| ئاغۇ يېزا مەركىزڭي باشلانغۇچ مەكتەپ،يۇقارقى مەھەللە ئائلە كومتىتى بىلەن ئوقۇتقۇچى،ئاتا-ئانا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى مۇقىملىق،بىخەتەرلىك،ئۈچ خىل قانۇنسىز پائالىيەتكە قاتناشماسلىق،ئۆگىنىش توغرىسىدا تۈزۈلگەن مەسئۇلىيەتنامىسى ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ياخشىمۇ سىىزلەر بىز كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام،بىىخەتەر ،تىنىچ دەم ئېلىشىنى شۇنداقلا تەتىل ئارام كۈنلىرىنىڭ خۇشال خورام مەنىلىك ئۆتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ سىزلەر بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنامىنى ئىمزالاشنى توغرا تاپتۇق. 1.ئاتا-ئانىلار بالىللىرىمىزنىڭ تەتىلدىكى ھەركەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرلىشىغا كاپالەتلىك قىلشىمىز كېرەك. 2. ئاتا-ئانىلار بالىللىرىمىزنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئۈ خىل دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى (قانۇنسىز دىنى پائالىيەتتىن،قانۇنسىز تەشۋىقات ۋاستىللىرىنى كۈرۈش ۋە ئاڭلاشتىن،قانۇنسىز تور تەشۋىقاتىدىن ) قاتتىق توسۇشىمىز كېرەك. 3. ئاتا-ئانىلار بالىللىرىمىزنىڭ تەتىل مەزگىلىدە روزا تۇتۇشىنى ،تەۋەرە ئوقۇشقا قاتنىشىشىنى ۋە تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توسۇشىمىز ھەم ھەركىتىنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ تۇرشىمىز كېرەك.
4.ئاتا –ئانىلار بالىللىرىمىزنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىگىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك. 5.ئاتا-ئانىلار بالىللىرىمىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشى،دەرس تەكرارلىشى،ئائىلە تەربىيسى ئېلىشى،تۇرمۇش ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىشى كېرەك . 6. ئاتا –ئانىلار بالىللىرىمىزنىڭ دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى،ناماز ئوقۇشىنى ،مەچىتكە كىرشىنى،قانۇنسىز ئۈنسىن بۇيىملىرىنى كۆرشىنى،چەكلەنگەن فىلىملەرنى،كىتاپلارنى كۆرشىنى،دىنى تەلىم ئېلشىنى قاتتىق توسۇشىمىز كېرەك. 7. ئاتا –ئانىلار بالىلار بار يەردە كۆچا پاراڭلىرىنى قىلماسلىغىمىز،ئائىلدە پىتنە –پاسات،يالغان ياۋداق سۆزلەرنى قەتئى قىلماسلىغىمىز كېرەك. 8.بالىللار يوللاردا قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىمەسلىگى ھەم قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرمەسلىگى كېرەك.ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ بۇ ھەركىتىنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك. 9.بالىلار توك،سۇ،ئوت بار قىسقىسى خەتەر بار ئورۇنلارغا بارماسلىقى ،ئاتا-ئانىلارمۇ قاتتىق چەكلىشى كېرەك. 10.ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئىگە بولماي بالىلار يۇقۇرىدا ئېيتىلغان دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى،دىنى تەلىم ئالغانلىقى،قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىغى،جەميەتتىكى ئۆسەك سۆزلەرگە ئارلاشقەنلىقى بايقىلىپ قالسا شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە شۇ بالىنىڭ ھۆكىمەت تەرەپتىن بەھرىمان بولاۋاتقان ھەرقانداق تەمىناتتىن بەھرىمان بولىشى چەكلىنىدۇ ھەم كەنىت مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىشىپ 2000 يۈئەندىن 3000يۈئەنگىچە جەرىمانە قويۇلۇپ دەل ۋاختىدا ھەم شۇ مەيداندا نەخلەشتۈرۈلگەندىن سىرىت شۇ بالىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ۋە كوپراتىپ مەسئۇلى شۇنداقلا مەكتەپ مەسئۇللىرىغا كەلگەن جەرىمانىمۇ شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تۆلىتىلىدۇ چۇنكى ئوقۇتقۇچى تەربىيە بەرگەن بىلەن بالابىلەن بالىنىڭ ئۆيىدە بالىنى ساقلاپ ياتالمايدۇ-دە. 11.ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىگىگە دىققەت قىلماي مەسىلە سادىر قىلسا كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزى ئىگە بولىدۇ يۇقارقى مەھەللە ئائىلىلەر كومتىتى؛ ئاغۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ؛ 2013-يىل7-ئاينىڭ 2-كۈنى |
|