كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 2

پەرىق(ۋاپاسىز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                               پەرىق(ۋاپاسىز)  

       ئابلەت، ماڭە ماڭە ئوبۇرنىغا ، تىزرەك بېرىپ كېلەيلى. مۇئەللىم كېلۋاتىدۇ...
  _ھەي قەلىمىڭنى بېرىپ تۇرە، سىياسى تۇگەپ قاپتۇ.....
_ نېمە دەيسەن گۈي، سېنىڭمىتى بۇ...
   مەكتەپنى ۋاراڭ-چۈرۈڭغا تولدۇرۇغان بۇ ھەر خىل تۈستىكى دىئالوگلار مەكتەپكە باشقىچە جانلىقلىق، ئاۋاتلىق بەخىش ئەتكەن ئىدى. قولتۈقىدا ماتىريال، قولىدا تاماكا تۇتۇشقان مۇئەللىملەر،كىملەرگىدۇر ۋارقىراپ«گەپكە كىرگۈزۈپ» يرۈگەن «ئىلمى» بۆلۈم ھەيئەتلىرى، كىملەرنىڭدۇر كەينىدىن گەپ-سۆز قىلىپ، ۋەزىپىسنى جان دىل بىلەن ئۆتەۋاتقان چىرايلىق خانىملار، قايسىدۇر بىر چىرايلىق خانىمچاقنىڭ كەينىدىن شەھۋەتلىك قاراۋاتقان «ئەخلاق-تەربىيە» مۇدىرى، كۈلۈشۈپ، قوغلىشىپ يۈرگەن ئوماق بالىلار مەكتەپنىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن جەمئيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. مانا بۇ شاۋقۇنغا 7-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ  سىنىپتا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈشۈپ، قەغەز-كىتابلارنى ئېتىپ، بىر-بىرىگە ۋارقىرشىپ  بىزمۇ بار دېگەن ئۈننى قوشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ «دۇنيا» سىغا بۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ياسىن مۇئەللىم قولتۇقىدا ماتىريال،  قولىدا ئۈچبۇلۇڭلۇق سىزغۇچ تۇتقىنىچە كىرىپ كەلدى. سىنىپتىكى ۋاراڭ چۇرۇڭلارمۇ دەرھال بېسىقتى. مۇئەللىم مۇنبەرگە قولىدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ بالىلارغا بىر قۇر نەزەر سېلىۋەتكەندىن كىيىن، يوقلىما دەپتەرنى ۋاراقلاي دېيشىگە يۇقارقى مەھەللىدىكى ئەسكى بوتۇلكا ۋە باشقا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى ساتىدىغان قاسىمكامنىڭ ئوغلى  ھىزىم سىنىپقا بىشىنى سالغىنىچە كىرىپ كەلدى. شۇ ھامان مۇئەللىمنىڭ قوشۇمىلىرى مىژژىدە تۈرۈلدى-دە:
   _ھە ھىزىمەك، ئەمدى كىلەمسەن، سائەت قانچە بولدى؟ ھە راست  ھەر قايسىڭنىڭ ئۆيىدە سائەت نىمىش قىلسۇن؟! داداڭ دېگەن شوپىلەيچى(1) يەنە شىشە تەرگۈزۈپتۇ-دە؟ ماڭە ئولتۇرە، بۇدا كىچىكسەڭ بۈلگۈچى كەلمە  جۇما!
مۇئەللىمنىڭ دادىسىنىڭ تۇرمۇش يولىنى كەمسىتىپ تېللىشى ئىغىر كەلگەن ھىزىم مىشىلداپ بۇرنىنى تارتقىنىچە ئورنىغا بىرىپ ئولتۇدى. مۇئەللىم يەنە بىردەم  كاپىلدىماقچى بولۋىدى، ئىشىك يەنە ئېچىلىپ، يەنە شۇ يۈقارقى مەھەللىدىكى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئابلىزكامنىڭ ئوغلى ئەخمەت ئاغزىنى كاماردەك ئەسنىگىنىچە كىرىپ كەلدى. مۇئەللىمنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىدىكى قورۇق ئاللاقاياقلارغا يوقىلىپ كۆزلىرى يىرىم يۇمۇلۇپ، ھىجىيىپ تۇرۇپ:
   _ ھە ئەخمەتجان ئۇكا، ھازىر كەلدىڭىزما؟ ھە ئابلىز سوجاڭنىڭ ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالمىغاندۇ؟ سوجاڭ ئۆزى تژلىقتۇ؟
ئەخمەتنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسىغا قاراپ «مۇئەللىم» نىڭ زۇۋانى كىكەچلەشكە باشلىدى:
    _  ياق، ياق  ... يىقىندىن بۇيان كۆرۇنمەيدۇ... شۇڭا... ئولتۇرۈڭ.
    مۇئەللىمنىڭ گېپى تۈگە - تۈگىمەيلا ئەخمەت جايىغا بېرىپ ئولتۇرۇپلا  ئۇيقۇغا كەتتى.
مۇئەللىم يەنە نىمىلەرنىدۇر دەپ سوجاڭنى ماختىغاندىن كىيىن، ئۆزىگە لايىق شۇ «مۇنبەر»دىكى سىزغۇچنى ئېلىپ  دوسكىغا بىر نەرسىلەرنىڭ شەكىلىنى سىزغىلى تۇردى...
   مەن  بولسام مۇئەللىمنىڭ«پەزىلىتى» نى قەلىب ئىكرانىمغا سىزىش بىلەن بەنىت ئىدىم...


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-19 23:42:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىشتە ياخشىمۇ سىز ناھايتى ياخشى تىمىلارنى مۇنبەرگە يوللاۋاتىسىز . خاپا بولماي مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ   . مەنبەسى سىزمۇ قانداق ؟ ھە
ۋاقتى: 2013-8-20 02:37:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيلىگۈچىلەر مۇشۇنداق بولسا تەربىيلەنگۈچىلىرىمىز قانداق بولۇپ يېتىشىپ چىقار - ھە ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش