كۆرۈش: 858|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇرچە خەتلىك تەسىرلىك ناخشا

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دادا ،ئانامغا ياخشى قارا



(بەدىرخان گۆكچە) (تۈركىيە
تەرجىمە قىلغۇچى :مەلەك)

شۇنى ئەستىن چىقارماڭلاركى:ھەر بىر ئانا بىر ئايالدۇر ۋە ئاياللارغا قوپاللىق قىلىش ئەيىپتۇر!

دادا، ئانامغا ياخشى قارا بولامدۇ؟
بۇنى پەرزەنت نەسىھىتى دەپ بىلگىن
دادا ،ئانامغا ياخشى قارىغىن،

ئاخشاملىرى ئىشتىياق بىلەن تېلىۋىزۇر كۆرىۋاتقېنىڭدا
كۆزلىرىڭنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئانامغا بىر قاراپ باققىن
ئۇنىڭ شۇ بالىلارچە بېقىشلىرىدىن ھاياتىنى كۆرىسەن
بىزگە ئاتا قىلغانلىرىنى ۋە ئاتا قىلالمىغانلىرىنى
ساڭا بېغىشلانغان پۈتۈن ئۆمرىنى كۆرەلەيسەن ئۇنىڭغا قارىغىنىڭدا

ئاخشاملىرى ئۆيگە كەچ كەلگىنىڭدە بوغۇزىغا تىزىلىپ تۇرغان،گېلىدىن ئۆتمىگەن شۇ لوقمىلارنى كۆرىسەن
سېنى خاپا بولمىسۇن دەپ ئۇخلاپ قالغىنىڭدا ئاندىن قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىشلىرىنى
بىزنىڭ ئاغزىمىزنى ئېتىش ئۈچۈن
يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىنى كۆرىسەن
دادا ،ئانامغا ياخشى قارا بولامدۇ؟

      

http://player.youku.com/player.php/sid/XNDM3MzU4NTgw/v.swf

         

خانىم مەن ماڭدىم دەپ ماڭساڭ پەلەمپەيدىن قاراڭ يۈتكىچە قاراپ تۇرغان شۇ ئىنسانغا
بىردەم توختاپ پەلەمپەينىڭ بەشىنچى باسقۇچىدىن سەنمۇ بىر قاراپ باق
كۆزلىرىدىن سەن تېخى كەتمەستىن سېنى سېغىنىشقا باشلىغان بىر ئايالنى كۆرىسەن
كوچىدا ئۇچرىشىپ قالغان دوستۇڭنى قۇچاقلىغاندەك ئۇنىڭغىمۇ مۇھەببەت بىلەن قۇچاق ئاچقىن دادا


سائەتلەپ ئولتۇرىدىغان سۇ قەھۋەخانىدا چاي ئىچكىنىڭدە
ھىچقايسىنىڭ ئانامنىڭ چېيىنىڭ تەمىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ
ئۆيدە ساڭا تاماق ئېتىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولىۋاتقان شۇ ئايالنى بىر ئويلاپ
ئۈچ -بەش تەڭگىنى شۇ يېرىم قالغان ئىستاننىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇپ
تىز-تىز قەدەملىرىڭ بىلەن يۈرۈپ كەت دادا

قوي شۇ قەھۋەنى ،ئۇ يەر -بۇيەردە كېزىپ يۈرمەي،ھايال بولماي يۈگۈرگەندەك ئۆيۈڭگە كەل دادا
سېنى تاشلاپ كەتكەن ئاناڭغا ئوخشاش
ئارقىڭدىن پىچاقلاۋاتقان ئاتالمىش دوستلىرىڭغا ئوخشاش
سېنىڭ قەدرىڭنى بىلمەيۋاتقان پەرزەنتلىرىڭدەك ئەمەس
قاچانكى يىقىلساڭ ،جېنىڭ ئاغرىمىسۇن دەپ يېقىلغان يېرىڭگە چىم بولغان

ھەر ھېيت -بايرامدا سېنىڭ قولۇڭنى ئۆيۈمنىڭ تۈۋرۈكى دەپ سۆيۈۋاتقان شۇ ئايالغا ياخشى قارىغىن دادا
پەلەمپەيدىن شۇنچە ئاۋايلاپ چىقساڭمۇ
سېنىڭ كەلگىنىڭنى تۇنجى قەدىمىڭدىنلا بىلىۋالغان شۇ ئايالغا
چىرايىڭدىن پەرىشانلىق تۆكۈلسە ،ئاشخانىدا ئۈنسىز يىغلىغان
ئەمما ساڭا پىياز بەك ئاچچىقكەن دەپ قويغان شۇ ئايالغا
دوختۇرخانىدا ياتساڭ يىغلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغان ،يىغلىغىنىچە ئويغانغان
بۇ ئۆي سىزسىز ماڭا چوڭلۇق قىلىۋاتىدۇ دېگەن شۇ ئانامغا ياخشى قارىغىن دادا

ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ساڭا بېغىشلانغان بىر ھاياتنى كۆرىسەن
شۇ گۈزەل كۈنلەردە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلغىن
باشقىلار نېمە دەپ قالار دەپ ئويلىما ،دادا
قوللىرىدىن تۇتۇپ سۆيگىن
ئۇ ئايال مېنىڭ ئانام ،دادا

ئۇ ئايال مېنىڭ ئانام
ۋە ئۇنىڭغا شۇنداق دېگىنكى
قارا چاچلىرىم مېنى تاشلاپ كەتكەن شۇ يىللاردىن بۇيان
ماڭا بىر سەنلا قالدىڭ ،ۋە مەنمۇ بىر ساڭىلا قالدىم
بىر ساڭىلا قالدىم دېگىن،
ئانامغا ياخشى قارىغىن دادا، ئانامغا ياخشى قارىغىن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +8تىللا +5تۆھپە +8شۆھرەت +6يىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.
بايقاش + 5 + 2 + 5 + 3ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-25 20:00:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناۋادا  دۇنيادا ئاياللار بولمىغان بولسا ، بۇ دۇنيا كەم دىگەندە ئوندىن بەش ئۇلۇش « چىنلىق » نى ،ئوندىن ئالتە ئۈلۈش « ياخشىلىق » نى ۋە ئوندىن يەتتە ئۈلۈش « گۈزەللىك »نى يوقۇتۇپ قويغان بولاتتى .
                                                                                    بىڭ شىن

ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە

باھا سۆز

8.9. ئۈلۈشلەرمۇ يوقىغان بولاتتى  ۋاقتى: 2013-3-25 20:12
ۋاقتى: 2013-4-27 13:26:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنى  ئانا بولغاندا ھەقىقى  چۈشىنىدىغان گەپكەن .ئانىلا ياشنىسۇن ،كۈلسۇن ، ئەمما غەمدە قالمىسۇن.
ۋاقتى: 2013-4-27 20:44:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالغا ياخشى قارايدىغان دادىلاردىن قانچسى باردۇ؟
ۋاقتى: 2013-5-18 19:19:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،بۇدۇنيادا ئانىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ئانا بولغاندا ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا بەكرەك ھىس قىلامدۇقكىن دەيمەن.
ۋاقتى: 2013-5-24 16:35:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنى ھۆرمەتلەيلى ئۇلار 9ئاي 9كۈن قوساق كوتۇرۇپ بىزنى ئاپىرىدە قىلىش بىلەن كىچىلەردە ئۇخلىماي پەپىلەپ چوڭ قىلغان
ۋاقتى: 2013-5-24 20:50:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ..............................!
ئانىلار ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئانىلارنى  قەدىرلەيلى ۋە ئۇلارغا ۋاپادارلىق مىھرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقى چىنلىققا ئېرىشتۈرەيلى .....................!
ۋاقتى: 2015-11-20 11:18:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسسز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش