ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قىرىنداشلار ،تۇرسۇنجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ،خىزمىتىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك، تىنىڭلارنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن . مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللىشىمدىكى مەقسىتىم بايقاش مۇنبىردىن ئىبارەت مۇشۇ يەردە سەييارە ھەركەت قىلىپ كېلىۋاتقان ،بارلىق تورداشلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى ھەر بىر كۈنلىرىنىڭ قانچىلىىك مەنىسى ۋە خۇشاللىقى بارلىقىنى ئاز - ئازدىن بولسىمۇ مۇنبەر يۈزىگە يوللاپ ، كىيىنكى بىر كۈنلەردە ئۇشبۇ تىمىنى كۆرۈپ شۇ كۈندىكى خۇشاللىق ياكى خاپىلىقلىرىمىزنى مۇشۇ تىما ئارقىلىق ئۇقۇپ تۇرساق دېگەن مەقسەتتە يوللىدىم. بۇمۇ بىرخىل كۈندىلىك خاتىرە شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجىمى چەكلەنمەيدۇ ، لىكىن مەزمۇنىنى ھەقىقىي يېزىشقا تىرىشساق. شۇنداق بولغاندىلا بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ئۆز ئارا چۈشىنىشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان بولاتتى. XXXX -يىلى X -ئاينىڭ x- كۈنى ئاستىغا بولسا ئۆزىمىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ھەم بىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشلىرىمىزنى يازساق بولىدۇ . XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX XXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXXX ئەڭ ئاستىغا بولسا، شۇنى يازغۇچى ئۆز ئىمزايىمىزنى قۇيۇپ قويساق بولىدۇ. XXX ئەپەندىم ياكى خانىم |