رىۋايەتتىكى ئەر (شېئىرلار) ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى
تۇغۇلغان كۈننى يالغۇز ئۆتكۈزۈش 1 يانۋارنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا، يەلپۈنەر بىر ئەرنىڭ پەرىشانلىقى. ئېھ،گۈزەل جىمجىتلىق چاقنايدۇ غۇۋا، يارىدەك ئېچىشار تاملارنىڭ قېتى.
دەرىزە تۈۋىگە كەلدى يېقىنلاپ، قۇشقاچنىڭ كۆزىدىن يۇلقۇنغان سەھەر. سۆزلەرنىڭ دەشتىدە ئوتتۇز سەككىز يىل يۇتقىلى چىقمىدى بىر قوشۇق زەھەر.
دەھشەتلىك بىر ناخشا تۇرار جاراڭلاپ، دۇتتارچى ئايالنىڭ ھالرەڭ لېۋىدە. تۇرمۇشنىڭ غېمى ھەم بىر پىيالە چاي، ئىچكەنچە يۈرەكنى قىلىدۇ زېدە.
ئەڭ قىيىن جەرياندۇر ھاياتنى ياشاش، ئاي تەكرار ئۆلەتتى ئۆزىدىن قېچىپ. مۇھەببەت يالىڭاچ پۇتلىرى بىلەن، يۈرەتتى قىزلارنىڭ كۆزىنى كېچىپ...!
2 چاچ تىلەپ قىزلاردىن قايتتىم قۇرۇق قول، تار نەدە ئەڭ لىرىك كۈيگە چالغىلى؟! ناخشىدەك مۇڭلانغان ئىشىكنى ئاچتىم، تۇغۇلغان كۈنۈمنى قارشى ئالغىلى.
ھاياتتىن ئۇلۇغدۇر بىر مىسرا شېئىر، تىك تۇرسا قىلچتەك تاڭنىڭ كۆكسىدە. تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، باشلىدىم ئىچىمنىڭ دەشتى-چۆلىگە.
تۇغۇمنىڭ ئۆزى ئۇ ئۆلۈم دىمەكتۇر، بىر قەدەھ شاراپتەك قۇيغان تولدۇرۇپ. تۇغۇلغان كۈنۈمگە قىلدىم تەنتەنە، ئۆلۈمنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ.
ئېھ، سوغۇق تاملاردا ئىللىق ھاياجان، دىلبەرنىڭ يېشىدەك تۇراتتى پارلاپ. مەن ئوقۇپ تۈگەتتىم يالغۇزلۇقۇمنى، تۇغۇلغان كۈنۈمنى مەھكەم باغاشلاپ...!
فېۋرالغا كىرىش
ئىشىكنىڭ تۈۋىدە تۈنەيدۇ باھار، سۆزلەرنىڭ سۆڭىكى سۇندى قاراسلاپ. چىلانرەڭ تۇپراققا باغرىمنى ياقتىم، يوللارنىڭ پايانى كۆيدى چاراسلاپ.
ئىككىمىز يۆلەنگەن جىگدە دەرىخى، پەسىلسىز قۇشلارغا سۆزلەر رىۋايەت. قايتىلاپ ئوقۇدۇم بىرلا ناخشىنى، شۇ ناخشا كۈيلەيدۇ ھەسرەتنى پەقەت.
فېۋرالنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم جىمجىت، كېچىنىڭ ياداڭغۇ چېھرىنى سىيلاپ. خىياللار دەشتىدىن كەلمەكتە مەغرۇر، بىر ئايال قاپقارا چېچىنى تاراپ.
مەن ئاڭا قارايمەن تاشتەك ئۇۋۇلۇپ، كۈۋەجەر دىلدىكى چوغلانغان پىراق. دەرىخا! ئۇ مەندىن كېتەتتى ئۇزاپ، يۈرەككە گاچچىدە سالماي بىر پىچاق!
يامغۇر يەنە ياغماقتا سىم-سىم
جاراڭلايدۇ ئالتۇن كولدۇرما، تەكلىماكان ئەمەس رىۋايەت. ئۇسسۇزلۇقنىڭ خارابىسىدە، سۇ ئۆزىدە قۇرۇپ قالغان خەت.
يۇلغۇنلاردا قان رەڭلىك كەچمىش، ئەسلەر ئارا يالىلدايدۇ ئىز. توغراق بولۇپ قۇمنىڭ كۆكسىدىن كۆكلەپ چىقار سۆڭەكلىرىمىز!
ئۇسساۋاتقان تەكلىماكاندەك ئۇسسىماقتا جان غېمىدە ئەر. تاغ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ، پەرياد سالماي كۆتىرىدۇ يەر.
چۆچىكىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بېشىن قويۇپ ئۇخلايدۇ يارىم. سۇ تۇتمايدۇ ھېچكىم كېچىدە، ھۆكرەپ ئاچچىق تولغۇنار تارىم.
چاچلىرىنى باغلاپ بېلىگە، ئېتىزلىقتا ئىشلەيدۇ ئايال. تەكلىماكان بىر پارچە ئېتىز، بۇغدايلىرى قۇمدۇر ئېھتىمال.
قىيالماي ھىچ يالغۇزلۇقۇمغا، ناخشا ئېيتىپ چىقتىم بىر كېچە. كۆڭۈل دېگەن ئەڭ تەلۋە لۈكچەك، ئۇرىشىمىز قېنىشمىغۇچە.
لۈكچەكلىكى تۇتقان ئاياللار، چۆلگە قاراپ تارىمايدۇ چاچ. بارخانلارنىڭ دەرىزىسىدىن، كىرىپ كەتتى سۆزلەر يالىڭاچ.
ھايات قىسقا بىر پارچە شېئىردىن، شۇڭا شېئىر يازمايدۇ ھېچكىم. ناندەك ئۇلۇغ تۇيغۇلار ئۈچۈن، يامغۇر يەنە ياغماقتا سىم-سىم!
مۇساپىر ناخشىسى 1 يېنىمدىن ۋاقىراپ ئۆتكەندە چۆللەر، قوينۇمدا قىپقىزىل ئېچىلىدى گۈللەر. ۋەتەنسىز تاش بولماس دەيتتىمغۇ، بىراق تاشلارنىڭ دەردىدە يىغلايتتى تۈنلەر.
ئۆچمەي ھەم يۈرەكتە كۆيۈكنىڭ داغى، كۆيەتتى بىر چىمدىم تۇپراقنىڭ ئاھى. ئىچىمنى ئاختۇرۇپ بولدۇم پەرىشان، ئېھ، قايناق شەھەردە يىغلايمەن گاھى!
قاراڭغۇ ئىشىكلەر تاقالغان، يەنە كۆكسۈمدىن بىر ئايال ئۆتتى پىيادە. مەن ئۇنىڭ چېچىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، ئۆلۈشكە نەچچە رەت بەرگەنتىم ۋەدە!
كىمنىڭدۇر كۆزىدە ئازىمەن تىمتاس، كىمدىندۇر ئەشەددىي ئالغۇم بار قىساس! يۆلىنىپ ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىگە، ھاياتنى يالىڭاچ قىپ باقتىم قىياس… 2 ئەڭ ئۇزۇن ھېكايە يەتتە قات ئاسمان، مەست ئەنە سۆزلەرنىڭ سېھرىدە زامان. شەھرىزاد كارۋاتتىن چۈشتى ئاۋايلاپ، ئىشىقنىڭ دەشتىدە يۇلتۇزلار ۋەيران.
دەرەخلەر دەردىگە يىغلار ئېسەدەپ، ئۆلۈكلەر كوچىدا يۈرسە تەمتىرەپ. بىر ئاشىق ئۆزىنى ئاسقىلى دارغا، چۆللەرنىڭ قولىدىن ماڭدى يېتىلەپ.
ئۆزىنى تالاغا ئاتتى بىر ئايال، ئۈپكەندە تېنىنى چوغلانغان شامال. بارخانلار تەكتىدە يۇلغۇن چېچىكى، ئېھ، ئىسسىق يۈرەكتەك كۆيەتتى يال-يال.
چېچىنى يۇلغاندا ھىلال ئۇشتۇمتۇت، بىر تامچە يېشىنى يىغلايدۇ بۇلۇت. ئۇسسىغان سۇلار ھەم قاچاتتى چۆلگە، قۇرىغان دەرياغا تىلەپ يەنە قۇت... 3 ئاھ، غېرىپ تۇرمۇشتەك چېچى چۇۋۇلغان، ھېچكىمدۇر قوينۇمدا نازلىنىپ ياتقان. ساپايەم ئۇچىدا بىر قەترە دۇنيا- بىر ئەزىم دەريادۇر تولغۇنۇپ ئاققان.
كەچكۈزدەك سارغىيپ بارار ئاۋازىم، قۇشلارنىڭ كۆكسىدە كۆكلەيدۇ زارىم. بىر ئۇزۇن كوچىدىن چىقىمەن يالغۇز، ئىزىمنى كۆزىگە سۈرتكەندە يارىم.
ئەينەكنىڭ ئىچىدە سۈپسۈزۈك ھەسرەت، چۆكىدۇ ئۆزىگە گۈزەل سەلتەنەت. مەن ئېيتىپ بولالماي بىرلا ناخشىنى، ئەڭ رەزىل گۈل ئۈچۈن ئوقۇيمەن لەنەت!
گۈللەرنىڭ سايىسى چۆلدە نە قىلسۇن؟ تاشلارنىڭ قارىسى كۆزدە نە قىلسۇن؟! بىر ئايال ئىشقىنى كېلەر يېتىلەپ، ئۆلۈمنىڭ دورىسى سۆزدە نە قىلسۇن...؟!
ئاپتۇر: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزا چىلان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 阿克苏柯坪县阿恰乡其兰小学:艾哈买提玉苏浦 18997665818 TEL- 15609975818 |