تۆھپىكار باغۋەن، مىھرىبان ئۇستاز رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ
رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ1982-يىلى ئاتۇش شەھىرى ئازاق يىزا تىجەن كەنىتىدە تۇغۇلغان.2000-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتو تىنىڭ ئىنىگلىزتىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.2003-يىلى ئىلان قىلىنغان«ھاياتىنى سۆيۈك»ناملىق ماقالىسى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىشتىياقىنى قوزغىغان.ئۇ ئالى مەكتەپتىكى جەريانىدا ئىنىستىتوت رادىئو ئۇزىلى، قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسى قاتارلىق جايالاردا تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن.ئوقۇش پۈتتۈرگەند ىنكىيىن ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقىسىز ئۈچ يىل ئىشلىگەن. 2007-يىلى ئالاھىدە شىتات ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ يۇپۇرغا ناھىيە تېرىم ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشكەن.ئۇ بۇ جەريانىدا تۇرمۇشقا ئائىت نۇرغۇن ماقاللەرنى يىزىپ ئىلان قىلغان.2010-يىل پەن-تىخنىكا نازارىتى ئويۇشتۇرغان مۈنەۋەر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش پائاليىتىدە بىر پارچە ماقالىسى 3-دەرجىلك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ۋە رەئىسىنىڭ قوبۇل قىلىشغا نائىل بولغان.مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن يىڭى تىمىدىكى رادىئو پىراگىراممىلرىنى ئىشلەپ ئاڭلىتىپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئىچىشقا كۈچ چىقارغارن.ئۇ ئاۋازغا ئىلىپ ئىشلىگەن «ئىسىت،مەن تىخى 18 ياشتا ئىدىم»،«ئاھ،ساراڭ ئانام»قاتارلىق ھىكايىلەر جەمىيەتتە ئىجابى تەسىر قوزغىغان.2010-يىلى ئۇ ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرغا يۆتكىلىپ كەلگەندىنكىيىىن مائارىپ ھەققىدە ئىزدىنىپ «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلىدا ماقالە ئىلان قىلىدۇرۇشقا باشلىغان.2012-يلى ئۇ يازغان «تەۋپىق روھى مەڭگۈ »ھايات ناملىق ماقالىسى«شىنجاڭ مائارىپى»تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالانغان.ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر «جۇڭگۇ مىللەتلىرى»،«پەن ۋە تۇرمۇش»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،« شىنجاڭ مائارىپى»قاتارلىق گىزىت- ژورناللاردا 200 پارچە پوبلىستىك ماقالىسى ئىلان قىلىنغان.ئۇ ھازىر يۇپۇرغا ناھىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ رادىئو ئۇىلىنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ نەتىجىللىرى He successes
ئۇ يازغان بىر پارچە ماقالە پەن-تىخىنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىپ رەئىسىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئىرىشكەن.
ئۇ2000-يلدىن2007يىلىغىچە ئاتۇش ۋە قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسللىرىدا ئىشلىگەن.
شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسى ئۇ ھەققىدە مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلىگەن.
  ئۇ يۇپۇرغا ناھىيسىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئۇ بىر قانچە يىلدىن بىرى ئۇدا ناھىيە بويىنچە ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.
ئۇ 6 يىلدىن بىرى ئوقۇغۇچىلارغا پىسىخىكدىن مەسلىھەت بىرىپ كىلىۋاتىدۇ.
ئۇ ئاتۇش ۋە قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسدا ئىشلەپ قاتناشتۇرغان غۇنچىلار پىروگىراممىسى2-ۋە 3- دەرجىگە ئىرىشتى.
ئۇنىڭ بىر پارچە ماقالىسى مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسسى ئويۇشتۇغان رادىئو مىنىڭ قەلبىمدە تىمىسىدىكى مۇسابىقدە 3-دەرجىگە ئىرىشكەن ۋە «قەلىبتىن قەلبىكە يول»ناملىق كىتاپقا بىسىلغان.
ئۇ چەتئەلىكلەر بىلەن ئىنىگىلىزتىلى ئوقۇتۇشى تەتقىقاتىدا
ئۇ يۇپۇرغا ناھيىلىڭ مىھربىدن ئانا ساخاۋاتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ كاتىپلىق خىزمىرىتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مھىرىبان ئانىلارجەميىتىنىڭ رەئىسى رەيھان ئاپاي بىلەن بىرىگە
ئۇ 2012-يىل يىتىم بالىلار كىتاپ فوندىنى قۇرغان بولۇپ ھازىرىغىچەنۇرغۇن يىتىم بالىلارغا ياردەم قىلغان
ئۇ تەرجىمە قىلغان «مەسەللەر دۇنياسى» ناملىق كىتاپنى نەشىرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا...
ئۇنىڭ بىر قانچە پىلاستنكىسى تارقىتىلدى.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە300 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئىلان قىلىنغان بولۇپ بىرقانچىسى مۇكاپاتلانغان .
ئۇ كۆپ قىتىم ناھىيە بويىنچە مۇنەۋەر مۇخبىر بولۇپ مۇكاپاتلانغان
ئۇ ھازىر مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىنى باشقۇرىماقتا
بايقاش مائارىپ تورىمىزنىڭ ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش تۈرىدە كۆپ كۈچ چىقىۋاتىدۇ.
ئۇلار تارىم ژورنىلى تور بىتىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەر سەھىپىسىگە ئاۋاز بىرىۋاتىدۇ .
تەييارلىغۇچى: بايقاش مائارىپ تورى |