كۆرۈش: 520|ئىنكاس: 8

ئابدۇللا تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇللا تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
يوللىغۇچى:
ئۇيغۇر
يوللانغان ۋاقتى: 2012/02/06 تەۋەلىك: ئەدىپلىرىمىز

ئابدۇللا تالىپ (1924-2005) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1943-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1950-يىللىرى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان ۋە 1956-يىلى مەركىزىي مائارىپ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇدىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1987-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
ئابدۇللا تالىپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن 1943-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «مەرىپەت ئانا» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پەزلى جاھان» تەخەللۇسىدا «باتۇر ئوغلانلار»، «ئىشقىدا»، «شامالغا خىتاب»، «ئانا يۇرت سۆيگۈسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئاشۇ يىللاردا «سەددىچىن» ناملىق تارىخىي داستاننى، «توققۇز بۇلاققا ساياھەت» قاتارلىق ئوچېرىكلارنىمۇ يازغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1947-1948-يىللىرى يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن «ئەركىن جانان» ناملىق ئوپېراسى بىلەن «سۆيگىنىم ئەلا» ناملىق دراممىلىرى شۇ ۋاقىتتا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. «قاينام ئۆركىشى»، «چالا تەگكەن ئوق»، «لالە-قۇربان» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى، «ئىگەرلىك ئات» ناملىق تارىخىي پوۋېستى، «جۈپ ھەيكەل»، «مەرىپەت ئانا»، «ئۇنتۇلماس خاتىرە» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى نەشر قىلىنغان.




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-21 09:15:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار مەن رەسىمنى قانداق يوللاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ماڭا ياردەم قىلساڭلارچۇ؟
ۋاقتى: 2013-5-21 11:49:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      يىتۈك مائارىپ تەتقىقاتچىسى ۋە ئەدىپ ئابدۇللا تالىپ ئاكا بىلەن ئۈرۈمچى يەنئەن يولى شىنخۇا كىتاپخانىسى ئالدىدا ئۇچىرىشىپ قېلىپ  بىرەر سائەتچە سۆھبەتتە بوپ قالدۇق، ئۇستازنىڭ كەمتەرلىگى، مۇڭداشقاقلىقى، مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرى ، يۇمىرىستىك چاقچاقلىرى قەلبىمىزدە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇرغان ئىدى ،شۇ كۈنكى سۆھبتتە بولغان نەچچىمىز ئۇچىرىشىپ قالساق ئەشۇ كۈننى سېغىىش ئىچىدە ئەسلەيمىز.
        ئەجىرىڭىزگە رەھمەت سېڭلىم.
ۋاقتى: 2013-5-22 09:52:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-5-22 10:24:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار
ئابدۇللا تالىپ

دۇنياغا مىھمان بىز ،جاھان بىر قەسىر ،
ھەشەر قىل نەپسىدىن بولما بەدبەشرە .
ھارامنىڭ سولپىدىن گۇم بولار ئادەم ،
ھالاللىق شەرىپى ياشار مىڭ ئەسىر .

شۆھرەتكە قوشكېزەك ئىمىش خوشامەت ،
ئۇستىدە ھۆرمىتى ،تەكتىدە ھەسەت .
بۇ سىرنى ئادەملەر بىلىپ تۇرسىمۇ ،
يۇگۇرەر شۆھرەتكە ،كەلتۇرسىمۇ دەرد.

بوۋىلار كوپ ھىكمەت ئىيىتقان دىلىدىن ،
مەرىپەت شارابى ئاققان تىلىدىن .
پاراسەت ئۇرىغى چېچىلىىپ ھەريان ،
چېچەكلەر ئىچىلغان ئۇنگەن يىرىدىن .

چىدامسىز ئەزمىگە جاھان قوينى تار ،
ھىممەتسىز يىغلاڭغۇ ياشاشتىن بىزار .
سوغۇقتىن قاچۇرسا ئوزىنى بۇلبۇل ،
ئۇنىڭغا نەدىكى مەڭگۇلۇك باھار .
ۋاقتى: 2013-5-22 10:25:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-22 21:16  


يازغۇچى : ئابدۇللا تالىپنىڭ چالا تەككەن ئوق ناملىق رومانى (ئېلكىتاپ)

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=434525&uk=1530183856
ۋاقتى: 2013-5-22 10:25:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار
ئابدۇللا تالىپ

دۇنياغا مىھمان بىز ،جاھان بىر قەسىر ،
ھەشەر قىل نەپسىدىن بولما بەدبەشرە .
ھارامنىڭ سولپىدىن گۇم بولار ئادەم ،
ھالاللىق شەرىپى ياشار مىڭ ئەسىر .

شۆھرەتكە قوشكېزەك ئىمىش خوشامەت ،
ئۇستىدە ھۆرمىتى ،تەكتىدە ھەسەت .
بۇ سىرنى ئادەملەر بىلىپ تۇرسىمۇ ،
يۇگۇرەر شۆھرەتكە ،كەلتۇرسىمۇ دەرد.

بوۋىلار كوپ ھىكمەت ئىيىتقان دىلىدىن ،
مەرىپەت شارابى ئاققان تىلىدىن .
پاراسەت ئۇرىغى چېچىلىىپ ھەريان ،
چېچەكلەر ئىچىلغان ئۇنگەن يىرىدىن .

چىدامسىز ئەزمىگە جاھان قوينى تار ،
ھىممەتسىز يىغلاڭغۇ ياشاشتىن بىزار .
سوغۇقتىن قاچۇرسا ئوزىنى بۇلبۇل ،
ئۇنىڭغا نەدىكى مەڭگۇلۇك باھار .
ۋاقتى: 2013-5-23 01:41:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
otmakani يوللىغان ۋاقتى  2013-5-22 10:25
يازغۇچى : ئابدۇللا تالىپنىڭ چالا تەككەن ئوق ناملىق روم ...

چالا  تەككەن  ئوق  نىڭ  ئاۋازلىقى  تېپىلارمۇ؟
ۋاقتى: 2013-5-23 01:42:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا  رەھمەت.   مۇشۇنداق  تىمىلىرىڭىز  ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش