غەزەللەر ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى 1 گىياھسىز چۆلگە ئات سالدىم ئىشىق سەۋداسىدىن يالغۇز، ئۈزۈپ ھەم تارىنى سازنىڭ زامان غەۋغاسىدىن يالغۇز. لەھەتكە ئىختىيار ئەتمەك كۆڭۈل رەنجىنى داغ ئەيلەر، زىياسى ئۆچمىگەي دىلنىڭ ھىجىر دەۋاسىدىن يالغۇز. ئاياز تەرلەيدۇ باغرىمدا، چىمەن كۆكلەر ئاياغىمدا، رىيازەت زۈلمىتى باستى كۆڭۈل ۋەسۋەسىدىن يالغۇز. ئازاب بىرلە تېنىم جۇل-جۇل يۈرەك سۆيگۈڭگە قۇل بولمىش، باشىم ئېلىپ قېچىپ چىقتىم ئۆسەك رەسۋاسىدىن يالغۇز. لەھەڭ يۇتسۇن دېڭىز ئۆزرە غېرىپ جانىنى ئەھمەدنىڭ، ئامان بولسا ئەزىز باشى گۈزەل بەرناسىدىن يالغۇز. 2 ئايا دىلبەر مېنىڭ ئىشقىم سېنىڭ ۋەسلىڭگە زار بولمىش، نىھال ئۈزمەككە جان رېشتىم سۇنۇق دۇتتارغا تار بولمىش. پىيادە كەزمىكىم بەرھەق جۇنۇنلۇق دەشتىنى يالغۇز، مەگەركىم پارلىساڭ ئايدەك دىلىم خۇشلۇققا يار بولمىش. كۈلۈپ باقماي ماڭا بىر رەت زىمىستان باشلىساڭ تەھقىق، باھاردا كىرپىكىم ئۆزرە ئۇچۇپ قونماققا قار بولمىش. چىمەنلەر جىلۋىسى ئۆچكەن كۆيۈك سايدا غېرىپ باشىم، تېنىڭ مەرغۇلىدا ھەر ئان ئېزىپ چىقماققا بار بولمىش. شامالدا يەلپۈنەر تال-تال، جېنىمدا ئوت كۆيەر يال-يال، دەرىخا! شۇ قارا ساچىڭ ئېگىز ئۇچماققا دار بولمىش. كۆڭۈل بوستانىدا سەنسىز كېزىپ مەيخانە بۇ ئەھمەد، ھىجىر قىيناقلىرى ئىچرە ۋىسال قۇچماققا خار بولمىش. 3 ئۆرتەبان باغرىمنى ئىشىقىڭ زوقۇمنى ھەيران ئەيلىدى، كەربالا دەشتى ئارا زۇلفۇمنى ۋەيران ئەيلىدى. كىرپىكىڭ ئوقيا ئىرۇر تەندە جاراھەت گۈللىرى، جان ئۆچەر كۈلدەك توزۇپ خاكىمنى سەرسان ئەيلىدى. لەۋلىرىڭ غەمزە قىلۇر سۆيسەم چېچىڭنىڭ تالىنى، ھىدلىرىڭ ئۈپكەن شامال رەڭگىمنى زەپران ئەيلىدى. نە شاراب مېھرىڭ بىلەن تولدۇر كۆڭۈلنىڭ جامىنى، قىسمىتى رەڭدار پەلەكنىڭ، دادىمنى ئەپغان ئەيلىدى. سەن ماكان ئەتتىڭ نېچۇن پەسلى ئايازنىڭ غارىنى، تاغ تېشىپ سۇ ئاچقىلى ئەھمەدى پەرمان ئەيلىدى. 4 ئىشىق سەۋداسىدىن چايدەك پۇرۇقلاپ قاينىغان كۆڭلۈم، ھىجىرنىڭ زارىنى بال دەپ تۇلۇقلاپ چاينىغان كۆڭلۈم. جۇنۇنلۇق قىسمىتى زاھىر قاراقلار تەكتىگە چۆكسەم، مۇشەققەت تاڭلىرى ئۆزرە بۇقۇلداپ سايرىغان كۆڭلۈم. كۆيۈكنىڭ ۋەجىدىن كۈن-تۈن نىگار دەپ كىرپىكىن قاقماي، پىچاق سالغاندا يار قەھرى لوقۇلداپ ئاغرىغان كۆڭلۈم. سۈرۈپ كۆزگە نۇرىنى ھەم چۆلى دەشتلەردە مەشرەپنىڭ، بۇ يەڭلىغ رەنجى كۈلپەتنى ئۇلۇغلاپ يايرىغان كۆڭلۈم. يۇتالماي قەترە مەي چەرخىڭ ئۇرۇپ چاققاندا جامىڭنى، پىراقتىن ئۆرتىنىپ ئاچچىق لاۋۇلداپ ئاينىغان كۆڭلۈم. جېنىنى قاقشىتىپ ئاندىن يۈرەكنى ئۆتكۈزۈپ زىخقا، كۆزىن ياشلاپ بۇ ئەھمەدنى ئاۋايلاپ داغلىغان كۆڭلۈم. 5 ئايا دىلبەر بوسۇغاڭغا دىلى قان-قان قاناپ كەلدىم، يولۇمدا رەنجى-كۈلپەتنى چىشىم چىشلەپ ساناپ كەلدىم. مېنى ھىجرانغا يار قىلدىڭ ئىشىق بوستانىدا يارەب، باھاردا توزۇغان گۈلدەك دىلى ۋەيران خاراپ كەلدىم. چۆلى دەشتلەردە مەشرەپنىڭ يېقىپ ئۆچكەن چىراغىنى كۇلاھۇ-جەندىلەر ئىچرە كۆيۈپ باغرى كاۋاپ كەلدىم. نىتەي كۈللى ھەسرەتنى تېتىپ كۆرمەسكە چارەم يوق؟! ئۇزۇن تۈنلەردە كۆز يۇمماي ئۆزۈمنى بەك تالاپ كەلدىم. مېنى سەن سەرگەشتە ئەيلەپ، راۋان بولدۇڭ يىراقلارغا، ئىزىڭنى ئاختۇرۇپ چوغدىن، قوقاسلارغا قاراپ كەلدىم. پەقىرگە رەھمە قىلغايسەن، مېنىڭ ئاھىمغا يەتكەي كىم؟! ھەقىر تېنىنى ئەھمەدنىڭ قىلىچ بىرلە چاناپ كەلدىم. 6 تەرك ئەتتىڭ بۇ دۇنيانى بېغىڭدا تاللىرىڭ قالدى، ياقا يىرتىپ ھازا ئاچقان كۆزى ياش باللىرىڭ قالدى. چېچىڭدا چۇقچىلاپ چوغنى، يىراققا قوغلىغان سوغنى، سويۇپ ئۈلگۈرمىگەن ئەپسۇس تونۇردا نانلىرىڭ قالدى. توخۇ-كەپتەرلىرىڭ دانسىز ئىزىڭنى ئاختۇرار غەمكىن، سۆزۈڭنى ئەسلىتىپ ھەربىر قولۇڭدا دانلىرىڭ قالدى. ھىدىڭنى سېغىنىپ ھەر تاڭ بوسۇغاڭنى تاۋاپ ئەتسەم، ئۆزۈڭ يوق ئۈشبۇ سەينادا، سۈپۈرگەن قارلىرىڭ قالدى. خىيال ئىچرە كۆيۈپ چىقتىم جېنىڭ كۆيگەن ئوچاقلاردا، قولۇڭ بىرلە سوزۇپ سالغان چىنەمدە تارلىرىڭ قالدى. پۇراپ قانماي ئانا بەلكى باھار كۈلگەن قۇچاغىڭنى، قارا قىشتىن ئامان چىققان بېنەمدە① يازلىرىڭ قالدى.
①بېنەم-يېڭى ئاچقان يەر 7 كۆيۈپ ئىشقىڭدا تولغاندىم، كۆڭۇل ئىزھارغا زار ئەتمە، جېنىمنى سايرىتىپ قان-قان، سۇنۇق دۇتارغا تار ئەتمە. مۇھەببەت مەنزىلىن كۆزلەپ، تاغۇ-دەريا ئېشىپ كەلدىم، بوسۇغاڭ تۈۋىدە ئاخىر يەنە يىغلارغا يار ئەتمە. تىلىم جان بەرسە ئالدىڭدا، غېمىم كۆكلەيدۇ باغرىمدا، چېچىڭدا ئوينىتىپ جاننى ئېگىز ئاسماققا دار ئەتمە. دىلىم غەمناك، تېنىم جۇل-جۇل ئىشىكىڭدە قەلەندەرمەن، رەھىم ئەيلە ماڭا بىر رەت، پۇچۇق شۇ نانغا خار ئەتمە. مېنىڭ ئاھىم يىتىپ بەلكى بولۇر تالقان قورام تاشمۇ، يېشىم ئۆزرە غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈشكە ئىختىيار ئەتمە. گۈلىستاننى تەرك ئەتتىم، كۆيۈك سايدا سېنى دەيمەن، كۈلۈپ باققىن دەرىزەڭدىن، يولۇمنى ئۇنچە تار ئەتمە. 8 مېنى دەردۇ-بالا بىرلە خاراب ئەتمىشلىرىڭ باردۇر، چىقىپ ھىجران تۈنىدىن گاھ، يەنە كەتمىشلىرىڭ باردۇر. چېچىڭنىڭ قامچىسى تەگدى، ئەزىز باشىمنى قان ئەيلەپ، يارا بولغان يۈرەكىمدە گۈزەل كەچمىشلىرىڭ باردۇر. غېرىپ جانىمنى دان ئەتتىم، قېنىم بولغايغۇ ئۇسسۇزلۇق، قۇرۇق-قاخشال سۆڭەكىمدە قانات كەرمىشلىرىڭ باردۇر. قاراڭغۇ كەچلىرى سەنچۈن كۆيۈپ تۇرغان چىراق تۇرسام، ئۆزۈڭ يۇلتۇز كەبى گاھى يېنىپ ئۆچمىشلىرىڭ باردۇر. دىلىستانىمدا قۇش بىلسەم، يىراق چۆللەرنى ياد ئەتتىڭ، مېنىڭ قەدرىمگە ئەي دىلبەر ھامان يەتمىشلىرىڭ باردۇر. 9 يورۇق تاڭلارغا زار قىلما، كېچەڭدە نۇر-چىراقتۇرمەن، ئىشىق دەرياسىدا چوغدەك تولۇپ ئاققان پىراقتۇرمەن. ئەنە، پەرۋانە ئوت ئىچرە ئۆلۈمنى ئىختىيار ئەتتى، مېنى ھىجرانغا يار قىلما، بىسى قان-قان پىچاقتۇرمەن. لېۋىڭ غۇنچە، غېمىڭ شۇنچە، كۆزۈڭگە جان بېرەي قانچە؟! سېنى ساقلاشقا پىنھاندا قويۇق ئۆسكەن قىياقتۇرمەن. تۈمەن گۈللەر ئارا سەندىن دىلىم رەنجى شىپا تاپمىش، كۆيۈكنىڭ ۋەجىدىن بىلسەڭ سامان رەڭگى سىياقتۇرمەن. كۆڭۈل ئايۋانىغا قونغىن، ئۇرۇپ خەندان تازا سايرا، گۈلىستانغا ئاياز كۈتكەن دىلى كوردىن يىراقتۇرمەن. غېرىپ چۆللەرنى سەيلەتتىڭ، يۈرەكنى قانۇ-خۇن ئەتتىڭ، چېچىڭنىڭ دارىغا دىلبەر ئېسىلغان چىڭ شىراقتۇرمەن...! 10 مېنى سورار كىشىم بولسا،كۆڭۈل ئىزھاردا يوق دەڭلار، ياتار جايىم كۆيۈك تاغدۇر، گۈلى-گۈلزاردا يوق دەڭلار. گۆرۈستان جىملىقى قەلبىم، يەنە يەكتا قەلەندەر مەن، كۇلاھۇ-جەندىگە رازى، تاۋا، زۇنناردا يوق دەڭلار. ناۋا ئەيلەپ دۇتار-تەمبۇر، ساتار جانلارنى خۇن قىلسا، يۈرەكتە ناخشىسى ئۆلگەن، دىلى كۈيزاردا يوق دەڭلار. پەلەك چەرخىگە ئىمكانسىز، تىكەن پاتقاندا دات سالماي، ئۆزىگە چىن پۈتۈپ كەلدى، ھىلە –سەرۋازدا يوق دەڭلار. ئىشىق ھارۋىسىن ھەيدەپ، كېزىپ دەشتۇ-باياۋاننى، ياتار ئاپتاپقا تەن قاقلاپ، ئېگىز پەرۋازدا يوق دەڭلار. لەھەتكە ئىختيار ئەتتى، يېقىپ مەڭزىن خەستە تۇپراققا، ئۇنى قەبرىدە ئوت ئەمما كۈللى غەم-زاردا يوق دەڭلار.
ئاپتۇر: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە چىلان يېزا مەركىزى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 阿克苏柯坪县启浪乡中心学校:艾哈买提玉苏浦 |