كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 12

تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ... (گۈلزار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 07:57  


تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك!


(جانىجان ئاچام گۈلزارنىڭ قۇتلۇق مەۋلۇت كۈنىگە تەقدىم)



سىھىرلىك ئالەمنىڭ ئەڭ كاتتا مۆجىزىلىرى سۈپىتىدە،40 نەچچە يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە بىر قىز، ياق، بىر پەرىشتە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ ، توغرىراقى، ئۇنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان مىھرىبانىنىڭ قۇتلۇق خاتىرە كۈنى بولۇپتۇ. ئۇنىڭغا دېيىشنى خالايدىغان شۇنداق بىر گەپلىرىم بار...
قەلبىم دەرياسىدا كۈۋەجەپ ئاققان مىھىر ئېقىنى، تىلەك چاچقۇلىرىمدا لەرزان ئۇسۇل ئوينىغان ئەسلىمە چىچەكلىرى، كۆڭۈل بېغىمدا پورەكلەپ ئېچىلغانقېرىنداشلىق مېھرى بىلەن بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈنۈڭىزنى  تەبرىكلەيمەن سۆيۈملۈك ئاچا! يېڭى باھاردەك كۈلۈپ تۇرغان ياشلىق گۈلۈڭگە يەنە بىر ياپراق قوشۇلدى. ھايات پەلەمپىيىدە يەنە بالداق ئاشتىڭ. يىشىڭىز  چوڭايدىيۇ، تىلىكىمدە، مىھرىمدە، ئامراقلىقىمدا يەنىلا ئاچامسىز ،

بىزگە بالىلىقتا بىللە ئويناش نىسىپ بولمىغان، ئەمما بالىلىقتىنمۇ گۈزەل ئەسلىمىلىك چاغلارنى بىللە ئۆتكۈزدۇق. بىزگە بالىلىقتا ئۇرۇشۇپ قېلىپ، قايتا يارىشىش نىسىپ بولمىغان، بىراق ئاچا - ئىنىلىق يولىغا قەدەم قويۇپ قول تۇتۇشقاندىن بىرى تالاي ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق،قېرىنداشتەك قانچىلىغان سىناقلارغا، جۇدۇنلارغا دۇچ كەلدى. ئاللاھقا مىڭ شۈكرىكى، يىمىرىلمەس قېرىنداشلىق ئۇلىمىز، سۇلماس ئەقىدە باھارىمىز بىلەن بۇ سىناقلاردىنمۇ ئۆتتۇق. ئەمدىكى تىلىكىم- مەڭگۈ سالامەت بولۇڭ ! ھېچبىر باغلاردا كۆرمىگەن گۈزەللىك - سىزدىكى  قەلب گۈزەللىكى، ئۇنى مەڭگۈ شۇ پېتى ساقلاپ كەلگۈسى ئۈمۈدىڭگە ھەدىيە قىلغايسىز ! قانداقلا كەلمىش ۋە كەچمىش كەلسە تەسەللىيلىرىڭىز .  غەمگۈزارىڭىز ، چىن قاياشىڭىز  بولاي! بارلىق شادلىقلىرىڭىز ۋە غەملىرىڭىز ماڭا ئورتاق بولسۇن، مېنىڭ شادلىقىممۇ ھەم سىزگە  ئورتاق بولسۇن!...
ماڭا سۇنغان ئاچىلىق  قولۇڭىزدىن  مىڭ باھارنىڭ مىھرى بار. ماڭا بەرگەن  مىھرىڭىز پەرىشتىنىڭ سۆيگۈسى بار. مەن ئۇنى قەدىرلەيمەن، ھەم سىزمۇ  ئۇنى ئاسراڭ ،
مىھرىبانىڭنىڭ سېنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! كۈلۈپ ياشاڭ !...







ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-10 15:24:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار خانىمنىڭ بۈگۈنكى قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.
گۈلزار خېنىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولســـــــــۇن!!!!!!!!
تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزغا بەخىت،ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن...

سىزدىن بەك تەسرلەندىم،تۇرسۇنجان بۇرادەر،رەھمەت سىزگە!

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە بەختىيار ئەپەندىم .  ۋاقتى: 2013-5-10 15:52
ۋاقتى: 2013-5-10 15:52:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە  ئىنىم تۇرسۇنجان
  تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئېرىشكەن بۇ كاتتا سوۋغاتلاردىن ئالامچە خۇش بولدۇم ھەم سىزدەك مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان بىر ئۇكام بىلەن تونۇشۇشنى نېسىپ قىلغان بۇ بايقاش مۇنبىرىگە  مىڭ رەھمەت .
تىلەكلىرىڭىز ھەممىمىزگە  ئورتاق بولسۇن رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2013-5-10 16:09:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 16:16  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم گۈلزار  ياخشىمۇ سىز؟ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! بۇنىڭدىن كېيىنكى بارىلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن!        

باھا سۆز

ھى ھى ھى باللا ئىنگىلىسچىلىشىپ كىتىپتۇ  ۋاقتى: 2013-5-10 16:25
ۋاقتى: 2013-5-10 16:28:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىلنىمۇ بىلىپ قويايلى ، دائىم باشقىلارنىڭ كەينىدە قالمايلى...

باھا سۆز

ھە راس مودا تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-10 16:33
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-10 16:33:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 08:28
بۇ تىلنىمۇ بىلىپ قويايلى ، دائىم باشقىلارنىڭ كەينىدە ق ...

ھە راس مودا   

باھا سۆز

بىلىم ئىگەللەشنىمۇ مودا دەپ قارايدىكەنسىزدە...بۇ خىل ئويلاشمۇ بوپ قويىدىكەن. تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-10 16:37
ۋاقتى: 2013-5-10 16:37:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 16:39  
tursunjan يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 16:33
ھە راس مودا


بىلىم ئىگەللەشنىمۇ مودا دەپ قارايدىكەنسىزدە...مۇشۇنداق ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىپ يۈرۈشمۇ بوپ قويىدىكەن .
ۋاقتى: 2013-5-10 20:58:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىپ قالغان بولساممۇ ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن .
ۋاقتى: 2013-5-11 00:54:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەلۇم سەۋەپلەر  بىلەن كېچىكىپ قاپتىمەن شۇنداق بولسىمۇ ........................
گۈلزار دوستۇمنىڭ بۈگۈنكى قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.
گۈلزار دوستۇم تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولســـــــــۇن!!!!!!!!
تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزغا بەخىت،ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن دوستۇم ...

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم .  ۋاقتى: 2013-5-13 23:45
ۋاقتى: 2013-5-11 10:58:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولســـــــــۇن !  مەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قېشىڭىزغا بېرىپ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى بىرلىكتە خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلگەن ئىدىم . ئەپسۇس يوللار يىراق بولغاچقا ئامالسىز قېلىپ بەك بىيئارام بۇلىۋاتىمەن . تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن .
تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزغا بەخىت،ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە  ۋاقتى: 2013-5-12 18:55
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش