| ئانا قۇربانلىققا تاللىغان ئوغۇل
چاناققەلئە ئۇرۇشغا ھەر كۈنى يۈزلەرچە ياش پىدائىي بولۇپ كېلىۋاتاتتى . بۇ يېڭى ئەسكەرلەرنى دەرھال تەربىيلىنىپ تېزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلۋاتاتتى . يۇز بېشى سىررى بەي يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەرنى تەكشۇرۇپ يوقلىما قىلدى. ئەسكەرلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، بۇ ئەسكەرنىڭ چىچىغا خېنە قويغانلىقىنى كۆرۇپ ئەجەبلىنىپ سورىدى : بالام ئىسمىڭ نېمە ؟ _ ئىسمىم ھەسەن قوماندانىم . _ سەن نەدىن ؟ _ يوزغاتتىن . _ چىچىڭدىكى نېمە ؟ _ مەن ئەسكەرلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام چېچىمگە خېنە قويدى . _ نېمىشقا ؟ _ مەن بىلمەيمەن قوماندانىم . _ ئۇنداق بولسا مەيلى جايىڭغا بار . ھەسەن يوزغات ۋىلايىتىنىڭ سورگۇن ناھىيەسىگە قاراشلىق قارا ياقۇپلار يېزىسىدىن بولۇپ ، تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان كىچىككىنە بالا ئىدى . چاناققەلئەدىكى ئۇرۇشتا ھەددىدىن ئارتۇق شېھىتلەر بېرىلگەن بولۇپ ئەسكەرلەرنىڭ ئورونىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا ۋەتىنىنى قوغداپ قېلىش ئۇچۇن تۇركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن ‹‹ ئاھ ۋەتەن ›› دەپ چىققان بالىلار يىراق- يىراقلاردىن مېڭىپ ، ھەتتا بەزلىرى يالاڭ ئاياق ھالەتتە چاناققەلئەگە كېلىپ پىدائىي بولۇپ تېزىملىتىۋاتاتتى . كىچىك ھەسەنمۇ ئەنە شۇلاردىن بىرى ئىدى . شۇ كۇندىن باشلاپ ھەسەننىڭ سەپداشلىرى ئۇنى ‹‹ خېنە قويغان ھەسەن ›› دەپ زاڭلىق قىلىپ ئوينايدىغان بولدى . كۆپ ۋاقىت ئوتمەي سەپداشلىرى ھەسەننىڭ ئاجايىپ ياخشى ، ئاق كۆڭۈل ، باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى ، ھەممىسى ھەسەننى ھۆرمەت قىلدىغان بولدى . بىر كۈنى ھەسەن ئائىلىسىگە سالام خەت يازماقچى بولدى . ساۋادى بولمىغاچقا دوسلىردىن ياردەم سوردى ۋە ھەممىسى بىرلىكتە يازدى .ئۇ جىنىم ئاپا ، دادا ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دەپ باشلىدى،ئۆزدىن چوڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى ، ئىنىسنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى ، ئۇ يەنە مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئەكىلتىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى يازدى ، ئۇ بىزدىن خاتىرجەم بۇلۇڭلار ، بىزلا بولدىكەنمىز دۈشمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە بىر قەدەممۇ ئاياق باستۇمايمىز......... دەپ يازدى ، غۇرۇر بىلەن خەتنى قاتلىدى . تۇيۇقسىز نەدىن ئەقلىگە كەلدى تۇرۇپلا خەتنىڭ ئارقىسىغا ئاپا ، دادا مەندىن كىيىن ئىنىمنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتسەڭلار ھەرگىزمۇ چېچىغا خېنە قويماڭلار ، مېنى قوماندانىم ۋە دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى زاڭلىق قىلىدۇ ، ئىنىمنىمۇ زاڭلىق قىلمىسۇن، دەپ يازدى. كۈنلەر ئۆتۇشكە باشلىدى ، چاناققەلئەنى تېزراق ئىشغال قىلىش ئۇچۇن ئېنگىلىسلار گېلىبولۇغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى . ئەسكەرلەر ئارقا-ئارقىدىن شېھىت بولۇشقا باشلىدى .بىر كۈنى ھەسەننىڭ ئاپىسىدىن خەت كەلدى .خىتىدە :ياردەمگە ساڭا بەرگەن ئاق سۈتىمگە رازى ئەمەس . قوماندانىڭ چېچىڭدىكى خېنىنى سوراپتۇ ،بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نېمە بار؟ بالام . بىزنىڭ يۇرتىمىزدا قوربانلىققا ئاتىغان قوچقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار . مەن سىنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى قىلىپ قۇربانلىققا تاللىدىم . جىنىم بالام قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سىنىڭ ئىشارىتىڭ بولىدۇ، مەن ئىنسانلار ئىچىدىن سىنى ئاسانلا تېپىۋالمەن ، ‹‹ ئاھ ، جېنىم بالام ›› دەپ يۈرىكىمگە باسىمەن، دەپ ئاپاڭ خەدىچە . قۇمانداننىڭ كۆزلىردىن بۇلاقتەك ياش تۆكۈلدى ئارقىدىن پوچتىچىغا _ سىز بىرىپ خېنە ياققان ھەسەننى تېپىپ كېلىڭ بۇ خېتىنى مەن ئۇقۇپ بىرىمەن ، ئۇ ساۋاتسىز بولغاچقا ئوقيالمايدۇ ، دىدى . پوچتىچى ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كېلىپ _ قوماندانىم ھەسەن بىر ھەپتە بۇرۇن ھېرە بۇرۇندىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا شېھىت بوپتۇ . قوماندان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتتى ، ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن،خەتنى يانا ئوقىدى . ھەسەننىڭ دادىسى : _ جېنىم بالام كالىنى ساتتۇق ، بۇنىڭدىن كىيىن يەرنى مەن ھەيدەيمەن . پۇلنىڭ يىرمىنى ساڭا ئەۋەتتۇق يېرىمىنى ئۇكاڭنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىشكە ئىشلىتىمىز ، بىزدىن خاتىرجەم بول . ئانىسى : جېنىم قوزام ، كۆزۇمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە قويغان ئوغلۇم ، خېتىڭ كەلدى ، گويا دۇنيالار مىنىڭ بولدى يېزمىزنىڭ كاتىپى ئوقۇپ بەردى ، مەن يىغلىدىم . قوماندانىڭنى بەك ياخشى دەپسەن ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يىرىمىدۇر . ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما ، ئوتقا كىر دىسە كىر ، دوسلىرىڭمۇ كوپكەن ئۇلارنى رەنجىتمە ، ئۇلار ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيالىق دوستلىرىڭدۇر . قوماندان _ بىلشىم كىرەك ئىدى ، بىلشىم كىرەك ئىدى ، قۇربانلار خېنە قويۇلغان بولشى كىرەك ، بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى خېنە قويۇلغان ، ھەممىسى ۋەتىنى ئۇچۇن قوربانلىققا ئاتالغان يىگىتلەر ، بىلشىم كىرەك ئىدى ، بىلشىم كىرەك ئىدى دەپ يىغلىدى. شېھىت ھەسەننىڭ يېنىدىن چىققان شېئىردە قوماندانغا بېرىدىغان جاۋاب يېزىلغان : ئانام قويۇپتۇ خېنىنى ئاتىدىم دەپ، مەن بۇ ۋەتەن ئۇچۇن قۇربان تۇغۇلدۇم . ئانامدىن ئاللاھ غا ئاخىرقى ھەدىيە ، قوماندانىم ، مەن ئىسمائىل تۇغۇلدۇم....
|
|