كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 9

دادام ھايات بولغان بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                       دادام ھايات بولغان بولسا...
                                                 (فىلىيەتۇن)
                                        ئەنۋەرجان خۇجا ئەرتېكىن


     ئىنتاھاندىن ئۆتۈپ خىزمەتكىمۇ ئۇرۇنلاشتىم. ئەمما، تاغلىق يېزىغا بېرىپ قالدىم. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا يۇلۇمنى مېڭىپ يېقىنراق جايغا يۆتكەپ قويماسمىدى؟!
ئۆيلەندىم. ئەمما، ئۆي ئېلىشتا بېشىم قاتتى. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا پۇل بىرىپ تۇرغان، ياردەم قىلغان بولماسمىدى؟!
بالامغا ئەقىل كىرىپ قالدى. ئەمما، ئايىغى چىقماس سورۇندارچىلقتىن بىكار بولالماي ئۇنىڭ چۆچەك خۇمارىنى قاندۇرالمىدىم. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا ئەتىسى-ئاخشىمى بالامغا گۇڭۇر-مۇڭۇر ھەمراھ بولماسمىدى؟!
ئاخىر ئۆيمۇ ئالدىم. ئەمما، ئەل-ئاغىينە، خىزمەتداشلىرىم بەس-بەس بىلەن ماشنا ئېلىشقىلى تۇردى. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا قاراپ تۇرارمىدى؟!
خىزمەتتىنمۇ زىرىكتىم. ئەمما، بىر ئىش قىلاي دىسەم يەنە شۇ قولنىڭ قىسقىلىقى. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا... ئويلىرىمدىن قارىسام مەن دادامغا ئەمەس، دادام ماڭا قەرىزدار بۇلۇپ قالغاندەك تۇرامدۇ نېمە!؟


                («شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» 2013-يىل 19-ئاپىرىل «تامچە» بېتىدە ئېلان قىلىنغان

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-6 11:52:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى چوڭقۇر فىلىيەتۇن ئىكەن،رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-8-6 23:32:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
ۋاقتى: 2013-8-7 02:36:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىلىرىمىز ھايات ۋاقىتىدا ئۇنى شۇنداق يۈنۇيدىكەنمىز، ئىقتىساد، مەنىۋىي، جىسمانىي جەھەتتە. بىز دادا بولدۇق، ئەمدى بالىلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلارمۇ بىزنى؟... رەھمەت تېمىڭىزغا.
ۋاقتى: 2013-8-8 00:41:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا سەن داداڭغا نىمە قىلساڭ بالاڭدىن كۆرىسەن دەيدىغان گەپ بار ،بىرئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ،قەدىرلەپ ئۆتسەڭ باللىرىمىزمۇ بىزنى شۇنداق قىلىدۇ..................
ۋاقتى: 2013-8-9 11:15:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا -ئانا خۇددى تۈگىمەس كاندەك ئېلىشنىلا بىلىدىكەنمىز يۇ بىزمۇ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. رەھمەت دوستۇم...
ۋاقتى: 2013-8-11 16:29:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاتا دىگەن تاغ ئىكەن .ئانا دىگەن باغ ئىكەن » دىگەن شۇدە ، ئاتىلار ھەممىمىزنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى يۆلەنچۈكىمىز . تېمىڭىزغا رەھمەت دوستۇم .
ۋاقتى: 2013-8-11 16:32:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانمىز بار ۋاقىتتا ئۇلارنى قەدىرلەيلى،ھورمەتلەيلى.
ۋاقتى: 2013-8-12 10:57:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇرمۇش قۇرۇشتىن بۇرۇنلا دادىسىز قالغان ئىدىم ،ھەر قېتىم تۇرمۇشنىڭ بوران- چاپقۇنغا يولۇققاندا « دادام بولغان بولسىچۇ؟ »دەپ ئاھ ئۇراتتىم ،....ئىشقىلىپ دادىسى ھاياتلارغا شۇنداق ھەۋىسىم كېلىدۇ.

باھا سۆز

مۇستەققىل ياشاشنى بىلىشمۇ زور ئۇتۇغ.ئاتا-ئانىلار باقى ئەمەس.  ۋاقتى: 2013-8-12 18:09
ئوخشاشكىنمىز،ئەمما ئىلاھى تەقدىرگە ئامال يوق،ئەپسۇسلانمايلى قېرىندىشىم.  ۋاقتى: 2013-8-12 18:08
ۋاقتى: 2013-8-12 18:16:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيىتىمىزدىكى بەزى بىر ئاتا-ئانىسىگە تايىنىۋېلىپ بايۋاتچىلەردەك كۈن كەچۈرۈشنى ئويلايدىغان مۇغەمبەر كىشىلەرگە كىنايىلىك زەربە بېرىلگەن تېمىكەن.«پۇل،ئاتاڭدا بولغاندىن،ئالقىنىڭدە بولسىچۇ؟»دەيدىكەن دانالىرىمىز.مۇستەققىل ئەمگەك قىلىش،ئاتا-ئانىلارغا بېقىنىۋالماسلىق-يۆلۈنىۋالماسلىق زۆرۈردۇر.چۈنكى ئاتا-ئانىلار باقى ئەمەس!شۇنداق ئادەتلىنىپ قالغۇچىلار كېيىن ئۆزى زىيان تارتىپ قالىدۇ قولىدىن ھېچ بىر ئىش كەلمەي.......
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش