| ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە...
ئوت رەھىمسىز بولىدۇ. تۈنەك ئىچىدىكى كۆپ مىقداردىكى كاربون چالا ئوكسىدى ئادەمنى زەھەرلەپ تۇنجۇقتۇرىدۇ. يالقۇنلۇق ئوت ئادەمنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرىدۇ. قۇتۇلۇش بىنادىن سەكرىگەندىمۇ زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەگەر چوڭ ئوت ئاپىتى بولغاندا قانداق قىلىپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش كېرەك. تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتا سىزنىڭ توغرا تاللىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
1.ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش:كۆپ ھاللاردا ئوتتىن قۇتۇلۇش تەس ئەمەس، بەلكى بىر پەس دىلخەستىلىكتە قېلىپ، قۇتۇلۇش ئۇسۇلىنى خاتا تاللايمىز. شۇڭا، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى قوللانساق، شۇنڭدا زىياننى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
2.ئامال قىلىپ خەۋپلىك ئورۇندىن ئايرىلىش:بىنادا ئولتۇرغانلار ھەرخىل ئۇسۇللار، قۇتۇلۇش ئەسۋاپلىرىدىن پايدىلىنىپ، ىەۋپسىز بولغان ئۇسۇلنى تاللاپ خەۋپلىك ئورۇندىن قۇتۇلۇش كېرەك.
ئالدى بىلەن ئويلاشقا تېگىشلىكى بىنادىن چۈشىدىغان پەلەمپەي بولۇپ، ئەگەر پەلەمپەيدە ئوت بولمىسا ياكى ئوت كۈچى كۈچلۈك بولمىسا ياكى پەلەمپەينىڭ ئۇۋۇلۇپ كېتىش خەۋپى بولمىسا، ئۈستىگە يامغۇرلۇق(سۇلياۋ ئىسلىتىشكە بولمايدۇ) چاپان، ئەدىيال يېپىپ، تېز سۈرئەت بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىپ كېتىش لازىم.
ئەگەر پەلەمپەيدىن چىقىشقا ئامالسىز قالغاندا، تام تۈۋىدىكى سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن سىيرىلىپ چۈشۈش ياكى ئارغامچا، رەخىت(كىرلىكنى يىرتىپ ئۇلىسا بولىدۇ) قاتارلىقلارنى چىڭ، مۇقىم نەرسىلەرگە باغلاپ ئارغامچا بىلەن سىيرىلىپ چۈشۈش، شۇنداقلا ياڭ تەي (بالكۇن)، دېرىزىدىن يەنە بىر دېرىزىگە ئارغامچا بىلەن ئۆتۈش ئارقىلىق چۈشۈش كېرەك.
ئېگىز قەۋەتتە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ قەۋەتتىن سەكرەپ، خەۋپتىن قۇتۇلىمەن دېيىشى ئەقىلسىزلىق بولىدۇ. 2-، 3- قەۋەتتىكى ئائىلىلەر ئالدى بىلەن ماتراس، يوتقان-كۆرپە ياكى پاختىلىق چاپان قاتارلىقلارنى يەرگە تاشلاپ، ئاندىن مۇشۇ يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە سەكرىشى، ئامال بار ئىككى پۇت ئالدى بىلەن يەرگە چۈشۈشى، پەسكە سەكرىگەندە ئەڭ ياخشىسى دېرىزە سىرتىغا چىقىپ دېرىزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىككى پۇتنى پەسكە ساڭگىلىتىپ ئاندىن سەكرىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئېگىزلىكنى ئازايتقىلى، باش تەرەپنى يۇقىرىغا قىلغىلى بولىدۇ.
ۋەقە چىققان ئۇرۇندىن سەل يىراقراق ئولتۇراقلاشقان ئائىلىلىكلەر ئۆيدىن بۇرۇنراق چىقىپ كېتىشى، ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن، ئىشىكنى تۇتۇپ بېقىش، ئەگەر ئىشىك ئىسسىق، ئىس-تۈتەك ئۆيگە كىرىپ تۇرغان بولسا، ئوتنىڭ ئۆي ئەتراپىغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەرگىز ئىشىكنى ئاچماسلىق كېرەك. چۈنكى ئي ئىچىدە ئوكسېگىن مىقدارى يۇقىر بولغاچقا، ئوت يالقۇنى ئاسانلا ئۆي ئىچىگە كىرىدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا چىقىش ئېغىزىنى ئىزدەش كېرەك. ئەگەر تاللايدىغان باشقا چىقىش ئېغىزى بولمىسا، تېز ئۆمۈلەپ زالغا ياكى باشقا ئۆيگە كىرىش، ھەرگىز ئۆرە ماڭماسلىق كېرەك.
3.ئىس-تۈتەكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوت ئېغىزىنى ئېتىش كېرەك.ئوت ئارىسىدا قالغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئىشىك، دېرىزىنى چىڭ تاقاپ، ئۆي ئىچىدىكى يوچۇقلارنى چىڭ ئېتىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ئىس-تۈتەكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئوت كۈچىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئىس-تۈتەك سۈمۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى:ھۆل لۆڭگە بىلەن بۇرۇن ۋە ئېغىزنى ئېتىش، ئەگەر لۆڭگە تاپقىلى بولمىسا، باشقا پاختىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك. ئىس-تۈتەكتىن قوغدىنىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ئىس-تۈتەك ئاز بولغان تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋېلىپ، ئىشىك –دېرىزىلەرنى ئېتىۋېتىش كېرەك.
ئوت كۈچى كۈچىيىۋاتقان تەرەپتىكى ئىشىك، دېرىزىلەرنى ھۆللەنگەن يوتقان-كۆرپىلەر بىلەن ئېتىپ داۋاملىق سۇ چېچىپ، ئوتنىڭ ئۆيگە كىرىپ كېتىشىنى توساش كېرەك.
4.قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىش:ئوت ئاپىتىدە ئىس-تۈتەكلەر ئەتراپنى كورۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىدە توك توختاش ۋە ۋارقىراپ-جارقىراپ يىغلاش ئاۋازلىرى تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئاڭلىيالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆيگە سولىنىپ چىقالماي قالغان ئادەملەر ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قۇتقۇزۇش سىگناللىرىنى بېرىشى كېرەك. مەسلەن: قومۇش تاياق، سۈپۈرگە قاتارلىق نەرسىلەرگە قىزىل، سېرىق، ئاق قاتارلىق ھەرخىل رەڭدىكى كىيىملەرنى ئېلىپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ پولاڭلىتىش ياكى قول چىرىغى ياندۇرۇش، كىيىم-كېچەك، كىرلىك قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەرنى توختىماي تالاغا تاشلاش، شۇنداقلا جاۋۇر، قازان-قۇمۇچلارنى تاراقلىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش كېرەك.
5.مال-دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەسلىك كېرەك. بەزىلەر رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، چەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئاخىرىدا ھاياتىدىنمۇ، دۇنياسىدىنمۇ ئايرىلىدۇ. ئوت ئاپىتى بولغاندا ئوتقا قاراپ ئىش كۈرۈش كېرەك. شارائىت يار بەرسە مال-مۈلۈكنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كەتسەك بولىدۇ. ئەگەر جىددىي ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، ھەرگىز مال-مۈلۈكنى دەپ ھاياتىدىن قالماسلىق كېرەك.
مەنبە:مۇھەممەت ئابدۇللا ھاجى، ئىمىنجان مۇھەممەت:«تۇرمۇشتىكى ھادىسىلەردىن ساقلىنىش ۋە قۇتقۇزۇش چارىلىرى» ناملىق كىتاپتىن.
|
|