كۆرۈش: 4895|ئىنكاس: 9

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھەققىدە

untitled.bmp

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمبەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم،تالانتلىقئەدىب،تۆھپىكارمائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىندىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەر- باغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 1950-يىلى غەربى شىمال ياشلاربىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلاربىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن،بېيجىڭ،تيەنجىنقاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىقشىنجاڭئىنستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگەتەقسىم قىلىنغان، شۇيىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەرفىزىئولوگىيىسى،ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى،ھاشاراتشۇناسلىققاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان،يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،ماتېماتىكا،بىئولوگىيە،خىمىيەۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغاماركسىزم ئاساسلىرىپەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلىئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋپرسىتپتىنىڭ ماركسىزمئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپبىريىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپكەلگەندىن كېيىنماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتىگەن ۋەبۇدەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپنەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنىقوشۇمچەئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىيماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.بۇشىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىداقۇتادغۇبىلىك ۋە تۆركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكىتۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،ئەمگەك بىلەنتەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961- ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىكۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭمەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان«ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى،24تارىخنى،ئەنگلىيەدراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36سەھنە ئەسىرىنى،ھىندىستاننىڭ رامانايا،ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپا- قىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخى نى، ئومۇمىي تاڭنەزمىلىرى نى، بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى،ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودېسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچەتەرجىمە نۇسخىلىرى،ئەپلاتۇن،ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى،ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچەخاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىشخاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلارقوشىقى،قەدىمكى يىپەك يولى،خەن ئوردىسىداباھار،مەلىكە خۇارۇڭ،تەڭرىتاغ ناخشىسى،داتباسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان.جاۋاھىرۇلھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بپشىدا4-قېتىمتۆزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتـئابنىڭ دەسلەپكىنۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەتلىرىكىلىرىنىيېزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىشۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە – پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى)ناملىق لىرىك نەسىرلەرتوپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.
1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇ- ھەممەدئىمىنسىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەنئاقلانغان ۋە1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتپتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنىتەسىس قىلىپ ئۆ- تۆشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر- غەزەللىرى ئارقا – ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىيزىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۆك قامۇسى- (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لپكسىيە سۆزلىگەن.
1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە، شىنجاڭنىڭتاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى، ئومۇمىي ئپستپتىكا،چوغلۇق، رۇبائىيات(1)، رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان:- روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۆللەندۈرۈشنىڭمۇقەددىمىسى،ھەسەتخورلۇق ھەققىدەھەسرەتلىك خىياللار،ئارىفنامە،يىپەك يولىدىكى توققۇزھېكمەت، يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمەي مەدەنىيىتى،ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكپيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىيئۇچۇرىئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى،ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىقئەنئەنىسى،نورۇز بايرىمى ۋەئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا،ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋەمەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يولئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇيىللاردا يازغان ۋە تۆزەتكەن ئۇيغۇرپەلسەپە تارىخى، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى، قوتادغۇبىلىك خەزىنىسى،ئۇيغۇر مۇقامخەزىنىسى،سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنبىر- بىرلەپ نەشر قىلىندى. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە،يىپەك يولىدا قايتائويلىنىش،سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئپتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا،چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىكئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلانقىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭىتۈس قوشقان ئىدى.
ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمەشھۇر ئالىمى،تالانتلىق ئەدەبىي،تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفپسورى ئابدۇشۆكۆرمۇھەممەدئىمىنئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-15 20:23:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭمەشھۇر ئالىمى،تالانتلىق ئەدەبىي،تۆھپىكار باغۋىنى ئابدۇشۆكۆرمۇھەممەدئىمىن ھەققىدە چۇشەنچە بەرگىنڭىزگە كوپ رەخمەت.
ۋاقتى: 2013-5-15 20:29:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر ئالىم،تالانتلىقئەدىب،تۆھپىكارمائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .

تېمىسىغا ئالىمنىڭ ئىسمىنى تولۇق يازماپسىز مەن تەھرىرلەپ يېزىپ قويدۇم . بۇندىن كېيىن تېما يوللىغاندا  دىققەت قىلارسىز . رەھمەت
ۋاقتى: 2013-5-15 21:37:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولغان بولسا سۈرىتىنى بىللە يوللىغان بولسىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقاتتى.
ۋاقتى: 2013-5-16 00:16:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-5-16 00:31:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى》نىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ھازىرغىچە ئالىم توغرىسىدا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار


ئاپتوردىن ئېلاۋە:بۇ ماقالە ئەسلى <شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلى>غا ئەۋەتلىگەنىدى.ئۈچ ئايدىن بېرى ئۇلار ئېلخەت تاپشۇرۋالغانلىقى ياكى ماقالنىڭ <تەقدىرى> توغرسىدا گەپ قىلمىدى.شۇڭا مۇنبەرگە يوللىدىم. پايدىلانغايسىلەر ھەم تەكلىپ بەرگەيسىلەر!مەن كۆرسەتمىگەن ئەسەرلەر، مەنبەلەر بولسا ئەسكەرتىپ قويساڭلار!

مەرھۇم تارىخشۇناس ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1995.2.27-1933.9.28) مەركىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركى خەلىقلەر (نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر) نىڭ تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۆزگىچە قاراشلىرى، يىگانە كىتاپلىرى،يېڭى نەزەرىيە-پەرەزلىرى، تەتقىقات مىتودلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەر تارىخ قارشىغا ئىگە ھەقىقى تارىخشۇناس بولۇش سۇپىتى بىلەن بۇ ساھەدىكى《ئىزچى》ئالىمدۇر.مەرھۇم 62 يىل ئۆمۇر كۆردى.ھاياتىدا تىنىمسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق پىكىرلىرى يېڭى، مەزمۇنى رەڭدار، ئىلمىلىكى ئۈستۈن بولغان 31 پارچە كىتاپ، 201 پارچە ماقالىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.(ئىزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن كاتالوگدىكى ئىلان قىلىنغان ۋە قىلىنمىغان ئەسەرلەر بويىچە ھېساپلاندى) بۇ قىممەتلىك مىراسلار ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىمىزنى ۋە تەتقىق قىلشىمىزنى كۈتمەكتە.

ئەپسۇس، ئالىم ۋاپات بولۇپ 16 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى تولۇق نەشىر قىلنمىدى. پۈتكۈل 16 يىل جەريانىدا پەقەت تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ يازغان ئەسەرلەر ۋە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئالىم توغرسىدا ئون پارچىمۇ تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنمىدى. بۇنداق بولۇشنىڭ ئەلۋەتتە سەۋەپلىرى بار. بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپمۇ ئۆزى ۋە ئايالى توغرسىدا يازغان ئەسلىمىللىرى، ھاياتى ھەققىدىكى بايانلىرى تولۇق نەشىر قىلنمىدى. بىز ئالىم توغرسىدا بىۋاستە، ئىشەنچىلىك مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمنىڭ ئىلان قىلنغان ئەسەرلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، مەزمۇنىنىڭ مۇرەككەپ، تېما دائىرسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىقلار ئالىمغا ياندىشىپ تەتقىقات ئىلىپ بېرشقا ئىمكان بەرمىدى.ئەڭ مۇھىمى، بىز 20- ئەسىردىكى ئەڭ كاتتا ئالىمىمىزنى ۋە بىردىنبىر مۇتەپەككۇر ئەدىب قالپىقى كەيدۇرۇلگەن بۇ زاتنى تەتقىق قىلشنىڭ زۆرۈرىيتىنى ھەققىقى مەنىسى بىلەن تونۇپ يېتەلمىدۇق.بۇلار ئۇيغۇر جەمئيتىدىكى ئىلىم تەتقىقاتى ھاۋاسىنىڭ نەقەدەر بۇزۇلغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ.ئالىملار توغرسىدىكى تەتقىقاتلا ئەمەس، بىزنىڭ بىر بۈتۈن تارىخ تەتقىقاتىمىز 21-ئەسىردىن كېيىن تۇرغۇنلىقتا تۇرۇپ قالدى.تەتقىقاتچى ئالىملىرىمىز سۈكۈت ئىچىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى. تارىخ تەتقىقاتى قىلپۋازلىق، ئىزىدىن ھالقىيالماسلىق، ھەر كىم بىلگىنىنى《چىللايدىغان》بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە قالسىمۇ، سۈكۈت قىلىپ ياشاۋاتقان ئالىم-تەتقىقاتچىللىرىمىز نېمىلەرنى ئويلايدىكىن؟! يېقىندىلا بىر خەنزۇ قىز《قۇتادغۇبىلىك》توغرسىدا بىر كىتاپ يېزىپ چىقتى.(2010-يىلى 8- ئايدا مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان لى نىڭنىڭ(李宁)《‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئۈستىدە تەتقىقات》(英译研究《福乐智慧》) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.)ئۇشبۇ كىتاپنى ئوقۇپ كاللامدا تۇنجى پەيدا بولغان سوئال《بىزنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر ساھەسىدىكى ئوقۇش پۇتتۇرۋاتقان ماگىستىر، دوكتورلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟》دىگەندىن ئىبارەت.يۇقارقىدەك كىشىلەر بىزدە يىلدىن-يىلىغا كۆپىيۋاتىدۇ.بىراق بۇ خىل كۆپىيىش بىلەن ئەمەلى نەتىجە تەتۇر تاناسىپ بۇلۇۋاتىدۇ.مەن زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ماقاللىردىن ئامرىكىدا ھەر-بىر يازغۇچى-شائىرلارنى، ئالىملارنى تەتقىق قىلىدىغان خاس ژورناللارنىڭ بارلىقىنى بىلگىنىمدە، بارغانسىرى قەدىرسىز قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ مىسكىن چىرايىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرگەندىم.بىز گەرچە بۇ خىل ئىمكانىيەتكە ئىگە بولمىساقمۇ، ئەمما ئۆز ئالىملىرىمىز توغرسىدا تەتقىقات ئىلىپ بېرشقا، شۇ تەتقىقاتلارنى ژورناللاردا، كىتاپ شەكىلدە ئېلان قىلشقا تامامەن ئىمكانىيتىمىز بارۋە بىز شۇنداق ھوقۇققا ئىگە!

بىز ئەمدى بولسىمۇ ئالىمنى تەتقىق قىلشنىڭ زۆرۇرلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. قېنى ۋىجدان بىلەن ئېيتىپ باقايلىچۇ، قايسى بىرىمىز مۇشۇ ساھەدە، مۇقام تەتقىقاتىدا، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە روھىيىتى تەتقىقاتىمىزدا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانمىدۇق، نەقىللەرنى ئالمىدۇق؟بىز 21-ئەسىردىن كېيىنكى گېزىت-ژورناللارنى ئاختۇرساقلا《نەقىل مەنبەلىرى》قىسمىدا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ نەقىل ئىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.پەقەت《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلىنى ۋاراقلىساقلا، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ نەقىل ئىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز.يەنە ئويلاپ كۆرەيلىچۇ، قايسى بىرىمىز ئۇنىڭ تىكلەپ بەرگەن نەزەرىيللىرى، تەتقىقات مىتودلىردىن پايدىلانمىدۇق؟ھېچكىم《ياق》دىيەلمەيدۇ.ئەمما《ھەئە》دەپ ئىتىراپ قىلىدىغان ئەزىمەتلەر تولىمۇ ئاز.مەن بۇ جەھەتتە شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ دوتسېنىتى ئابلىمىت ئۆمەر بىلگىنى ئەزمەت،دەپ ھېساپلايمەن.چۇنكى ئۇ《ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپتىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بېخلىرى》ناملىق تەتقىقات ئەسىرىگە ئالىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بارلىقىنى مەردلىك بىلەن ئېتىراپ قىلغان.ئۇ مەزكۇر كىتابىنىڭ《ئاخىرقى سۆز》قىسىمىدا ئۇستازلىرىغا، دوستلىرغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپ كېلىپ،《ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۇشنى بىر ئىنسانى قەرز دەپ ھېساپلايمەنكى، ئۇ بولسىمۇ، مېنىڭ تېما تاللاشتىن باشلاپ تاكى مەزكۇر ئەسەرنىڭ پۇتۇشىگىچە ئۆز جىسمى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش ئەسلا مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن مەنىۋيتىمنى بېيتىپ، كۈچلەندۇرۇپ، سۇغرىپ تۇرغان؛ بولۇپمۇ ئەسەرلىرىدىكى مۇھىم مىتودولوگىيلىك مەسىللەر، پىرىنسىپال مەسللەر؛ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيىلەر تارىخىغا ئائىت مول ئونىۋېرسال ئاساسى بىلىملەر ئارقىلىق مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىم،كۆز-قاراشلىرىمنىڭ، دۇنيا قاراشلىرىمنىڭ شەكللىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتپ كېلىۋاتقان ئالىم، زامانىمىزنىڭ يىگانىە پەيلاسوپى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن زاتى مۇبارەكنىڭ روھىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۇرمەن. 》【1】دەپ يازغان. مانا بۇ ئىلىمنى، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش روھىنىڭ نامايەندىسى!

《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى》نىڭ زۆرۈرلىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچىدن، بۇ خەلقىمىزنىڭ ئىلىمنى، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش ئەنئەنىسىنىڭ قانچىلىكىلىكنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.

ئىككنچىدىن، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت، روھىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ.بۇ ئارقىلىق بىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى تەتقىق قىلىپلا قالماي،بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىلىم(ئىجتىمائى پەنلەر) تەتقىقاتىنىڭ ئۆتمىشى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى، تەرەققىيات يۆلىنىشىنى قىسمەن بىلگىلى، بۇ جەرياندىكى ئالىملار مۇناسىۋىتى، تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى، نەشىرىيات مۇناسىۋەتلىرىنى قىسمەن بىلگىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئالىمنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخىنى قايتا يېزىش ئىمكانىيتىگە ئېرشكىلى بولىدۇ.بۇ ساھەدە ئالىمنىڭ كۆز-قاراشلىرى، ئىديىسى تەتقىق قىلىنمايدىكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنى قايتا يېزىش مۇمكىن بولمايدۇ.چۈنكى، ئالىمدىن كېيىن بۇ ساھەدە كۆرنەرلىك يېڭى نەتىجىلەر بولغان ئەمەس.

تۆتىنچىدىن، مۇقاملار تەتقىقاتى، تاشكېمىر سەنىتى تەتقىقاتى، فارابىشۇناسلىق قاتارلىقلاردىمۇ ھېچكىم ئالىمچىلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرشەلمىدى.يۇقارقى ئەھۋالدىن قارغاندا،مۇشۇ ساھەلەردىمۇ خىلى بىر مەزگىللەرگىچە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇراجەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرىدۇ.

بەشىنچىدىن، ئەگەر بىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلانغان خەلقىمىزدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى، ئىجتىمائى پىسخىكىسىدىكى رەزىللىكلەرنى تەنقىد قىلش ۋە قايتا ئويلىنىش جەريانلىرىنى بىر قېتىملىق ئويغىنىش ھادىسىسى دەپ ھېسابلىساق، ئالىمسىز بۇ ئويغىنىشنى ھەقىقى تەتقىق قىلالمايمىز.

يۇقارقىلار《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى》نىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئىپادىسى.ئالىم توغرسىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە ھەل قىلىنىشى ئېنىقتۇر.

ھازىرغىچە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدە ئىلىپ بېرلغان تەتقىقاتلار بارماق بىلەن سانىغىدەكلا. يېزىلغان بەزى ئەسەرلەر تەتقىقات دائىرسىگە كىرمەيدۇ.شۇنداق بولسىمۇ، ئالىم توغرسىدا يېزلغان بارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىپ كۆرسىتىپ ئۆتۇش توغرا بولسا كېرەك.

كىتاب بىر پارچە: ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن:《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى

ماقاللىلار26 پارچە:

1.كۆرەش مەھمۇتجان، شېرىن قۇربان:《غايە-ئىزدىنىش-مۇۋاپىقىيەت…- ئاتاقلىق ئالىم، پىروفىسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان.

2.تۇرسۇن ئابدۇغېنى:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رۇبائىللىردا ئەكىس ئەتكەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھ توغرسىدا 》،《مەرىپەت غۇنچىلىرى》ژورنىلى 1996-يىللىق 2-سان.

3.قېييۇم قۇربان:《ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى توغرسىد》،《شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1997-يىللىق 1-سان.

4. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىجادى پائالىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش》،《قەشقەر ئەدەبىياتى》ژورنىلى 1999-يىللىق 1-سان.

5. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ رۇبائى ئىجادىيتى توغرسىدا》،《قەشقەر ئەدەبىياتى》ژورنىلى 2000-يىللىق 4-سان.

6.ئوسمان ئىسمائىل تارىم:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》،《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.

7.يالقۇن روزى: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مائارىپ قارشى ھەققىدە》《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.

8.ئازاد رەھىمىتۇللا سۇلتان: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى ئىجادىيتىنىڭ قىممىتى توغرسىدا》،《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2004-يىللىق 2-سان.

9. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ《ئۆمۈر تەلقىنلىرى》ناملىق كاتتا ماقالىسىدا كۆرسىتىشىچە، 1992-يىلى ئۆزبىكىستاندىكى دۆلەتلىك ژورنال-《ئۆزبىكىستاندا ئىجتىمائى پەنلەر》ژورنىلىنىڭ 5-،4-سانلىرىدا ئابۇلھەق ئابدۇروسۇل ئوغلى ئالىمنىڭ《فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستېمىسى》ناملىق كىتابى توغرسىدا مەخسۇس ماقالە يازغان.

10.يەنە شۇ ماقالىدىكى ئۈچۈرغا ئاساسەن، يۇقارقى ژورنالنىڭ1992-يىللىق3-،4-سانلىردا ئا.خ.خوجايېىفنىڭ《جوڭخوا خەلق جۇمھۇريىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىنى ئۈگىنىش ھەققىدە》ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەمگەكلىرى باھالانغان.

11.يالقۇن روزى:《ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى》،《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》1995-يىللىق 4-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانى.

12.ئەختەم ئۆمەر:《ئۇ كەلمەسكە كەتتى》،《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》1995-يىللىق 4-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانى.

13.كېرىمجان ئابدۇرىھىم:《ئەدەبىيات گۈلزارىدىكى توزماس چېچەكلەر-مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىلمى ۋە ئىجادى پائالىيىتى 》،《ئاسىيا كىندىكى گېزىتى》1998-يىللىق 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانى.

14.ئەمەت دەرۋىش:《〈غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى〉نىڭ قىممىتى》(بۇ ماقالە 《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》ناملىق كىتاپتا كۆرسىتىلگەن.ئەسلى مەنبەنى تاپالمىدىم.)

15.مىڭ چىبىى،لولۇلۇ:《ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگرلەش》،《تارىم》ژورنىلى 1988-يىللىق 10-سان.

16.يالقۇن روزىنىڭ《تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما》ناملىق كىتابىدىكى ئۇچۈرغا ئاساسەن، سىدىقھاجى روزى ئالىمنىڭ《قارلىق تاغ شەجەرىسى》ناملىق ئەسىرى ھەققىدە《تىل〈 بۇزۇلسا بۇزۇلسۇن 〉،ۋەزىن〈بۇزۇلمىسۇن 〉》دىگەن تەنقىد ماقالىسىنى يازغان.

17. قېييۇم قۇربان:《ئىلىم ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان قىران بۇركۈت》،《شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى》1996-يىللىق 9-يانۋار سانى.

18.مەتتۇرسۇن ئىلى:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېستېتىكا تەتقىقاتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكىلىرى توغرسىدا》،《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2008-يىللىق 4-سان.

19.ياسىن مۇھەممەتنىياز تېكە، بۇئايشەمگۈل ھاجى: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بۇددىزىم تەتقىقاتى ۋە〈غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى〉ناملىق ئەسىرى ھەققىدە》، 《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2008-يىللىق 4-سان.

20.ۋەلى: 《پارلاق مەدەنىيتىمىزنىڭ ھارماس كۈيچىسى》،《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلى1999-يىللىق 1-سان.

21.پولات ئاماننۇرى: 《〈ئىزچى〉نىڭ سەمەرىسى》،《شىنجاڭ ياشلىرى》ژورنىلى 2009-يىللىق 2-سان.

22. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《ئالىمنىڭ روھىنى يادلاپ》، 《تەڭرىتاغ》ژورنىلى 2008-يىللىق 2-سان.

23.غەيرەتچان ئوسمان:《ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار》،《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2005-يىللىق 2-سان.

24. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۈستدە ئىزدىنىش》،《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى2010-يىللىق3-سان.

25. 《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلىنىڭ2011-يىللىق2-ساننىڭ ئىچكى مۇقاۋىسىدا ئەشرەپ ئابدۇللا قۇتزاتنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇنىڭ《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ بىبىلوگرافىيسى》نى يازغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

26.《شىنجاڭ سەنىتى》،《تەڭرىتاغ》قاتارلىق ژورناللارنىڭ 2010-يىللىق سانلىردىمۇ ئالىم توغرسىدا ئىككى پارچە ماقالە بارئىدى.بىراق ژورناللارنى تېپىش ئىمكانىيتى بولمىدى.

ئەسكەرتىش: بارلىق گېزىت-ژورناللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغانلقتىن، يۇقارقىدىن باشقا كۆرسىتىلمىگەن ماقالىلەر بولۇشى مۇمكىن.

ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە تەتقىقات جەريانىدا بەزى روشەن خاتالىقلار ساقلانماقتا. 2009-يىلى ئالىمنىڭ بەش توم ئەسىرى قايتا نەشر قىلنىش بىلەن بىرگە، 《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى.بۇ جەرياندا نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان. 《يىپەك يولىدىكى  سەنئەت جەۋھەرلىرى》ئالىمنىڭ سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىدە يېزىلغان ماقاللىردىدن تۇزۇلگەن كىتاب بولۇپ، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن《ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى》ناملىق ماقالە ئەسلى《 شىنجاڭ   ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》نىڭ 1994-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلنغان بولۇپ،ئالىم تەرپىدىن نۇرغۇنلىغان ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئسپاتلانغان.بىراق كىتابتا بۇ ماتىرىياللار چىقىرىپ تاشلانغان.يەنە بىرى《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》ناملىق ماقالىدە ئالىم ئېنىق قىلىپ:《مەن بۇ ماقالەمدە بىۋاستە رەسىملىك پاكىت ئۈلگۈللىرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۇچا قىزىل تاشكېمىردىكى قەدىمكى كۈسەن رەسسامىنىڭ كېينىشنى نۇقتا قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ كېينىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەدىمكى سىكتاي-ساكلارنىڭ كېينىشىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق ئۈستىدە توختالماقچىمەن》【2】دەپ يازغان.ئەمما كىتاپتا بۇ رەسسىمىلىك ئىسپاتلار يوق.بۇ بىرىنچىدىن،ئالىمنىڭ《تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۈچۈرى ئارقىلىق تەتقىق قىلىش》ئىديىسىگە يات. ئىككىنچىدىن، ئالىمنىڭ ئەمگىكىگە قىلنغان ھۆرمەتسىزلىك!

ئەڭ ئەپسۇسلىقى شۇكى، بەزى ماقالە-ئەسەرلەردە ئەدىبنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن قاتتىق نۇمۇس بىر ئىش. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلەرىنى ئەڭ كۆپ نەشىرگە تەييارلىغان يالقۇن روزى ۋە سارتېكىنلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە بىردەك «1933-يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلۇپ، 1995-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان» دەپ يازغان.بىراق بۇرۇن يېزىلغان كۆپۈنچە ئەسەرلەردە 1934-يىلىنى تۇغۇلغان يىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنڭ 2010-يىللىق 5- سانىدىكى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز » ناملىق ماقالىسىدىكى نەقىلدىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مەسئوللىقىدا يېزىلغان، 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نوپۇزلۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4-توم1-كىتابنىڭ 256-بېتىدە «1996-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 63يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن.ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلۋاتقان قىرىنداش خەلقلەر كۆپىيۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىز يوغان «قالپاق» لارنى كىيدۇرۈپ مەدىيلىگەن ئالىم-ئەدىبلىرىمىزنى مۇشۇنداق كەلسە-كەلمەس تەتقىق قىلساق، باشقىلارنىڭ  مەسخىرسىگە قالمايمىزمۇ؟

《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى》نى باشلاش ھەممىمىزنىڭ ئىتىپاقلىقىنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، ئىلىم تەتقىقاتىدا ئەستايىدىل بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىشنىمەنكى،ئىلىمغا ئاشىق قەلىبلەر بۇ خىل زۆرۈرىيەتنى ئاللبۇرۇن تونۇپ يەتتى.پات ئارىدا بۇ خاسىيەتلىك ئىش باشلانغۇسى!

نەقىل مەنبەلىرى

【1】ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە: 《ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپتىىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بېخلىرى》مىللەتلەر نەشىرىياتى 2008-يىل نەشىرى.386-،387-بەتلەر

【2】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《 شىنجاڭ   ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1992-يىللىق 3-سان 15-بەت.

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى  شەھرى غۇلجا

مەنبە:ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تورى


ۋاقتى: 2013-5-16 07:57:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-5-18 01:09:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمىننىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىر يوقۇتۇش، بۇ يوقۇتۇش يەنە بىر ئەسىردىن كېيىنمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-8-25 02:43:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر ئالىم،تالانتلىقئەدىب،تۆھپىكارمائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-12-25 11:42:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر ئالىم،تالانتلىقئەدىب،تۆھپىكارمائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن  بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۇ ھايات.مەن ئالىمنىڭ توھپىسىدىن پەخىرلىنىمەن. رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش