سىم - سىم يامغۇرلۇق ۋوگزال مېنى كەتكۈزۋىتىشكە ئالدىرايدۇ . مەڭزىڭدە ئالماستەك يالتىراپ تۇرغان ياشلىرىڭنى ئالقانلىرىم بىلەن سۈرتۈپ ، تەسەللىي بەرگەن ئازابلىق مىنۇتلارنىڭ چىرقىراشلىرىدا روھىي دۇنيارىم مۇسىبەتلىك پۇشۇلدايدۇ .
باش ئۈستۈمدە يەنە يامغۇر، چاشلىرىمنى سىيلىماقتا. باياتىنقى مەغرۇر ناخشىسى ئاياغلاشقىلى خېلى بولدى. مەن پويىزدا كېتىۋاتىمەن. ئىچ ئىچىمدىن چىقىۋاتقان تىترەكلىرىم مېنى ئۆزىگە چاقىرۋاتىدۇ. بايىلا تېخى سىڭىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن مەڭزىمدىكى يامغۇر تامچىلىرى كۆز ياشلىرىم بىلەن بويۇنلىرىمغا ئاقماقتا. مەن كىم ئۈچۈن تۆكۈلۈۋاتىمەن. سەن ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزەمنىڭ ئەقىدىسى ئۈچۈنمۇ؟ ئۇقالمىدىم. ئەگەردە ئۇقالىغان بولسام پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازىغا قېتىلىپ سېنىڭ قۇلاق تۈۋىڭدە شىۋىرلىماسمىدىم. q*L ]
پويىز گۈدۈكلىرىنى چالماقتا. مەن سىلكەنمەكتىمەن. ئورۇندۇققا يېيىلغان چاشلىرىمنى يامغۇر يەرگە ئاقماقتا. نېمىگەن تۈگىمىگەن يامغۇر بۇ. ئىچىمدىكى قوقاسلىرىم سېنىڭ ئەسلىمەڭنى يۇتماقتا. 6sPk:5
مەڭزىمدىكى يامغۇر ئېقىشتىن توختىدى. كۆزلىرىمگە چاقىرىلمىغان مېھمان سۈپىتىدە كەلگەن ياشلار قاراقىمدا سىڭمەكتە. دەرىزىدىن يىراقلارغا تېكىلىشكە ئۇرۇنغان كۆزلۈرۈمدە سېنىڭلا سۈرئىتىڭ. سېنىڭلا ھاكاۋۇرلۇقۇڭ. سېنىڭ مۇزدەك كۈلۈشۈڭ... بۇ تۇنجى قىتىملىق نەسىر بولمىغان يەرلەر بولسا تەلىم بەرسەڭلەر .
|