baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 547|ئىنكاس: 19

مۇنداق ئاجراشقۇلۇق

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئادەملەر ھەرقانداق بىرنەرسىنىڭ قەدرىنى ئايرىلغاندىن كىيىن چۇشىنىدىكەن. بىزنىڭ ئەڭ يىقىن،سۆيۇملۇكئادەملىرىمىز دەل شۇنىڭ ئىچىدە.شۇڭا ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادىمىمىز  
" مەن سىزنى سۆيىمەن "دىگەن سۆزنى ئايىماسلىقىمىز،ئۆزىمىزگە قىلچىلىكپۇشايمان قىلىدىغان بوشلۇق قالدۇرۇپ قوياسلىقىمىز كىرەك.  
مەلۇم بىر كىچە. ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان ئەر-ئايال مۇنازىرىلەشمەكتە.  
يىغىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئايال ئىرىگە سوغۇق بىر نەزەردە قاراپ،بايىلا يىزىپتەييارلاپ قويغان قەغەزدىكى تىزىلىكنى ئىرىگە ئۇزاتتى.

قەغەز ئۇستىدىكى تىزىملىككە مۇنداق يىزىلغانىدى.   

كىتاپ جازىسى- مەن سىتىۋالغان.
   
رەسىم جازىسى- مەن سىتىۋالغان.

سائەت - مەن سىتىۋالغان.  

تاماق شىرەسى- مەن سىتىۋالغان.

دەرىزە پەردىسى- مەن سىتىۋالغان.

ئەينەك- مەن سىتىۋالغان.  بۇ نەرسىلەرنى ئۆزۇم بىلەن بىرگە ئىلىپ كىتىمەن.
ئەر ئايالىغا قارىغاچ،ئۇستەل ئۇستىدىكى قەلەم ،قەغەزنى ئىلىپ بىر نىمىلەرنىيازدى-دە ئايالىغا   
ئۇزاتتى.  
ئەر مۇنداق يازغانىدى.

يوتقان-كۆرپە ھەقسىز.
   
كىيىم-ئىشكابى -ھەقسىز.

ئىسسىقلىق ساقلاش قۇتىسى-ھەقسىز.

سىزگە قىلغان تىلىفونلىرىم-ھەقسىز.   

سىزگە يازغان سان-ساناقسىز سۆيگۇ خىتى-ھەقسىز.  

سان-ساناقسىز ئىشقا-ئاپىرىپ ئەكلىشلەر-ھەقسىز.  

سىزگە ھەمراھ بولغىنىم،سىزنى ساقلىغىنىم ،ئاغرىپ قالغىنىڭىزدا كۇتكىنىم-ھەقسىز.

سىز بازار ئايلىنىشقا ئامراق،سىزنى ئىلىپ زىرىكمەي بازار ئايلانغىنىم-ھەقسىز.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ھەقسىز سوۋغا قىلدىم . بۇلارنىمۇ ئىلىپ كىتىڭ.   

يەنە: سىزگە سوۋغا قىلغان بارلىق كىيىم-كىچەك،گۇللەر ھەقسىز.   

سىز ئۇچۇن ئەنسىرەشلىرىم،سىزگە بولغان سۆيگۇم بۇلارمۇ مەڭگۇ ھەقسىز.  

ئايال بۇنى كۆرۇپ بولغاندىن كىيىن،يوشۇرىۋىلىشقا ئۇلگۇرەلمىگەن كۆزياشلىرىنىقويۇۋىتىپ يەرگە قارىدى.بىر ھازادىن ئاستا بىشىنى كۆتۇرۇپ ئىرىگە قاراپ" يۇقارقى نەرسىلەرنى ئىلىپ كىتىمەن،يەنە سىزنىمۇ ........." دىگەن گەپنىئارانلا دىيەلىدى.

2.ئىرى ئايالىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى"خالىسڭىز مىنىمۇ قوشۇپ ئىلىپ كىتىڭ
مۇنازىرە مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.  
بەلكىم تۇرمۇشىمىزدىكى بەخت ۋە ئازاب پەقەت بىر قەدەم بىلەن يەنە بىر قەدەمئارىسىدىلا بولۇشى مۇمكىن.بىز پۇرسەتنى ۋاقتىدا تۇتالىساقلا.  

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-8 21:23:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. بارلىق ئائىلەلەرنىڭ مەڭگۈ بەخىت ئىچىدە ئىناق ئۆتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

باھا سۆز

ياخشى يېزىپسىز، ئەر-ئايال دېگەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشايدۇ، شۇڭا، ئۇلار بىر- بىرىنى چۈشىنىپ، بىر- بىرىگە يو....  ۋاقتى: 2013-10-10 17:02
ۋاقتى: 2013-8-8 22:43:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشتىكى بارلىق كونا يىڭى ئەزالارنىڭ ئائىلىسىنىڭ خۇشال -خۇرام ياخشى ئۈتۈشىگە تىلەكداشمەن
ۋاقتى: 2013-8-16 00:27:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ نەقەدەر قۇدرەتلىك ھە؟!  ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسى بەخىتلىك بولسۇن ئىلاھىم.
ۋاقتى: 2013-9-28 19:40:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىلغار ئەپەندىم ،تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە بەكلا ھەۋەس قىلدىم ،سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى ،تېخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللاپ بايقاشنى ھەقىقى بىر داڭدار توربەتلەردىن قىلىشقا ھەممىمىز توھپە قۇشۇدىغان ئۈلگە بولشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!!!!!!
ۋاقتى: 2013-10-10 17:04:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ، داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
ۋاقتى: 2013-11-18 14:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇنى مەن قايسى ژۇرنالدا كۆرگەن بولغىيتتىم. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت بەك ياخشى ئىپادىلەپ بېرىلگەن.
ۋاقتى: 2013-12-11 12:17:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپ كەلسەك مانا شۇنچىلىكلا ئىش، بۇ دۇنيانىڭ تالاشقۇدەك نېمىسى بار . يىقىن ئادەملىرىمىزدىن كىچىككىنە كۆڭۈل سۆزىمىزنى ئايىمىساقلا، نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر تەبىئىيلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. ئائىلىمىزنى، ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىمىزنى مەڭگۈ يىنىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ، ئەر-ئايال تەڭ تىرىشايلى!
ۋاقتى: 2013-12-11 12:17:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپ كەلسەك مانا شۇنچىلىكلا ئىش، بۇ دۇنيانىڭ تالاشقۇدەك نېمىسى بار . يىقىن ئادەملىرىمىزدىن كىچىككىنە كۆڭۈل سۆزىمىزنى ئايىمىساقلا، نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر تەبىئىيلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. ئائىلىمىزنى، ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىمىزنى مەڭگۈ يىنىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ، ئەر-ئايال تەڭ تىرىشايلى!
ۋاقتى: 2013-12-19 14:13:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيانىڭ  بىزگە بەرگەن خۇشاللىقى ،خاپىلىقى بىزگە قىلىنغان سوۋغا دەپ ئويلايمەن ،ئەر-ئايال بىر ئائىلىنىڭ تۆت تىمىغا ھەم ئىچىدىكى بارلىق بىزەكلەرگە ئوخشايدۇ بۇ تامنىڭ بىر تەرىپى بولمىسا بۇنى ئۆي دىگىلى بولمايدۇ .ھەر قانداق ئىشتا چوقۇم كەچۈرۈم قىلىشنى ئۈگۈنىۋىلىشىمىز كىرەك  ئاجرىشىشنى ئويلىغان ھەر بىر ئاتا-ئانا ئاۋال پەرزەنتىمىزنى ئويلاش كىرەك كەلگۈسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئويلايلى بىر بىرىمىزگە يول قويايلى بەزى ئەرلەر ۋە ئاياللار يول قويغانسىرى ئىشىۋالمايلى  .ئىلغار ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:41, Processed in 0.967821 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش