، مەن سىزنى ئۆزەم بىر قوللۇق بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئوينىتمەن،- دىدى يەڭگەم .
-ھەممىگە قادىر ئاللاھ  ، تاتلىق قىزچاق ،ئاللاھقا ئامانەت،بىرنى سۆيۋالاي، كىچىكڭىزدە سۆيۈپ قويمىسام مېنى ماڭغۇزمايتىڭىز،- دىدى ئاكام ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ . ئۇلار بىلەن ياتاقتىلا خوشلاشتۇق. ئۇزتىپ سىرتقىمۇ چىقمىدىم .
ياتاقتا بىز بىردەم جىمىپ قالدۇق . ياندىكى كارۋاتتىكى ھەدىمىزنى يولدىشى يىتلەپ پەسكە تاماققا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى .سىڭلىمنىڭ كۆڭلى سەل يېرىم بولغان ئىدى ،ئۇ ئۇخلىماق بوپ ياتتى، بىردەمدىلا ئۇنىڭ يانفۇنى چىرىڭلاپ كەتتى،ئۇ يانفۇندا خىزمەتدىشى رىزۋانگۈل بىلەن پاراڭلىشۋاتقان ئىدى ،سىڭلىمنىڭ ئاۋازى ...
- ياخشى ،     ھازىر ئەسلىمگە كېلەي دىدىم ،    شۈكرى،     شۇ     ئىچمىدە ئايەت ئۇقۇپ ئاللاھتىن شىپالىق تىلەپ يېتۋاتمەن ،        ھەئە،      نىمە جاڭ ئىدارە باشلىقىما؟        قاچان؟      ۋاي ئاللاھ         نەچچە ئادەم ئۈلۈپتۇ.       ھە         تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتىما؟     ....... ئۇنىڭ ئاۋازى پەسلەپ قالدى . قارشى تەرەپتىن ۋەي، ۋەي  دىگەن ئاۋاز كېلەتتى. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن ئۇ سۆز ئاچتى:
- جاڭ باشلىق داۋاننىڭ تېغدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۈلۈپتۇ، ماشىننى ئۈزى ھەيدەپتىكەن، ئاكسى، يەنە بىر ئايال ئۈچ ئادەم ئۆلگەن ئوخشايدۇ.
- ھە، ۋاي ئاللاھ، كەلگەن ئەجەل  شۇنداق بولسا كېرەك ، - دىدىم چاندۇرماي.
سىڭلىم جىمىپ كەتتى، ئۇ ئۇخلايمەن دەپ كەينىنى قىلىپ ياتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ شۇ تاپتا نىملەرنى ئويلاۋاتقانلىقنى بىلمەيمەن ، يۈرەك دىگەن بىر قىپ قىزىل گۆش بولسىمۇ ئەمما ئاجايىپ سىھرى بولسا كېرەك ، ئىچىگە ئاچچىق ھەم تاتلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىغالايدىكەن ، تېشىپ كەتسە زەئىپلىشىپ ئىنساننى كاردىن چىقىردىكەن  .ھاياتلىق ئاجايىپ ھە! كىشلەرنى ھەر كويغا سالغان تۇرمۇش ھەقىقەتەن بىر تېپىشماق.
   ئاللاھ جاجاڭنى بېرىپتۇ مۇناپىق . كىشگە قلىساڭ ئۈزەڭگە مۇشۇنداق يانىدۇ ، ئۈلكىڭ قاغا قۇڭغۇزلارغا يەم بولغاي ئلاھىم،دىگەنلەرنى ئويلىدىم ئىچىمدە .  
بىر دەستە گۈلنى كۆترىپ كىرگەن ئەنقەر جمجىتلىقنى بوزدى .ئەسقەر ئەنقەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى .
- ئاپا ، قانداقراق تۇرسىز؟ سىزنى شۇنداق سېغىندىم ،بۇ گۈلنى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ئالدىم،- دىدى ئەنقەر.
-رەھمەت، تاتلىق جىگرىم ،سېنى شۇنداق سېغىندىم، قانداق كەلدىڭ؟
-ئاپا ئاغرىپ قالغان ئىدىم ،دادام مېنى سىزنىڭ قېشڭىزغا ئاپىرمەن دىگەن ئىدى ، خوشاللىقمىدا دورنىڭ ھەممىنى يەۋەتتىم، سىزنى كۆرۇپ ساقايدىم .
- ۋۇججۇن ،تاتلىقلىقنى، ھاردىڭمۇ بالام، - دىدى سىڭلىم.
- ياق ،دادام مەن ئۈچۈن ئاپاڭنى تاتلىق سۆيۈپ قويساڭ ئاپاڭ ساقىيدۇ  دەيدۇ ، دادام سۆيۈپ قويسۇنمۇ؟- دىدى ئەركىلەپ.
ئىككىيلەن بىر بىرسىگەقارشىپ قىزرىپ كەتتى ، مەن ئەنقەرنى يىتلەپ نەرسە ئېلپ بېرىمەن دەپ ئەپچىقىپ كەتتىم.
تۈگدى
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

45

تېما

17

دوست

6596

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1897 سەر
تىللا
357 دانە
تۆھپە
1028 سەر
شۆھرەت
933 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 23:57:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئىككى پارچە خەت ››نىڭ  باش قىسمىنى كۆرمەي قاپتىمەن ...يامان ئەمەس يېزىلغان خەنكەندۇق بولمىسا...

باھا سۆز

توغراق ۋاقتىڭىز چىقسا كۆرۈپ ماڭا باھا بىرىپ بىقىشىڭىزنى ئۆمىت قىلىمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 00:00
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

2

تېما

0

دوست

172

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
32 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
30 سەر
شۆھرەت
31 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 18:11:24يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقى بولغان ئىشمۇ ياكى بىر توقۇلما ھىكايىمۇ،،،،
مىنىڭچە ھەقىقى بولغان ئىشتەك تۇردۇ،،،،،،!؟
来自: Android客户端

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 22:58:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ھەقىيقى بولغان ئىشمىكىن دەپ قارادىم
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 03:23, Processed in 0.418244 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش