مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئوگلان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر دوسلار؟

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىزنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق ئانا تىل جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقى كامدەك قىلىدۇ .

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(1)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • siginix1212 تۈنۈگۈن 17:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىڭىرقاشتىن يۈلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىپ كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 12:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 1

سەرداھى: ئىشىق مەكتۇبلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

دوست

609

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
134 سەر
تىللا
81 دانە
تۆھپە
126 سەر
شۆھرەت
128 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 16:30:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىق مەكتۈپلىرى

(نەسىر)

145729pa3pn2k9k3kvf3fp.gif

سېنىڭ ئاۋازىڭ

كېچە جىمجىتلىقىدا دەريا سۈيىدەك سۈزۈك شىلدىرلاۋاتقان سېنىڭ ئاۋازىڭ ئىدى... ئىچىمنىڭ قاراڭغۇلىقىغا ئېگىزلەۋاتقان ھېلىقى بىر تۈپ دەرەخ شېخىدىكى يېشىل يوپۇرماقلاردەك پىچىرلاۋاتقانمۇ ھەم سېنىڭ ئاۋازىڭ ئىدى...
مەن شۇ تاپتا مەست تۇيغۇمنىڭ قىيا ئېچىلغان دەرىزىسىگە قۇلاقلىرىمىنى چىڭ ياققىنىمچە، كۆڭۈل قەسرىمنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسىغا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن يېقىنلاۋاتقان ئاۋازىڭنىڭ پايانىغا تاشلانماقتىمەن...
سەزگۈم تاملىرى ھورلانماقتا، يۈرىكىمدىن باشلانغان ئەقىدە دەرياسى تاشقىنلاپ، تەققازالىقىمغا چوڭقۇرلىغان بىر تۈپ ھاياجان دەرىخى تاڭ شەپىقىنىڭ قىپقىزىل نۇرىدا يۇيۇنماقتا ئىدى!!
سېنىڭ ئاۋازىڭ-قىزىل! تومۇرۇمدا ئۆركەشلەۋاتقان قېنىمدەك...   
سېنىڭ ئاۋازىڭ-يېشىل! تەبىئەتنىڭ يىنىك دولقۇنلاۋاتقان تېنىدەك...   
سېنىڭ ئاۋازىڭ-ئاق! ئەقىدە ئالقانلىرىدا لەرزان يەلپۈنىۋاتقان قۇش پېيىدەك...
سېنىڭ ئاۋازىڭ-قارا! پىنھاندىكى سۆيگۈ دەرىخىمىزنى قات-قات ئوراپ تۇرغان تۈن پەردىسىدەك...
سېنىڭ ئاۋازىڭ-مېنىڭ پەرۋازىم...!!

2011.4.16

001k0543aSo.gif

سېنىڭ كۆزۈڭ

كۆز كۆڭۈلنى سۆزلەيدۇ، مۇھەببەت دالاسىنى باغاشلاپ ياتقان قاردەك كۆڭۈلنى... كۆز كۆڭۈلنى ئىپادىلەيدۇ. دىل چوڭقۇرلىقىدىن بۇلاق سۇلىرىدەك ئوخچۇپ چىقىۋاتقان كۆڭۈل سىرلىرىنى ھەم...!
سەزدىڭمۇ دىلبەر؟! ئىچىمدىكى ھېلىقى دەرەخ تۈۋىدە، كۆزلىرىڭدىن تۆكۈلىۋاتقان سۆزلىرىڭنى تىرىپ ئۈلگۈردۈم ۋە چىمەنلىكتىن ئەسكەن سالقىن شامالغا قاقلاپ قۇرۇتتۇم... تال-تال كىرپىكلىرىڭنىڭ سايىسىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان مېھىر دەرياسى بولسا يۈرىكىمگە قۇيۇلماقتا ئىدى... مەن قاراڭغۇ كۆزلىرىڭدىن باشلانغان چەكسىزلىككە قاراپ ئىچكىرلىدىم. يۈرىكىڭنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرىدىن مەست بولغان تۇيغۇم تىنىمسىز يۇلقۇناتتى. دىل كۆكۈمدە چاراقلاپ يانغان نۇرانە تەبەسسۈم ئاجىز تېنىمى ئىشىق زەنجىرىگە باغلايتتى...
كۆزۈڭنىڭ ئىچىدە كۆز بار ئىدى، دىلبەر! قوي كۆزلىرىڭدىن مېنى قىزغىنىۋاتقان...!!
كۆزۈڭنىڭ ئىچىدە كۆز بار ئىدى، دىلبەر! خىلۋەتتىكى قاراڭغۇ بۇلاقتەك چوڭقۇرلاۋاتقان...!!
كۆزۈڭنىڭ ئىچىدە كۆز بار ئىدى، دىلبەر! مېنى ماڭا چۈشەندۈرمەك بولۇپ، تا تاڭغىچە ئۇخلاتمىغان...!!
بۆگۈن يەنە تاڭ ئاتتى، دىلبەر! مېنى قۇتۇلدۇرۋالغىن ئاۋۇ قاراڭغۇ كۆزلىرىڭدىن...!!!

2011.4.19


دىلبەرنىڭ خەتلىرى

خېتىڭنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، دىلبەر! قەغەزگە ئەمەس، بەلكى قەلبىم بەتلىرىگە يازغان خېتىڭنىڭ...
ئەقىدە سۈيىگە چىلانغان قارا ھەم ئۇزۇن كىرپىكلىرىڭ قەلەم ئىدى! غۇنچىدەك لەۋلىرىڭدىن چۈشكىلىۋاتقان دان-دان سۆزلىرىڭنى يېزىشقا تەمشەلگەن...
ئاۋۇ تال-تال كىرپىكلىرىڭگە ئېسىلىپ تۇرغان سۈزۈك قەترىلەر سىياھ ئىدى! ئىشىق چۆلىدىكى چاڭقاقلىقىمغا يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇرلىرىڭ بىرلە نەمدەلگەن...
بىلىۋاتامسەن، دىلبەر؟! بىز كۆزدىن چىقىپ سۆزگە كىردۇق. ئاۋۇ كۆپكۆك ئاسماننىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ھايات ھېكمەتلىرىنى سۆزلىگىلى... ۋاقىت چوڭقۇرلىماقتا...! قۇياش تىكلەنمەكتە...! چىڭقى چۈشتىكى ياز ئاپتىپىغا قاقلانغان يېشىل يوپۇرماقلار جىمجىتلىقىنى كۈيلىمەكتە...!
مەن خەتلىرىڭنى ئوقۇپ بەردىم! شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلارغا ۋە كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارغا...
مەن خەتلىرىڭنى ئوقۇپ بەردىم! ئوغۇرلۇقچە چاچلىرىڭنى سىيلاپ، ھىدلىرىڭنى پۇراپ قاچقان شاماللارغا...
مەن خەتلىرىڭنى ئوقۇپ بەردىم! قەلبىمدەك يالىڭاچ دەرەخلەرگە ۋە كۆيۈپ تۇرغان ئىككىمىزدىكى يۈرەكلەرگە...
سەزدىڭمىكىن، دىلبەر؟! بىز ھاياتنىڭ كۈلكىسىدە جاراڭلاۋاتىمز. كېلىچەكنىڭ جىلۋىسىدە چوغدەك يېلىنجاۋاتىمىز. مۇھەببەت ئاسمىنىدا چولپاندەك چاراقلاۋاتىمىز...
مەن خەتلىرىڭنىڭ داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن، دىلبەر! ياز! يەنىمۇ قېنىق قىلىپ ياز! قەلبىم بەتلىرىدىكى مەن ئوقۇپ قانمايدىغان خەتلىرىڭنى... كۈن چۈشتىن قايرىلغىلىۋاتىدۇ...

2011.4.20


بوستان چاچ

تۇيغۇم بارماقلىرىنى كۆيدۇرگىلىۋاتقان بوستان چاچلىرىڭغا ئېسىلىمەن، دىلبەر! چېچڭدەك قاراڭغۇ كېچىدىن چىقىپ...! ئاۋارە تېنىمگە يىلاندەك يۆگىشىۋاتقان بوستان چاچلىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىغا يىقىلىمەن، دىلبەر! چېچىڭ جاڭگاللىقىدا غېرىپتەك ئېزىپ...!
چېچىڭنى قىلىچمىكىن دەيمەن، يۈرىكىمگە پېتىۋاتقان تال-تال چاچلىرىڭنى... چېچىڭنى دەريامىكىن دەيمەن، سۇ ئورنىغا چوغ تېمىۋاتقان چاچلىرىڭنى... يۈرىكىمنى تىلىم-تىلىم يارا قىلغانمۇ سېنىڭ ئاشۇ بوستان چاچلىرىڭ ئىدى. ئىلكىڭدىكى بەختىمنى قارا قىلغانمۇ ھەم سېنىڭ ئاشۇ بوستان چاچلىرىڭ ئىدى... چاچلىرىڭدىن چۈشۈشكە ھىچبىر ئىمكانىم قالمىدى، چاچلىرىڭنىڭ ئېگىز ھەم قاراڭغۇ شاخلىرىدىن...!!
كۆيۈۋاتىمەن جېنىم! بوستان چاچلىرىڭنىڭ قاتمۇ-قات قورشاۋىدا... ئۆلىۋاتىمەن جېنىم! جېنىم ئېسىلغان بوستان چاچلىرىڭنىڭ قاپقاراڭقۇ دارىدا...
بىلەمسەن، دىلبەر؟! چېچىڭ بىلەن ھاياتقا كۈلۈپ قارايمەن، ئۆلۈمگىمۇ ھەم، قىرىق تال ئۆرۈلگەن بوستان چاچلىرىڭ بىلەن...!!!

2011.4.21


كارۋاتتىكى كېچە

كېچە چوڭقۇرلىماقتا...! كارۋىتىمدا ئاق يىلاندەك سۇنايلىنىپ ياتقان يەنە شۇ كېچە...!
كېچە چوڭقۇرلىماقتا...! ئاسماننىڭ يىرتىلغان يوچۇقلىرىدىن مارىلاۋاتقان يالىڭاچ سۆڭەكلىرىمگە قەدەر...!
كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىنى كۆزۈڭنىڭ قارىلىقىغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ، كۆڭۈل قەسرىمنىڭ خىرە دەرىزىسىنى تېشىپ ئۈلگۈرگەن ئاۋۇ قاراڭغۇ كۆزلىرىڭگە...
سېنى خىيال قىلغاچ، توختىماي غىچىرلاۋاتقان كارۋىتىمنىڭ سۈزۈك ئاۋازىغا تاشلاندىم... خۇددى لەزىز ۋە سېھىرلىك بىر مۇزىكا تەن تارلىرىمدا جاراڭلاۋاتقاندەك!
مۇزىكا، يەنە شۇ مۇزىكا...! مۇزىكىغا تەڭكەش بولغان تىل دەرەخلىرىم لەرزان يەلپۈنمەكتە ئىدى...
مەن ماڭدىم كېچە بىلەن،
ئېرىقنىڭ ئىچى بىلەن.
مېنىڭ قولۇم باغلاندى،
يارىمنىڭ چېچى بىلەن!
...................
كېچە چوڭقۇرلىماقتا...! كۆزۈڭدە بۇلدۇقلاپ قايناۋاتقان چوڭقۇر قايناملىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن چىقىپ، تالاغا قارىدىم! كۆرە، دىلبەر! بىز تىككەن سۆيگۈ گۈللىرى يەنە قاناشقا باشلاپتۇ. خىياللىرىنى ئاپتاپقا سېلىۋاتقان ئارىمىزدىكى ئاۋۇ قاقاسلىق، چوغدەك يېلىنجاۋاتقان جىمجىتلىقىغا بىر تامچە يامغۇرنىڭ قۇرغاق ئاۋازىنى سۆزلەۋېتىپتۇ...!!!
كېچە چوڭقۇرلىماقتا... كارۋاتتىكى قاراڭغۇ كېچە...!!

2011.4.28


چۈش دەرىخى

چۈشۈمدىكى ھېلىقى دەرەخ تۈۋىدە سېنى ساقلاۋاتىمەن، دىلبەر! يالغۇزلۇقۇمنىڭ ئاۋارە تېنىگە بېشىمنى قويۇپ...!
قويۇق يوپۇرماقلارنىڭ دالدىسىدا چۇرۇقلاپ سايراۋاتقان ۋاقىت قۇشلىرىنىڭ ئاۋازى قىپقىزىل ئىدى...
مەن تەققازالىقىمنىڭ شورلۇق دالاسىدا گىرىمسەن ئالۋۇندەك جۇلالىنىۋاتقان يوقلۇقنىڭ قارشىسىدىن چىقىپ، يىنىك قەدەملىرىڭنىڭ بالاغىتىگە يىقىلىمەن! شامال دەرەخ شاخلىرىدا ئۇخلاۋاتقان؛ سۇلار چاكۇ-چاك يېرىلغان يۇمران لەۋلىرىنىڭ تەشنالىقىنى سۆزلەۋاتقان؛ تومۇز ئاپتىپى تەرلەۋاتقان تاملارنىڭ كۆيۈك تىنىقلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆپۈۋاتقان؛ ئارىمىزدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ چەكسىزلىكىگە يورىغان ئۈمىد چىرىقى ئاستا-ئاستا ئۆچكىلىۋاتقان...!
ئەنە، غەملىرىمدەك بىر دۆۋە خىيالنىڭ قۇرغاق تەبەسسۇمىدىن ئىسمىڭنى تاپالمىغان كۆڭۈل مەملىكىتىنىڭ مەغلۇبىيەتچى لەشكەرلىرى دەرەخ كاۋىكىدىكى ئاخىرقى سۈرگۈنگاھىغا يوشۇرنۇپ ئۈلگۈردى... مەن ۋەسلى ۋىسالىڭغا زارىقىشتىن ئاچچىق بولغان ئىچىمنىڭ قاراڭغۇلىقىنى تىڭشىدىم! ماڭا يەتمىگەن ئاۋازىڭنىڭ چۇل-چۇل پارچىسىدىن جاراھەتلەنگەن باغرىم تۇز سەپكەن يارىدەك ئېچىشماقتا ئىدى...
چۈشۈمدىكى ھېلىقى دەرەخ تۈۋىدە يەنىلا سېنى ساقلاۋاتىمەن، دىلبەر! ئاھۇ كۆزلىرىڭنى قورشاپ ياتقان پىچاقتەك كىرپىكلىرىڭگە يېرىم پېتىپ...! سېنى ساقلاۋاتىمەن، دىلبەر! قۇرۇپ قاخشال بولغان چۈش دەرىخنى سۆيگۈ ئوچىقىدا بىر شاخ-بىر شاختىن قالاۋېتىپ...!!!

2011.5.3


تەنھالىق دالاسى

ئاسمان سەتھىسىدە قۇياش تەنھا. كۆكتىكى ھىلالنى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار توپى قورشاپ تۇرىدۇ! ئۆلۈم تەنھا. ھاياتقا كۈللى كائىناتنىڭ قايغۇ ھەم شادلىقلىرى ھەمرا بولىدۇ! سەن ئۆزۈڭنىڭ تەنھالىقىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ، دىلبەر؟! ماڭا ئىشىق لەشكەرلىرىڭنىڭ قىيناشلىرى ۋە ئاسىي يۈرىكىڭنىڭ قېيداشلىرى ھايات ھەقىقەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇزۇن كېچىلەردە يېنىمدىن ئايرىلماي...!
تەنھالىق دالاسىدىكى ئىككىمىزنىڭ سەپىرى ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ!
سەن ئۆزۈڭنىڭ تەنھالىقىنى تەن ئالماي!
مەن تەنھالىقنىڭ قاراڭغۇ ئىشكىنى تاپالماي!
سەن تەنھالىقتىن قاچىسەنۇ، ئەمما تەنھالىقىڭغا بارغانسېرى چوڭقۇرلاۋاتقانلىقىڭنى سەزمەيسەن!
مەن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە سۆيۈملۈكلىكى يالغۇزلۇقتا ئاشكارلىنىدۇ دەپ قىياس قىلىمەن!
سەن تەنھالىقنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتىسەن!
مەن تەنھالىقنىڭ قارشىسىدىن!!
ۋاقىت دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى ئالتۇندەك تاۋلىنىۋاتىدۇ! ئۈستىمىزدە بىر پارچە ئاسمان ئاۋالقىدىن كىچىكلەۋاتىدۇ...!
كەل! بىز تەنھالىقىمىزغا قايتايلى، دىلبەر! تەنھالىقىمىزنىڭ چەكسىز دالاسىغا...!!

2011.5.3


مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم!

002a051wEh_.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 03:37  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

448

تېما

75

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6164 سەر
تىللا
12311 دانە
تۆھپە
9299 سەر
شۆھرەت
4516 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:47:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ! ئادەمنى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئىزگۈ ھىسلارغا چۆمدۈرىدىغان شۇنداق ئېسىل نەسىرلەر ئىكەن . قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي بۇرادەر. مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-12 00:53, Processed in 0.463030 second(s), 46 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش