بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەرداھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 23:27
ناتونۇش ئايال
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى 1 يامغۇردەك تاراسلاپ چۈشمەكتە ھىجران، قەلبىمنىڭ قاراڭغۇ كۆزنەكلىرىگە. ئېسىمدىن يالاڭياق ئۆتتى بىر ئايال، يوشۇرۇپ ھاياتنى كۆينەكلىرىگە.
قارىدىم! كۆزىدە پايانسىز چۆللەر، قارىدىم! لېۋىدە يىغلايتتى سۆزلەر. قارىدىم! ئۇ ئېقىپ كېلەتتى يالغۇز، باغرىنى قىپقىزىل يارغاندا گۈللەر!
ئۇ بەلكىم ئاپتاپتا كۆيگەن قىز ئىدى، ئۇ بەلكىم مەن دىلدىن سۆيگەن قىز ئىدى. ئۇ بەلكىم بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن، مۇھەببەت چۆلىدە ئۆلگەن قىز ئىدى.
مەن جىمجىت ئايرىلدىم جىمجىتلىقىمدىن، ئاي نۇرى ئېسىمدەك چېچىلار تال-تال. سۆڭەكتە توختىغان پىچاقتەك، يەنە باغرىمغا سانجىلىپ تۇرار شۇ ئايال! 2 بىر ھارغىن خىيالدۇر ياكى بىر تال خەت، چاچلىرى چۆللەرگە ئوت قويغان ئايال. يېرىلسا توغراقنىڭ قوۋزىقى قات-قات، يۈرىكى ئىسسىقتىن كۆيەتتى يال-يال.
ھەسرىتى مەست قىلار قاراڭغۇ تۈننى، لېۋىدە قىپقىزىل قانايدۇ ھايات. يوللارنىڭ پايانى غەملەرگە تۇتاش، قۇملارنىڭ چاڭقىشى كۆتۈرەر پەرياد!
مەن خىيال قىلمىغان كۆيۈپ قېلىشنى، يازمىغان ئۆزۈمگە ياكى سالام خەت. ناتونۇش بولسىمۇ ھېلىقى ئايال، نە سەۋەب ھېلىھەم چېكىمەن ھەسرەت؟! 3 ھەسرەتنى كۈيلىدىم، ئاۋازىم يارا... بۇ كېچە ھېچكىمگە يىغىلىمايدۇ ئاي. تۇپراقنىڭ پەريادى تۇرسا چېچىلىپ، يىغلاشنى ئۆگەنمەي، كۈلۈپ نە قىلاي؟!
خىياللار ئۆزىگە تولماقتا قىزغىن، ئېچىلغان گۈللەردە بولسۇن نە ھوزۇر؟! ھاياتنى باغاشلاپ سۆيگۈم كېلەتتى، تاشلارنى باغرىدا كۆكلەتسە يامغۇر. نەم بولغان چېچىنى چۆللەردەك يېيىپ، ئېسىمنى چالغىتار ھېلىقى ئايال. ھېچكىمنىڭ قەلبىدە كەلسەم يادلىنىپ، كىم مېنى سۆيۈشكە ئىزلەيتتى ئامال؟! 4 ئۇ كۈلسە لېۋىدە ئېچىلار رەيھان، يىغلىسا ئۆزىنى قىلىچلايتتى ئاي. ئۇ ئۆلسە تۇپراقنىڭ باغرى لەختە قان، تىرىلسە چىمەنگە پۈركىنەتتى ساي!
كۈلەتتى ئاسماندەك سۈزۈلۈپ، گاھى يېشىدا ئاقتۇرۇپ ئوينار ئۆزىنى. بارخانلار كۆكسىدە كۆكلەيتتى يارا، قۇملارغا جىجىلاپ يازسا سۆزىنى. ھەر كېچە چۈشۈمگە كىرمەكچى بولۇپ، يېقىنلاپ كېلەتتى، قاچاتتى يەنە! مەن ئارزۇ قىلاتتىم ئۇخلاپ قېلىشنى، ئۆتتى شۇ ئۈمىدتە يەنە بىر قەرنە... 5 ئاياللار ئالدىمدا ئۆلمەس يالىڭاچ، مەيلى ئۇ كىم بولسۇن بىلىپ نە قىلاي؟! چۈشۈمگە سانجىلغان كىرپىكلىرىدە، قاراڭغۇ تۈنلەرنىڭ كۆكسىنى تىلاي!
يوقلۇق ۋەھىمىسى ئۆركەشلىمەكتە، ئۇ بەلكىم دۇنياغا تۆرەلمىگەن قىز. ناۋادا ھاياتنى ياشىغان بولسا، مەن ئۆتەر شۇ يولغا چۈشۈپ قالغان ئىز.
گۈللەرنى ئاختۇردۇم، چۆللەرنىمۇ ھەم، بۇ مېنىڭ دەردىمگە تېپىلماس دورا. ھېلىقى ئايالدۇر ياكى يالغاندۇر، يۈرەكتە مەڭگۈللۈك قالغان شۇ يارا! 6 چىڭقىچۈش پەيتىدە توختىدىم بىر پەس، ئۆزىگە تولمىدى سۆزدىكى قۇياش. ئۆتمۈشنىڭ ئاۋازى كىشنەۋاتقان ئات، يەنە شۇ ئايالدۇر يىغلاۋاتقان تاش! مەن ئاڭا شۇ قەدەر يېقىندا تۇرۇپ، يېشىنى سۈرتۈشكە يەتمەس ھىچ قولۇم. چۆللەرگە باغرىمنى ئاچتىم ئاۋايلاپ، ھاياتنى ياشاشنىڭ ئۆزىلا زۇلۇم. ئارقامغا قاراشتىن قورقىمەن دەھشەت، قۇرىغان شاخلاردا سەرساندۇر شامال. ئۆلۈمگە ئولتۇرغان ھاياجىنىمغا، سىغدىلىپ كىرەتتى يەنە شۇ ئايال! 7 مۇھەببەت ئەسلىدە بارسا قايتماس يول، غەملەردەك ئېگىزلەپ بارار پەلەمپەي. كۆرىمەن ئەڭ گۈزەل چۈشلەرنى تەكرار، ئىچىشكە يەتمەيدۇ يېرىم كاسە مەي!
ھاياتقا شۇ قەدەر ئامراقلىقىمدىن، ئۆلۈمنىڭ ئالدىغا كەلدىم ئېھتىمال. قىرىق تال ئۆرۈلگەن چېچىنى يۇلۇپ، قاچاتتى چۈشۈمدىن ھېلىقى ئايال.
پەسىللەر ئۆركىشى كېلەر باستۇرۇپ، قۇرىغان شاخلاردا كۆيۈۋاتقان قار. كىملەردۇر ئوينىغان بەش تاشنىڭ، بىراق قاراڭغۇ قارنىدا كۆكلەيدۇ باھار! 8 ياز تىنىقلىرىدا كۆيۈۋاتىمەن، سەھەر كۆزنەكلىرىدە يۇلتۇزلار خىرە. سۆزلەيدۇ كۆڭۈلنىڭ نازۇكلىقىنى، لېۋىمدە جاراڭلاپ سۇنغان پىيالە.
ئارىمىز شۇ قەدەر يېقىندۇر، گاھى يىراق بىز، جاھاننىڭ ئىككى چېتىدە. چۈشلەرنى چۈشلەرگە قېتىپ بولالماي، ھاياتنى كۈيلەيمىز ئوقۇپ قەسىدە.
ۋاقىت ئاراچلىرىدا ياتتۇق ئۇۋۇلۇپ، ھىجران قوۋۇقلىرى ئېگىزدۇر-ئېگىز. يۈرەكتە يادلىنىپ تۇرار بىر ناخشا، مۇھەببەت يارىسى ئالمايدۇ ئېغىز! 9 ئۇ كىرىپ كېلەتتى چۈشۈمگە يالغۇز، سۆزلەرنى يوشۇرۇپ قولياغلىقىغا. بىز جىمجىت قارىشىپ تۇراتتۇق ئۇزاق، چۈشلەرنىڭ ياپيېشىل قوناقلىقىدا.
تىنىقلار چوغ ئىدى، چوغ ئىدى كېچە، ئۆزىنى ئېرىققا تاشلايتتى ھىلال. ئىككىمىز ئوقۇغان سىمفۇنىيەدە، تەبىئەت ئەڭ شىرىن سۈرەتتى خىيال.
دېڭىزدەك چايقىلار ئىسسىق ھاياجان، قىپقىزىل قوناقتەك سويۇلماقتىمىز. تۇتۇپ چىڭ ھاياتنىڭ بۇدرۇق قولىنى، يورۇغان تاڭلارغا ماڭدۇق ئىككىمىز...! 10 ئېھ، سىم-سىم يامغۇرغا باغرىمنى ئاچتىم، ئۇ كىمنىڭ كىرپىكى تۆكۈلگەن تال-تال؟! غەملەرنى سۈپۈرگەن سۇمبۇل چېچىدا، ھېچكىمدۇر ۋە ياكى ھېلىقى ئايال...!
ياپيېشىل مۇھەببەت دالاسىدا بىز، كىيىكتەك قىيغىتىپ يۈگۈرمەكتىمىز. ئېسىمگە سۈركىلىپ تۇرغان شۇ ئايال ئون سەككىز يېشىمدا كۆيۈپ قالغان قىز!!!
ئاپتۇر: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزا چىلان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 阿克苏柯坪县阿恰乡其兰小学:艾哈买提•玉苏浦 18997665818 15609975818 |