مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 44|ئىنكاس: 3

سىمۋولىزىم ۋە ئۇنىڭ بايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

0

دوست

647

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
76 سەر
شۆھرەت
121 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 10:42:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمۋولىزىم ۋە ئۇنىڭ بايانى
يوللانغان ۋاقتى:31-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: 528 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش : سىمۋولىزىم(Symbolism) غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن، تەسىرى ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئەدەبىي
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش : سىمۋولىزىم(Symbolism) غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن، تەسىرى ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فىرانسىيەدە پەيدا بولغان.

ئومۇمىي بايان : ئۇنى دەسلەپكى سمۋولىزىم ۋە كېيىنكى سىمۋولىزىم دەپ ئىككى چوڭ باسقۇچقا ئايرىپ چۈشىنىش زۆرۈر.

دەسلەپكى سمۋولىزىم ـــ «سىمۋولىزىم» دېگەن بۇ نام ئەڭ بۇرۇن 1886-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەسلەپتە، فىرانسىيەلىك شائىر رېنىي گېل(René Gil) 1886-يىلى «سۆز تەتقىقاتى» دېگەن كىتابىدا چارلىس بودېلىردىن بۇيانقى ئاۋانگارد شائىرلارنىڭ شېئىرىيەتتە ئىپادىلىگەن يېڭى خاھىش ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. فىرانسىيەلىك سىمۋولىزىمچى شائىر سىتېفان ماللارمې(Stephane Mallarme) بۇ كىتاب ئۈچۈن كىرىش سۆز يازغان. شۇ يىلى يەنى 1886-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى فىرانسىيەدە شائىر ژان مورېئاس پارىژدا چىقىدىغان «فىگارو» گېزىتىدە «ئەدەبىيات خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ، شۇ چاغلاردا سىمۋول ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەسەر يازغان ئاۋانگارد شائىرلارنى «سىمۋولىزىمچىلار» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان. گەرچە ئۇ سىمۋولىزىمنىڭ ئاساسچىسى ئەمەس بولسىمۇ ئۇنىڭ گرېك تىلىدىكى بۇ سۆزنى فىرانسىيەگە ئىلىپ كىرىپ، بۇ ئېقىمغا ئات قويغانلىقىنىڭ ئۆزىلا مۇھىم تۆھپە بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، مورېئاس بۇ ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن 30 يىل ئىلگىرىلا سىمۋولىزىم شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، 1857-يىلى چارلىز بودېلىر(Charles Pierre Baudelaire)نىڭ شېئىرلار توپلىمى «رەزىل گۈللەر»نىڭ نەشىر قىلىنىشى سىمۋولىزىملىق شېئىرلارنىڭ شېئىرىيەت سەھنىسىگە باسقان تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغان. «رەزىل گۈللەر» يېپيېڭى ھېس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېپيېڭى ماتېرىيال ۋە باش تېمىنى شېئىرىيەتكە ئېلىپ كىرىپ، ياۋرۇپا – ئامېرىكا شېئىرىيەت ئېستېتىكىسىدا، بولۇپمۇ يۈكسەك ئەنئەنىگە ئىگە فىرانسىيە شېئىرىيتىدە تۈپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.
بودېلىرغا ئەگىشىپلا پائۇل ۋېرلىن(Paul Werlin)، ئارتۇر رىمبو(Arthur Rimbaud)، ستېفان ماللارمې(Stephane Mallarme) قاتارلىق سىمۋولىزىمچى شائىرلار ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى. ئۇلار ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن بودېلىرنىڭ شېئرىيەت ئىستېتىكىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە سىمۋولىزىم ياش شائىرلار ئارىسىدا مودا بولغان. 1886-يىلى كۈزدە سىمۋولىزىمنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىمۋولىزىم ئاڭلىق ئەدەبىيات ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، تارقاق ھالەتتىن نىسبەتەن بىرلىككە كەلگەن ئېقىمنى يەنى دەسلەپكى سىمۋولىزىم ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن.
سىمۋولىزىمچى شائىرلار رېئال سىمۋول ئارقىلىق ئىپادىلەشكە مايىل بولۇپ، ماددى دۇنياغا بىۋاستە ئەمەس بەلكى ئۆزلىرىنىڭ خام خىيالى، تەسەۋۋۇرى ۋە شېئىرلىرى ئارقىلىق يۈزلەندى. ئۇلار ھەرخىل «خىيالىي دۇنيا» ئارقىلىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، سەنئەتكارلار ۋە ھوزۇرلانغۇچىلارنىڭ قەلىب دۇنياسىنىڭ ماددا، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاشكارلىنىشى ئۈستىدە ئويلاندى. ئۇلار بودېلىرنىڭ شېئىرلىرىنى تەتقىق قىلدى، «رەزىل گۈللەر» ئىنسانىيەت رەزىللىكىنىڭ مەنبەسىنى قېزىش ھەمدە ساپ سەنئەت شەكلىنى يارىتىش داۋامىدا تۇنجى چۈشكۈن گۈزەللىكنى ئېچىپ بەردى.
سىمۋولىزىم ئېقىمى 1886-يىلىدىن 1891-يىلىغىچە تازا گۈللەنگەن. ماللارمېنى مەركەز قىلغان ياش سىمۋولىزىمچى شائىرلار ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى پارىژ رىم كوچىسى 5-قورۇدىكى ماللارمېنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ مەشھۇر «سەيشەنبە يېغىلىشى»غا قاتناشقان. ئۇلار شېئر دىكلىماتسىيە قىلىش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئېقىمغا كۈچ بېغىشلىغان. سىمۋولىزىمچىلار بۇ مەزگىلدە «مودا»، «سىمۋولىزىمچىلار»، «سەنئەت ئۈچۈن يېزىش»، «19-ئەسىر»، «پارىژ ساداسى»، «ئەركىن فىرانسىيە»، «قەلەم» قاتارلىق نۇرغۇن ژۇرناللارنى چىقارغان. ئۇلار نۇرغۇنلىغان نەزەرىيەۋىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئاساسەن پارچىلىنىشقا قاراپ ماڭغان رومانتىزىمنى بېسىپ چۈشۈپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان پارناس ئېقىمى(Parnassians)غا قارشى كۈچلۈك ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن.
لېكىن، 19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە دەسلەپكى سىمۋولىزىمنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كېتىپ، خارابلىشىشىقا باشلىغان. 1891-يىلى مورېئاس سىمۋولىزىمچىلاردىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلاپ «رىم ئېقىمى» ئەدەبىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمكى يۇنان – رىم ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. ئارقىدىنلا رىمبو، ۋېرلىن، ماللارمې قاتارلىق ئاساسلىق شائىرلار ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن. باشقا نۇرغۇنلىغان سىمۋولىزىمچى شائىرلارمۇ يېڭى يوللارنى تۇتۇپ، سىمۋولىزىملىق سەنئەت پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچكەن. گەرچە دەسلەپكى سىمۋولىزىم ئېقىمى پارچىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ فىرانسىيەدە چوڭقۇر يىلتىز قالدۇرغان، شۇنداقلا سىتېفان ماللارمې قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ تۈرىتكىسىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى بىر نەچچە يىللىرىدا غەربىي ياۋرۇپا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان ھەمنەپەسلەرنى تاپقان. ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلىرىگە ئايلانغان. كېيىنكى سىمۋولىزىم فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، لاتىن ئامېرىكىسى، يىراق شەرق قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا گۈللىنىپ، پۈتكۈل دۇنيا دائىرىسىدە تەسىرى ئەڭ زور ئەدەبىي ئېقىمغا ئايلانغان.
دەسلەپكى سىمۋولىزىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن پائۇل ۋېرلىن، ئارتۇر رىمبو، ستېفان ماللارمې، چارلىس بودېلىر قاتارلىقلار ناھايىتى مۇھىم.
كېينكى سىمۋولىزىم ـــ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارتىلىغان 1-دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن غەرب دۆلەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك روھىي كىرزىس پەيدا بولغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىپ، يۈزەكى تۇرمۇشقا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كائىنات روھى، تەقدىر ۋە ئىدېئال ئۇقۇملار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋىي دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشىدىن گۇمانلىنىپ، رېئال ماددىي مەۋجۇتلۇقنى ئىنكار قىلىپ، كائىناتنىڭ ھەقىقىي سىرىنى ئېچىشقا تىرىشقان. نەتىجىدە، سىمۋولىزىم شېئىرىيىتى قايتىدىن گۈللىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالەتتە پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنياۋى ئېقىمغا ئايلانغان مانا بۇ كېيىنكى سىمۋولىزىمدۇر.

كېيىنكى سىمۋولىزىم دەسلەپكى سىمۋولىزىمنىڭ راۋاجى بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ مۇكەممەل بىر مودېرنىزىم ئەدەبىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. لېكىن بۇ ئىككى ئېقىم ئوخشىمىغان دەۋىردە مەيدانغا كەلگەچكە ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى يېڭىلانغان بولغاچقا، ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. بىرىنچىدىن، كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كېڭەيگەن، شائىرلار قوشۇنى زورايغان. بۇ ئېقىمنىڭ ئېستېتىك پىرىنسىپلىرىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھۋالى ۋە ئۆزىگە خاس شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە، شائىرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان خاھىشىغا ئاساسەن رەڭگارەڭ تۈس ئالدى. ئىككىنچىدىن، كېيىنكى سىمۋولىزىم 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدە مەيدانغا كەلگەچكە، ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا، ئۇنىڭ تېما دائىرىسى كېڭەيگەن، زامانىۋىي ئېڭى كۈچلۈك بولغان، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى تېخىمۇ پىشقان. شۇڭا كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار پەقەت كېيىنكى سىمۋولىزىمنىلا ھەقىقىي مودېرنىزىم ئېقىمى دەپ قاراپ، مودېرنىزىم ئەدەبىياتنىڭ باشلىنىشى دەل مۇشۇ كېيىنكى سىمۋولىزىم دەپ قارايدۇ. كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ ۋەكىللىرىدىن فىرانسىيەدە ماللارمېنىڭ شاگىرتلىرىدىن پائۇل ۋالېرى(Paul Valery) ۋە پائۇل كلودېل(Paul Claudel) قاتارلىقلار بار. ئەنگىلىيەدە ئارتۇر سىمونىس(Arthur symons)، ۋىليام باتلىر يېتىس(William Butler Yeats)، ئېزرا پوند(Ezra Pound)، د.خ.لاۋرېنىس(D.H.Lawrence)، ئامېرىكىدا ئەمىي لوۋېل(Amy Lowell)، خىلىدا دۇلىتىل(Hilda Doolittle)، ۋىليام كارلوس ۋىليامىس(William Carlos Williams)، ۋاللاس سىتېۋېنىس(Wallace Stevens) قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە سىمۋولىزىمچى شائىرلىرىدىن بارمونت، ئالېكساندر بلوك، سېرگىي يېسېنىن، فېدورسوگورۇب، گىنايدا جىپپۇس قاتارلىقلارنى، ئىتالىيەدىن ئېۋگىنىئو مونتالى، سالۋاتور كۇئاسىمودو قاتارلىقلارنى، بىلگىيەدىن ئېمىل ۋېرخارېن، ئاۋىستىرىيەدىن رىلكې قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. كېيىنكى سىمۋولىزىمنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى بولۇپ، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، دانىيە، ئاۋىستىرىيە، گېرمانىيە، نورۋىگىيە، ۋېنگىرىيە، پولشا، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، پورتگالىيە، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپلىگەن ۋەكىللىرى يېتىشىپ چىققان.
كېيىنكى سىمۋولىزىم باسقۇچىدا سىمۋولىزىم شېئىرىيەتتىن دىرامما ساھەسىگىمۇ كىڭەيگەن بولۇپ، بېلگىيىلىك ماۋرىس مېتېرلىنك «كۆك قۇش» دىراممىسى ئارقىلىق 1911-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. گېرمانىيەلىك گېرخارت خاۋپتمان «ئېغىر سائەت»دىراممىسىنى، ئېرلاندىيەلىك جون سىنج «ئات مېنىپ دېڭىزغا چۈشكەن ئادەم» دىراممىسىنى ئىجاد قىلغان.
سىمۋولىزىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى – بىرىنچى، رېئالىزىملىق قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تاشقى ماددى دۇنيادىن ئىچكى روھى دۇنياغا يۈزلىنىش. ئىككىنچى، رومانتىزىمنىڭ ھېسسىياتنى بىۋاستە يېزىشىغا قارشى تۇرۇپ، سىمۋول ۋە ئىشارە قىلىشنى تەكىتلەش، ھەتتا «ئوبيېكتىپ تاناسسىپيات» ئارقىلىق ئىچكى دۇنيانى ئىپادىلەش. ئۈچىنچى، سۇبيېكتىپ بىلىش ۋە بەدئىي تەسەۋۋۇرغا ئەھمىيەت بېرىش. تۆتىنچى، شېئىرنىڭ مۇزىكىدارلىقنى تەكىتلەش. بەشىنچى، قۇيۇق مىتىكىزملىق خاھىشنى ئىپادىلەش. ئالتىنچى، خاس ئىستېتىك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

«غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» ناملىق كىتابتىن ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن تەييارلىدى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 23:43:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنۇر سىزنىڭ يوللىغان تىمىللىرىڭىزدىن سىزنىڭ كىلاسىك ئەسەرلەرگە قىزىقىدىغاندەكلا تۇردىغانلىقىڭىزنى چۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ . رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 01:08:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەدەبىي ئەسەرلەردە پىكىر  بىۋاستە ئەمەس بەلكى ۋاستىلىق ئىپادىلەنسە شۇ ئەسەرئىپادە قىلغان مەزمۇن  ئويلىنىشچانلىقى  بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىدۇ . بۇ غەرپ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئاللىبۇرۇن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ،80- يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئەخمەتجان ئوسمان ... قاتارلىق ياشلار بۇ خىل ئۇسلوپتا شېئىرى ئەسەرلەرنى يېزىپ بەلگۈلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.
       مەھەممەت باغراش ۋەكىللىگىدىكى يازغۇچىللىرىمىزمۇ مۇدېرنىزىمچە يول تۇتۇپ « تۆت قۇلاق» ،«مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارچۇغىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ،تۆلەندى ئەزىم «بۆرە ھۇشۇقى» ..... قاتارلىق ئەسەرلەرنى ياراتتى .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:16, Processed in 0.468438 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش