چېچىڭنىڭ ئۆركىشى قاراڭغۇ ئورمان (شېئىرلار) ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى
تاشلارنىڭ باغرىدىن كۆكلەيدۇ رەيھان
ھايات غەۋغاسىدا ئازابلىقىڭ راست، شاراب سەن لېۋىمدە بىر كاسە شاراب. سېنى ھەم يازمىقىم مۈشكۈلدۇر-مۈشكۈل، يارالمىش كۈنۈڭدە بولغانمەن خاراب.
قارىدىم! يۈرىكىڭ تۇرۇپتۇ قاناپ، قارىدىم! كۆزلىرىڭ بىر پارچە ئاسمان. زەنجىردۇر باغلانغان قىسمەتلىرىمىز، تاشلارنىڭ باغرىدىن كۆكلەيدۇ رەيھان! نۇرلارنىڭ چەشمىسى باغرىمدا دەريا، باشلايمەن چاك كەتكەن ئېتىزلىقىڭغا. بىر ئۇلۇغ قىسسەنى سۆزلەيدۇ ھايات، توغراقنىڭ كاۋىكى گۈلگە ئايلانسا... كېچىنىڭ مەستلىكى پارلايدۇ تىمتاس، خۇش كەيپ قايتىمەن ئورمانلىقىڭدىن. بىلىمەن، چېقىلىپ كېتىسەن ئاخىر، تېرىمەن ئاھ، سېنى كېچىپ جېنىمدىن!
كېچىنىڭ قانىتى
كېچىنىڭ قاراڭغۇ قاناتلىرىدا، سىلكىنەر سۇسقىنە نۇرنىڭ تالاسى. بىر كونا كىتابتۇر تەكلىماكان ھەم، ئەسلەرنىڭ شېخىدا قۇمنىڭ جۇلاسى.
توغراقنىڭ كاۋىكى قەدىمي قەلئە، قەلئەدە ئۇخلايدۇ مىڭ يىللىق جەسەت. ئىزلارنى باغاشلاپ دەشتى-باياۋان، سۇكۇنات شەھرىدە سۈرەر سەلتەنەت.
كۈيلەرنىڭ قوۋۇقى تاقالغان مەھكەم، يىغلايدۇ مەشرەپكە چۆللەر بۇقۇلداپ. ئەسلەرگە سۈركىلىپ ئۆتەتتى مەغرۇر، ئون ئىككى كارۋاننى كۆيدۈرگەن ئاپتاپ!
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ سىيلىدىم ئۇزاق، نۇرانە تارىخنىڭ قاخشال تېنىنى. قۇملارنىڭ تەكتىدە قىيقاس-سۈرەنلەر، كۆكسۈمدىن چاپتۇرۇپ ئۆتەر ئېتىنى...
يۈر، كېتەيلى
كۆيەر تۈتەپ ھۆل ئوتۇندەك رېئاللىق، ئاسماق بولۇپ بىزنى قىسمەت دارىغا. تاقاپ قويۇپ ئىشىكىنى قايغۇنىڭ، يۈر، كېتەيلى مۇھەببەتنىڭ غارىغا.
قەبرە ئىرۇر سەنسىز ئوردا-سارايلار، چىمەنلەرنى سەنسىز ئىستەپ نە قىلاي؟! سەن بار! ئىللىق باغرىڭدەكلا دەشتى-چۆل، چاڭقىشىڭغا پەرھات بولۇپ تاغ قازاي!
يۈر، كېتەيلى ئۆزىمىزدىن يىراققا، يۈر، كېتەيلى بىزنى كۈتكەن پىراققا. مۇھەببەتنىڭ غارى يانسۇن چاراقلاپ، ئوت ياقايلى ئۆچۈپ قالغان چىراققا!
چېچىڭنىڭ ئۆركىشى قاراڭغۇ ئورمان
خىياللار قايرىيدۇ كىرپىكلىرىڭنى، چېچىڭنىڭ ئۆركىشى قاراڭغۇ ئورمان. كۆزۈڭگە ئۆزىنى ئاتىدۇ ھىلال، لېۋىڭدىن سۇ ئىچىپ قاچقاندا ئاسمان.
يۇلتۇزلار چېچىلىپ ياتار تېنىڭدە، يىراقتىن پەرىشان قارايدۇ گۈللەر. كىمتى ئۇ؟! ماڭغان ھەم دارنىڭ ئالدىغا، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يىغلايدۇ چۆللەر!
قۇشلارنىڭ پەرۋازى كۆيەر كۆكسۈڭدە، كېچىنىڭ چېچىغا ئېسىلاتتىڭ چىڭ. ھەسرەتكە قىيسايغان كارۋاتتىن چۈشۈپ، قان بىلەن يۇياتتى يوللارنى ئىزىڭ.
چۈشلىرىڭ ئىزلەيتتى چۈشۈڭدىن سېنى، يالاڭياق يۈگۈرۈپ كىرپىكلىرىڭدە. مەن چىقىپ كۆڭۈلنىڭ باياۋىنىدىن، ئاھ، سېنى باغرىمغا باستىم جىممىدە...!
ھايات
بۇ ھايات بىر پارچە ئېتىزدۇر، ياكى قۇشلارنىڭ تىلىدىن چۈشۈپ قالغان دان. ھاياتقا قەلبىمنى ئوقۇپ بەرگۈچە، يىرتىلىپ كېتەتتى يەتتە قات ئاسمان.
بۇ ھايات بىر ۋاراق ئاق قەغەز، ياكى سىياسى قالمىغان كونا ماي قەلەم. قىيالماي، جىجىلاپ كېلىدۇ يازغۇڭ، باغرىڭدا تاشقىنلاپ ئاقسىمۇ ئەلەم.
بۇ ھايات ئۆتكۈنچى يامغۇردۇر، ياكى ئىشىكىڭ تۈۋىدە كۈلگۈنچەك باھار. تېلىقىپ كۈيلەيسەن باھارنى، ئەمما تۇيۇقسىز ئۆگزەڭنى باغاشلايدۇ قار.
بۇ ھايات ئەڭ لىرىك ناخشىدۇر، ياكى قان ئىچرە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش. ئېتىڭدىن كېرىلىپ چۈشىسەن، يەنە ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا ساقلايدۇ تۇرمۇش...!
ياز كېلىۋاتىدۇ
مېنىڭ ئىسسىق ھاياجىنىمغا، ئېقىپ كىرەر سۇنىڭ ئاۋازى. تەرلىمەكتە ئىچىمدە جىمجىت، پورەكلىگەن گۈللەرنىڭ نازى.
دەرىزىنى ئاچقۇم كېلىدۇ، باھار كۈلەر بارماقلىرىمدا. ئاق بوز ئېتىم تۇراتتى كىشنەپ، تۇيغۇمدىكى يايلاقلىرىمدا.
تولماقتىدۇر قۇياشنىڭ كۆكسى، ئەستىلىكلەر قىزاردى چوغدەك. ئىزلىرىمغا لەۋ سوزغان يوللار، تولغىنىدۇ ئۇياتچان قىزدەك.
ئېھ، نەقەدەر گۈزەل ئىدى-ھە؟! يار چېھرىدەك ئايدىڭ كېچىلەر. پەيلىرىگە يامىشىپ قۇشنىڭ، ياز كەلمەكتە، كەلمەكتە دىلبەر!
ھايات كۈيلەر يالغۇزلۇقىنى
ۋاقىت نەپەسلىرىدە يېلىنجاۋاتقان، قۇمدۇر ياكى سۆڭەكلىرىمىز. تاش ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان، ئۆلۈپ تۇرۇپ كۈلىۋاتقان قىز!
ئات ئۈستىدە مەغرۇر سەلتەنەت، كۆيەر تۈتەپ توغراق كاۋىكى. يوپۇرماقتەك كۆكلەيدۇ قىسمەت، يەر سېغىنسا ئەرنىڭ يۈرىكى.
ئىشتان كەيمەي چوڭ بولدى دۇنيا، كۆز ئىچىگە مۆكۈۋالدى سۆز. گۈل ھۆسنىدە نەدۇر نۇر-زىيا، باغلار ئارا كۈلگەندە كەچكۈز.
بېلىق ئۈزەر سۇنىڭ تېشىدا، يارا ئەيلەپ كۆڭۈل زوقىنى. چۆچەك سۆزلەپ تونۇر بېشىدا، ھايات كۈيلەر يالغۇزلۇقىنى!
ئاپتۇر: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزا چىلان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 阿克苏柯坪县阿恰乡其兰小学:艾哈买提玉苏浦 18997665818 TEL- 15609975818 |