مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2071 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 7 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 4

سەرداھى: چۈش ياپراقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

دوست

609

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
134 سەر
تىللا
81 دانە
تۆھپە
126 سەر
شۆھرەت
128 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 23:20:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈش ياپراقلىرى
(نەسىر)
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى
1
بۇ بىزنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز ئىدى!
سۈ يۈزىدە يىنىك سىلىكىنىۋاتقان نىلۇپەردەك سۈزۈكلۈكىڭدىن كۆرۈش سەزگۈم مەستلىكىگە يىقىلدى...
دېڭىز تاشقىنىدەك ئۆركەشلەۋاتقان قاپقارا چاچلىرىڭ قاراڭغۇ ئىچىمدىن رەڭ تالىشاتتى. ئۇزۇن ھەم تال-تال كىرپىكلىرىڭ تۇيغۇم تاملىرىغا تىغدەك سانجىلىپ، ماڭا قاراپ يېقىنلاۋاتقان قەدەملىرىڭدە رېتىمىدىن ئاداشقان ئاجىز يۈرىكىم قۇمدەك يانجىلاتتى...
تىنىقلىرىمغا سۈركىلىپ ئۆتكەن تىنىقلىرىڭدىن ئېسىمگە كەلگىنىمدە، سەن ئاللىبۇرۇن يېنىمدىكى بوش ئورۇندۇقنىڭ خاس ساھىبىغا ئايلىنىپ بوپسەن ئەمەسمۇ، دىلبەر؟!
2
تۇرۇپلا ساڭا قارىغۇم كېلەتتى!
تەبەسسۈم ئۆچمەيدىغان نۇرانە چېھرىڭ قەلبىمنىڭ قاراڭغۇلىقىغا چىراق ياقاتتى...
كۆزلىرىڭگە قاراشتىن ئەيمىنەتتىم!
خىلۋەتتىكى قىياقلار ئارىسىدىن بۇلدۇقلاپ تېشىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى كۆڭۈل ئەينەكلىرىمنى چۇل-چۇل چاقاتتى...
كىرپىكلىرىڭ قورشاۋىدىن قېچىپ چىقىشقا ئىمكانىم يوق!
قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قان ئىچىدە ياتقان ئاۋۇ يارىدار قۇش بولسا مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى...
ھالرەڭ لېۋىڭدە جان تالىشاتتىم-يۇ، چاچلىرىڭغا ئېسىلىپ، ئالتۇن بويلىرىڭغا يامىشىشنى خىيال قىلاتتىم...!
3
سەن يەنىلا جىمجىت ئولتۇراتتىڭ... يۈرىكىمگە ئەڭ يېقىن جايدا!!!
4
ۋاقىت سىمفۇنىيەسى شۇ قەدەر جاراڭلىق ئىدى... ئۇشتۇمتۇت شېئىر يېزىشنى ئويلاپ قالدىم! سەن يۇمران بارماقلىرىڭنى ئېڭىكىڭگە تىرىگىنىڭچە ماڭا قاراپ ئولتۇراتتىڭ... تۇيغۇلىرىمىز ‹‹دېڭىزدىكى كوچا››نىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشاتتى...مەن قولۇمدىكى كىتابنى ئاۋايلاپ ياپتىم-دە، قەلبىڭنىڭ ھىم ئېتىكلىك قاراڭغۇ ئىشكىگە يېقىنلاپ كەلدىم...!
5
بۆگۈن قار ياغقان ئىدى!
بىز سىرتقا چىقتۇق. ئاپپاق لىباس ئارتقان گۈزەل كائىناتنىڭ يارقىن جىلۋىسىدىن مەستخۇش بولغان كۆڭۈللەر ئۈنسىز پىچىرلىشاتتى...
قەلبىڭنىڭ ئاقلىقىنى قارغا ئوخشاتقۇم يوق، دىلبەر! قۇياش چىققان ھامان ئاپپاق قارنىڭ ئاقلىقىدىن سۆز ئېچىش بىھاجەتتۇر-ئەلۋەتتە!
سەن تۇيۇقسىز قولۇڭدىكى قار پومزىكىنى ماڭا قارىتىپ ئاتتىڭ-دە، قاھ-قاھلاپ كۈلگىنىڭچە ئاپپاق نۇر چەكسىزلىكىگە سىڭىپ كەتتىڭ...
مەن يۈگىرەۋاتىمەن! ئۈستى-بېشىمنى بىر ئالغان قار توزۇندىلىرى چاراسلاپ كۆيمەكتە ئىدى...
6
لەرزان مۇزىكا ئاۋازى دىللارنى لال قىلماقتا!
بىز ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇراتتۇق. كۆزلىرىمىزدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان كۆڭۈل سىرلىرىمىز كىرپىكلىرىمىزدە جۇلالايتتى... مەن ئاستاغىنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىڭغا باردىم!
7
كېچە ئىدى...
كۆزۈمدىن ئۇيقۇ قاچقان، خىيال قۇشلىرىم سۈزۈك ھەم ئېگىز ئاسمىنىڭدا پەر قاققان..
كارۋاتتىن چۈشۈپ، دەرىزە ئالدىغا كەلدىم. كېچە جىمجىتلىقىدىكى مەكتەپ ھويلىسى ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك گۈزەل كۆرىنەتتى... ئارچا ياپراقلىرىدا سۇنايلىنىپ ياتقان ئاي نۇرى بولسا، قەلب روجەكلىرىمگە سىغدىلىپ كىرىۋاتقان نۇرانە چېھرىڭنى ئەسلىتەتتى... ياتاقخاناڭ دەرىزىسىدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ، ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم!
كېچە داۋاملىشىۋاتاتتى...!
8
بىردەم تىنىچلىنىۋالغىن، دىلبەر! كېچە، ساڭا ئاتاپ يازغان شېئىرىم قاناپ كەتتى...!
9
سەن يېنىمدىلا ئىدىڭ!
ئارىمىزدا ئېگىزلەۋاتقان قاراڭغۇ تامنى چېقىۋەتسەم دەيتتىم، بىراق سېنىڭ چۆچۈپ كېتىشىڭدىن غەم يەيتتىم...!
سەن يەنىلا مېنىڭ يېنىمدا ...!
10
-شېئىر ئوقۇپ بەرگىن!- دېدىڭمۇ، دىلبەر؟!
مەن سېنى ئوقۇۋاتقىلى نەۋاخ...!
11
بۆگۈن سىنىپ بويىچە ساياھەتكە چىقماقچى بولدۇق. مەن كۈندىكىدىن بۇرۇنلا ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، ئاپتۇبۇس ئىشىكى تۈۋىدە كېلىشىڭنى كۈتتۈم...!
كۆزلىرىم سەھەر قاراڭغۇلىقىدىكى كىشلەر ئارىسىدىن سېنى ئاختۇراتتى... دىل رايىمغا باقمايۋاتقان ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن ئىچىم ئاچچىق بولاتتى...!
تاش قىسىلچاقلىرىدىن مارىلاۋاتقان قار لەيلىسىدەك نەپىس قامىتىڭ ئاخىرى كۆرۈش سەزگۈمگە باستۇرۇپ كەلدى... مەن ھاياجانلىق دەقىقىلەرنىڭ شىرىن لەرزىدە، سېنى يېتىلەپ ئاپتۇبۇسقا چىقتىم...!
تولىمۇ ئەپسۇس!!
12
ئاسفالىت يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قويۇق تېرەكلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كېتىۋاتقان ئاپتۇبۇس بىر خىل رېتىمدا يىنىك سىلكىنەتتى...
يېنىڭدىكى سەپەردىشىڭنىڭ ئايىقى چىقماس مەنىسىز پاراڭلىرىدىن ئىچىڭ سىقىلدىمۇ قانداق، دەرىزە كۆزنىكىدىن يىراقلارغا جىمجىت قاراۋېتىپسەن...!
مەن تەگسىز خىياللىرىمنىڭ پايانىغا تاشلاندىم! مەنزىلگاھىمىزنىڭ نۇر تالالىرى قاراڭغۇ ئىچىمنى يورۇتتى...!
13
قىسقا ئەمما كۆڭۈللۈك ساياھىتىمىز ئاخىرلاشتى... مەندىن بۇرۇن ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغان ئىكەنسەن ئەسلى! بىز ئۈن-تىنسىز ھالدا ئىچىمىزگە چۆككىنىمىزچە ئولتۇراتتۇق... ئاپتۇبۇس يېتىرقاشنىڭ نەم قىرلىرىدا كۆكلەۋاتقان يېشىل مايسىلاردەك يېنىك تەۋرىنەتتى!
ـ چارچىدىڭىزمۇ؟-دېدىم، ئارىمىزىدىكى جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ. ماڭا قاراپ بېشىڭىنى يىنىك چايقىدىڭ. شۇ دەمدىكى سۈزۈك رۇخسارىڭىدا پارلىغان ئىللىق تەبەسسۈم يۈرىكىمنى ماكان ئەتتى!
14
سېنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدىم. چېھرىڭدىن سەپەر ھاردۇقى تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما سەمىمىي تەكلىپىمنى قۇبۇل كۆردۈڭ...
رومانتىك بېزەلگەن ئايرىمخانىدا بىز ئاۋالقىدەكلا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇردۇق...
يەنە شۇ مۇزىكا! بىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ئاڭلىغانسېرى مەستخۇشلۇقنىڭ چەكسىزلىكىدە يەڭگىل قانات قېقىپ، ئىچىمىزنىڭ قاراڭغۇلىقىغا چوڭقۇرلايدىغان ھېلىقى مۇزىكا...
سۈكۈناتنىڭ قاراڭغۇ كۆزنىكىدىن ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتاتتىڭ! بۇلاقتەك كۆزلىرىڭدە چايقىلىۋاتقان نە كۈلكە، نە يىغىغا تەۋە بولمىغان بىر خىل ئىزتىراپ يۈرىكىمنى ئاچچىق تىترىتىۋەتتى...! شۇ تاپتا كىرپىكلىرىڭدە سۇنايلىنىپ ياتقان ئاۋۇ قايغۇ تۇمانلىرىنى چوغدەك تىنىقلىرىم بىلەن سۈرتىۋەتكۈم كەلدى...
-يۈر، دىلبەر! چىقىپ كېتەيلى ئىچىمىزدىكى ئاسماننىڭ قاراڭغۇلىقىدىن... لەۋلىرىمىزدە قېتىپ قالغان سۆزلەرنىڭ پەرىشانلىقى يۈرىكىمىزنى يارا قىلماقتا...!!!
15
ۋاقىت بىز بىلەن قارشلاشماقتا ئىدى. ھامان بىر كۈنى ئاپتۇبۇسنىڭ ئارقىسىدىن قول سىلكىگىنىمچە، يەككە-يىگانە قالىدىغانلىقىمنى خىيال قىلسام، يۈرىكىم ئاچچىق بولاتتى... چۈنكى بىز ھامان ئايرىلىپ كېتەتتۇق! ئارىمىزدا ئېگىز تام...! سەن تامنىڭ شەرقىدە، مەن غەربىدە...!
ۋاقىت رەھىمسىزلەرچە بىزگە قاراپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ! بەلكىم، ئۇ غالىپلىق تەنتەنىسىنى بىزگە كۆز-كۆز قىلماقچىدۇ...!
16
بۈگۈن سىنىپقا سەل كېچىكىپراق كىردىم. ئىختىيارى ئۆگىنىش بولغاچقىمۇ، ھەر كىم ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى... توساتتىن، سىنىپىمىزدىكى پائاليەتچان، لىرىك گىتتار ناخشىلىرى بىلەن قەلب تارىمىزنى چەككەن ھېلىقى ساۋاقدىشىمىز مېنى شېئىر ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ھەممەيلەننىڭ چۇقراشقىنىچە چاۋاك چېلىپ قارشى ئېلىشى يانچۇق خاتىرەمنى ۋاراقلاشقا مەجبۇر قىلدى...
        .......................
چەكسىزلىك چايقىلار قارچۇقلار ئارا،
رېئاللىق- كۆكلىگەن بىر تۈپ تىكەن گۈل.
چۈش پەسلى ئەڭ شىرىن بىر دەم بولسىمۇ،
ئايرىلما چۈشۈمدىن ھەردەم ئامانگۈل...!
........................
سۆيۈلۈش ۋەزنىگە تەڭ ئەمەس سۆيۈش،
سۆيۈلمەي سۆيۈش ھەم تەملىكتۇر دەھشەد.
يار سۇنغان بىر يۇتۇم ئازابنى ئوتلاپ،
قىزلارنىڭ سېھرىدە ئۆلۈپ كەت ئەھمەد...!
   سىنىپتىن يەنە بىر قېتىم ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. مەن خاتىرەمنى يانچۇغۇمغا سالغاچ، ئوغۇرلۇقچە ساڭا قاراپ ئۈلگۈردۈم...سەن قولۇڭدىكى كىتابنى مەخسەتسىزلا ۋاراقلاۋاتقان ئىدىڭ...!
17
   شۇ تاپتا مەن تولىمۇ خۇشال...! ئايرىلىش دەقىقىلىرى قەلب قەسرىمىزنىڭ ئىشكىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلۈم بىر ئاز ئەمىن تاپقاندەك ئىدى. چۈنكى كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئوماق چېھرىڭنى يانفۇنۇم بىلەن رەسىمگە ئېلىۋالغانتىم...!
18
ۋاقىتسىز تۆكۈلگەن قىسمەت دەرىخىنىڭ سارغۇچ ياپراقلىرى ئەس-ھوشۇمنى تالان-تاراج قىلماقتا ئىدى...!
كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ، يۈرىكىم ئېچىشماقتا! سېنى ئۇزىتىپ چىققىنىمدا، تىل دەرىخىمدە مەي باغلاپ پىشقان ئاۋۇ سۆزلەرنى ئېتىكىڭگە ئىرغىتىپ بەرمەكچى ئىدىمغۇ؟! تولىمۇ ئەپسۇس! مەن كېچىككەن ئىدىم، ھەتتا سېنىڭ ئۆيۈڭدىن كەلگەن جىددى خەۋەر تۈپەيلى تۇيۇقسىز قايتقانلىقىڭنىمۇ بىلەلمەپتىمەن...!!!
19
سەن كەتكەن ئىدىڭ...
يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا پات-پات قاراپ قويىمەن، خۇددى سەن تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك! قار ئاستىدا يىنىك پۇشۇلداپ ياتقان چىغىر يوللارنى مەخسەتسىزلا ئايلىنىمەن، خۇددى سەن قار ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدىن يېقىملىق كۈلگىنىڭچە چىقىپ كېلىدىغاندەك! سەن داۋاملىق كىرىۋالىدىغان مۇزىكا ئۆيىنىڭ دەرىزىسىدىن ئوغۇرلۇقچە قاراپ باقىمەن، خۇددى سەن ئۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇپ مۇزىكا چېلىۋاتقاندەك...
ئەپسۇس! سەن ھېچ يەردە يوق ئىدىڭ...!
20
سەن ئۈچۈن يازغان شېئىرلىرىمنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدىم... ئەمدىلىكتە ئۇ شېئىرلارنى ساڭا ئەبىدى ئوقۇپ بېرەلمەيمەن ئەمەسمۇ؟!
21
   شۇنداق قىلىپ ئارىمىزدىكى ھېلىقى ئېگىز تامدىن ئارتىلىپ ئۆتەلمىدۇق... رەھىمسىز تەقدىرنىڭ قارا بورانلىرى بىزنى چۆل قامغاقلىرىنى ئۇچۇرتقان كەبى يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى...!
   سېغىنىشنىڭ  قاراڭغۇ سىرتمىقىدا بوغۇلماقتىمەن! يۈرىكىمگە يېقىپ كەتكەن كۆيۈك ئوتۇڭ بارغانسىرى ئۇلغايماقتا... مەن سىيلاشقا قادىر بولالمىغان قاپقارا چاچلىرىڭ، يۈرىكىمگە يېرىم پاتقان قىياقتەك كىرپىكلىرىڭ ۋە ئۇنىڭ سايىسىدا ئۆركەشلەۋاتقان قاراڭغۇ كۆزلىرىڭ، گىلاستەك لەۋلىرىڭ ۋە مەن ئېيتىشقا ئۈلگۈرمىگەن سۆزلەرنىڭ سەرۋىدەك بويلىرىڭغا يامىشىۋاتقان قاراڭغۇ سايىسى، قەلب قەسرىمگە نۇر ئاتا قىلغۇچى زىناخلىرىڭدىكى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئۆڭمەس تەبەسسۈم... خىيالىمنىڭ سۈزۈك ئەينەكلىرىدە خىرۇستالدەك جۇلالىناتتى!!!
22
   توۋا! تەقدىرنىڭ چاقچىقى نېمە قىزىق-ھە؟!
   ھەر ئىككىمىزگە ناتۇنۇش بولغان بۇ تاش شەھەردە يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق... سەن ئاۋالقىدىنمۇ بەكرەك سۆيۈملۈك بوپ كېتىپسەن! ئۇچقۇنداپ چۈشىۋاتقان قارنىڭ سوغۇقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، ئىككى مەڭزىڭ قىپقىزىل ئالمىدەك رەڭلەنگەن، نېپىز لەۋلىرىڭدە يەنىلا مەن ئۇنتىيالمىغان ھېلىقى تەبەسسۈم!!!
   بىز سۇكانات دەرياسىنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىدا تىپىرلىماقتىمىز...!
   تاش شەھەرنىڭ تۇمانلىق ئاسمىنىغا يېيىلىۋاتقان گوگۇم پەردىسى بىزنى يەنە ئايرىلىشقا قىستىماقتا ئىدى! چۈنكى سەن دوختۇرخانىغا قايتمىساڭ بولمايتتى... تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا سۇنايلىنىپ ياتقان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز سۆزلىرىمىنى بوغۇزۇمغا يۇتقۇنۇمچە ئارقاڭدىن ئۇزاققىچە قاراپ قالدىم...
   سەن كۆرۈش سەزگۈمدىن ئاستا-ئاستا چىقىپ كېتىۋاتاتتىڭ! بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكىنىمدە، ئۆزۈمدىن تولىمۇ نەپرەتلەندىم...!
   مېنى كەچۈر دىلبەر! قىسمەت ئارغامچىمىز ئاشۇنداققا ئۈزۈلگەن ئوخشايدۇ بىزنىڭ!!!
23
   كېچە چوڭقۇرلىماقتا! قىش داۋاملاشماقتا...!
   دەرىزە تۈۋىدە، سەن تەرەپكە قاراپ ئۈنسىز پىچىرلايمەن. يۇلتۇزلارغا تەلمۈرۈپ، شۇ تاپتا نە ھالدا ئىكەنلىكىڭنى بىلگۈم كېلىدۇ! ئۇيقۇسىز كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، سېنى چۈشلىرىمگە چىللايمەن. بوينۇڭغا گىرە سېلىپ، ھالرەڭ لەۋلىرىڭگە قېنىپ-قېنىپ سۆيگۈم كېلىدۇ...!
   ئاھ، ھەسرىتا!!!
24   
   ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن-ھە؟!
   بۆگۈن بۇ يەردە قار يېغىپتۇ! سەككىز يىل ئاۋالقى ھېلىقى كۈنىدىكىدەك تۇنجى قار...! مەن غېرىپ كۆلبەمنىڭ ئاۋارە ئىشىكىنى ئاۋايلاپ يېپىپ، ئاپئاق قار ئىچىگە شۇڭغۇدۇم...
  لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان ئاپئاق قار چاچلىرىمنى، كىرپىكلىرىمنى، سېغىنىشتىن چاكۇ-چاك يېرىلغان لەۋلىرىمنى يىنىككىنە سۆيمەكتە ئىدى! خىيال قۇشلىرىم سەن تامان قانات قاققان... بىز بىر-بىرىمىزگە يۆلەنگىنىمىزچە، قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ كېتىۋاتىمىز... يولنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رەڭمۇ-رەڭ ئېچىلغان گۈللەر بىزگە سالام قىلاتتى؛ دەرەخ شاخلىرىدىكى ئاۋۇ قۇشلار بىز ئۈچۈن تەنتەنە قىلىپ، يېقىملىق سايرىشاتتى؛ ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن كىچىككىنە ئېرىقتىكى زۈمرەت سۇلار مەستخۇشلۇققا چۆمگەن يۈرىكىمىزدەك ئويناقلايتتى... بىز بارغانسىرى چىڭ چاپلىشىپ، كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ ئۇچۇشقا تەمشەلمەكتە ئىدۇق...!
25
ھايات داۋاملاشماقتا! قىش ھىچ ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس...! قاراڭغۇ ئىچىمدىكى چۈش دەرىخى قۇرۇپ قاخشال بولدى! ئۇنىڭ سارغۇچ يوپۇرماقلىرى خۇددى جاراھەتلەنگەن باغرىمدەك يىرتىلماقتا ئىدى...!
ھايات داۋاملاشماقتا! ئىچىمدە يەنىلا ئاشۇ قارا قىش!!!


2013.1.23

        ئاپتۇر: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزا چىلان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
阿克苏柯坪县阿恰乡其兰小学:艾哈买提玉苏浦
18997665818 TEL-
15609975818


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 15 تىللا + 15 تۆھپە + 15 شۆھرەت + 15  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6159 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4512 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 00:49:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز قېرىندىشىم! ئەسەرلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ئېسىل، شۇنداق يېقىشلىق. تىلى يۇمشاق، تەپەككۇر قاتلاملىرى باغلىنىشلىق ۋە ئىزچىللىققا ئىگە. بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئىختىدار يېتىلدۈرۈپسىز، كۆز تەگمىسۇن. مۇشۇنداق سەرخىل ئىجادى يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرساق دەيمەن، رەھمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 13:08:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل يازمىللىرىڭىزنى داۋاملىق ئۇقۇشقا مۇيەسسەر قىلىپ تۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن . راستىنلا تىلغا بايكەنسىز . كۆز تەگمىگەي ئىنىم
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 17:14:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى مېنى ئۆزىگە رام قىلىپ ،خىيال دېڭىزىغا غەرىق قىلىۋەتتىغۇ ئەپەندىم .
اللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . ھەم نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇشقا نېسىپ قىلسۇن .
رەھمەت سىزگە
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 10:07:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرداھى ئەپەندىمنىڭ ئۆتكۈر تەپەككۈرنىڭ نامايەندىلىرى بولغان بۇ نەسىرلەرنى ئوقۇپ،تولىمۇ تەسىرلەندىم ھەم بۇنىڭىدىن ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆرگەندەك بولدۇم.‹‹تاما-تاما كۆل بولار››دېگەندەك مۇشۇنداق تېتىملىق يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە تونۇشلۇق ‹‹نەسىر››ئىجادىيەتچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:58, Processed in 0.538359 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش