بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 23:20
ئېشەك بىلەن قوي ئەخمەت ۋاھىدى
بىر ئېغىلدا ياشايدىكەن ئېشەك بىلەن قوي، قۇترىسىمۇ كاللىسىدا ھەرخىل يامان ئوي. ياۋاش بوينىڭ ئېشەكۋايغا ئىخلاسى چىڭكەن، لىكىن ئېشەك ياتسا قوپسا قۇلىقى دىڭكەن. ئېشەكۋاينىڭ ئېغىز پۇتى تۇرمايدىكەن بوش، شۇم نىيەتتە كۆڭلى ئەسلا بولميدىكەن خوش. تېپەر ئىكەن توخۇـتوشقان غازنى كۆرگەندە، چىشلەيدىكەن خوشامىتى ئازنى كورگەندە. كۇندىن-كۇنگە يامان بوپتۇ ئېشەكنىڭ ھالى، چاغلايدىكەن ئوزىنى ئۇ يولۋاستىن ئالى. چۇش كورەركەن ئېشەك ئالتۇن ئېگەرـ توقۇمنى، ھاڭرايدىكەن شۇڭا ھەركۇن بىرخىل مۇكامنى: «ئەي خۇدايا،مۇڭگۇز بەرسەڭ ئۇسسىسەم قوينى، جۇپۇم بىلەن ئويناپ-كۇلۇپ ئۆتكۇزسەم توينى. خوشامەتنى بىلمەيدىكەن قوي دىگەن ساراڭ، بېشىنى تىقىپ ئوتلايدۇ سالمايدۇ پاراڭ. كىلىشمىدى قوي بىلەن مىجەز خۇلقۇم، ئوخشاشمىدى رەڭگىى-رۇخسار،شەكىل تۇقۇم. توخۇ-توشقان ئودەك-غازنى يەكلىمەيدىكەن، ھويلا-ئارامغا كىرسە-چىقسا چەكلىمەيدىكەن. قويغا قىلغان ئەقىدەممۇئەسقاتمىدى بىر قېتىممۇ چىقسام شىكارغا. ئەي خۇدايا بەرسەڭ قانات ئۇچسام ھاۋاغا، قوي ئۇستىدە ھۇزۇرىڭغا چىقسام داۋاغا. شۇخىيالدا ئىشان بولدۇم بېشىمدا سەللە، مەدەت بەرگىن چىقالمىدىم ئىگىزكەن پەللە. ھەمرا قىلغىن ماڭا ئوخشاش ئېشەكتىن بىرنى، گاھ كۇلۇپ گاھ يىغلاپ ساقلىدىم سىرنى.» ئېشەكۋاينىڭ پەريادىنى ئاڭلاپتۇ ئاللا، كۆك قەھرىدىن مۇنداق سادا كەپتۇ شۇئانلا: «ئېشەك دىگەن نامىڭ بىلەن مەشھۇر سەن ئەلگە، مۇڭگۇز بەرسەم ھاياتلىقتىن قالمايتتى بەلگە. ئوتسۇن كۇنۇڭ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭنى بىلمەي، جىمى مەخلۇق ئۇرۇپ-تىللاپ كۆزىگە ئىلماي. بىر قوزۇققا باغلىنىپ سەن قۇللۇقتا ئۆتكىن، ئۇرۇق تۇققان دوس يارەنسىز تۇللۇقتا ئۆتكىن. شۇ ۋەجىدىن ئېشەكۋاينىڭ مۇڭگۇزى يوقمىش، مۇڭگۇزى يوق ئېشەكۋايدىن قوي كۆڭلى توقمىش. ئېشەكۋايمۇ ئۇمىد باغلاپ ئاشۇ داۋاغا، ھاڭرار ئىمىش دائىم قاراپ كۆككە-ھاۋاغا. 1973-يىل ئۇرۇمچى |