 ‹چانايمەن›نىڭ 2-قىسىمى‹ئوينايمەن›
 جەنۇپتىمۇ ئوينايمەن، شىمالدىمۇ ئوينايمەن، نەگە بارسام خوشامەت شەمۇ-شەدە يايرايمەن، كىملا توسسا ئالدىمنى ھوقۇق بىلەن جايلايمەن، پۇرسەت بولسا ئەگەردە چەت ئەلدىمۇ ئوينايمەن. دوستۇمدىن كۆپ ئاشىنا، ئاستىمدا بار ماشىنا، نەگە بارسام قوي سويۇپ كاتتا سورۇن باشلىنا، شەخسى يەردە زىمىن كۆپ، ئاۋات جايدا ئۆي بىنا، نەرە تارتىپ شىرلاردەك ئىشرەتلەردە ئوينايمەن.
قاراپ قويماي خەلىقىمنىڭ قىلچە ئاھۇ زارىغا،
قىزىل كۆزنى دوس تۇتۇپ ئۆگەندىم مەن پارىغا، ھەقىقەتنى پۇل بىلەن قىلدىم ئاقنى قارىغا، سېتىپ ۋىجدان غورۇرنى لەنەتلەردە ئوينايمەن.
كەلسە ئەگەر يۇقۇردىن دېھقانلارغا پۇل-پۇچەك، بىلىندۈرمەي ھېچكىمگە يەۋالىمەن بۇقىدەك، كىچىك ئىشنى تەۋرىتىپ بوۋالىمەن لېيفىڭدەك، ئېلىۋىلىپ ياخشى نام يەڭ ئىچىدە ئوينايمەن. ئۆلتۈرمىدىم خەلىقنى، ئەزدىم لېكىن قەلىپنى، يالغان يوللاپ يۇقۇرغا ئورۇندىدىم تەلەپنى، ئالداپ يۈرۈپ مۇشۇنداق دۆلەت بىلەن مىللەتنى، پاش بولغىچە قىلمىشىم پادىشاھدەك ئوينايمەن.

تاققا تۇققۇ . ئۇيە بۇيە |