كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 3

ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم
Tree Days to See
خېلىن كېللىر (ئامېرىكا)
Hellen Keller
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات
خېلىن كېللىر (1880- 1968) ــ ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر مەجرۇھ ئايال يازغۇچىسى ۋە پېداگوكى. بالىلىق دەۋرىدە كېسەل سەۋەبىدىن كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن بىراقلا مەھرۇم قالغان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ 1904- يىلى ماسساچۇستېس شىتاتىدىكى بىر ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەن. كېيىن، يېزىقچىلىق، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەيسەرلىكنىڭ سىمۋولى. تېنى بېجىرىم، لېكىن روھى ساغلام بولمىغان، ياشاش ئىرادىسىنى يوقاتقان، چۈشكۈن كىشىلەر ئۈچۈن بىر جانلىق ئۆرنەك. ئۇنىڭ مەجرۇھ ھالەتتە تۇرۇپ 88 ياش ئۆمۈر كۆرۈشى ۋە نۇرغۇن ساغلام ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىشى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشى ھەقىقەتەتنمۇ بىر مۆجىزە.
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مارك تۋېن كېللىرغا باھا بېرىپ مۇنداق يازىدۇ: «مېنىڭ نەزەرىمدە دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى ئىككى- ئۈچ ئەسىردىن بۇيان پەقەتلا مۇنداق ئىككى ئۇلۇغ ئىنسان ئۆتتى. بىرى ــ ناپالىئون بۇناپارت؛ يەنە بىرى ــ خېللىن كېللىر.» بۇ تېكىست ئۇنىڭ «ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىن ئېلىنغان. تەسىرلىك يېزىلغان بۇ ئەسەر بىزنى يېڭىچە پىكىر، ئىلھام، ياشاشنىڭ قىممىتى ۋە ئادىمىيلىك ھەققىدە ئاز- تولا چۈشەنچىگە ئىگە قىلسا ئەجەب ئەمەس.
مەن دائىم: «ئەگەر بىر ئادەم ياش ۋاقتىدا تۇيۇقسىز بىر نەچچە كۈن كور بولۇپ قالسا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى» دەپ ئويلايمەن. قاراڭغۇلۇق ئۇنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان قىلىدۇ. جىمجىتلىق ئۇنىڭغا ئاۋازنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئىلگىرى مەن ھەمىشە كۆرۈش قۇۋۋىتى نورماك دوستلىرىمنى سىناپ، ئۇلاردىن نېمە كۆرگەنلىكىنى سورايتتىم. يېقىندا، ئورمانلىقتىن ئەمدىلا قايتىپ چىققان بىر يېقىن دوستۇم مېنى كۆرگىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى بايقىغانلىقىنى سورىدىم. «ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسىمۇ يوق ئىكەن» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەگەر مۇشۇنداق جاۋابلارغا ئادەتلىنىپ قالمىغان بولسام، بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. كۆزى كۆرەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز نەرسىنى كۆرىدىغانلىقىنى ناھايىتى بۇرۇنلا ھەقىقىي بىلىپ يەتكەنىدىم.
بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن ئۆز- ئۆزۈمدىن: «ئورمانلىقتا بىر سائەت ئايلىنىپ تۇرۇپمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ھېچنېمىنى كۆرمىگەنمىدۇ؟» دەپ سورىدىم. مېنىڭ كۆزۈم كۆرمىگەچكە سىيلاش ئارقىلىق مېنى قىزىقتۇرىدىغان خىلمۇ- خىل نەرسىلەرنى بايقىيالايمەن. بىر تال يۇپۇرماقنىڭ شۇنچىلىك نەپىس ھالەتتىكى سىممېتىرىكلىكىنى ھېس قىلالايمەن. قوللىرىم بىلەن باراقسان ئۆسۈپ ياشىرىپ تۇرىدىغان ئاشۇ دەرەخلەرنى، قارىغايلارنىڭ يىرىك قوۋزاقلىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىمەن. باھاردا مەن تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن دەرەخ شاخلىرىنى سىيلاپ، يۇمران بىخلارنى تاپماقچى بولىمەن. ئۇ تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغانلىقىنىڭ تۇنجى شەپىسى. مەن گۈللەرنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان يۇمران نوتىلىرىدىن ھوزۇر ئالىمەن. تەبىئەتنىڭ قىسمەن مۆجىزىلىرى ماڭا مۇشۇنداق ئايان بولىدۇ. تاساددىپىي ھالدا تەلىيىم كېلىپ قالسا، قوللىرىم بىلەن بىر تۈپ دەرەخنى ئاۋايلاپ تۇتىمەن. قۇشلار سايرىغاندا خۇشاللىقتىن تىتىرەپ كېتىمەن. مەن بارماقلىرىمنى ئېچىپ، ئېرىقتىكى مۇزدەك سۇنىڭ بارماقلىرىم ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر يۈزىگە خۇددى گىلەمدەك يېيىلغان قارىغاي يۇپۇرماقلىرى ۋە ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر ئەڭ ئېسىل پارس گىلىمىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، رەڭگارەڭ پەسىللەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەڭگۈ ئاياغلاشماس تىياتىر بولۇپ، بارماقلىرىمنىڭ ئۇچىنى ئاستا سىيلاپ بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بەزىدە مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن نىدا قىلىمەن، ھەممە نەرسىنى بىر كۆرۈپ باقسام دەپ ئۈمىد قىلىەمن. پەقەت سىيلاش، تۇتۇش ئارقىلىقلا مۇشۇنداق ھوزۇرغا ئېرىشەلەيمەن. ئەگەر كۆزۈم كۆرگەن بولسا، قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى بايقار ئىدىم- ھە! ھالبۇكى، كۆرەلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى تولىمۇ ئاز. ئۇلار رەڭگارەڭ جانلىق دۇنيانى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قىلچە ھاياجانلانمايدۇ. بۇ بەلكىم ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى بولسا كېرەك. ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى ئازراقمۇ قەدىرلىمەيمىز. ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەرگە بولسا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كېتىمىز. نۇرلۇق دۇنيادا، تەڭرى ئاتا قىلغان كۆرۈش قۇۋۋىتى بىر خىل قۇلايلىق ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھاياتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
مەن ئەگەر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدېرى بولۇپ قالغان بولسام، «كۆزىڭىزدىن قانداق پايدىلىنىسىز؟» دېگەن بۇ زۆرۈر دەرسلىكنى تەسىس قىلغان بولاتتىم. بۇنداق بولغاندا پروفېسسورلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلغاندا كۆز ئالدىمىزدىن ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى ھەقىقىي «كۆرگىلى» بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىقنى ئاۋۇتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاپ ياتقان قاشاڭ ئورگانىزملىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويغاتقان بولاتتى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-23 01:52:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەسىرلىك  ئىكەن،  ھايات  .ەنە شۇنداق  گۈزەل،  گەپ  ئۇنى قانداق  قەدىرلەشتە...................  رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2013-5-23 15:56:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئىرادىلىك ئادەم ئىكەن جۇمۇ
ۋاقتى: 2013-5-25 11:58:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقققەتەن ياخشى تىمىكەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش