مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 5

ساۋاقداشلار ھەرقاچان تۇققان بولۇپ ئۆتەيلى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

10

دوست

977

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
176 سەر
تىللا
96 دانە
تۆھپە
172 سەر
شۆھرەت
230 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 14:05:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلار ھەرقاچان تۇققان بولۇپ ئۆتەيلى


ئازادجان ئىبراھىم

ئۇلۇغ ئىكەن ھەممىدىن ،
ئۇستاز بىلەن ساۋاقداش.
ئۆتىدىكەن بىر ئۆمۈر،
بولۇپ ئۇلار قەلىپداش.

ئانا مەكتەپ قوينىدا ،
ئوقۇپ بىلىم ئالغانتۇق.
ئۆزىمىزگە بىلىمدىن ،
پۇقتا ئاساس سالغانتۇق.

ئۇستازلارنىڭ ئەجىرىدە،
بولغان ئىدۇق بىلىملىك.
بولغان ئىدۇق ھەم يەنە،
مېھرى ئىللىق كۈيۈملۈك.

بىلىم بەردى ئۇستازلار،
بىزنى ئۇلۇغ بولسۇن دەپ.
بېشىمىزغا بىركۈنى ،
بەخىت قۇشى قونسۇن دەپ.

ئاتا-ئانا ئۇستازنىڭ ،
ئۈمۈدىنى ئاقلىدۇق.
ئاشۇلارنىڭ سۆزىنى ،
قەلبىمىزدە ساقلىدۇق.

ئانا مەكتەپ قوينىدا،
بەك كۆڭۈللۈك يۈرگەنتۇق.
ئېناق ،ئىجىل بولۇشۇپ،
بارنى بىللە كۆرەتتۇق.

بەسلىشەتتۇق ئۆزئارا،
ئۆگىنىشتە ئەمگەكتە.
ئۆگىنەتتۇق تىرىشىپ،
دەرىسلەرنى ھەۋەستە.

بىرنان تاپساق تەڭ يەيتۇق،
چۆجىلەردەك تالىشىپ.
ئەسقاتاتتۇق يەنە بىز ،
چوڭلارغىمۇ قارىشىپ.

سەيلە قىلىپ بېرىشقان ،
گۈل ئېچىلغان باغلارنى.
دائىم ئەسلەپ تۇرىمىز،
ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى.

ئاشۇ گۈزەل مىنىۇتلار،
ئەمدى يەنە كەلمەيدۇ.
تىلىسەكمۇ ياشلىقنى،
ئۇنى ھېچكىم بەرمەيدۇ.

ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرۈپ،
ھەرتەرەپكە كېتىشتۇق.
نەچچە ئون يىل ئۆتكەندە،
پۇرسەت كېلىپ تېپىشتۇق.

دىدارلاشتۇق يىغلاشتۇق،
قوچاقلاشتۇق سۆيۈشتۇق.
ئۆتكەن-كەچكەن گەپلەرنى،
كەڭ-كۇشادە دىيىشتۇق.

شۇچاغدىكى جۇشقۇنلۇق،
ھەممىمىزدە قالماپتۇ.
بەزىلەرنى ۋاقىتسىز ،
كېسەل-ئاغرىق چىرماپتۇ.

قارا چاچلار ئاقىرىپ،
قورۇق چۈپتۇ يۈزلەرگە.
تاقىلىپتۇ كۆزئەينەك،
ئاشۇ قارا كۆزلەرگە.

ئۆزگىرىپتۇ بەستىمىز،
قىزلىرىمىز مۇمايدەك.
ئېغىر بېسىق بوپ قاپتۇ،
ئوغۇللارمۇ بوۋايدەك.

ھايات دېگەن شۇئىكەن،
ئوخشايدىكەن پەسىلگە.
ھەرپەسىلدە ئۆزگىرىپ،
قېرىيدىكەن ئەسلىدە.

كۈچ قۇۋەتنىڭ بارىدا ،
ئۆتتى كۈنلەر بىلىنمەي.
خىزمەت،تۇرمۇش كويىدا،
يۈرىشىپتۇق كۆرۈنمەي.

بەزىلىرى ئۆتۈپتۇ ،
ئەمەل-مەنسەپ كويىدا.
بەزىلىرى يۈرۈپتۇ ،
ئاددىي كەپە ئۆيىدە.

ساۋاقداشنى ھەرقاچان  ،
ئىزدەپ تۇرغان  ياخشىكەن.
ئەزەل ئىكەن ھەممىدىن،
ساۋاقداشلىق باشقكەن.

ئىزدەشمىدۇق تاشلىدۇق،
بالا دېدۇق ئۆي دېدۇق.
شۇنچە يىللار ئۆتكىچە،
ئۆزئالدىغا ئوينىدۇق.

تۇرساقمۇ گەر ئۆزئارا،
ساۋاداشلار ئەسلىشىپ.
يوقلىيالماي ئۆتتۇق بىز،
بانا تېپىپ سەتلىشىپ.

تاشلىۋەتسە تۆمۈرمۇ ،
چىرىگەندەك داتلىشىپ.
ئىزدەشمىسە ئادەممۇ ،
كېتىدىكەن يادلىشىپ.

كىچىك بولساق چوڭ بولدۇق،
يېڭىپ تالاي جەۋرىنى .
بالا بېقىپ چوڭ قىلىپ،
كۆردۇق يەنە نەۋرىنى.

بالىلارمۇ ئۆگەنسۇن،
ئادەم بولۇش يولىنى.
چوڭلارغىلا تايانماي،
ئۆزى تاپسۇن يولىنى.

تۇغۇلغان كۈن ئۆكۈزگە،
موزايغىمۇ كېلىدۇ.
بىزكۆرگەن شۇ كۈنلەرنى،
بالىلارمۇ كۆرىدۇ.

تاشلىۋەتمەي ھەرقاچان،
ئىزدىشەيلى ساۋاقداش.
ھۆرمەتلىشىپ ئۆتەيلى،
بولۇپ مەڭگۈ دوست-ئاداش.

خوش ياقمايدۇ ھەممە ئىش،
ياشانغانداسىزگىمۇ .
ياسانساقمۇ ھەرقانچە ،
ياراشمايدۇ بىزگىمۇ.

ھازىر بىلمەي كېيىنچە،
پۇشمان قىلىش پايدىسىز.
ئىزدەپ بېرىڭ كەپ تۇرۇڭ،
كۈندە ئەمەس يىلدا سىز.

ساۋاقداشلار ھەرقاچان ،
خوشال-خۇرام يۈرگەيسىز.
كۈندىن -كۈنگە ياشىرىپ،
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەيسىز.

كۆپ ياشاڭلار ساۋاقداش،
ساغلام بولۇپ تۇرۇڭلار.
قىزىقىنى ھاياتنىڭ ،
ھەممىڭلار تەڭ كۆرۈڭلار.

ساۋاقداشنى ،ئۇستازنى،
ئاسىرايلى  كۈتەيلى.
ساۋاقداشلار ھەرقاچان،
تۇققان بولۇپ ئۆتەيلى.
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

11

تېما

6

دوست

3975

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
900 سەر
تىللا
185 دانە
تۆھپە
815 سەر
شۆھرەت
758 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 17:59:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
       خۇش كەپسىز مەرھابا.
      تەۋسىيە قىلىپ سەمىمى،
      ئىزدىشىشنى دوستلارغا.

      چىن قەلبدىن سېغىنار،
      ئۆتمۈشىنى ساۋاقداش.
    ئۇستازلارنى ياد ئەيلەپ،
   قەلبخانىدە بولۇپ مۇڭداش.

      ئايرىلىشكەن ئاشۇنداق،
         ھاياتلىقنىڭ سىنىقى.
       دىللارنى مەيۈس قىلۇر،
         ئارىلىقنىڭ يىرىقى.

      ئارلىق يىراق بولسىمۇ،
     كۆڭۈل يىراق بولمىسۇن!
   تۇتاش مېھرلىك قەلبلەرنىڭ،
    گۈلى ھەرگىز قۇرمىسۇن!

  ___قەسىر

   ئېسىل مىسرالاردىن ئىلھاملاندىم،رەھمەت!يېڭى ئىجادىي تېمىلىرىڭىزنىڭ كېيىنكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن تىلەكداشمەن!
   
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 00:01:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شىئېركەن  بولسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ

باھا سۆز

قەسىر ئىنكاسىمغا يوقۇرى باھا بېرىپسىز ئۇستاز،رەھمەت سىزگە،ئامان بولۇڭ!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 17:56
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 23:21:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلىق مېھرى- مۇھەببەتنىڭ تەمى، لەززىتى باشقىچە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق مېھرى- مۇھەببەت باسالمايدۇ. مەنمۇ  يېقىندا ساۋاقداشلارنىڭ 25 يىللىق يىغىلىشىغا ئىشتىراك قىلىشقا تەئەرەددۇلىنىپ تۇرغاندىم، بۇ شېئر مېنىڭ قەلبىمگە ساۋاقداشلىق مۇھەببىتى ئوتىنى قايتىدىن تۇتاشتۇردى. رەھمەت سىزگە.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 11:13:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلىق مېھرىنى ياخشى ئىپادىلەپسىز ، رەھمەت سىزگە .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

75

تېما

32

دوست

9608

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2238 سەر
تىللا
391 دانە
تۆھپە
1799 سەر
شۆھرەت
1683 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 14:20:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلىرىمنى ھەجەپ سىغىندىم .ياخشى يېزىپسىز
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:34, Processed in 0.476987 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش