مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1852 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ماۋسۇممۇ باشلىناي دەپ قالدى . شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ ئۇلارغا مەدەت بى...

  • بەختىيار(بايقاش تۈنۈگۈن 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايەم بۈگۈن،قۇتلۇق روزا ھېيىت!ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن...

  • دىلرۇس ئۈلۈشكۈن 01:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشتىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك!

  • pari 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    توپقا قوشۇلالمايۋاتىمەنغۇ؟؟؟

  • abdihnijan 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ياخىشمۇ سسللەر؟ئايەملەرگە مۇبارەك بولسۇن.مەن يىللارغا خىتا....

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

كۆرۈش: 29|ئىنكاس: 2

ئىككى پارچە خەت ( ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

5

دوست

641

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
115 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
108 سەر
شۆھرەت
134 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                           ئىككى پارچە خەت
                                               (ھىكايە )
       كىشلىك تۇرمۇشتا ئىنسان ئويلىمغان ئىشلارغا يۇلۇقۇپ تۇردىكەن ، تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك سوۋغىللىرى ئىنسانغا ئوخشىمغان مۇساپلەرنى ئاتا قلىسا ، تۈرلۈك سىرلىرى ئىنسانغا ئاجايىپ تېپىشماق بولۇپ قالدىكەن . بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرغا ھىچكىم بىر نەرسە دىيەلمىسە كېرەك .....
      بۇگۈن نىمە بولدۇمكىن كۆڭلۈم بىر خىل بىئاراملىق ھىس قىلىپ ئىچىم تىتىلداپلا تۇرۋاتمەن ،مانا سەھەر ئورنۇمدىن تۇرغاندىن باشلاپلا قىلۋاتقان ئشلىرىم ھىچ قولاشماي كالامپاي بوپ قالغان ئىدىم . كېچدىن كۆرگەن چۈشۈمدىنمىكىن ئىشقىلىپ كەيپىياتىممۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى . بامدات نامزىمنىمۇ شۇنداق ۋاقچە ئۇقۇپتىمەن ، ئىش -كۈشلىرىمنى تۈگتىپ ،ئېغىر بەدەنلىرىمنى سۆرەپ ،ئىرىنچەكلىك بىلەن ئاران ئىشخانغا كېرىپ ئۇھ دەپ تۇرشۇمغا، يانفۇنۇم جىرىڭلاپ كەتتى . تېلفۇندىكى خەۋەردىن يانفۇننى تۇتقان قۇلۇم بوششىپ ئاۋازىم بۇغۇلۇپ كەتتى ، ئشخاندىكلەر نىمە بولغىننى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئشخاندىن يۈگرەپ چىقىپ ناھىيلىك دوختۇرخانغا چاپتىم . جددى كېسەللەر بولۇمگە يۈگۈردۇم . كارۋاتتا ھوشسىز ياتقان سىڭلىمنى كۆرۈپ ئۈزەمنى تۇتۋالالماي يىغلىۋەتتىم .بىلكىدە ئۇكۇل ، بۇرنىدا ئوكسىگىن ،چىرايى تاترىپ كەتكەن ،مىدىر - سىدىر قلىماي ياتاتتى .ئۇرۇق ۋىجىك يۈزى تېخمۇ كىچىكلەپ ياداپ كەتكەن ..... يېندا يولدىشى ئەسقەر قاراپ  تۇراتتى .
ئاھ خودا بۇ پەرىشتىدەك سىڭلىمغا نىمە بولغاندۇ ؟ ئاللا ئىگەم سىڭلىمغا ئاسايشىلىق،شىپالىق بەرگىن ،  ھىچ ئنسانغا ئازار بېرىپ باقمايدىغان ئوماق گۈلۈمنى تىزراق ئەسلىگە كەلتۈرگىن . ئىچ - ئىچىمدىن كۆزلىرىمگە يىغا ياماشقلى تۇردى .
- گۈلجامالغا نىمە بولدى ؟ تۈنۈگۈن ساقلا ئىدىغۇ ؟
- شۇ يەنە سەلىك بولغاندا  شۇنداق ئىڭراپ كەتتى  ، ئاشقازانى ئاغىردىمكىن ئازرا ق سېرىق سۇ ياندۇردى ، بەك بىئارام بولۋاتمەن  دەپلا ھالسىزلانغىلى تۇردى ، دوختۇرخانغا كەلگىچە ماشىندا ھوشىدىن كەتكەن ، مانا ھالنى سىزمۇ كۆردىڭىز......
ئوكسىگىن مېڭىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇ قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى ،خېلى ۋاقىتتىن كېيىن  ئاستا - ئاستا ھوشغا كېلىشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ قىزىپ كەتكەن پىشانسىنى سىلدىم :
- قانداقراق تۇرسىز؟ نىمە بولغانسىز سىڭلىم ؟
- ياخشى .- تاترىپ كەتكەن لىۋنى بوشلا مىدىرلىتىپ قويدى ،
تېخى ئالدىنقى كۈنلا مىجەزىم يوق دورا ئەكەلدىم دەپ ماڭغان سىڭلىمنىڭ بۇ ھالسىز ھالتىنى كۆرۇپ ئىچىم ئىنتايىن سىيرلىپ كەتتى . دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئاۋال ياتاققا بۇيرۇپ بەرگەنلىكنى ياتاقتا يېتىپ تەكشۇرۇپ داۋالايدىغانلىقنى ئېيتقاندىن كېيىن ، ساۋاقدىشم ئاسيەنىڭ ياردىمدە ياتاققا ئاسانلا ئۇرۇنلاشتۇرۋالدۇق.
مەسئول دوختۇرنىڭ جىددى تۇتۇپ تەكشۈرۈش قەغزى يېزىپ بېرشى بىلەن ،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە قان تەكشۈرۈش،چوڭ- كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش،رىنتىگىن ،يۈرەك تەكشۈرۈش بولۈملىرگە ئەكرىپ تەكشۈرتۈپ چىقتۇق .
كەچكىچە گۈلجامالنىڭ قېشدا يۈرۈپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدۇم ، قېرىنداشنىڭ بېغشى ھەقىقەتەن چىڭ بولسا كېرەك ، ئۇنىڭ ھالسىز ھالغا قارساملا كۆڭلۈم بىئارام بولاتتى . كەچتە ئۆيگە قايتىپ باللارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېچدە سىڭلىمغا قارغىلى دوختۇرخانغا ماڭدىم .
ئەسقەر ئۆيگە قايتىپ كەتتى ، ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن ئوماق ئوغلى ئەنقەرگە قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى .
ئەتسى دوختۇرنىڭ چاقىرشى بىلەن دوختۇر ئىشخانسىغا كىردىم . دوختۇر دىياگنوز قەغىزنى ماڭا سۇنۇپ :
- يۈرەكتە خېلى ئغىر مەسلە بار ئىكەن ، بۇنى چوڭراق دوختۇرخانغا ئاپارساڭلار بولغىدەك . يەنە ئاشقازان  ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغى بەك ئېغىرلاپ كېتىپتۇ ، ئاستى بەز ساڭگىلاشقا باشلاپتۇ ، بەك سەل قاراپسىلەر. ئاشقازان ئاستى بەزدە خەتەرلىك ھۈجەيرە بايقالدى ..
كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى ، قانداقسىگە .... ئۇ قانداقمۇ يۈرەكتە ئېغىر مەسلە بولسۇن..... ئاشقازاندىكى خەتەرلىك ھۈجەيرە  دىگنى راك دىگەن گەپقۇ؟..... دوختۇر ئىشخانسىدىن قانداق چىققىنمنى بىلمىدىم ، بالنىس بىناسدىن پەسكە چۈشۈپ گۈللۈكنىڭ كەينىگە ئۈتۈپ تازا يىغلىدىم . كۆزلىرىم قىزرىپ كەتكەن چېغى ساۋاقدىشىم ئاسيە
ئۇچراپ :
- ھەي گۈلباھار ، نىمە بولدۇڭ ؟ كۆزلىرىڭ قىزرىپ ئىشىپ كېتىپتۇ ، سىڭلىڭ قانداقراق ؟
- جېنىم دوستۇم ، دوختۇرسىڭلىمنىڭ كېسىلنى  سەل ئېغىر دەيدۇ .
- كۆڭلۈڭنى يېرىم قلىما ، تەكشۈرۈش تۇلۇق چىقسۇن، كېسەللىك ئەھۋالغا قاراپ يۇقرى  دوختۇرخانغا يوللىتارمىز ،  سەن بۇنداق كۆزىڭنىڭ يۇندىسنى ئېقتىپ تۇرساڭ سىڭلىڭ قانداق قلىدۇ؟ قانداق ئويلاپ قالدۇ؟ سەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرمىساڭ بولمايدۇ جۇمۇ.
ياتاققا قايتىپ كىرسەم ،ئەسقەر ناشتىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپتۇ .
- ھەدە ،كېچدىن ئۇخلىيالماپسىزدە، كۆزلىرڭىز ئىششىپ كېتىپتۇ ،- دىدى ئەسقەر.
- ياقەي، سىزگە شۇنداق بىلىنگەن ئوخشايدۇ ، بۇگۈلۈم( سىڭلىمنى شۇنداق ئاتايتىم ) ئانچە ياخشى ئارام ئالالمىدى ،-دىدىم سىڭلىمغا قاراپ .
   دوختۇر، سېستىرالار تەكشۈرۈش قلىپ كىرگەندىن كېيىن ،خېلى ئۇزۇندا ئاسما ئاستى . گۈلجامال تۇنۇگۈنكى ھالتىگە قارغاندا يامان ئەمەس كۆرنەتتى .ئەسقەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ گۈلجامالنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2- دوختۇرخانغا ئاپىردىغانغا مەسلھەتلەشتۇق .  ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىغان دوستلىرى ، خىزمەتداشلىرى ئۈزۈلمەي كېلىۋەردى ، يائاللا نىمە دىگەن كۆپ دوست بۇ ، ئۈزى مۇلايىم ،ئاقكۆڭۈل ، چىقىشقاق ،باشقىلارنىڭ ھالغا يىتدىغان بۇ گۈلۈ منىڭ دوستلىرى ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ ،ياتاققا چۇڭۇلداپ كىرىپ كەلگەن ئىككى قىز ،قىززىق گەپ قلىپ ،ئۇنىڭغا چاقچاق قلىپ ،ئۇنى كۈلدۇرۇپ ئولتۇراتتى .
- ھەي گۈلجامال ھەدىمىزدىن ئاڭلىسام سېنى ئاپتۇنۇم رايۇنغا ئاپىردىغان بوپتۇ ، ئىككىلەنمەي ياخشىراق داۋالان ،- دىدى كىچكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان خوشنىمىزنىڭ قىزى ئاليە،
- شۇنداق ، سەن شۇنداق غەيرەتلىك ، نەچچە ۋاقىتتىن شۇ خىزمەت ، بالا ، ئۆي دەپ يۈرۈپ ئۈزەڭنى ئاسىرىمىدىڭ ،ئەمدى بولسىمۇ ھىچ ئىشنى ئويلىماي ياخشى داۋالان ،- دىدى يەنە بىر دوستى مىھراي .
- ئۇغۇ شۇ ، لېكىن سىلەر بىلىسلەر ،بىزدە ئۇنچىلىك پول يوق ، ھەدەمنىڭمۇ تۇرمىشى ئۆزىگە ئاران ئېشىندىغان تۇرسا ،
- نىمە دەۋاتسەن دوستۇم ، سەندە بولمىسا مەندە بار ، مەن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالسام سەن قاراپ تۇرالامتىڭ ؟  ساڭا بېرىپ قويغان كارتىدا پول بار ، ھەممىنى ئىشلەت ،- دىدى ئاليە .
- ھىم ،- بېشنى لىڭشىتتى پەرىشتەم .
ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرنى چالا بولا ئاڭلاۋاتقان بولساممۇ ،مۇشۇنداق دوستلىرنىڭ بولغانلىقدىن شۇنداق مىننەتدار بولۋاتاتتىم . دوستى ئاليەنىڭ تۇرمىشدىن ئاز- تولا خەۋرىم بار ئىدى ، بۇ قىزمۇ شۇنداق تىرىشچان ، بىچارە ئىدى ، يولدىشى تولا قىمار ئويناپ مىڭ تەسلىكتە تىكلىگەن ئىگىلكىنى ، يېڭدىن بانكا قەرزى بېجرىپ ئالغان ئۆينىمۇ ئۇتتۇرۋەتكەن ئىدى ، بۇ قىز ھۆكۈمەتتىن بەرگەن ئىش ھەققىگە قاراپ تۇرماي ، فۇدى شىركىتى مەھسۇلاتلرى ، ئاممىۋاي مەھسۇلاتلىرنى تۇنۇشلىرغا سېتىپ تاپقان پولدا كېسەلجان ئانىسنى داۋالىتاتتى .
تۇرمۇشقا ئىشلىتەتتى .
ئىككى كۈن ئاسما ئېلىپ ، يوللاش رەسمىيتىنى يامان تەستە بېجرىپ ئۈرۈمچىگە تەييارلىق قلىدۇق .
- ھەدە ،سومكامدا ئاچقۇچ بار ،ئىشخانامدا جوزامنىڭ تاتمىسدا بىر تال خاتىرە  ئارىسدا ئاليەنىڭ  بانكا كارتىسى بار ،شۇنى ئېلۋالايلى ،-دىدى باش تەرپىدىكى سومكىنى كۆرسىتىپ .
ماقۇل ، ھازىرلا ئەكىلەي ،- دىدىم ،-دە سىرتقا قاراپ ماڭدىم ، سىڭلىمنىڭ ئىشخانسىغا كىرسەم بىر خەنزۇ خىزمەتدىشى بۇلۇپ  تارتمىسدىن ئاختۇرۇپ خاتىرنى ئالدىم ، قېتىدا بانكا كارتىسى بار ئىكەن ،   ياتاقتىن چىقىش رەسمىيەتلىرنى تۈگتىپ ، مېنىڭ باللىرىمنى دادسىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ ، سىڭلىمنىڭ بالىسنى قېنئانسىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ ئەتىسى ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
يولدا پويىزدا كېتۋېتىپ مىڭەمنى تۈرلۈك خىيال چىرماپ  ئىچ- ئىچىمدىن بۇغۇلۇپ كېتۋاتاتتىم . ئانام رەھمەتلىك بۇ سىڭلىمغا بەكمۇ ئامراق ئىدى ، تىنى ئاجىز ئۇرۇق ، بەك نازۇك بالا بولدى دەپ بەك ئاسرايتى ، دادامنىڭ ياكى بىرەسنىڭ  ئۇنڭغا ئۈنلۈكرەك توۋلىغىننى  ئەسلىيەلمەيمەن . ئىمتىھاندا  95 تىن تۆۋەن ئالغان ۋاقىتلىردا  ئۆيگە بېكىنۋېلىپ يىغلايتى ، ئانام، داداملار ھەممىمىز ئۇنى بەزلەپ روھىنى كۆترەتتۇق ، ئاجىزە ،مىيىپ ،ياكى بىچارە ئادەملەرنى كۆرسە ئىچى ئاغرىپ يىغلايتى . كۆڭلى شۇنداق يۇمشاق ئىدى ، ھىلمۇ ئىسىمدە 5 ياش ۋاقىتلىرىغۇ دەيمەن ، يولدا بىر ئانا بىر كىچىك قىزنى يىتلىۋاپتىكەن ، ئۇ قىزنىڭ پوتىدا ئاياقمۇ يوق ، ئۇچىسدا جەندىسى چىقىپ كەتكەن كىرلىكدىن رەڭگىنمۇ تۇنغىلى بولمايدىغان كۆينەك .... سىڭلىمنىڭ قولدىكى يېڭدىن دوكاندىن ئېلىپ بەرگەن قونچاقنى تالىشىپ يىغلىغان ئىدى ، ئۇ  ئىچى ئاغرىپ بېرۋەتكەن ئدى، يەنە تېخى ، ئاپا نىمىشقا بۇ ئۇكاشنىڭ ئايقى يوق ، بەك بىچارە ئىكەن ، سىزماڭا دوكاندىن ئېلىپ بەرگەن ئاياقنى ئۇكاشقا بېرەيلى چۇ دەپ يىغلاپ تۇرۋالغان ئدى، ئامالسىز  ئۇ قىزنى دۇكانغا ئەكىرىپ بىر ئاياق ئېلىپ بەرگەن ئىدۇق ......
ئۇزۇن مۇساپمۇ ئاخىرلىشىپ ، ئۈرۈمچىگمۇ   يېتىپ كەلدۇق. كىراقلىپ 2- دوختۇرخانا ئەتراپدىن ياتاق ئېلىپ ئۇرۇنلاشتۇق .بىر كىچىك ئاشپۇزۇلدا  تاماق يەپ ئاندىن دوختۇرخانغا كىرىپ ،  جىددى قۇتقۇزۇشقا كىرىپ كېلىش مەقسىدىمىزنى دەپ ،كېسەللىك تارىخنى دوختۇرغا سۇندۇم .تەكشۈرۈش قەغزى يېزىپ بەردى ، يۈرەك تەكشۈرۈش بىلەن ، چوڭ بەدەن تەكشۈرۈش،  دىگەنلەرنى تۈگتىپ ،ياتاققا قايتىپ كەلدۇق.
    ئەتتىگەن سەھەردىلا ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرى ماشىنا بىلەن قىستا- قىستاڭچلىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى ، يائاللا نىمە دىگەن كۆپ ماشىنلاردۇ بۇ ، سىڭلىمنى يۆلەشتۇرۇپ دوختۇرخانغا قان تەكشۈرۈش ئورنىغا كەلگىنىمىزدە  ئۆچرەت ساقلاۋاتقان ئادەمنىڭ كۆپلىكدىن ھەممە ئادەم كېسەلدەكلا كۆرنەتتى . بىزنىڭ ناھىيلىك دوختۇرخانغا ئوخشاش ئۇنداق بەك ۋاقلىق خىزمەت باشلىمايدىكەن . مانا سائەت 7 بولغان بولسىمۇ خىزمەتكە كىرشىپ كەتكەن دوختۇرلارنۇرغۇن ئىدى . قان تەكشۈرۈپ بولۇپ ،رىنتىگىن تەكشۈرۈش، دىگەندەك تەكشۈرۈشلەرنى تۈگتىپ تۈنۈگۈن تەكشۈرۈش قەغرى يازغان دوختۇرنى ئىزلدۇق. ئۇ يۇرەك ئەينىكى تەكشۈرۈش، چوڭ بەدەن تەكشۈرۈش، رىنتىگىن تەكشۈرۈش قەغىزنى كۆرۇپ بىر نەرسىلەرنى خاتىرلىدى ،ھەم بىزنى باشلاپ بالنىست بىناسنىڭ 13- قەۋتىگە ئەپچىقىپ يۈرەك بولمىدە بالنىستا يېتىش ئىشلىرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ چۈشۈپ كەتتى .
ئەسقەر دوختۇرخانا كارتىسغا پول تۆلەپ يېنىپ كىرگەندىن كېيىن ناشتىلىق ئالغىلى چىقىپ كەتتى .
-جېنىم سىڭلىم ،بالنىستتا يېتىش تەكشۈرۈشلىرنى قلىپ بولغىچلا بەك ھاردىڭىز ھە !
-ياقەي ھەدە، مەن ساقيىپ قالغاندەكلا بوپ قالدىم ، قاراڭ شۇنداق ياخشى تۇرمامدىم ، سىز بەك ھېرىپ كەتتىڭىز،
بىز ھىچ ئىش بولمىغاندەك پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ تۇمشۇقنى ئۇشلايتىپ تاتلىق ئەركىلەپ قۇيۇشلىرى ، شوخلۇق بىلەن ھەركەت قلىشلىرى ئادەمنىڭ شۇنداق ئامراقلىقنى كەلتۈرەتتى ، بۇنى كىممۇ بىر بالنىڭ ئانسى دىسۇن، شۇنداق سەبى ،شۇنداق ئەركىن ئىدى ، ئاغرىق ئازابدا سەل - پەل بۇغۇلۇپ قېلۋاتسىمۇ يەنلا ماڭا بىلۇندۇرگىسى كەلمىگەندەك قىلاتتى .ياتاقدىشمىز بىر ياشانغان خەنزو مۇماي بۇلۇپ شۇنداق ئۇچۇق - يۇرۇپ ،گەپ قلىپ كۈلۈپ تۇردىغان ، شۇنداق تېتىك ،سالاپەتلىك ئايال ئىدى ،  بىزنىڭ گىپىمىزنى ئانچە- مۇنچە چۈشەنگەن بولسا كېرەك ،ئارلاپ گەپ ئارلاپ سوئاللارنى سورايتى ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئاسانلا چىقشىپ قالدۇق.
چۈشتىن كېيىن قان تەكشۈرۈش نەتىنجىسنى ئېلىپ دوختۇر ئىشخانسىغا كىردىم ، ئۇنىڭ خەنزوچە گەپلىرنى تۇلۇق بىلمىسەممۇ ،70% چۈشنەتتىم ، سىڭلىمنى يۈرەك ئاپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقنى ، كۆۋرۇك سالىغانلىقنى ،  بىر ھەپتە داۋالاپ 10 كۈن ئىچىدە ئاپراتسىيە قلىدىغانلىقنى دىگەندە ،پۇتۇن بەدنىم تىتىرەپ كەتتى ، ئاللا ئۈزەڭ بار ، ھەر نىمگە سەۋەپ قلىغۇچى ئۈزەڭ سەن ، ئانمىزنىڭ يوقلىقدا ، رەھمەتلىك ئانام بولغان بولسا  بۇ ئوماق جىگىرنىڭ ھالنى كۆرۇپ قانچىلىك ئازاپلىنىپ كېتەر بولغىيتى ھە !  ئاكام نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ ؟ سىڭلىمنىڭ ئاپراتسىيە ئىشنى ئاكامغا خەۋەر قلىسام بولاتتى . ھاي ! كۆزلىرمىنىڭ ئەتراپدا يىغلىپ قالغان ياشلارنى ئىزدىن سۈرتۈپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ياتاققا كىردىم ، ئەسقەر ئىككىسى قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىپتۇ . ئوغلى ئەنقەرنى سېغىنغان چېغى ، ئۇنىڭ تاتلىق ھەركەتلىرنى دوراپ گۈلجامالنى كۈلدۈرگىلى تۇرۇپتۇ ، مەن كىرشىمگە ھەركىتىدىن توختام جىم تۇرۋالدى .
خەنزو موماي ماڭا ئىما قلىپ :
- بۇلار ئىككى ياشلار بەك بەخىتلىك ئىكەن ، بەك ماسلىشىدىكەن ،- دىدى.
- شۇنداق ، ھەر ئىككلىسى شۇنداق ماسلاشقان ، بىر- بىردىن ياخشى ،- دىدىم .
مەن يۇشۇرماي  گۈلجامالنى ئاپراتسىيە قلىدىغانلىقنى ، بىر مەزگىل داۋالاپ ئاندىن كۆۋرۈك سالدىغانلىقنى، سالامەتلىكى تېزلا 100% ئەسلىگە كېلىدىغانلىقنى دەپ ئۆتتەم ، قلىچە ھۇدۇقمىدىم ھەم چاندۇرمىدىم، سىڭلىممۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :
- ھە ، مەن ئاپراتسىيەدىن قورقمايمەن ، ئەنە تېزلا ساقيىپ كېتىدىكەنمەنغۇ ،- دىدى.
- شۇنداق ،- دىيىشتۇق تەڭلا . ھەممە ئۆزلىرىمىزنىڭ ئىپادىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن يۇشۇرۋاتاتتۇق.
بىر نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى ، ئۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانغاندەك ، تاماقمۇ ئاز- ئازدىن ھەزىم بۇلۇپ ياندۇرمىغان ئىدى . ئاشقازاندا بايقالغان راك ھۈجەيرىسنى خېمىيلىك داۋالاش قلىۋاتاتتى . چوڭ يەرنىڭ چوڭلىقى باردە ، دوختۇر سېستىرالار شۇنداق سىلىق -سىپايە ، شۇنداق مەسئوليەتچان بۇلۇپ ، بىمارلارغا ھەقىقى ئىللىقلىلق ئاتا قلىدىكەن . ناھىمىزدىكى دوختۇرلارنىڭ قوپاللىقى ، سېستىرالارنىڭ ئەسلى توڭلىقى .
دوختۇر سىڭلىمدىن  بىر يېرىڭ ئاغىردىمۇ؟ قانداقراق تۇرسەن ، دەپ سورسا ، كۈلۈپ تۇرۇپ : ياق ئاغىرىمىدى ، دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى . دوختۇر ھەر قېتىم كىرگەندە، بۇ قىز بەك چىداملىق ،بەك غەيرەتلىك ئىكەن ، بىرە رقېتىم ئىڭىرغىننى، ياكى ۋايجان دىگىننى ئاڭلاپ باقمىدىم، بۇخىل داۋالاشقا ھەر قانداق ئادەم چىدىمايدۇ  دەيتى .  
ئەسقەر ئەكەلگەن كارتىدىكى 12مىڭ تۈگەپ بولۇپ ،دوختۇر يەنە پول تاپشۇرۇڭلار دەۋاتدۇ ، مېنىڭ كارتامدا 10 مىڭغا يېقىن پول بار ، ئۇنمۇ تاپشۇرۇپ بولدۇق . مانا ئەتە سەھەر ئۇنى ئاپراتسىيە قلىدۇ ، ئىچىم تىتىلداپ تەشۋىشكە چۈشتۈم ، ئەسقەرنىڭ ئاتسى خاتىرجەم بولالماي ،ئاپراتسىيە ئۈستىدە تۇرمەن دەپ كەپتۇ . ئاكام بىلەن ھەجەپ بىر ئالاقىلاشقىلى بولمىدى ، نەچچە يىل بولدى ،ئۇ بېيجىڭدا تىجارەت قلىمەن دەپ ئائىلىسنى ئېلىپ كەتكىلى ،مانا 10 كۈننىڭ ياقى تېلفۇنسى پولى يوق توختاپ قالدى دەۋاتقلى ...تۈرلۈك خىياللار بىلەن بىر كېچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم ،سىرتتا ياتاقتا ياتقلى چىقىپ كەتكەن ئاتا- باللارمۇ كىرىپ بولدى ، سەھەردىلا دوختۇرلار كىرىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورغىلى تۇردى ، سەل جىددىلىشۋاتاتتىم ،لېكىن سىڭلىمغا قارسام ھىچ ئىش بولمىغاندەك شۇنچىلىك خاتىرجەم ،ئەركىن ئىدى، ئۇنى ئاپراتسىيە كارۋىتغا چىقرىپ ئېلىپ ماڭدى ، قارسام شۇنداق كۈلۈپ تۇرۇپ :
- مەندىن ئەنسىرمەڭلا،- ئاللاھقا تاپشۇردۇم ،- دەپ كۈلۈپ تۇرۇپ باش لىڭشىتىپ كەتتى .ھەممىز ئارقىدىن قاراپ قالدۇق . ئۇنى ئەكىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئۈزەمنى تۇتۋالالماي بىر ھازا يىغلىدىم ،قارسام ئەسقەرنىڭمۇ كۆزى ياش يۇقى ،ئەخمەتكام تەسەللى بەرگىلى تۇردى :
- قىزىم كۆز ياشنىڭ ئورنىغا ئىبادەت قلايلى ، ئاللاھتىن تىنىچ- ئامانلىقنى تىلەيلى قىزىم ، سەۋرى ئەڭ چوڭ تەسەللىدۇر ،شۈكرى بىلەن سەۋرى قىزىمغا شىپالىق ئاتا قلىدۇ .،- دىدى .
- قارا، سەن سىڭلىڭچىك بولالمايدىكەنسەن ،نىمە دىگەن ئىسىل قىز بۇ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭغىننى ، بەك قەيسەر قىز ئىكەن ،- دىدى ۋاڭ ئايى .
- شۇنداق ، مەنمۇ بۇقىزغا كۈلدۈردىغان دورا بەرگەنمىدۇ دەپ قالدىم ، راستىنلا ئىنساندا يوق شۈكرى ،ئىبادەت بۇ قىزدا بار ئىكەن ، - دىدى سىرتتىن كىرگەن تازلىق قلىدىغان ئايال .
مەسئۇل سېستىرا ينمىزغا كېلىپ:
- تىزدىن پول تاپشۇرۇڭلار، زاپاس قانغا ، ئاپراتسىيەگە يەنە ئازراق پول كاملايدىكەن ،-دىدى .
- مەندە يەنە بىر كارتا بار ، مەن تاپشۇرۇپ كىرەي ،- دەپ پەسكە قاراپ ماڭدىم.
پول تاپشۇرۇش ئورنىغا كېلىپ سومكامدىكى ھېلقى سڭلىمنىڭ ئىشخانسىدىن ئەكەلگەن كارتىنى ئىزلىدىم، ئاپلا ئالدىراشچىقتا ئۇنىڭ خاتىرسىنمۇ بىللە ئەكەپتىمەنغۇ ؟ كارتىنى ئېلۋاتسام خاتىرە قېتىدىن ئاپپاق ئىككى پارچە كانۋىرىت يەرگە چۈشۈپ كەتتى . كارتىدا 15مىڭ يۇەن پول بار ئىكەن . 10مىڭ يۈەن پولنى تاپشۇرۇپ بۇلۇپ تېزدىن ئاپراتسىيە خاننىڭ ئالدىغا يۈگۈردۇم ، بۇ يەردىمۇ ساقلاپ ئۇلتۇرغانلار خېلى كۆپ ئىدى . ئەسقەرگە :
- پولنى تاپشۇرۇپ كىردىم ، بۇ يەردە ئولتۇرساڭلارمۇ يەنە ۋاقىت خېلى بار ، ئەخمەتكام بىلەن ناشتا قلىپ ،تاماق يەپ كىرىڭلار ، مەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي ، - دىدىم .
- ھەدە، سىزمۇ بەك ھالسىزلىنىپ كەتتىڭىز ،بىللە چىقايلى سۇيۇق- سەلەڭ بىرنەرسە يەرسىز ،- دىدى ئەسقەر .
- بولدى ،مەن ياتاقتىكى ناندا ناشتا قلاي، سىلەر چىقىپ كىرىڭلار .
ئۇلار خېلى تاتىشقاندىن كېيىن مېڭىشتى . مەن ياتاققا كىرىپ تۇتقان قويغىنىمنى بىلمەي ،گاڭگىراپلا قالدىم .سومكامدىن يانفۇننى ئېلىپ ئۆيدىكلەرگە تېلفۇن قلىدىم ، يولدىشىم، قىزىم ، ئوغلۇم بىلەن پاراڭلاشتىم ،ئۇلارنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى كۆتىرلىپ قالغاندەك بولدى .خىزمەتدىمغا تېلفۇن قلىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىم ، ئۈستىگە چىقىپ ئاپراتسىيەخاننىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋاتمەن ، قۇلۇمغا ھېلقى خاتىرە چىقىپ قالدى ،ئۇنى ئالدىم . بىرنچى بېتىگە « مەن ئۇنتالمايدىغان ئىشلار » دەپ يىزىلغان ئىدى .
مۇنداق باشلانغان :
مانا مەن 18 ياشقا كىردىم، ئائىلەمنى نىمە دىسەم بولا ، ئانام شۇنداق جاپا كەش، كۆڭلى يىتىشلىك ئايال ، مەن ئانامنى بەك ياخشى كۆرمەن ، ئانامغا قارسام كۆزلىردىن بىرخىل مۇڭ چىقىپ تۇرغانلىقدىن شىۇنداق بىچارە  ھىس قلىۋاتمەن . مانا بۇگۈن ھاۋا گۈلدۈرلەپ ئاسماندىن يامغۇر قۇيۇلۋاتدۇ ، مۇشۇ قاتتىق ياغقان يامغۇردىمۇ ئانام ئېغىلدىكى مەرەپ تۇرغان قويلارغا ئوت ئىزلەپ چىقىپ كېتىپ تېخچە كىرمىگەن ئىدى ، توۋا دادامنى ،ھىچ ئىشتىن خەۋەر يوق بىخارامان ئۇخلاۋاتقىننى ، بىچارە ئانام نەدە يۈرگەندۇ؟ بۇ يامغۇردا نىمە قلىۋاتقاندۇ؟ مەن تالاغا چىقاتتىم ،ئۆيگە كىرەتتىم ، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئەسلا قۇلۇم بارمايتى ، بىر ۋاقىتلاردا ئانا ئىنتايىن چوڭ بىر تاغارنى مۈرسىگە ئارتىپ  پاتقاقتا ئاران- ئاران مېڭىپ كىرىپ كەلدى.
- ۋاي ئانا ،نىمانچە كۆپ ئوتلار بۇ ، قانداقمۇ كۆتۈرگەنسىز ،- دىدىمدە ، ئانامنىڭ قولغا ئۈنگە سۇنۇپ .
ئانام ئەمدى مەرەپ ھالى قالمىغان قويلارغا ئوت سەپ بېرىپ تۇرشىغا كۆزنى ئۇۋلاپ چىققان دادام ۋاقراشقا باشلىدى :
- ھەي لالما ، ئەمدى پەيدا بولدۇڭما ، قېنى ئاش ، قاچان پىشدۇ بۇ ئېشىڭ ، دەپ ئانامغا دەۋەيلەپ كېلىپ ئانامنىڭ دۇلىسدىن تارتىپ يەرگە يىقىتتى ، قوساقلىرغا بىرنەچچىنى تەپتى ، بىچارە ئانام دادامدىن قورقۇپ ئاۋازنىمۇ چىقرىشقا پېتنالمايتى .
- دادا، نىمە ئىش بۇ ، ئانام مۇشۇ يامغۇردا ،  قويلارغا ئوت ئەكەلدىغۇ ؟ سىز  ئۇخلايسىز ، ئانام نىمنى خاتا قىلدى ؟- دىدىم دادامغا زەردە بىلەن .
- ۋۇ ماكاش خۇتۇن ، قىزىمغىمۇ تىل چىقرىپ قۇيۇپسەن ھە ؟ دەللە ، - دىدى - دە، يەنە ئانامغا يۇپۇرلۇپ كەلدى . بىچارە ئانام ھويلىدا پاتقاقتا چېچىدىن سۆرلىپ ،تۇۋرۇككە ئۈستۇرۇلدى ........
ئاخىرسىنى  ئۇقۇشقا مادارىم يەتمىدى ، بىچارە ئانام ، رەھمەتلىك ،دادامنىڭ تايقىنى ئاز ئامانسىز يەۋالدىڭىز ئانا ..... دادام بەڭ چىكىۋېرىپ نېرۋىسدىن كەتكەندەك تېرىككەك تەرسا ،شۇنداق ھۇرۇن بوپ كەتكەن ئىدى .كەچكىچە چېچلىپلا يۈرەتتى ، ئانام بىچارە كۈندىن- كۈنگە ئاجىزلىشىپ ، تاياقتىن مىڭسىگە قان چۈشۈپ بۇ دۇنيادىن كەتتى. دادام ، ھەي .....
ئۇ قانداقمۇ دادا بولسۇن  ؟ ئانام ۋاپات بۇلغاندا سىڭلىم توي قلىغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى ، يۇرت جامائەت ئالدىدا يەتتە نەزىرنى بېرىپ بولغان كۈنى كەچتە ئۆيگە بىر سەتەڭ خۇتۇننى باشلاپ كىرىپ ، ئۇ مېنىڭ خۇتۇنۇم ، ئالغىلى بىر يىلدىن ئاشقان دەپ ئەكىردى ، ئۆي قايتىلەتىن ماتەمگە تولدى ، دادامنىڭ قلىپ يۈرگەن ئىشلىرنى ، توۋا ، ھامان يالغۇز ئۈتەلمىگەنكىن ئۆيلەپ قويار ئىدۇق، ئەمما بۇ ئىشلار بىزگە خېللا ھار كەلدى ،  ئاكام بۇ ئەلەمگە چىدىماي  يۇرتنى تاشلاپ تىجارە ت قلىمەن دەپ چىقىپ كەتكەنچە 4 يىل بولدى .ئاياق باسمىغلى ، تېلفۇندا ئالاقلىشىپ تۇراتتۇق، مانا تېلفۇنمۇ ئېلىنمايۋاتدۇ . دادام قانداق قلىدى ؟ خودا 35 يىلدىن ئارتۇق بىر ياستۇققا باش قويغاننىڭمۇ يۈزى بولماپتۇغۇ ؟ ئەتسى بىر خېرىدارنى باشلاپ ئۆينى كۆز ئالدىمىزدىلا سېتۋەتتى ، ئانامنىڭ قويغان تۇتقانلىرنىمۇ بىرتال چىنە چاغلىق نەرسىنمۇ تۇتقلى قويماي ھەممىنى بىر ماشىنغا بېسىپ مەھەللىدىن  چىقىپ كەتكەنچە ...... بىزدەك باللىرى كۆزىگمۇ كۆرۇنمەي بىزدىن ۋاز كەچتى.... ئانا ئۆلگەنگە يىغلايمۇ؟ دادام كەتكەنگە يىغلايمۇ ؟ دەپ سىڭلىم ئىككىمىز بىر - بىرسىمىزگە ھەمدەم بۇلۇپ ياشاپ كەلدۇق ....
- ھەدە ، نىمە بولدىڭىز ؟ يىغلاپسىزغۇ ؟ بۇنداق قلىۋەرسىڭىز تۈگشىپ كېتسىز ، ئاللاھقا تاپشۇرايلى ھەدە، ئىچىڭىزنى پۇشۇرماڭ ، - دەپ تەسەللى بەرگەن ئەسقەرنى كۆرۈپ ئەسلىمگە كەپتىمەن .
قارسام خاتىرە دپتەر ھۆل بۇلۇپ ، خەتلەر بويلىپ كېتىپتۇ.
6سائەت بولغاندا سىڭلىمنى ئاپراتسىيەدىن كۈزتۈش ئۆيگە يۆتكەپتۇ ، بىر قېتىم كۆرۋالاي دەپ قانچىلىك يالۋۇرساممۇ يەنلا كىرگۈزمىدى ، ئامال يوق ، ياتاق بىلەن كۈزتۈش ئۆينىڭ ئارلىقدا مېڭىپلا يۇردۇم .
قۇلۇمغا چىقىپ قالغان ئاپپاق كونۋىرت ئۈستىگە  « دوستۇم رازيەگە» ، يەنە بىر كونۋىرت ئۈستىگە « شىنجاڭ ئادۋىكاتلار ئىش بېجرىش ئونىدىكى خالىدە خانىمگە تىگدۇ دەپ يىزىلغان ئىدى ، ئەمما ھەر ئىككى كونۋىرتنىڭ ئاغزى ئىتىلمىگەن ئىدى .
مەنبە:ۋىسال مۇنبىرى
داۋامى يوللىندۇ .
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

567

تېما

28

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7004 سەر
تىللا
2828 دانە
تۆھپە
7697 سەر
شۆھرەت
5628 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تىزراق يوللىغايسىز بۇرادەر
دەرىس تەييارلىقى يولللىغاندا قوش تىل ۋە ئادەتتىكى يىللىق دەپ ئىنىق ئەسكەرتىش بىرەيلى  .

15

تېما

46

دوست

5631

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1079 سەر
تىللا
316 دانە
تۆھپە
1114 سەر
شۆھرەت
1337 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانلىق ئوبرازلارنىڭ كەچمىشلىرى مېنى قاتتىق تەسىزلەندۈردى، قەلىمىڭىزگە بارىكاللا قېرىندىشىم!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-9 13:04, Processed in 0.488546 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش