مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 6

كاۋاپچى يىگىت بىلەن پاھىشە قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

10

دوست

977

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
176 سەر
تىللا
96 دانە
تۆھپە
172 سەر
شۆھرەت
230 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 12:56:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توغراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-29 12:59  

كاۋاپچى يىگىت بىلەن پاھىشە قىز
(ھىكايە)
ئاپتورى:ئابدۇراخمان (تاتلىق ئۇيغۇر)
بۇئەسەر جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىللىرىمىزگە ئاچچاق ساۋاق سەلبى دەرىسلىك سىپىتىدە يېزىپ چىقىلدى. ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.شۇنداقلا مىللى قىزلىرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ئوبرازىنى يىتۈلدۈرىشىگە تىلەك داشمەن....

مانا ھەش-پەش دىگۈچە بەشىنچى ئايلارمۇ كىلىپ قالدى. ماۋۇ خەنزۇلارنىڭ شەھىرىدە ياز كەلسىلا كاۋاپنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ قالغاچقا كۈدە-كۆرپەمنى يىغىپ،ئانا يۇرتۇم، شىنجاڭ دىيارىغا قايتىش ئۈچۈن  ۋوگىزالغا كەلدىم. يۈك-تاقلىرىم سەل كۆپ بولغاچقا ۋاكالتەن توشۇش ئورندىن ئەۋەتىش قارارىغا كەلدىم. يا ئاللاھ! بۇ قاغىش تەككۈر يۇرۇتتىن شۇنداق سەسكەنگەن ئىدىم. نىمىشقا دەمسىز؟نىمىشقا بۇلاتتى،مەن تۇرغان بۇ يۇرۇتتا بىزدىن بېلەك ئۇيغۇر يوق ،مەن ئاكام،يەڭگەمدىن باشقا ئۇيغۇر تونۇمايتتىم. بۇيەردە كاۋاپ ساتقىنىمغا ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ.مەن بىلەن ئىزچىل ئانا تېلىمىزدا پاراڭلىشىپ كىلۋاتقىنى، يەنىلا كۈيۈمچان ئاكام بىلەن يەڭگەم.بۇلادىن قالسا يەنەشۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى دوست-بۇرادەرلىرىم.
شۇنداق قىلىپ يۈك-تاقلىرىمنى ئايرىم يولغا سېلىۋىتىپ. بېلەت سېتىش ئۇرنىغا كەلدىم. ئۇزۇن ساقلىمايلا نۆۋەت ماڭا كەلدى.
-ئۈرۈمچىنىڭ بېلىتىدىن 3 تال ئالىمەن.
1146 يۈئەن؟
-بىرسى نەچچە پۇل؟
-382 يۈئەن!
ھىساپلىسام دەرۋەقە شۇنداق بولىدىكەن. 1146 كوي پۇلنى بىرىپ بېلەتنى قۇلۇمغا ئالدىمدە سىرىتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم. سىرىتقا چىقىپ بېلەتكە قاراپ  خوشاللىقىمدىن يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.مەن بۇ ئىككى يىل ئىچىدە بىرەر ئۇيغۇر سىماسىنى كۆرۈپ باقمىدىم.ئىش قىلىپ بۇ خۇشاللىقىمنى تېلىم بىلەن سىزگە ھەرگىزمۇ تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. مەن كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن يۇرتۇمغا قايتىمەن. يۇرتۇمنىڭ ئۆپكە-ھىسىپ،لەڭپۇڭ،سامسا دەمسىز ،ئىشقىلىپ مەن سىغىنغان نەرسىلە بەكلا كۆپ، ھەممىدىن بەك دادام-ئاپامنى بەكلا سىغىندىم. قۇلۇمدىكى مۇشۇ بېلەت بىلەن بۇ سىغىنىشىم ئەمەلگە ئاشماقچى. شۇڭا مەن خۇشال بولماي،كىم خۇشال بولاتتى؟
بېلەتنى پورتىمالىمغا سالدىم، ۋوگىزال ئالدىدىكى پەشتاقتىن تىز قەدەملىرىم بىلەن كىتىپ باراتتىم. كۈنلۈك تۇتقان بىر خەنزۇ ئايال ماڭا قاراپ قىزلار بىلەن ئوينىغۇڭ بارمۇ؟
دەرھال شۇتەرەپكە بۇرۇلدۇم، بۇ يەردە مۇشۇنداق خەنزۇ قىزلار خېرىدار كۈتەتتى. مەن بۇ يەرگە ئىككى يىللىق مۇساپىر، قانداقلا بولمىسۇن بۇ شەھەر ماڭا ئانچە مۇنچە بولسىمۇ تۇنۇش ئەمەسمۇ!
گىپىگە جاۋاپمۇ بەرمەستىن، ئالىيىپ قۇيۇپ يۇلۇمغا ماڭدىم.
بىزنىڭ بۇ يەردە سىلەرنىڭ شىنجاڭلىق قىزلارمۇ بار...
ئۆزۈمنى بۇ قىرى خوتۇننىڭ گەپلىرىدىن شۇنچە قاچۇرۇشقا تىرشقان بولساممۇ ،بۇ خوتۇننىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن تەڭ ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم.
-نىمە دىدىڭ؟بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز بار دىدىڭما؟ماڭە ۋاي، ئاتام بىلمەيدىغان،ئانام بىلمەيدىغان بۇ ئىچكىردە بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈريدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ بارمۇ ؟مېنى ئالداۋاتىسەن...بۇ مۇمكىن ئەمەس.
-ئشەنمىسەڭ سىنى باشلاپ باراي،كۆرۈپ باقامسەن؟
ئۆز قۇلقىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى،بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ،مەن بۇ شەھەرگە ئاكام،يەڭگەملەر بىلەن چىقىپ كاۋاپچىلىق قىلۋاتقلى توپتوغرا ئىككى يىل بوپتۇ،بۇ يىقىن ئەتراپتا بىرەر ئۇيغۇرۇمنىڭ دىدارىنى كۆرۈش،تاتلىق ئۇيغۇر تىلنى ئاڭلاش ماڭا نىسىپ بولمىغان تۇرسا،قانداقمۇ بىر ئۇيغۇر قىزى بۇنداق يەرلەردە يۈرسۇن؟ياق-ياق،بۇ مۇمكىن ئەمەس،بولدىلا،خۇداغا شۈكرى ،شىنجاڭغا قايتىدىغان ئۈچ تال بىلەتنىمۇ ئىلۋالدىم،ئۇزۇندىن بىرى توختىماي چۈشەۋاتقان ئانا يۇرتۇمغا ئەتىلا قايتىپ كىتىمەن،ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنىڭ ئىشنى قىلىپ يولۇمغا ماڭاي،مەن يا بۇنداق يەرلەرگە كىرىپ يۈردىغان ئەركەك بولمىسام.....
شۇنداق خىياللار بىلەن بۇ سىرىق چاچ،يۈزلىرىنى ئالۋاستىدەك بويۋالغان،يىرىم ياتا كىيىنگەن بۇ خەنزۇ ئايالغا سەت بىرنى ئالىيۋىتىپ ،تېخى باياتىنلا ئالغان بىلەتنى ئاۋايلاپ يانچۇقۇمغا سىلىپ يولۇمغا مىڭشقا تەمشىلۋىدىم،بۇ خوتۇن يەنە ئىغىز ئاچتى.
-بىرىپ ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرسەڭ ئىشنەتتىڭ ...
كاللامدىن تۇيۇقىسز بىر خىيال كەزدى،مەن بىرىپ كۆرۈپ بىقىپ كەلمەيمۇ؟شۇنچە چوڭ يۇرتىمىز كىچىكلىك قىلىپ ،يات خەقنىڭ يۇرتىدا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرشكە ،ئۆزىنىڭلا ئەمەس،پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى بىراقلا يەرگە تۆكۈشكە ۋىجدانى يول قويغان قانداق بۇزۇقتۇ بۇ ...بىرىپ تازا بىر ئەدىپىنى بىرىپ كەلمەيمۇ ...
-ھە ..........يىراقمۇ ؟-ياق! ماڭە ئەمسە ،مەن بارىمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ خوتۇن توسقان تاكسىغا چۈشۈپ ماڭدىم،ئۆزۈمنىڭ نىمشقا بۇنداق تۇيۇقسىز بۇ قارارنى چىقارغىنمغا ھەيران قالدىم،چۈنكى مەن بۇ كوچىدىكى ئوغۇل بالا ئەمەس ئىدىم،بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ قولغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ بۇ ياقا يۇرتتا كاۋاپچىلىق قىلۋاتقان بولساممۇ ،بۇنداق قالايمىقان ئىشلاردىن نىرى ئىدىم،ئاكام،يەڭگەملەرمۇ مەندىن رازى ئىدى.شۇ تاپتا قولۇمدا شىنجاڭغا ماڭدىغان پويىز بىلتى بار،ئەتىلا يۇرتۇمغا كىتىمەن،ئاتا-ئانامنى كۆرەلەيمەن،نىمىلا بولمىسۇن بىر قاراپ بىقىپ كىتەي...ئاكام-يەڭگەملەرمۇ ئۇنچە ئاچچقلىنىپ كەتمەس.
تاكسىنىڭ تىشىدىن قاراشقا خىلى يامان ئەمەس بىر مىھمانخانا ئالدىدا سىلىق توختىشى بىلەن مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى.
-كەلدۇق ،چۈشكىن.
ھە دەپ تاكسىدىن چۈشۈپ ئۈن-تېنسىز بۇ ئايالغا ئەگشىپ ماڭدىم.مىھمانخانىنىڭ چوڭ زالىدىن ئۆتۈپ بىر ياتاق ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،خەنزۇ ئايال ئىشكىنى چىكۋىدى ،ئىچىدىن خەنزۇچە كىر دىگەن ئاۋاز چىقتى،بۇ خوتۇن ماڭا باش ئىشارىتى قىلىپ مېنىڭ بىلەن بىرگە ئۆي ئىچىگە كىرىدى.ياتاق ئىچى خىللا چىرايلىق بىزەلگەن بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قىياپىتىدىن كىشىنى ھىچقانداق خاتا ئويغا باشلىمايتتى،بەلكىم بۇمۇ مۇشۇلارنىڭ ئادىتى بولسا كىرەك...
-ساڭا بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنى باشلاپ كەلمە دىگەنتىمغۇ؟نىمشقا يەنە باشلاپ كەلدىڭ؟سەن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى سۇغا چىلاشسۇن دەمسەن؟
مېنى كۆرۈپلا ياتاقتىكى ئايال چالۋاقاشقا باشلىدى،-قاراڭ ،بايا پويىز ئىستانسسدا بۇ بالىغا خىلى دىققەت قىلغان ئىدىم،پۇلى خىلى جىقكەن،شۇڭا...
-ھە،بۇ قىتىم بوپتۇ،بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىل،چىقساڭلار بولىدۇ.
يەنە ھىلقى سىرىق چاچلىق ئايالنىڭ ئىشارسى بىلەن ياتاقتىن چىقتىم.
-قىنى ماڭا ئۇ ئۇيغۇر قىزنى كۆرسەتمەمسەن؟
-بەش يۈز يۈئەن چىقارغىن.
يانچۇقىمدىن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم،-ماڭ ،يول باشلا ئەمسە.
بۇ مىھمانخاننىڭ ياتاقلىرى ماڭا سىرلىق ئوردىدەك تۇيغۇ بىرەتتى،بۇ خوتۇن مېنى ئايلاندۇرۇپ ئىلىپ كىتۋاتامدۇ ياكى بۇ مىھمانخانا ئەزەلدىن شۇنداقمۇ ئىشقلىپ بىشىم ئايلىنىپ قالاي دىگەندە ئاران بىر ياتاقنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.
-مۇشۇ ياتاقتا ،كىرسەڭ بولىدۇ.
بۇ خوتۇن شۇنداق دەپ كىتىپ قالدى،راسىت كەتتىمۇ ياكى ،ياندىكى باشقا ياتاقتا بىشنىڭ قىچىپ كىتىشمزنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىشىك بىقۋاتامدۇ بىلمەيمەن،بىر قەدەم ئىلىپ ياتاققا كىرسەم مېنى نىمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۋاتقاندۇ؟  بىر نەچچە سىكۇنىت تۇرۋاتقاندىن كىيىن ئاستا ياتاقنىڭ ئىشكىنى ئاچىتىم.ياتاق خىللا چوڭ،قارىماققا ئىسىل كۆرىنەتتى.دىرزە يىنغا چوڭ قوش كىشلىك كارۋات قويۇلغان بولۇپ،كارۋات ئۈستىدە بىر قىز ياتاتتى.مېنىڭ كىرگىنمنى سەزمىدىمۇ ياكى قەستەن بىشىنى كۆتۈرمىدىمۇ مىدىر قىلماي ياتاتتى .سەل تېڭىرىقاپ قالدىم،شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى توختىتۋىلىپ سوردۇم.
-سىز ئۇيغۇرما ؟
بۇ بىر ئىغىز گەپ شۇنچلىك تەسىر قىلغان بولسا كىرەك،ئورندىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى
-ئاكا،مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن؟سىز ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتامسىز...........
قىز ئاران شۇ گەپلەرنى دىيەلدىدە پاڭڭىدە قويۇپ يىغلىۋەتتى،قىز ھەققەقەتەن چىرايلىقمۇ ياكى ئىككى يىل  ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرىنى كۆرمىگەنلكتىنمۇ بۇ قىز كۆزۈمگە شۇنداق چىرايلىق كۆرۈندى.قانداق قىلشىمنى ،بۇ قىزغا قانداق تەسەللىي بىرىشىمنى بىلمەيتتىم،قانداق تەسەللىي بىرىمەن؟كاللامدا نۇرغۇن جاۋاپسىز خىياللار...بۇ قىز زادى كىم ؟قارىماققا خىلى كىچىككەن،قانداق قىلىپ بۇ يولغا كىرىپ قالغاندۇ؟ئاتا-ئانىلىرىچۇ؟
پەقەت   شۇنىلا دىيەلدىم،-ئۆزىڭىزنى تۇتۋىلىڭ، سىڭلىم.خالسىڭىز نىمە ئىش بولغىننى ماڭا ئىيتىپ بىرىڭ،خالىمىسىڭىز،مەن چىقىپ كىتەي.
-ياق،ئاكا،چىقىپ كەتمەڭ،مېنى قۇتقۇزۋىلىڭ.
قۇتقۇزۋىلىڭ دىگەن گەپ بىلەن ئۆزۈمنىڭ بۇ قىز بەلكىم ئالداپ كىلىنگەن بولسا كىرەك دىگەن پەرزىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.بىراق مەن بۇقىزغا ياردەم قىلىش نىتىدە كەلمىگەن.لىكىن مەن ئويلاپپمۇ باقمىغان ئىش يۈز بىرىپ مىنى ھەيران قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. نىملا بولمىسۇن ئاۋال قىزنىڭ ھىكايسىنى ئاڭلاپ باقمامدىم، ھېلىقى نىمىتى،پاھىشە قىزنىڭ مۇھاببىتى دىگەن ئاۋازلىق ئەسەر شۇ زامات كاللامغا كەپ. ئۇنىڭدىن بوشقىنا سوردۇم،-سىز قانداق بولۇپ بۇ يەرلەردە يۈريسىز؟
-ئاكا،مېنىڭ ئىسىمم دىلرابا،يۇرتۇم پالانى ناھىيدىن.مەن بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالغىنمنى ئۆزۈممۇ
بىلمەيمەن.تولۇقسىزنى ئەمدى پۈتكۈزگەن چاغلىرىم ئىدى،ئۆزۈم ئوقۇشقا بەك قىزىقساممۇ ،دادام قىز بالا بەك ئوقۇپ كەتسە يولدىن چىقىپ كىتىدۇ دەپ مېنى داۋاملىق ئوقۇشتىن توسۇپ ،كىيىم
تىككۈچىلىككە
ھۈنەرگە بەردى.ئاپامنىڭ ئالدىدا شۇنچە يىلنىپ يالۋۇرغان بولساممۇ يەنلا ئوقۇيالمىدىم،چۈنكى ئۆز دادام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ ئاپام ھازىرقى دادامغا ياتلىق بولغان ئىدى.ئۆگەي
دادام مېنىڭ ئوقۇشۇمغا قەتئىي قارشى چىقىپ،ئەگەر مېنى ئوقۇتىمەن دەپ تۇرۋالسا ئاجىرشىپ
كىتىدىغانلىقنى ئىيتىپتۇ.ئۆيدە مەندىن بېلەك ئانا بىر دادا باشقا ئىككى كىچىك ئىنىم بار ئىدى،ئاپام مېنى ئوقۇتۇشنى ئويلىسىمۇ،بۇ ئىككىسىنى قارا يىتىم قىلغۇسى كەلمەي ،ماڭا يالۋۇرۇپ دىگەندەك مېنى ئوقۇشتىن ياندۇردى،مەنمۇ ئاز-تولا ئاپامنىڭ دەردىنى چۈشىنەتتىم.ئاپامغىمۇ ئاسان ئەمەس.شۇنداق قىلىپ كىيىم تىكىش دۇككىنىغا شاگىرتقا كىردىم،دۇكاندىكى باشقا تۆت شاگىرتنىڭ يېشى كەم دىگەندىمۇ مەندىن تۆت ياش چوڭ ئىدى،ئادەتتە ئۇلار بىلەن ئىچ قويۇن تاش قويۇن بولۇپ يۈرۈپ كەتمەيتتىم.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادىلە ئىسملىك بىر قىز بار ئىدى،ئۆزى خىلى چىرايلىق بولۇپ ،كۈندە دۇكاندىن يانغاندا بۇ قىزنى ھەر كۈنى دىگۈدەك ئوخشىمايدىغان ئوغۇللار ئىزدەپ كىلەتتى.بىر كۈنى ئىككىمىز خالىي قالغاندا ئۇ ماڭا دىلرابا،سىز مۇھەببەتلىشىپ باققانمۇ دەپ سوراپ قالدى،ياق مەن تېخى كىچىك تۇرسام دەپ جاۋاپ بەرسەم،ئۇ قىز ھەي كىچكتە سىز،ئەسلىي سىزگە دىمەي دىگەنتىم،يەنىلا ئىيتىپ قويغۇم كىلۋاتىدۇ،مېنىڭ ھىلقى ئەزمەت دىگەن ئوغۇل دوستۇمنى تونىيسىزغۇ؟شۇنىڭ پەرھات ئىسملىك ئاغىنسى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ،سىز بىلەن تونۇشۇپ ئۆتكىسى بار ئىكەن،قانداق تونۇشۇپ قويامسىز؟
گەرچە ئۇ ۋاقىتتا تېخى كىچىك ،مۇھەببەتنىڭ نىملىكىنى چۈشەنمىسەممۇ ،لىكىن پەرھات بىلەن تونۇشۇپ باققۇم كەلدى،باشقىلارنىڭ مۇھەببەت توغىرسىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىسام بەك ھەۋەس قىلاتتىم،  بىر تۇرۇپ ئۆيدە سۇ ئىچمىگەن كۆڭلۈمگە ئازراق تەسەللىي ئىزدىمەكچى بولدۇم.
   شۇنىڭ بىلەن ئادىلەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويچە بىر جاينى دىيشىپ پەرھات بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم،ئۇ بالا خىلى كىلىشكەن،گەپ-سۆزلىرى ئادەمنى كۈلدۈرۈپلا تۇردىغان بالا ئىكەن،ئۇيان-بۇياندىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قىزىقىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئارلىشىپ كۈرسەك دىگەن گىپىنى رەتقىلمايلا ماقۇل بولۇپتىمەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۈنلۈرۈم شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمەكچى بۇلۇپ سىرىتقا چىقتىم ئۇمۇ مىنى ساقلاۋاتقان بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ تورتخانىغا كىردۇق. تاماق يەپ باراڭلىشىپ ئوتۇرغاچ،پەرھات يانچۇقىدىن بىر سېغىزنى  ئېلىپ بىرۋىدى،ئىككىلەنمەي ئىلىپ چايناپتىمەن،بۇ بالا مېنى بىر نەرسە قىلمايدۇ دەپ ئويلايتتىم،ھەم ئۇ چاغلاردا كىچىكلىكىمدىن بولسام كىرەك،تۈزۈككىنە ئۆزۈمنى قوغداش ئىڭىم يوق ئىدى.كىيىن ئىسىمنى بىلسەم،ئاددىيغىنە بىر ياتاقتا يىتىپتىمەن،ئۇچامدىكى كىيملىرىممۇ كارۋاتنىڭ يىنغا تاشلاقلىق تۇردۇ،قانچلىك ۋاقىت ئۇخلاپ كەتكىنمنى بىلمەيمەن،بىشىم شۇنچلىك ئىغىر،قورسىممۇ ئىچىپ كىتىپتۇ.نىمە بولغىننى ئاڭقىرالماي تۇرسام،ئىشىك ئىچىلىپ پەرھات كىردى،ئۇنىڭ چىرايدىكى بۇرۇنقى مىھرىبانلىق،خۇش-چاقچاقلىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ،ماڭا ئاليىپ بىرنى قارۋەتكەندىن كىيىن بۇنى يە دەپ بىر قاچا لەڭمەننى پاققىدە ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ چىقىپ كەتتى.كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك بولدى ،بىرىپ ئىشكنى ئاچسام،ئىشك ئىچىلمىدى،تىشىدىن قۇلۇپلاپ قويۇپتۇ،ۋارقىردىم،يىغلىدىم،چاچلىرىمنى يۇلدۇم،لىكىن ماڭا بىرەرسىدىن ياردەم كىلدىغاندەك ئەمەس،ئۆلۈۋىلىشنى ئويلىدىم،بىراق بىچارە ئاپام كۆز ئالدىمغا كىلۋالدى،نىملا بولمىسۇن قەيسەرلك بىلەن ياشاپ باقاي،بۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلارمەن دەپ ئويلىدىم،بىراق كىم بىلسۇن،مېنى كۈتىۋاتقىنى بۇنىڭدىنمۇ ئىچىنشلىق تەقدىرنىڭ كۈتۋاتقىنىنى...
ئىشك قوپال ئىچىلىپ،ھىلقى سىرىق چاچ خەنزۇ ئايال كىردى.
-ۋاقىت توشتى ،چىقىپ كەت،ياكى بولمىسا يەنە بەش يۈز تۆلىسەڭمۇ بولىدۇ.
بۇلارنىڭ قانداق سودا قىلدىغانلىقنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدىم.لىكىن ئۆزۈمنى تۇتۋىلىپ سوردۇم.
-سىلەر قانداق ھىساپلايسىلەر؟
-سائىتى بەش يۈز،پۇلۇڭ بولسا ،پۇل بەر ،بولمىسا چىقىپ كەت.
يانچۇقۇمدىن بەش يۈز كوي پۇلنى چىقىرىپ ئۇ خوتۇنغا سۇندۇم،ئۇ خوتۇن ھىجايغىنچە ياخشى ئويناڭلار دەپ چىقىپ كەتتى.
-ھە،قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ،دىدىم مەن دىلراباغا.
-شۇنداق قىلىپ ئۆلۈپ قالماي دىگەنكەنمەن چوقۇم تاماق يىيشىم كىرەككۇ،ھىلقى تاماقنى يەپتىمەن،پەرھاتنىڭ بۇنچلىك رەزىل ،قارا نىيەت ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن...بۇ بىز قاچا لەڭمەن مېنى كەلسە كەلمەس يولغا باشلىغان ئىكەن.شۇ بىر قاچا لەڭمەننى يەپ،پۈتۈن بەدىنم بوشۇشۇپ،پۇت-قولۇمدا ماغدۇر،گەپ قىلغۇدەك ماجالىم قالمدى.پەرھاتنىڭ مېنى يۆلەشتۈرۈپ پويىزغا چىقۋاتقىنىنى،ھەتتا پويىز خادىمغا بۇ مېنىڭ سىڭلىم،داۋالاتقلى ماڭدۇق دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن،يىنمىزدا بىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈپ كىتۋاتقىنىنى بىلمەنۇ ،گەپ قلىشقا ،مېنى قۇتقۇزۋىلىڭلار دىيشكە قۇربىم يوق...شۇنداق قىلىپ ،پويىزدا نەچچە كۈن ئولتۇرغىنمنىمۇ بىلمەيمەن،دورىنىڭ تەسىرى يۈتەي دىگەندە بىر جايغا كىلىپ توختىدۇق .بىرەر ئۇيغۇرنىڭ قارسىنى كۆرمىدىم،ئەتراپىمدا پۈتۈنلەي مۇشۇ خەق...بۇ قىتىم يىنمدا يالغۇز پەرھاتلا ئەمەس،قىرىق ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئەرمۇ تۇراتتى.قانداق قىلمەن؟يا بۇلارنىڭ تىلنى بىلمىسەم...شۇنداق قىلىپ ۋاقتىنچە يۇۋاشلىقچە ئۇلارغا ئەگشىشنى توغرا تاپتىم،كۆڭلۈمدە بولسا،چوقۇم شۇنداق بىر كۈنلەر كىلدۇ،مەن قايتىپ كىتەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم.ئۈچىمىز ئاۋال بىر مىھمانغانىغا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن،بىر خۇيزۇنىڭ ئاشخانىسىغا تاماق يىگىلى كىردۇق،بۇلار مۇشۇنداق پەس ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپمۇ يەنە تاماق يەيدىغان جاينى بۇنداق تاللاپ كىتىشنى كۆڭلۈمدە مەسخىرە قىلاتتىم.تاماق يەپ بولۇپ ،ياتاققا قايتىپ كىردۇق.بىردەمدىن كىيىن،قارا كۆزەينەكلىك بىر خەنزۇ ئەر ياتاققا كىردى،بۇ ئۈچەيلەن مېنى ياتاقتا يالغۇز قالدۇرۇپ،چىقىپ كىتشىتى.ئاردىن خىلى ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇلار كىردى،پەرھات يوق ئىدى.ھىلقى يشى چوڭراق ئۇيغۇر كىشى سەت ئاۋازدا،ساڭا ئەمدى بۇ قارايدۇ،گىپىنى ئاڭلىساڭ،جىق پۇل تاپالايسەن دەپ قۇۋلىق بىلەن ھىجايغىنچە چىقىپ كەتتى.بۇ خەنزۇ مېنى ئۇنىڭ بىلەن مىڭشىمنى ئىشارەت قىلدى،ماڭدىم،چۈنكى بۇرۇن مۇشۇنداق ئىشلار بولغاندا،باشقا يات مىللەتتىن ئەمەس،ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق پەس قېرىنداشلىرىمىزدىن قۇتۇلماقنىڭ ئەڭ تەسلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.نىملا بولسا قۇتۇلدۇم بۇ پەسلەردىن،بۇنىڭ تىلنى بىلمىسەممۇ ،ھامان بۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلارمەن دەپ ئويلايتتىم...شۇنداق قىلىپ مەجبۇرى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلدىم.يىيشىم مۇش-تاياق بىلەن تەييار چۆپ.سىرىتقا چىقىش مەن ئۈچۈن ئاسمانغا چىققاندىنمۇ تەس ئىش...قانچە ئادەمنىڭ قولدىن قولىغا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىممۇ ئۆزۈمگە ئېنىق ئەمەس،مېنىڭ چىرايلىق ياشغۇم بار ئىدى،شۇڭا قانچلىك خورلۇق بولسىمۇ چىداپ كەلدىم،ئىگەمنىڭ بىر كۈنى مېنى قۇتقۇزۇشقا بىر باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بىرسىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم،مانا بۈگۈن ياراتقىچۇمدىن تىلىەەن تىلىكىم ئىجاۋەت بولغانچىغى ئۇلۇش ئاللاھ سىزنى ماڭا ئۇچۇرتۇپتۇ شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سىز كەپسىز،بۇ ئىگەمنىڭ ماڭا قىلغان شەپقىتى.ماڭا قىلغان ياردىمى.ئۈچ يىل قىلغان سەۋىر-تاقىتىمنىڭ نەتىجىسى.
قىزنىڭ بۇ گەپلىرى يالغانمۇ راسمۇ ئىشقىلىپ مىنىڭ كاللاممۇ جايىدا ئەمەس ئىدى.بەلكىم دىگەنلىرى راستۇ،بەلكىم يالغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن،بىراق مەن بۈگۈن ئۇيغۇر بىلەن پاراڭلىشالىدىم ئەمەسمۇ. بۇ مەندەك ئىككى يىل ئۇيغۇر قەدىرىگە زار بولغان يىگىت ئۈچۈن خوشال بولساممۇ بۇلدىغان ئىش ھىساپلىناتتى.بىراق قانداقلا بولمىسۇن،
بۇ قىزنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ ھەم ھەيران بولدۇم ھەم باياتىن دىگەن چىقىپ كىتەي دىگەن سۆزۈمگە خىجىل بولدۇم.ھايات،نەقەدەر ئۇلۇغ ھە! ھايات كىملەرنى نىمە كويلارغا سالمىغان، يەنە كىملەرگە قانداق ئۈمىدلەرنى بىغشلىمغان، لىكىن قانچلىك كىشلەر ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يەتكەن، مەيلى تەقىدىر ئۇنى ئۆزىنىڭ چاقپىلكىدە قانداق چۆرگىلەتسۇن،ھاياتقا چەكىسز ئۈمىد ،ئىشەنچ بىلەن قارىغان؟بۇ قىز ھاياتنى بۇنچلىك سۆيگەنكەن،بۇنچلىك ئىشەنگەنكەن،بۈگۈن مەن بۇ يەردە ياردەم قىلمىساممۇ ،ھامان چىقىپ كىتىدۇ،مەن بىر ئەركەك ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىلھام مەدەت بەرمەكتە يوق تېخى كەينىمگە داجىيۋاتىمەن......... قىزنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىم خېرەلىشىپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ۋىژىدە ئچىشىپ،ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى. كاللامدا ھەر تۈرلۈك خىيال. قىزنى ساختا ياخشى كۆرگەن پەرھات ،ئىشنىڭ تېگى-تەگتىنى بىلەمدۇ يوق ئىشقىلىپ ھىلقى ئادىلە، بۇ قىزنى سېتىۋەتكەن يەنە بىر ئۇيغۇر كىشىگە ئاچىقىم ھەسسىلەپ كىلىۋاتاتتى. مۇنبەردە ئوقىغان ھەر خىل بۇ توغۇرلۇق يېزىلغان ھىكايىلەر بىر-بىرلەپ كىنو لىنتىسدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتەتتى. بۇ يولدا بىلىپ بىلمەي مېڭىۋاتقان ئازغۇن قىزلار... بۇلارنى ئويلىغانسىرى كاللام ئېلىشىپ كىتىۋاتاتتى.قىزلارنى ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي تىللايدىكەنمىزيۇ، قىزلار ئۈستىدە مىللي قىزلىرىمىز ئۈستىدە ئويلاپ كۆرمەپتىمىز. ئۇلانىڭ مانا ماۋۇ قىزدەك  بۇلۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالغان ،يەنە كىلىپ ئىچكىردە،بۇنداق ھىكايىنى مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇلارنى ئويلىغانسىرى مىللىتىمىزنىڭ ئاتالمىش ئەخلەت يىگىتلىرى نەزىرىمدىن چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى،ئۇلارغا نەپرەتلىنۋاتاتتىم. مىللىتىمىزنىڭ ھۆسنى گۈلخانى بولغان قىزلىرىمىزنى ئالداپ ئۆزىنىڭ پۇل تېپىش دەسمايىسى قىلۋاتقان، ۋىجدانىنى ئىت تالىۋەتكەن ئەرلەرگە لەنەت. ئاچىقىمدا ھەر نىمىلەرنى جۆيلۈپ سالمەنغۇ زادى، ئۆزۈمنىمۇ تۇيمىغان ھالدا كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كتىپتۇ. يۈركۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ھە دىسىلا ئېچىشىپ بىئارام قىلۋاتاتتى. قىز مەندىن سوراپ قالدى. سىز بۇيەردە نىمىش قىلىسىز؟
مەن  بۇ يەردە كاۋاپ ساتىدىغانلىقىمنى، مەندىن باشقا ئاكام بىلەن يەڭگەممۇ بارلىقنى، ئەتە يۇرتقا باردىغانلىقىمنى تەپسىلى ئىيىتىپ بەردىم ھەم
قىزنى بۇ يەردىن ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم،لىكىن قانداق ئىلىپ چىقىپ كىتىمەن؟بۇ بۇنداق ئاسان ئىش بولغان بولسا ،بۇ قىزنىڭ مۇشۇ ئىرادسى بىلەن ئاللىقاچان قىچىپ بولالغان بولاتتى.تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى.
-سىز تۇرۇپ تۇرۇڭ،سىڭلىم،مەن بىردەمدىن كىيىن كىرىمەن.
چوڭ زالغا چىقىپ ھىلقى سىرىق چاچنى تاپتىم.ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ شەھەردە كاۋاپچلىق قىلدىغانلىقىمنى،باشقا نىيتىمنىڭ يوقلىقىنى،بۇ قىزنى سىرتقا ئىچقىپ تاماق يىگۈزۈپ ئەكرىپ قويغۇم بارلىقنى ئىيتتىم.ئادەتتە بۇنداق ئىشلارنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقنى بىلدىغان بولساممۇ،پەقەت بىر سىناپ بىقىش،بۇلارنى تىڭ-تىڭلاپ بىقىش مەقسىدىم ئىدى.
-ئون مىڭ يۈئەن ياجىڭ قويۇپ ئىككى سائەت چىقىپ كىرسەڭ بولدۇ.
بۇ گەپكە بىر ئشنىپ بىر ئىشەنمەي،پۇلنىڭ ئىشنى ئويلىدىم. يېنىمدا ئۇنچىۋالا جىق پۇل نىمىش قىلسۇن. ئاكامنىڭ كارتىسى مەندە بولغاچقا 10000 يۈئەننى ئېلپلا ئۇ ئايالغا بەردىم. كىرىپ قىزنى چاقىرىپ سىرىتقا چىقتۇق. ئۇ مەن كىرگىچە ئۆزىنى خېلى تۈزەشتۈرۋالغان بولۇپ،قىز كۆزۈمگە  تولمۇ  چىرايلىق كۆرۈندى. ئۇنىڭغا بۇيەردە ئۇيغۇر ئاشخانىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ماقۇل كۆرسە يېقىن بىر تۇڭگان تۇنۇشۇمنىڭ بارلىقىنى، تامىقى خېلى يىيىشلىك ئىكەنلىكىنى دەپ ئۇنى شۇ ئاشخانىغا باشلاپ ئەكىردىم.ئۇ بەكلا خۇش بولدى. ئۇنى خوشال قىلالىغىنىم ئۈچۈن شۇنداقلا بۇ تەلەيسىز قىزنى خۇشال قىلالىغىنىمدىن مەنمۇ راستلا خۇش بولدۇم. قىز دەرۋەقە چىرايلىق ئىدى. ئۇ كۈلسە بەكلا چىرايلىق بۇلۇپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ، كىچىك بالىدەك زىناق پەيدا بۇلۇپ قالدىكەن تېخى... مەن يا ئۇيغۇر قىزى كۆرمەي بۇ قىز ماڭا چىرايلىق بىلىنەمدۇ، ياكى بۇ قىز راسلا چىرايلىقمۇ ئىشقىلىپ ئۇنى بەك چىرايلىق دەپ تەرىپلەپ قالغانلىقىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ ئانچە قىممەت بولمىسىمۇ بىر قۇر كىيىم ئىلىپ بىرىپ ئۇنى ئاپىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭ قەتتئىي ئۇيەرگە بارغۇسى يوق. بىراق ئۇ ھەممىنى بىلەتتى. شۇڭا كۆڭلى يېرىم بولدى بولغاي ماڭا شۇنچە گەپ قىلغۇسى بار بىراق تىلى گەپكە كەلمەي قالدى. مەنمۇ ئۇنى سىزىپ قالدىم. مەن سىزنى چۇقۇم بۇيەردىن ئەپ چىقىپ كىتىمەن.كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مەن يەنە كىلىمەن دەپ ئۇنى بەزلىدىم. بىراق ئۇمۇ سىز ئەتە يۇرتىڭىزغا كىتىدىغان تۇرسىڭىز؟ بىلىمەن سىز مېنى ئالداۋاتىسىز،بىراق سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ سىزگە كۆپ رەھمەت. ئىككىمىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇچراتقا ئوخشايدۇ سىزدەك بىر مىللەتدىشىمنى كۆرەلىگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.ھەم سىز مەن ئۇچراتقان ئۇيغۇر يىگىتلەر ئارىسىدا ئەڭ ياخشىسى، مىللىتىمىزنىڭ ئۇغۇللىرىنىڭ بەزى پەشكەشلىرى بىزدەك ئاجىز قىزلارنى بوزەك ئەتمىگەن بولسا بەلكىم مەنمۇ بۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدىم دەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ يۈرەككە تەگكۈدەك گىپىدىن يۈركۈمگە پىچاق تىققاندەك ئازاپلىنىپ كەتتىم.بىراق ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنى ئېلىپ كىتەلمەيمەن،بۇنداق قاراملىق قىلالمايمەن...شۇنداقتىمۇ  ئۇنىڭغا چۇقۇم ئامال قىلىدىغانلىقىمنى دەپ ئۇنى تۇرغان يېرىگە ئاپىرىپ قويدۇم ھېلىقى ئايالمۇ ئىككىلەنمەيلا پۇلنى قۇلۇمغا بەردى.ئۇ قىزغا قىيالمىساممۇ ئامالسىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم.بانكىغا بېرىپلا 10000 كوينى جايىغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاكام مەندىن ئەنسىرەپ تۇرغان ئىكەن كىرشىمگىلا كايىشقا باشلىدى.
- نەلەدە يۈردۈڭ ،سەن ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن ئىدىڭغۇ؟!قاراپ باقە، سائەت نەچچە بولدى ئەمدى كەلگىنىڭ نىمىسى ...ئادەمنى شۇنچىۋالامۇ ئەنسىرەتكەن بارمۇ ؟
ئاكامغا بولغان ئىشنى دىۋىتەيمىكىن دەپ ئاغزىمغا ئۈسۈپ توختاپ قالدىم .چۈنكى مەن بارغان يەر قانداق يەر... ئۇ دىگەن پاھىشخانا. ئاكامغا شۇ يەرگە كىرىپ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۇچىرشپ قالدىم دىسەم. ھەي بۇ گەپنى قانداقمۇ ئىغىزىمدىن چىقىرالايمەن.ئىغىزىمنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان گەپنى يۈتىۋەتتىم. ئاكامغا يالغان ئيتتىم.
-بېلەتتىن پەقەت ئىككىسى قاپتۇ،شۇڭا بېلەت  ھايانكەشلىردە بارمىكىن دەپ ئىزدەپ سەل ھايال بوپ قالدىم.
ئاكامنىڭ ئاچچىققى قايتىدىن كەلدى .-نىمە دىدىڭ؟ ئەمسە ئالمىساڭ بولمامدۇ قاچاننىڭ بولسا ئۈچنى بىراق ئېلىپ كەلسەڭ بولمامدۇ !؟ماڭ ،بىرىپ بېلەتنى قايتۇرۋەت.
ئاكامغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مەن ئىككى كۈندىن كىيىن ماڭىدىغان بولدۇم .ئاكام بىلەن يەڭگەم ئەتە ماڭىدىغان بولدى. بۇنىڭغا ئاكام قەتتئيلا قۇشۇلمىغان، بىراق يەڭگەمنىڭ ئاكامغا قايتا-قايتا دىيىشى بىلەن ئاران تەسلىكتە گەپكە كىردى.كەچ كىرىپ مەن بالدۇرلا ياتتىم. بىراق ھىچ بىر ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس. مەن زادى قانداق قىلسام ئۇ قىزغا ياردەم قىلالايمەن؟ ئۆزۈمنى ھەقىقى ئۇيغۇر يىگىتى دەپ ياشاپ كەپتىمەن.مانا ئەمدىلىكتە ئۇلۇغ ئاللاھ  مېنى سىناۋاتقان بولسا كېرەك. مەن زادى قانداق قىلسام بۇ سىناقتىن ئۆتەلەيمەن،مەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاشۇنداق تاشلاپ قويسام قانداق بولار،كۈنلەرنىڭ بىردە بۇ ئىشنى قايتا ئويلاپ قالسام ،ئۆز-ئۆزۈمگە يۈز كىلەلەرمەنمۇ ؟
بەلكىم مۇشۇنداق بىر ئىش سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ سىز ئۇ قىزنى ئۇنتۇپ يۇرتىڭىزغا كىتىۋىرەمسىز ياكى ئۇقىزنى بۇ مەينەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۋېلىشنى ئويلامسىز؟ شۇنداق، ئەگەر  بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىز بولغان بولسا ئۇ قىزغا ئىچ ئاغرىتىشىم قەتتئي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى مەنمۇ جېنىمنى ئاران قامداۋاتقان بىر بەندە تۇرسام. ئۇيغۇر دىيارىمىزدا قولىدىن ئىش كىلىدىغان ئىختىساتلىق نۇرغۇن مۆتىۋەر كىشىلىرىمىز تۇرغان يەردە مەن نىمە قىلاتتىم بېشىمنى ئاغىرتىپ...  بىراق بۇ جاي ئۇيغۇر دىيارىمىز، ئانا تۇپىرىقىمىز ئەمەس.ئۇ قىزغا مەن ياردەم قىلمىسام باشقا بىرى چىقىپ ياردەم قىلىشى ناتايىن. تولا ئويلاپ خىياللىرىم گادىرماچ، كاللامغا ھىچنىمە چۈشمەي قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ خېلىلا يورۇپ كىتىپتۇ. يەڭگەم تاماق يەڭ دىمىگەن بولسا قاچانغىچە ئۇخلايتىمكىنتاڭ.ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈزۈمنى يۇيۇپ تاماقنى ئاكاملاربىلەن بىللە يەپ ۋوگىزالغا ماڭدۇق.ئۇزۇن ساقلىمايلا پويېزغا چىقىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئاكامنىڭ ئاچچىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئاكامنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن،ئاكا ،خاتىرجەم مېڭىۋىرىڭلار، مەن سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىنلا بارمەن ئەنسىرمەڭلار دەپ ئۇلانى ئالداپ قويدۇم. ئاكاملارنى مىڭ بىر تەستلىكتە يولغا سېلىۋىتىپ ،ئۆزۈمنىڭ بېلىتىنى ياندۇرۋەتتىم 30 كوي تۇتۇپ قېلىپ ئاشقان پۇلۇمنى تۇلۇق قايتۇرۇپ بەردى. بېلەتنى ياندۇرۋېتىپ كۆزلىرىمگە ياش كەپ كەتتى. مەن بۇ نەس باشقان شەھەردە ئىككى يىل تۇردۇم، ئەمدى ئاران يۇرتۇمنى كۆرەرمەن دىسەم ماۋۇ ئىشنىڭ بېشىىمغا كەلگىنىنى. نىمانداق تەلەيسىز ئادەم مەن ؟بۇلتۇرمۇ بارالمىغان ئىدىم ،بۇ يىلمۇ بارالماي قالغانلىقىمدىن تولىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئىشقىلىپ ئاكامغا يالغان گەپ قىلغىنىم بىلەن، پۈتكۈل ئەسلى ھوشۇم يەنىلا ئانا يۇرتۇمدا ئىدى.
بىچارە ئاپام مىنىڭ بارمىغىنىمدىن چۇقۇم كۆڭلى يېرىم بۇلىدىغان بولدى.
بۇلانى تولا ئويلاپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماي بولدى. ياشلىرىمنى سۈتىۋېتىپ ئۇدۇللا تاكسىغا چىقىم ھېلىقى جايغا باردىم. ھېلىقى سېرىق چاچ ئايال مىنى كۆرۈپلا ھىجىيىپ نەچە سائەت دەپ سورىدى. مەندە ئۇ قىز بىلەن سائىتىگە 500 يۈئەندىن پاراڭلىشىپ چىقىدىغانغا نەدىمۇ ئۇنچىك كۆپ پۇل بولسۇن. سەل تۆۋەنرەك قىلىپ بىرىشىنى ئېيتتىم. بۇمۇ ۋاقىتلىق ئىدى پۇرسەت بولسا، بىرەر ئامال چارە تېپىپ ئۇنى ئېلپ چىقىپ كىتىشنى ئويلايتىتم. ئۇمۇ خېلى ئىنساپ قىلىپ قالدىمۇ بىلمەيمەن. دائىم كىلىپ تۇراسەن دەپ 400 يۈئەن بەر دىدى. مەنمۇ ئىككىلەنمەيلا پۇلنى بىرىپ ئۇنىڭ تۇردىغان ياتىقىغا ماڭدىم. ئىشىكنى چىكىپ تۇرشۇمغا خەنزۇچە  كىمۇ دىگەن ئاۋاز چىقتى .مەن ئۇيغۇرچە ، بۇ مەن ئىبرايىم دەپ جاۋاپ بىرىشىمگىلا ئىشىك ئېچىلىپ قۇلۇمدىن تارتقىنىچە ياتاققا ئەكىردى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل خوشاللىق جېلۋىنىپ تۇراتتى. سىز كەتمىدىڭىزما ؟ دەپ سورىدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن.
-ياق ئاكام بىلەن يەڭگەم كەتتى. بېلەتتىن پەقەت ئىككىسىلا قاپتۇ، مەن كەينىڭلاردىن باراي دەپ قېپقالدىم.ئۇ راسلا ھەيران قالغان ئىدى. ھەي دىدى ئۇ،؟
-ھە ؟!
-يۈزۈمنى چىمداپ بېقىڭە بۇ چۈشۈممۇ ئۇڭۇممۇ ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئوماقلىقىدىن كۈلگۈم كەپ كەتتى. بۇ راسلا چۈشىڭىز ئەمەس، مەن سىزنى چۇقۇم بۇ يەردىن ئىلىپ چىقىپ كىتىمەن ماڭا ئىشىنىڭ دىدىم قەتئيلىك بىلەن. ئۇ بۇ گىپىمدىن مەمنۇن بولدى بولغاي مىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى،
ئۇنى مەنمۇ شۇنچە قۇچاقلىغۇم كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلۈم كۆتۈرمىگەندەك تۇيغىغا كىلىپ ئۇنداق قىلالمىدىم، بىراق ئۇنى رەت قىلالمىدىم.بەلكىم ئۇنىڭغىمۇ مىللىتىنىڭ قەدىرى ئۈتۈلگەن بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ  ئۇنىڭ قۇچاقلىۋېلىشىنى بەك ئارتۇقمۇ ئويلاپ كەتمىدىم. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن قانداق قىلغاندا ئۇنى بۇيەردىن ئىلىپ چىقىپ كىتەلەيدىغىنىم توغرىسىدا پاراڭلاشتىم. بولمىسا بىر سائىتى 400 يۈئەن تۇرسا، مېنىڭ قانداقمۇ بىرنەچچە سائەتتەكە قۇربىم يەتسۇن؟ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن قېچىپ كىتىش قارارىغا كەلدۇق. بىراق ئۇنى قانداق سىرىتقا ئىلىپ چىقىشىم كېرەك؟ تۈنۈگۈنغۇ ئاكامنىڭ پۇلى بىلەن سىرىتقا ئەپ چىقالىغان ئىدىم. بىراق بۈگۈن مەندە ئۇنچىلىك پۇل يوق تۇرسا كاللام قېتىپ كىتىپ باراتتى.ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ھېلىقى ئايالدىن گەپ ئېلپ باقماقچى بولدۇم.زالغا چىقىپ ئۇنىغا گىپىم بارلىقىنى ئېتتىم. ئۇمۇ ماقۇل بۇلۇپ ماڭا بۇرۇلدى. مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئۇ قىزنى قانداق قىلسام ئىلىپ چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقمنى سورىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ يوغىناپ كەتتى. مەن يەنە سالماقلىق بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بەك كۆرگىسى كەپتۇ، شۇڭا ئۇنى قانداق قىلسام ئاتا ئانىسىغا كۆرسىتەلەيمەن دەپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. خەنزۇ ئايال ماڭا ئالايغىنىچە، ئۇنى ئەپ كىتىمەن دەپ ئاۋار بولما، بىز ئۇنىڭ دادىسىدىن ئون يىللىق سېتىۋالغان، قايسى كۈنى سەن سىرىتقا ئەپ چىقاي دىدىڭ، مەن سىنىڭ دۇكىنىڭغا بېرىپ كاۋىپىڭنى يەپ باققان،سىنى تۇنىغاچقا ياجىڭ ئېلىپ سىرىتقا چىقىلى قويدۇم. ئەمدىلىكتە بۇنى ئىلىپ كىتىمەن دەپ كەلگەن بولساڭ، بۇ يەرگە ئەمدى ئاياق باسما دەپ گەپنى ئۈزدى.
قارغاندا باشقىچە ئامال قىلمىسام بولمايدىغاندەك تۇراتتى. قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ بولغان ئەھۋالنى دىدىم. قىزنىڭ كۆڭلى يەنە بىر قىتىم ئېغىر ئازار يىدى بولغاي، دىمىسىمۇ ھىچىنمدىن ھىچنىمە يوق ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرسى  بۇ قىزنى ئۆزۈمنىڭ قىزى دەپ سېتىۋەتكىنىنى ئويلىسام مېنىڭمۇ ئاچچىقىمدا يۈركۈم يېرىلاي دەپ قالغان ئىدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى مۇشۇ خەقنىڭ ئالدىدا نىمانداق يەرگە ئۇرىدىغاندۇ؟ ھەي ...مۇشۇ خەقلەرمۇ بەلكىم ئۇيغۇر دىگەن قانداق خەق دىسە، ئۆز قىزىنى پاھىشخانىلارغا سېتىپ خەجلەيدىغان خەق دەپ قالماسمۇ؟! مۇشۇنداق ئىشقا كەلگەندە يۈركۈم تىنىمغا پاتماي ھازىرلا تىشىپ چىقىدىغاندەك قاتتىق سوقۇپ كىتەتتى. بولدىلا!!!  ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنى باردۇ دەپ شۇنداقلارنىڭ قىلمىشىغا كۆڭلۈمدە لەنەت ئوقۇدۇم. ۋاقتىممۇ جىق قالمىغان ئىدى يەنە ئازراقلا تۇرسام يەنە 400 يۈئەن سېلىپ بىرىشىم كېرەك ئىدى. مەن بىرەر ئامال تېپىپ قايتا كىلدىغانلىقمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشماقچى بولدۇم. ئۇنىڭغا مەن ئەمسە قايتاي ،ئەتە يەنە كىلىمەن دەپ مېڭىشقا تەمشلۋىدىم، قىز يۈگۈرەپ كىلىپ قۇلۇمنى چىڭڭىدە تۇتۇپ، تېزلانغىنچە مېنى بۇيەردىن ئىلپ چىقىپ كىتىڭ دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. قىزنىڭ بۇ گىپىدىن شۇنداق ئازاپلىنىپ كەتتىم ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەك،يۈركۈمگە پىچاق تىقىپ سۇغۇرۋالغاندەك ئاغىرىپ كىتۋاتاتتى ،سەللا ئۆزۈمنى قويۋەتسەم،كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كىتەتتى. قىزنىڭ بۇ ھالىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىدى.ئاھ،خۇدا،بۇ ئاجىز بەندەڭگە نىمە كۈن بۇ ئەمدى؟بىز ئۇيغۇرلاردا توي قىلسمۇ تېزلانمايدىغۇ؟ بۇ قىزىڭمۇ باشقا نۇرغۇن بەختلىك قىزلاردەك ياشاشقا ھوقۇقى بارئىدىغۇ؟بۇ قىزمۇ شۇلاردەك پاك ياشاپ،ھاياتتىن بەھىرلىنشكە ھوقۇقلۇق ئىدىغۇ؟ ئادەملەر نىمدىگەن رەزىل! ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن،ئاجىز بىر قىزنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلشقا قانداقمۇ ۋىجدانى يول قويغاندۇ؟ ئۇلار ۋىجدان سورىقى ئالدىدا قانداق جاۋاپ بىردىغاندۇ؟
قىزغا قاراپ چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن.ماڭا ئىشىنىڭ دەپ ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقتىم.ئىشىكتىن چىقتىميۇ ،كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش چىقىپ كەتتى،بىلمەن، گىپىم يالغان. مەن قانداقمۇ ئۇنى ئىلىپ كىتەلەيمەن؟مەنمۇ بۇ شەھەردە بىر مۇساپىر،ھازىر بىر ئۆزۈمدىن باشقا ھىچقانداق بىر يۆلەنچۈگۈم يوق،بۇنداق بىر قارا گورۇھنىڭ ئالدىدا مېنىڭ بىر تال چىۋىنچىلكمۇ ھەيۋەم يوق تۇرسا،مۇشۇ ھالىمغا بۇ قىزنى بۆرە ئىغىزدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ كىتەلەمدىم؟بۇ مۇمكنمۇ؟ بۇلانى ئويلىساملا كاللامغا ھىچنىمە كىرمەيتتى.
ئويلا ،ئويلا بىرسى يادىمغا يىتىپ قالدى.بىزنىڭ دۇكانغا داۋاملىق كاۋاپ يەيدىغان بىر قارا گوروھنىڭ باشلىقى بولىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا يېقىن ئىدىم .ئۇ مېنى داۋاملىق سەن ھندىستانلىققا ئوخشايسەن،سىنىڭ كۆزۈڭ بەك چىرايلىق، سىنى ئىنىم دەپ چاقىراي، قانداق ئىشىڭ بولسا مىنى ئىزدە دەپ، بىر ۋاقىتلادا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىم كارتۇچكىسىنى كارۋىتىمنىڭ ئاستىدىن تېپىۋالدىم.بىر چاغدا كاۋاپنىڭ بازىرى شۇنداق ياخشى بۇلۋاتقان بىر كۈنى  شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى كەپ قالدى. كاۋاپتىنىمنىمۇ تىپ ئۆرۈپ ماشىنىسىغا بېسىپ بولغاندا ھېلىقى قارا گوروھنىڭ باشلىقى دۇكاندا بار ئىدى ئۇ جوزىدا كاۋاپ يەپ ئولتۇرغان بولۇپ، مىنىڭ كاۋاپدىنمنى ئىلىپ ماڭغاننى كۆرۈپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ  بۇ مىنىڭ ئېنىم كاۋاپداننى قايتۇرۇپ بىرىڭلار دەپ ماشىنىسىغا بېسىپ بولغان كاۋاپداننى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىدارىسىغا ئاپىرۋالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا قانداق ھاجىتى چۈشسە ئىزدىشىمنى ئيتقان ئىدى. ئەمدىلىككە كەلگەندە  بۇ كاتىباشتىن بۇ توغۇرلۇق مەسلھەت ئېلپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. ئۇنىغا تېلفۇن قىلدىم، ئۇنىغا مەن شىنجاڭلىق كاۋاپچى ئىكەنلىكىنمى ئىيتتم، ئۇ بەكلا خوش بولۇپ ئالدىمغا كىلىدىغان بولدى.ئۇزۇن ئۆتمەن قارا رەڭلىك تويوتا ماركىلىق ماشىنا يېنىمغا كىلپ توختىدى.ئۇنىڭ بىلەن خېلى قىزغىن كۆرۈشكەندىن كىيىن مېنى ماشىنغا چىقىشىمنى ئيتتى. بۈگۈن مەن سېنى مېھمان قىلىمەن دەپ چىڭلا تۇرۋالدى. ئۇنىڭدىن بىر تۇرۇپ قورقۇپمۇ قالدىم.
چۈنكى ئۇنىڭ بەستلىك يوغان گەۋدىسى، ئادەملىرىنىڭ كۆپلىكىچۇ تېخى، كىشنى ئەندىشىگە سالاتتى. ئۇنى مۇھىم ئىش توغۇرلۇق ئىزدەپ كەلگىنىمنى ئېتتىم. ئۇ نىمە ئىش بولسا دەۋەرگىن مەن ساڭا قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلمەن دەپ مەيدىسگە ھە دەپ ئۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا بولغان ھەممە ئىشلارنى دىدىم. بىر ئۇيغۇر قىزنى مەلۇم بىر پاھىشەخانىغا باشقىلا سېتىۋەتكەنلىكىنى، بىر ئامال قىلىپ مۇشۇ قىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ چقىش ئىشىدا ياردەم سورايدىغانلىقىمنى دىدىم.قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم بەلكىم سىز كۆڭلىڭىزدە مىنى خەنزۇلاغا قىزنىڭ چاۋىسنى چىتقا يايدى دەپ ئويلىغانسىز.بىراق مەن ئامالسىز. مىنىڭ بۇيەردە ماڭا ياردەم قولنى سۇنالايدىغان ئۇيغۇر تۇنۇشۇم يوق. ئاشۇ قىزنى قانداقلا بولمىسۇن ئىلىپ چىقىپلا كىتەلىسەم بۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ غەلبە ،باشقا ھىچقانداق ئىشنى ئويلىغۇم يوق.  ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھاللا  قۇشۇلدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇنى باشلاپ ئاپاردىم. ئۇ كاتتىۋاش بۇيەرگە كىلىپلا، ئاپلا، بۇ يەرنىڭ بەك ئارقا تىرىكى بەك كۈچلۈك خەق ئىدى. ئەگەر مەن بۇ ئىشقا قول تىقىپلا قالسام بەلكىم ئۇ قىز قېتىلىپ مېنىڭمۇ ھاياتىڭمغا خەۋىپ يىتىدىغانلىقىنى. بۇيەرنى ئاچقان كىشى بۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭ قارا گوروھنىڭ باشلىقىنىڭ ئىنىسى بۇلۇپ، تەسىر دائىرسى كەڭ ،ئەگەر ئىش چىقىپ قالسا ھەتتا ئۇ ئەمەس ھەتتا ساقچىلارمۇ ئارا تۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. توۋا بۇيەردە ئىككى يىل تۇرۇپتىمەن،بىراق بۇنداق گەپنى تۇنجى قىتىم ئاڭلاۋاتقان ئىدىم. بۇ شياڭگاڭ فىلىملىرىدىكى قورقۇنۇشلۇق چانىشىش كۆز ئالدىمغا نامايەن بولۇپ، تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. خۇدايىم ساقلىسۇن ئۇ كۈنلەردىن! ئەگەر راستلا شۇنداق ئىش چىقىپ قالسا بىزنىڭ تىرىك قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس بەلكىم.كاتتىباش مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلايلى، بۈگۈن قايتىپ كىتەيلى دىدى. مەنمۇ قۇشۇلدۇم. ئۇنىڭ مېھمان قىلمەن دەپ تۇرۋالغىنغا كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولغانلىقىدىنمىكىن ئىشقىلىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەدەپ بارماسلىققا سەۋەپ ئىزدىدىم. ئۇمۇ كۆڭلۈمنى چۈشەندى بولغاي ئۆيگە ئەكلىپ قۇيۇپ ئەتە كۆرشەيلى دەپ  قايتىپ كەتتى.  ئۆيۈمگە كىرىپ كارۋاتقا تاشلانغىنىمچە ئۇيقىغا كىتىپتىمەن. ئەتىسى سەھەردىلا قىزنى يوقلاش ئۈچۈن يەنە شۇ نەس باسقان يەرگە باردىم.مەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل بولمىسا بولمايتتى.بىراق مەندە ئۇنچىۋالا جىق پۇل نىمىش قىلسۇن... كاللامنى ئىشلىتىپ خۇيزۇنىڭ تاماقخانىسىدىن قىزغا ئاتاپ تاماق ئالدىم. ئۇ يەرگە كىرشىمگىلا پۇل تۆلىشىمنى ئيتتى. بۈگۈن ۋاقتىم يوقلىقىنى ،ئۇنىڭغا بەرگەن  ۋەدەم بويىنچە تاماق ئەكەلگىنىمنى ئيتتىم. ئۇ بىر تۇرۇپ قۇشۇلغۇسى كەلمەي،يا قىزغا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ماقۇل بولدى. دىمىسىمۇ بىچارە قىز كۈندە قاچىلىق تاييار چۆپتىن باشقا بىر نەرسە يىيەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ.قىزغا تاماق ئەكلپ بەرگەننى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىردىم. ئۇ مىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدا يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇنىڭغا تاماقنى بىرىپ ئىسسىقىدا يېۋىلىشىنى ئىيتىىم ئۇ كىچىك بالىدەك خوش بۇلۇپ بەك ئوخشاپتۇ دەپ ئىشتھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى.كۆزۈرۈم قىزنىڭ خۇشالىقىدىن مەمنۇن بولسا، قەلبىم قىزنى بۇ يەردىن قانداق ئەپ چىقىپ كىتىش ئۈستىدە قايمىقۇپ قېلىۋاتاتتى. مەنمۇ بەك ئۇزۇن تۇرالمايتىم ئەلۋەتتە،ئەمسە مەنمۇ چىقاي خاتىرجەم بولۇڭ مەن سىزنى چوقۇم ئىلىپ كىتىمەن دەپ قويۇپ كەتمەكچى بولدۇم.قىزبىلەن شۇنداق ھالمۇڭ بولغۇم بولسىمۇ بىراق ئۇنداق كىتىۋىرىشكە قۇربىم يەتمەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ سىرىتقا چىقتىم. كاللام بىر قۇرۇق قاپاقنىڭ ئۆزىلا ئىدى. شۇ تاپتا بۇ شەھەردە بىر مېنۇتمۇ تۇرغۇم يوق. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر كۈن ئۈتۈپ كەتتى. تېلفۇنۇمنىڭ قاتتىق سايرىشىدىن چۈچۈپ ئۇيغاندىم. تېلفۇن ئاكامدىن كەلگەن ئىدى. تېلفۇننى تېزلا ئالدىم .ئاكام ۋاقىرغىنىچە،
-ماڭدىڭمۇ بىلەت بارمىكەن؟ ئاپامنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپ قالدى، چاپسان يېنىپ كەل دەپ ۋارقىراپلا كەتتى. ئاكامغا نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي. بولىدۇ بۈگۈن بېرىپ باقاي دەپ ئاپام بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تېلفۇننى قويدۇم.سىرىتقا چىقىپ خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرىپ ناشتا قىلۋېتىپ كاللامغا ئۇشتۇمتۇت بىر ئەقىل كىچىپ قالدى. بىراق بۇ ئەقىل بەك قورقۇنچلىق ئىدى ئەگەر تۇتىلىپلا قالساق بولدى، مېنىڭمۇ يۇرتۇمغا قايتىشىمدىن سۆز ئېچىشمۇ قۇرۇق خىيال ئىدى.
ئۇ قىزنى ھېلىقى ئايال 10000 سوم ياجىڭ قويسام سىرىتقا چىققىلى ئۇنغان ئەمەسمىدى. ئازراق پۇلنىڭ ئامالىنى قىلسام شۇ پۇلنى ياجىڭ قۇيۇپ ئۇ قىزنى تاكسى توسۇپ باشقا بىر شەھەرگە ئەكىتىۋالسام قانداق بولار؟ ئاندىن كىيىن قالغىنىنى خۇدايىم بىر يولغا باشلاپمۇ قالار دىگەنلەرنى ئويلاپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشقا ئاتلاندىم. بۇيەردە ئۇنچىۋالا جىق بۇلنى قانداق ھەل قىلسام بۇلا يەنىلا كاۋاپ سېتىشىم كېرەك. ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا قاسساپنىڭ يېنىغا بېرىپ گۆشنى نىسى ئەكەلدىم. توغراپ ئۆتكۈزۈپ بازارغا چىقىشىمغا كاۋاپ يىمىگىلى خېلى بولغان خېرىدرلىرىم بەس-بەستە كىلىپ كاۋاپ بىر دەمدىلا تۈگەپ كەتتى. ئەتىسى يەنە قاساپقا يەڭگەم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، پۇلۇڭنى بىرىۋىتىمەن دەپ قويۇپ يەنە نىسىگە گۆش ئالدىم.  بىز داۋاملىق مۇشۇ قاسساپتىن گۆش ئالغاچقا ئۇمۇ بىزگە بەكلا ئىشنەتتى.ئاكامدىن تېلفۇن كەلسە كاۋاپ سېتىۋاتقىنىمنى دىسەم ئاكامنىڭ ئاچىقى بەك كەلدى بولغاي چالۋاقاپلا كەتتى. بازار بەك ،ياخشى بىر مەزگىل بازار قىلىپ باردىغىنىمنى دەپلا تېلفۇننى قويدۇم. ئاكامغا مۇشۇ كەمگۈچە يالغان ئېيتىپ باقمىغان ئىدىم. بىراق يالغان ئيتماي ئامال بولمىدى. شۇنداق قىلىپ كاۋاپچىلقنى يەنە باشتىن باشلاپ كەتتىم. بۇرۇن 10 كويلۇقتىن ئاز كاۋاپ ساتمايتىم. ئەمدى بولسا قانچە جىق ساتسام شۇنچە تېز پۇل تېپىشنى ئويلاپ بىرنەچچە يۈئەنلىك دىسىمۇ سېتىۋىرىدىغان بولدۇم . قىزنى يوقلاپ تۇرۇپ مەقسىتىمنى ئېتتىم. ئۇمۇ  جاننى ئالقانغا ئىلپ قويغان بۇلۇپ. قىلغان ياخشىلىقىمغا ھەسسىلەپ جاۋاپ  قايتۇردىغانلىقىنى ئيتتى. كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە كاۋاپ سېتىپ قىزنى يوقلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. بىراق پۇل ھىچ بىر كۆپەيگەندەك ئەمەس .. ئەمدى ئۆيدىكى نەرسە كېرەكلەرنى سېتىۋىتىشنى قارار قىلدىم. ئاۋال ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغانلا نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ساتتىم. كاۋاپدان،بىڭگۇي ئۆينىمۇ قايتۇرۋەتتىم. بۇلارنى ئاكام بىلىپ قالىدىغان بولسا قانچە ئاچچىقى كىلىپ كىتەر ھە؟ بولدى، ئۇلارنى ئويلىمايمەن، ئەگەر بۇيەردىن ئۇ قىزنى ئېلپ كەتسەم، بۇ يەرگە قايتا كىلىپ كاۋاپ سېتىشدىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس . ۋاي-ۋۇي كاللامنى ئاغرىتمايچۇ، بولدى ۋاقتى كەلگەندە ھەممىنى ئاكامغا دەيمەن. شۇنداق قىلىپ ئۆينىمۇ، ئۆي سايمانلىرى كاۋاپ سايمانلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى سېتىپ تۈگەتىتىم. پۇلنىڭ ھەممىسىنى سانىدىم 9200 يۈئەن بوپتۇ. قالغىنىنى قەرىز ئېلىشقا نىيەت قىلدىمدە كۆڭلۈم يېقىن كىشلەرنىڭ ھەممسىدىن قەرىز ئالدىم. مۇشۇ خەقنىڭ بەزى يەرلىرى ئادەمنى راسلا تەسىرلەندۈرۈپ قويىدۇ جۇمۇ...  مىنى شىنجاڭلىق كىلپ كىتەر دىمەستىن تاپقاندا قايتۇرۇپ بەر دەپ بىرىپ تۇردى. بۇلارنى ئالدىغۇم كەلمىسىمۇ ئامالسىزلىقىتىن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئىچىمدە  مېنى كەچۈرۋىتىڭلار دەپ ئۈنسىز ئەپۇ سوراپ قوياتتىم. ھەش بەش دىگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى.پۇلنى ساناپ باقتىم ،قەرىز ئالغان  پۇلنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ 16000 يۈئەن بولغان ئىدى. پۇلنى يانچۇقۇمغا سالدىمدە ئۇدۇل قىزنىڭ يېنىغا باردىم. ھېلىقى ئايالغا 8000 يۈئەننى بىرىپ.قىزنىڭ يېنىغا كىردىم. قىز بىلەن ئاللىبۇرۇن پۈتۈشۈپ قويغان بولغاچقا تاماق يەپ ئايلاندۇرۇپ ئەكلىپ قويدىغانلىقىمنى ئيتتىم. ئۇ ئايالمۇ ھىجىيىپ تۇرۇپ ئۆتكەنكىدەك ياجىڭ قويۇپ ئاپىرىپ كىلىشىمنى ئېيتتى. يانچۇقۇمدىن  10000 يۈئەننى ئايرىپ ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇمۇ ئىكىلەنمەيلا بالدۇراق ئەكلىپ قوي، ھە،راست، ئەمدى كىلەشىڭدە كاۋىپىڭدىن ئالغاچ كەلگىن دەپ گپىنىڭ كەينىگە ئۇلاپ قويدى. ئۇنىڭغا يالغاندىن كۈلۈپ بولىدۇ بۇدا جىق ئالغاچ كىلەي دەپ قويۇپ يولىمىزغا ماڭدۇق.ئىچىمدە ماڭەۋا ،ساڭا كاۋاپ ئەكەپ بىرىدىغانغا كاللام ئىشىپ قالمىدى مېنىڭ دەپ ئۇنى قارغايتتىم. سىرىتقا چىقىپلا تاكسىغا چقىتۇق. شۇپۇرغا قايسى شەھەر يېقىن بولسا شۇ شەھەرگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئىيتتىم. 500 كوي بىرىشىمنى ئيتىپ بىر سائەت ئىچىدە بىر شەھەرگە ئەكەپ قويدى. ئىچىمنى يەنە بىرخىل قورنۇنۇش قاپلىۋالغاندەكلا، باشقىلار ئۈنلۈك گەپ قىلسىمۇ چۈچۈپ تۇراتتىم. قىزغا قارسام  قىز مەندىنمۇ  بەكرەك قورقۇمسىراپ تۇراتتى. ماشىنىدىن چۈشۈپلا يەنە باشقا شەھەرگە كىتىشنى قارار قىلدۇق. بىر ماشىنىنى توسۇپ لەنجۇغا باردىغانلىقىمنى ئيتتىم .ئۇ يەردىكى شوپۇرلار نەگە بارغۇسى كەلسە بېرىۋىرەمدىكىن تاڭ، 5000 كوي بەرسەم ئاپىرىپ قويدىغانلىقىنى ئيتتى. بۇ شەھەر لەنجۇغا قانچىلىك كىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتىم، ئىشقىلىپ قانچە تېز كىتەلىسەم شۇنچە ياخشى ئىدى. شوپۇر بىلەن تالىشىپ يۈرۈپ 3800 يۈئەنگە ئاپىرىدىغان بولدى.قورقىقىنمىزدىن تاماق يىۋىلىش ياكى يەيدىغانغا بىر نەرسە ئىلۋىلىشمۇ ئىسىمىزدە يوق. كىچىك ماشىنىدا كىتىپ بارمىز. يەيدىغان نەرسە ئېلۋالمىغاشقا قاچىلىق تەييەر چۆپ يىيشتىن باشقا ئامال بولمىدى. بىر يېرىم كۈن يول بېسىپ ئاران تەستلىكتە لەنجۇغا كەلدۇق.شوپۇرغا مىڭلىغان رەخمەتلەرنى ئيتىپ. ۋوگىزالغا كەلدۇق، بۇيەردىنمۇ تىزراق كەتمىسەك كەينىمىزدىن ئىز بېسىپ كىلىدىغاندەكلا بىرخىل سۈر بېسىپ قورقۇنۇش چىرمىۋالغان ئىدى. يېنىمدىمۇ جىق پۇل قالمىغان ئىدى. كىرىپلا ئۈرۈمچىنىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى ئالدىم. شۇكۈنى كەچىتلا پويېز ماڭىدىغان بۇلۇپ قىزبىلەن ئىككىمىز خوشاللىقىمىزدىن كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كەتتى.مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدىم. شۇنچە قۇربانلىقلارنى بەردىم، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالدىدىم.ماڭا ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىغان ئىدىم. يەنە كىلىپ ئەمدى ئۇ يەرگە ئاياق باسقىلمۇ بولمايتتى،ھەتتا ئەمدى ئاكاممۇ بېرىپ تىجارەت قىلالمايتتى. ئۇ يەرگە بارساق بىزنى ئۇ كىشىلەر بوش قۇيۋەتمەيدۇ دە!مەن ئالغان قەرىزنىغۇ تۆلەرمىز ،بىراق  مەن بۇ قىزنى ئىلىپ قېچىپ كەلگەن تۇرسام ۋاي بولدىلا!! بۇلانى ئويلاپ كاللامنى ئاغرىتمايلا قوياي،ئىشقىلىپ مەيلى خاتا بولسۇن ياكى توغرا بولسۇن مەن بۇ ئىشنى قىلىپ بولدۇم .بۇنىڭغا ئەمدى پۇشايمەن قىلمايمەن. كەچمۇ كىردى، پويىزغا چىقتۇق پويېزدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئوقۇغۇچىلار  بارئىكەن، ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بۇلۇپ بىر كىچە-كۈندۈز يول مىڭىپ ئانا تۇپىرىقىمىزغا ئاياق باستۇق. ئانا يۇرتۇم شىنجاڭ دىيارىغا ئاخىرى كىلەلىدىم. پاھ! نىمىدىگەن جىق ئۇيغۇرلار بۇ!ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىرى ئىنتايىن ئۆتۈلگەن بۇ ئىكەيلەن ئۈرۈمچىدىكى ھەربىر ئۇيغۇردىن زوق ئېلىۋاتىمىز.چىھرىمىزدىن كۈلكە جېلۋىنىپ تۇراتتى. خۇشال بولىمىزدە ئەلۋەتتە! ھېلىمۇ شىنجاڭغا ئاياغ باسمىغىلى ئىككى يىل بولدى ئەمەسمۇ.شۇنداق قىلىپ يۇرتقا كەتمەكچى بولدۇق بىراق قىز قەتتىلا كەتكىلى ئۇنمايۋاتاتتى.قىزنىڭ خاتا باسقان بىر قەدىمى ئۇنى يۇرتىغا بارغۇدەك يۈز ئابىرويىنى قويمىغان تۇرسا ،گەرچە خاتالىق بۇ قىزدا بولمىسىمۇ لىكىن بىزنىڭ جەمئىيتىمىز بۇ قىزنى قايتا قوينىغا ئىلىپ پەپلشى مۇمكىن ئەمەس! دىمىسىمۇ نۇرغۇن كۈلپەت تارتىپ ئەمدىلىكتە ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىغا نىمە دەپ بارىدۇ دەيسىز. ئۇنىڭغا قايتا -قايتا تەربىيە ئىشلەپ  ئۇنى يۇرتىغا ئاپىرىپ قويشىم كىرەكلىنى  ئېتتىم. ئۇنى مىڭ بىر تەستلىكتە ماقۇلغا كەلتۈرۈپ يۇرتىغا ماڭدۇق.ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرشىمىزگىلا يىغا زارى بىلەن ھويلىنى بىر ئالدى.مەن دىمىدىممۇ،ئانا بالىغا قانداقمۇ چىدىيالىسۇن.قىزنىڭ ئانىسىغا ئۇنى تاپشۇرۇپ قايتىپ كەلدىم. راستىمنى دىسەم قىزغا كۆزۈم قىيمايتتى ،بىز ھېلىكەممۇ خېلى ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكەزدۇق، نۇرغۇن جاپالارنى تارتتۇق. قىزنى ياخشى كۆرۈپمۇ قالغان ئىدىم. بىراق رىئاللىق ھامان رىئاللىق بولىدىكەن. ئۇنىڭ كۈتپەتلىرىنى بىر چۈش بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق بۇ چۈش ئەمەس، بۇ ئەمەليەت ،بۇ قىز ماڭا ماس كەلمەيدۇ! ماس كەلدى دىگەن تەقدىردىمۇ ئۆيۈمدىكىلەر ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزۈمنى بىھۇدە ئازاپلىغۇم كەلمىدى. ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ئىككىلىمىزنىڭ بەختىنى ئۆزى بىرىدۇ.قىز بىلەن خوشلشپ يۇرتقا كەلدىم. ئاپام داداملار خوشلىقىدا يىغلاپ سالدى. بولغان ئىشلارنى كىيىن ئاكامغا ئيتىپ بەردىم. ئاكام ئاچچىقلانغان بولسىمۇ مەندىن تەسىرلەندى بولغاي،ئارتۇق گەپ قىلمىدى.بىراق نۇرغۇن قەرىز ئېلىپ باشقىلارنى ئالدىغىنىمغا سەل ئاچچىقى كەلدى.بۇ ئىش ئويلىغانسىرى ئادەمنڭ بىشىنى قاتۇردىغان تۇرسا،ئاكاممۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى... شۇنداق قىلىپ ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بۇلۇپ ئانا يۇرتىمىزغا كىلۋالدۇق. بۇئىشلارنى ئويلاشتىن  ھېلىھەممۇ قورقىمەن.ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىنى ھەرخىل قىسمەتلەرگە سالىدىكەن. كىمنىڭمۇ ئاشۇ قىزدەك بەخىتسىز بۇلۇپ قالغۇسى بار دەيسىز.
ئىنسان دۇنياغا تۇغۇلۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.شۇنداقلا نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى تارتىدىكەن. باشتا ئالغان  بىر خاتا  قەدەم ئادەمنى بەلكىم بىر ئۆمۈر ئازاپلايدىكەن. شۇڭلاشقا قەدىرلىك ئۇقۇرمەنلىرىم قۇلىمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلغۇدەك ئىش بولسا چۇقۇم ياردەم قىلايلى. قىلغانلىرىمىز ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ. بىزنىڭ ياخشىلىقلىرىمىز باشقا كىشلەرگە بىخ سۈرۈپ باشقا كىشىلەردە مىۋە بىرىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن يېنىڭىزدىكى ھەربىر كىشىنى قەدىرلەڭ. ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشتىن ئىھتىيات قىلىڭ. چۈنكى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قەدىرنى سىز قىلمىسىڭىز باشقا بىرى ھەرگىز قەدىنى قىلمايدۇ سىزنىمۇ شۇنداق، سىز قانچە باي بۇلۇڭ ئىختىدارلىق كىشى بۇلۇڭ سىزنىمۇ ئوخشاشلا قەدىرىنى قىلمايدۇ.
خاتىمە: يۇرتۇمغا قايتىپ كىلىپ يەنە كاۋاپ سېتىش قاراىغا كەلدىم ،بازىرىممۇ يامان ئەمەس. ئۇ قىز بىلەنمۇ ئاكا- ئۇكا بۇلۇپ ئۆتۈپ كىلۋاتىمىز.ئۇنىڭ بىلەن خېلى بىر ۋاقىت ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. مەنمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كۆڭۈل بۆلمەي بەك سۈرۈشتۈرمەپتىمەن بىر كۈنى ماڭا بىر ناتۇنۇش تېلفۇن كەلدى. تېلفۇن قىزنىڭ ئانىسىدىن كەلگەن ئىدى،ئانىسىنىڭ دىيىشچە قىز ئەيدىس بىلەن يۇقۇملىنۇپ تۈگەپ كەتكىلى ھەپتە بولغانلىقىنى ماڭا بىرىدىغان بىر خەت بارلىقىنى ئېيتتى. پوچتا ئادىرسىمنى دەپ بىرىپ تېلفۇننى قويدۇم. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئىقىپ كەتكىننى سەزمەپتىمەن ! جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن قىزغا شۇنداق ئېچىندىم. تەغدىرگە ئامال يوقكەن ئۇلۇغ ئاللاھ قىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن. بۇ كېسەل مىللىتىمىز كىشىلىرىگە سالجىدەك چاپلاشقان ھازىرقى كۈندە ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشماي قانداقمۇ تۇرالىسۇن.ئۇلۇغ ئاللاھ  مىللىتىمىز كىشىللىرنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلغىن. نىجىس كسەلدىن يىراق قىلغىن ....
نەچچە كۈندىن كىيىن خەت كەلدى،پوچتىدىن خەتنى ئالدىم،خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىق ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۋاتامدۇ؟ مىنىڭ ئەۋالىمنى سورىسىڭىز مىنىڭ ئەھۋالىم ئىنتايىن ياخشى، سىزنى مەن قانچە تەرىپلىسەم ئازلىق قىلىدۇ، سىزنىڭ قىلغان ياردىمىڭىزنى مەن بۇ دۇنيادا ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بۇلالمايمەن. شۇڭا سىزگە مەڭگۈ دۇئا قىلىپ سىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن. ياراتقان ئاللاھ ئىگەم سىزگە رەخمەت قىلسۇن. ئاكا مەن بۈگۈن دوختۇرغا بارغان ئىدىم. مەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپتىمەن. ياراتقان ئاللاھنىڭ بۇ كسەلنى بەرگىنىدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم .ئاڭلىسام ۋاقتىممۇ ئاز قاپتۇ.ئاكا سىزمۇ بىلىسىزغۇ ،مېنىڭ بۇ يۇرۇق جاھاندا ياشغۇدەك ھىچبىر رولۇم قالمىغان.قانداقلا بولمىسۇن بېقىپ چوڭ قىلغان ئانامنىڭ دۇئاسىنى ئېلۋالدىم. رەخمەت سىزگە ئاكا، ياراتقۇچى ئىگىمىزدىن ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن.ھە راست، خېتىمدە بولسىمۇ بۇ گەپلىرىمنى سىزگە دەۋالاي ،بولمىسا بۇ گەپلىرىم ئىچىمگە پاتماي قالدى. مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،بىراق ئۆزۈمنى سىزگە تەڭ قىلالمايمەن ئاكا.ئەگەر ئۆلۈپ قايتا تۇغۇلۇش نىسىپ بولۇپ قالسا ئىدى، سىزنى مەڭڭۈ قەدىرلەيتتىم. مېنى قانداق چۈشەنسىڭىز كارىم يوق ئىشقىلىپ سىزنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم. بۇلارنى سىزگە ئيتۋىلىپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم. مىنى تىللىسىڭىزمۇ مەيلى بەرىبىر مەن ئاڭلمايمەن ئەمەسمۇ. ئاڭا بۇ مېنىڭ تۈنجى قېتىم خەت يىزىپ بېقىشىم بولغاچقا جدديلىشىپ نۇرغۇن گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ قالدىم. شۇڭىلاشقا گىپىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي ،سىزگە مەڭگۈ بەخىت تىلەپ سىڭلىڭىز، دىلرابادىن.
خەتنى ئۇقۇپ بولغۇچە ئارانلا بەرداشلىق بىرەلدىم.يۈركۈمنى ئېغىر بىر نەرسە بېسۋالغاندەك بولۇپ دىمىم سىقلىپ كەتتى .بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئىچىشىپ كۆزۈمدىن يەنە بىر قىتىم ياش چىقىپ كەتتى،بۇ ياش بۇ قىزغا ئىچ ئاغىرتقىنممۇ ياكى ئاشۇنداق بىر قىسىم پەسكەشلەرگە بولغان نەپرىتىمنىڭ كۈچلۈكلىدكىدىنمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.ئەلۋىدا سىڭىلچاق ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولسۇن. سىزنىڭ روھىڭىزغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ تۇرمەن .
قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم  ھېكايەمدە نۇرغۇن چىكىتلەرنى چەككەن بولساممۇ بۇ چىكىت ئەڭ ئاخىرقى چىكىت. ياختۇرۇپ  
ئۇقۇغىنىڭلاغا كۆپ رەخمەت، تىنىڭلارنىڭ بىر ئۆمۈر سالامەت بۇلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.....

مەنبە:ماكانىم مۇنبىرى
مەن بۇتىمىنى تەپسىلى ئوقوپ چىقىپ ياقتۇرۇپ قىلىپ بايقاشتىكى دوستلارنىڭمۇ ئوقوپ بىقىشى ئۆچۈن سۇندۇم،مىنى توغرا چۈشۈنۈپ ئوقوشىنى سەمىمى ئۆتىنمەن ھەم مىنى مەسخىرە قىلماسلىقىڭلارنىمۇ سەمىمى ئۆمىد قىلىمەن.
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 14:24:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىكايە ئارقىلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاك بولوش ،ھەرقانداق ئادەم بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا سۆزى ھەركىتىگە دىققەت قىلىپ ئالدىنىپ قالماسلىق توغرىسىدكى ئاچچىق نەسىھەتكە ئىگە قىلدىكەن ،سۆيۈملۈك ئاچا - سىڭىللار ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆز غۇرۇرىڭلارنى ،ۋىژدانىڭلارنى يۇقاتماڭلا ھەر دائىم سازگۈر بولوپ ئالدىنىپ قالماڭلا ، ھالال ياشاڭلا ئۆزەڭلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى دەپسەندە قىلىپ ،نۇمۇسلۇق ئىچىدە قالماڭلا ،ئۆزەڭلارنى چىڭ تۇتۇڭلا ،شىكەر يالتىلغان بومبىلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار ،يىكايىدە دىگەندەك ئەھۋاللار قايتا يۈز بەرمىسۇن ،ئاللا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ،ئاقلىق ،پاكلىق ئاتا قىلغاي.
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام

7

تېما

29

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
579 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
615 سەر
شۆھرەت
671 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 15:41:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھەي بۇجاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىرنىمە دىمەك تەس ئىكەن جۇما!
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 16:11:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىيكايىدە پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئىنق ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ . شۇڭا ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشتا چۇقۇم شەرمىي ھايا  ئەدەپ ئىكرام بىلەن ياشىشىنى . بۇلۇپمۇ كىچىككىنە ھىسسىياتقا بىرلىپ ئۈزىنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىغا دەخلى قىلىدىغان ناچار ئىشلانى قىلاسلىقتىن ئىبارەت مۇھىم مەزمۇن ئەتىراپلىق  ئوتتۇرغا قۇيلىپتۇ  رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 23:46:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىك تېما ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە ھەشقاللا!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 10:44:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىم شۇنداق ئالدىراش بولسىمۇ پۈتۈنلەي ئوقۇپ چىقتىم .رەھمەت سىزگە بەك ياخشى تېما يوللاپسىز .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

102

تېما

40

دوست

8656

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1802 سەر
تىللا
523 دانە
تۆھپە
1713 سەر
شۆھرەت
1698 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 15:28:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن،شۇنداق تەسىرلەندىم.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:52, Processed in 0.483086 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش