مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2036 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئەسلىگە كېلىپ ياخشى بولدى

  • axukunla تۈنۈگۈن 16:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن پاتقان قوياش ئەتىسى چىققان بىلەن ،قەبرىگەپاتقان باش ئەتىسى چىقمايدۇ

  • tursun123 تۈنۈگۈن 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    روزا ھېيتلىق سوۋغىنى ئالالمىدىم دىسە....

  • ساياھەت 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىللا تاپقىلى بولمايدۇ يا

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېمىسى بار مەزمۇنى يوق تېمىلار  ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، يوللاشنى بىلمىسىڭىز باشقۇرغۇچىلاردىن سوراڭ

  • تۇرخان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئارام كۇنىڭلار  خۇشاللققا چۇمگەي.......

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ  3- يىللىق 1- ماۋسۇم ئادەتتىكى سىنىپ ماتىماتكا تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا

  • pari 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئەسلىگە كېلىپ ياخشى بولدى

  • axukunla تۈنۈگۈن 16:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن پاتقان قوياش ئەتىسى چىققان بىلەن ،قەبرىگەپاتقان باش ئەتىسى چىقمايدۇ

  • بەختىيار(بايقاش تۈنۈگۈن 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ سېغىندۇق سىنى ‹‹بايقاش››!!!

  • ئابلىمىت 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    6-يىللىق 1-مەۋسۈم ماتىماتىكا ئادەتتىكى سىنىپنىڭ دەرس تەييارلىقى بىلەن كالىندارى يوللاندى .

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېمىسى بار مەزمۇنى يوق تېمىلار  ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، يوللاشنى بىلمىسىڭىز باشقۇرغۇچىلاردىن سوراڭ

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ  3- يىللىق 1- ماۋسۇم ئادەتتىكى سىنىپ ماتىماتكا تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا

  • شاشتېكىن 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    «flash كۈيلىرى»نى قايتا تەھرىرلەپ چۈشۈرۈش ئادىرېسىنى قوشۇپ قويدۇم. چۈشۈرۈپ ھوزۇرلانغايسىلەر!

  • pari 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئەسلىگە كېلىپ ياخشى بولدى

  • axukunla تۈنۈگۈن 16:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن پاتقان قوياش ئەتىسى چىققان بىلەن ،قەبرىگەپاتقان باش ئەتىسى چىقمايدۇ

  • 江巴孜 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    4-يىللىق ماتېماتكا دەرىس دىتالىنىڭ بىر بۆلىكى كەتتى ،

  • زەپەر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوتتۇرا -باشلانغۇچ  قوش تىل سىنىپنىڭ ئانا - تىل دەرىس تەييارلىقىنى يوللىساڭلار ديمەن

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېمىسى بار مەزمۇنى يوق تېمىلار  ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، يوللاشنى بىلمىسىڭىز باشقۇرغۇچىلاردىن سوراڭ

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ  3- يىللىق 1- ماۋسۇم ئادەتتىكى سىنىپ ماتىماتكا تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا

  • ئابلىز887 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ 3-يىللىق 1-مەۋسۇمنىڭ  ئانا تىلدا يېزىلغان ماتىماتېكا دەرس تەييارلىقى بارمۇ تورداشلار

كۆرۈش: 112|ئىنكاس: 3

سەرداھى: ئۇيغۇرىيەنىڭ ئاۋازى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

دوست

609

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
134 سەر
تىللا
81 دانە
تۆھپە
126 سەر
شۆھرەت
128 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 01:54:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرىيەنىڭ ئاۋازى(شېئىرلار)
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى

سۇ
1
ئۇسساۋاتىمەن
سۇ ھەققىدە سۆزلىگۈم يوق!
مەن سۆزلەيدىغان ئاخشامقى سۆزلەر
ئاياللاردەك ئاجىز ۋە ئورۇق.
2
سۇ
ئاياللارنىڭ ھەسرىتى ئەمەس
ئەركەكلەرنىڭ جاسارىتى ھەم.
سۇ بىر پارچە يوقلۇقتۇر، ياكى
ھېچكىم سېزەلمەي تاشلىۋەتكەن تەم!
3
يالاڭئاياق پۇتلىرى بىلەن
توپا كېچىپ چوڭ بولغان قىزلار.
سۇ ئالغىلى كېلىپ ھەر كۈنى
ئېسىلغانچە كىرپىكلىرىمگە
سۇ ئۇسسۇيدۇ كۆزۈمدىن تەكرار.
4
سۇ
ئۇچۇپ كەتكەن قۇشنىڭ سايىسى
جىنەستىلىك باغلاردىن چىقىپ.
ھىچكىم سۇ ئىچىشتىن ۋاز كىچەلمەيدۇ
ئىچكۈسى بار ھەتتا دۈم يېتىپ!
5
سۇ يوق
قۇملار قايغۇلۇق!

جىمجىتلىقنىڭ ئاۋازى

جىمجىتلىق
كېچە قۇيرۇقىدىن چۈشۈپ قالغان پەي!
جىمجىتلىقنىڭ ئاۋازى يوق دىسە ئىشەنمەيمەن
جىمجىتلىقتۇر سايراۋاتقان نەي...

جىمجىتلىقنى تۇتقىلى بولماس،
جىمجىتلىقنى ئاڭلىغىلى ھەم.
جىمجىتلىقنى ھىس قىلىش كېرەك جىمجىت ئولتۇرۇپ
شۇندىلا توزۇيدۇ پورەكلىگەن غەم!

جىمجىتلىقىنى يازغىلى بولىدۇ،
جىمجىتلىقنى ئوقۇغىلى ھەم.
جىمجىتلىقنىڭ قاراڭغۇ ئىچىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ
سۇمبۇل چاچلىرىنى تارايدۇ سەنەم.

جىمجىتلىق
ئويغاق كۆڭۈللەرنى مەستخۇش ئەيلىگەن
مۇھەببەتنىڭ سۈزۈك ئاۋازى!

ئىككىمىز

ئۆلۈم يورۇق
شەھەر قوۋۇقىغا ئېسىپ قويۇلغان.
ئاپتاپ قاراڭغۇ
تاش ئىچىدە قاناپ ئولتۇرغان.
ئىككىمىز
سىيلاپ يارىسىنى ئەستىلىكلەرنىڭ
ئىچىمىزنىڭ سىرتىدا قالغان!


قىياغا ياماشقۇچى

بىز
ئېگىز قىياغا ياماشقۇچى
قاراڭغۇ ئىچىمىزدىن قېچىپ چىقىپ...

سۆزلەيمىز رىۋايەتلەرنى يىراقتىكى
گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىنى سۆزلەشكە رايىمىز يوق.
ئاياللار ھەققىدە ناخشا ئېيتىمىز
ئاۋازىمىز يۇمران ۋە بوغۇق!

بىز ئېگىز قىياغا ياماشقۇچى
دىلىمىز سۇنۇق!

ئىشىكنى ئاچتىم

ئىشىكنى ئاچتىم
ئالتۇن پىيالىدەك جاراڭلاپ تۇرغان
چېقىلىش لەھزىسىدىكى تەننىڭ ئىشكىنى!

بارماقلىرىمنىڭ سۈركىلىش ئىستەكلىرىگە
تەن قوڭغۇراقلىرىڭ جىرىڭلاۋاتقان.
مېنىڭ قاقاس ئېتىزلىقىمدا
چاچلىرىڭ دەريادۇر ئۆركەشلەپ ئاققان.

ئەي! كۆزلىرى بوشقىنە يۇمۇلغان دىلبەر،
ئەي! سۆزلىرى جاڭگالدا ئۇنتۇلغان دىلبەر.
كۆكسۈڭدە تىكلەنگەن دارغا ئېسىلدى،
ئۆلۈمگە ئۇدۇلدىن قاراۋاتقان ئەر.

ئىشىكنى ئاچتىم
باغلاقتىكى ئاتنى قويىۋەتتىم!
ئاۋازىڭ نەقەدەر شىرىن ھە شىرىن؟!
   كېچىنى قان بىلەن بويىۋەتتىم...

ئىشىكنى ئاچتىم
قاراڭغۇ ئىچىمدە ئۇخلاپ قالدى ئاي!

كولدۇرما

ئۇ
باھادىرنىڭ قەھرىدۇر ياكى
مۇزىكىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ...

ئۇ
قىلىچ بىسىدا پارلاۋاتقان نۇر،
قۇم كۆكسىدە قاناۋاتقان چۈش.
ئاۋازىدىن جان بىرىپ چۆلگە،
يىلتىزىنى پەرلىگەن ئۆتمۈش!

ئۇ
تولۇۋاتقان ئۆزىگە-ئۆزى
يىراقتىكى ئۇيغۇر دېڭىزى!

ئۇيغۇرىيەنىڭ ئاۋازى
(قىزىم ئۇيغۇرىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە)

سۈزۈك ۋە يېقىملىق
ئۇيغۇرىيەنىڭ ئاۋازى.
مەن ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى نۇر تالالىرىدا ئولتۇرۇپ
خىيال قىلىمەن يىراقتىكى قىيا تاشلارنى!

ئۇيغۇرىيە ئىشىكىنى ئاچتى
ئىچىمدىكى قاراڭغۇ تاملارنى چېقىۋېتىپ.
سۈزۈلمەكتە بىر پارچە ئاسمان
ئۇيغۇرىيە چۆچەكلىرىمنى ئاڭلايتتى جىمجىت
چەكسىز ئاسماننىڭ ئاستىدا يېتىپ...

ئۇيغۇرىيەنىڭ ئاۋازى
شامالدەك ئۇچۇپ، سۇدەك ئۆركەشلەپ
سىڭىپ كەتتى تەكلىماكانغا!

كەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن

كەلمەسلىكىڭگە قىيالايمەن
قىيالمايمەن كەتمەكچى بولساڭ.
شۇڭىلاشقىمىكىن
كەلمىسىكەن دەيمەنغۇ سېنى
دېگىن مەيلى سەن مېنى ساراڭ!

باھار قۇشى ئەمەس سەن، بەلكى
رەنجى چۆلىدە بىر تال گىياھ سەن.
سۇ بەرسەمكەن دەيتتىم لېۋىمدە،
ئۇسساپ كەتسە ناۋادا ۋەتەن!
كەتمەكچى بولساڭ، كەلمەيلا قويغىن
كەتسەڭ قۇرۇق ئوتۇندۇر بۇ تەن...!


        ئاپتۇر: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزا چىلان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
阿克苏柯坪县阿恰乡其兰小学:艾哈买提玉苏浦
18997665818 TEL-
15609975818
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

447

تېما

73

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6141 سەر
تىللا
3463 دانە
تۆھپە
9278 سەر
شۆھرەت
4483 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 02:30:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز ئىنىم، ئېسىل ئىجادى لىرىكىلىرىڭىز ئارقىلىق تورداش دوستلارغا ئىستىتىك زوق بېغىشلاۋاتىسىز. رەھمەت سىزگە، ئىجادىيەت تۇلپىرىڭىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغاي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

259

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2758 سەر
تىللا
1053 دانە
تۆھپە
3157 سەر
شۆھرەت
2442 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 11:53:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بارىكاللا بۇرادەر!ھەربىر شېئىرىڭىزنى زوق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم،تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز...
‹‹بايقاش››ئەخلەت تېمىلارغا ئەمەس،بەلكى ئىجادىي تېمىلارغا مۇھتاج!!!

18

تېما

49

دوست

6247

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1203 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1235 سەر
شۆھرەت
1462 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:55:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلرۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 02:56  

شېئر- ئەدەبىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسى. ئۇنىڭ يۈكسەكلىكى، شېئرىي ئوبرازنىڭ ھەقداسىغا يەتكەن كامالىتىدىلا ئەمەس، مۇستەھكەم شېئرىي بوشلۇق، شېئرىي مۇھىت، شېئرىي تىل، شېئرىي ھېسىيات، شۇنداقلا شېئرىي پىكىرنىڭ كامالىتىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. شېئرىدىكى ئىچكى رېتىم، ئاھاڭدارلىق، ھەمدە ئۇنىڭدىكى چىن، ساپ ھېسىيات پەقەت شائېرنىڭ شېئرىي تەپەككۈر پەرۋازىدىلا ئەركىن، جەڭگىۋار قانات قاقىدۇ. سەرداھىنىڭ يېقىندىن بۇيان مۇنبەرگە يوللىنىۋاتقان شېئرلىرى، پېقىرغا شېئرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، قانداق يېزىلدىغانلىقىنى كۆرسىتپ قويدى. ئۇنىڭ شېئرلىرىدىن گۈپىلدەپ چىقىۋاتقان شائېرلىق تېنىقلار، نېرىۋىلىرىمنى غىدىقلاپ، مېنى شېئرغا خۇمار قىلىپ قويدى. گەپنىڭ قىسقىسى، سەرداھى شېئرلىرىنىڭ لەززىتى مېنىلا ئەمەس، مۇنبەر ئەھلىنى مەستانە قىلىۋىتتى.
قەلەم پەرۋازلىرىڭىزغا ئۇتۇق يار بولسۇن!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-7 04:49, Processed in 0.465791 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش