ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم!
ئۆچكىلىۋاتقان شامدەك نۇرسىز يېنىۋاتقان مىللىي مائارىپىمىزغا يەنىمۇ ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن قاراپ، ئورۇنسىز چىقىملارنى تەرك ئېتىپ، ئۈچ يىللىق مېھنىتىمنىڭ مېۋىسى بولغان ئۇشبۇ ئويغۇر تىل –ئەدەبىيات سۆزلۈكلەر لوغىتىنى تۈزۈپ چىقتىم .بىراق سىز بۇ تەييار لوغەتكە ئېسىلىۋېلىپ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىز ۋە بىباھا ساغلاملىقىڭىزنى ئورۇنسىز ئىشلارغا سەرپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇنى نەچچە ھەسسە قىممەت باھادا سېتىۋالغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئازغۇچى، يېڭىلگۈچىدۇرسىز. ئۈمىدىم شۇكى، بۇ مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرسلىك ماتېرىياللارنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئۆز بىلىمىڭىز، ئەمەلىيىتىڭىزگە تەدبىقلاپ، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە توختاۋسىز ئىزدىنىپ، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈش يولىغا مەردانە قەدەم تاشلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئويلىسىڭىز، بۇ «13579698455» نومۇرغا تېلىفۇن قىلسىڭىز ھەرقاچان قولۇم كۆكسىمدەدۇر. خەير، بەخت- ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن! - تۈزگۇچىدىن قاراقاش ناھيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپتىن ؛نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدئىمىن قاراساي (خەنجەر) 2012- يىلى05—ئاينىڭ10-كۈنى
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات 9-يىللىق1-قىسىم يېڭى سۆزلىككە ئىزاھات تەبىر بىرىش _ ① شەيئىلەرنىڭ ماھىيتى ياكى بىرەر ئوقۇمغا بىرىلگەن چۈشەنچە ، ئىزاھ . ② مەلۇم بىر نەرسىگە ئاساسەن بىرىلىگەن خەۋەر ، بىشارەت . رايىش _ گەپ – سۆزگە كىرىدىغان ، قۇلىقى يۇمشاق ، ياۋاش ، مۇلايىم ، مۆمىن ، ئىتائەتچان . قۇۋلۇق – شۇملۇق _ قۇۋلۇق ۋە شۇملۇق . راھىب _ بۇددا ۋە خىرستىئان دىنلىرىدا ئائىلىنى تەرك ئىتىپ ، تەركىدۇنيا بولۇپ ، ئۆمۈرىنى چىركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلاردا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشى . ئەپسىز – ئەپ بولمىغان ، بىئەپ ، قۇلايسىز . تومۇزغا _ بىر خىل ھاشارەت . تۈرى كۆپ ، ئەركىكىنىڭ قۇرساق قىسمىدا ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ ، شۇ ئورگان ئارقىلىق داۋاملىق ئىنچىكە ، يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىپ ، چىرىلىداپ تۇرىدۇ . توپىنىڭ ئاستىدا ياشايدۇ . ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلىتىزى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىدۇ . خۇرسىنىش _ بىرەر غەم – ئەندىشە ، تەشۋىش ، مەغلۇبىيەت تۈپەيلىدىن ئېغىر نەپەس چىقارماق ، ئۇھ تارتماق ، خورلۇق ھىس قىلىماق . دومسىيىپ _ قاپقىقىنى تۈرۈپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ بىرەر ئىش نەرسىدىن نارازى ياكى خاپا بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەك . گېنرال _ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە ئىرشكەن كىشى . مۇنبەر _ ① مەسچىت ، دەرىسخانا ، زال قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ۋەز ئېيتقۇچىلار دەرس ياكى نوتۇق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىلىپ ، يەردىن ئېگىز قىلىپ قۇرۇلغان جايى ، سوپىسى . ②كۆچمە . پائالىيەت سورۇنى ، مەيدانى ، سەھنە . ساقىنىدى _ قالدۇقى ، تەسىرى . دېلو _ بىرەر مەسىلە ياكى شەخىسكە ئائىت ھۆججەت ماتىرىياللار توپلىمى . نادامەتلىك _ پۇشايمانلىق ، ئۆكۈنۈچلۈك ، روھى – ئازاپ ، پۇشايمان سىزىلىپ تۇرغان . ئىدىيە _ ① ئوبىكىتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسدە كىشى مېڭىسىدە ئەكىس ئەتكەن ئىنكاسى . ② نىيەت ، مەقسەت ، پىكىر . ③ بىرەر بەدىئىي ، ئىلىمى ، ياكى سىياسى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ، تۈپ ماھىيتىنى بەلگىلىگۈچى ئاساسىي پىكىر ؛ غايە . ماددا _ Ⅰ ① قانۇن ، نىزام ، بەلگۈلىمە ، توختام رەسمىي ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ رەقەم ياكى ھەرپ بىلەن ئايرىلىغان مۇستەقىل بۆلىكى ، تارماق . ② لوغەتلەرگە كىرگۈزۈلگەن سۆز ياكى سۆز بىرىكىمىلىرىنىڭ ھەر بىرى . Ⅱ① جىسمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى نەرسە . ② ئوبىكتىپ چىنىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان پەلسەپىۋى كاتىگۈرىيە . بۇنداق ئوبىكىتپ چىنىلىقنى ئادەم ھىس قىلىدۇ . ئۇ بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ، بىزنىڭ تۇيغۇمىز كۇفىيە ، سۈرەت ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . دۇنيانىڭ ماھىيىتى ماددىدۇر . نازاكەتلىك _ نازاكىتى بار ، يېقىملىق ؛ نازاكىتى بىلەن كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ، زوقلاندۇرىدىغان . ئۇرا كۆز _ كۆزىنىڭ ئورنى چوڭقۇر جايلاشقاندەك كۆرىنىدىغان چىراي تۇرقى . شەپەق _ قوياش نۇرىنىڭ يانتۇ چۈشۈشى ۋە ھاۋانىڭ تارقىلىش تەسىرى تۈپەيلىدىن ئاسمان بوشلۇقى ھەم بولۇت قاتلاملىرى سسېرىق ، قىزىل ۋە قىزغۇچ رەڭلەردە كۆرىنىدىغان بىر خىل ھادىسە ، يەنى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ئالدىدا ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان بىر خىل قىزىللىق . خەيرىخاھلىق _ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ، مىھرىبانلىق . داھىي _ دۆلەت ، سىياسى تەشكىلات ، ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ يولباشچىسى . رومانتىك _ كۆتۈرەڭگۈ روھ يۈكسەك غايە ۋە ھىس – تۇيغۇلار بىلەن سۇغىرىلىدىغان قاراش . شولا _ ① بىرەر جىسىمدىن تارقالغان يۇرۇقلۇق ، نۇر ، يالقۇن . ② ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ سۇدا پەيدا بولغان ئەكىسى ، سۇ يۈزىدە ئەكىس ئېتىلىگەن سۈرىتى ؛ سايە . بەرق ئۇرۇش _ ① چاقنىماق ، پارقىرىماق ، يالتىرىماق . ② نامايەن بولماق ، سىزىلىپ تۇرماق ، كۆرۈنمەك . ③ ئۇلغايماق . سەلتەنەت _ ① خان ، ئەمىر ، پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە شۇنداق ھۆكۈمرانلارنىڭ قول ئاستىدىكى دۆلەت ياكى ئۇلار يۈرگۈزگەن ھاكىميەت . ② ھەيۋەت ، سۈر ، داغدۇغا ، تەنتەنە ، ھەشەمەت . شەك- شۈبھىسىز _ شەك ۋە شۈبھە يوق ، ناھايىتى ئېنىق ، بەك ئىشەنچىلىك ؛ مۇقەررەر ھالدا ، چوقۇم . كىپەن _ دەپنە قىلىش ئالدىدا مېيىتنى ئۇرايدىغان ئاق رەخت . باھار _ ① تۆت پەسىلىنىڭ بىرىنچىسى ، قىشىتىن كېيىن ، يازدىن بۇرۇن كىلىدىغان پەسىل ، كۆكلەم ، ئەتىياز . ②كۆچمە . تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ يەنى ھايات ، ئۆمۈر ، ياشلىق ، ئىلىم – پەن ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ گۈللەپ ياشىنىغان ، راۋاجلانغان ، چاغلىرى ۋە شۇنداق چاغلارنىڭ سىموۋۇلى . ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى . روبائىي _ تۆت مىسرادىن تەشكىل تاپقان ، تولۇق بىر مەنا ئىپادىلەيدىغان ۋە بىرىنچى ، ئىككىنىچى ، تۆتىنىچى ياكى تۆتلا مىسراسى قاپىيداش بولغان مۇستەقىل بىر پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان شېئىرىي شەكىل . رايى _ ① كىشى كۆڭلىنىڭ بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدىكى مايىللىقى ؛ مەيىل ، خاھىش . ② پېئىلىنىڭ خەۋەر شەكىللىرىدە كۈرۈلۈپ ، جۈملىدىكى ئىشىنىڭ قانداق تەرزدە ئېيتىلىغانلىقىنى بىلدۈرىشى ؛ مەيىل . چاتما _ ① بىر- بىرىگە چېتلىغان . ② ئاپتوموبىللارنىڭ ئارقىسىغا چېتىلىدىغان قوشۇمچە كۇزۇپ . بەزمە _ دوسىتلار ، يار- بۇرادەرلەر ياكى قۇرداشلارنىڭ نۆۋەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ يەپ – ئىچىپ ، ناخشا ، ساز بىلەن قىلغان ئويۇن تاماشاسى . مۇھەببەت _ ① بىرەر كىشىگە ياكى بىرەر ئىشقا بىرىلىش ، مايىللىق تۇيغۇسى . سۆيگۈ ، ئىشىق ، مېھىر . ② كىشى ئىسمى . جىبرىئىل _ دىننى رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن خۇدا بىلەن پەيغەمبەرلەر ئوتتۇرسىدا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ، پەرىشتە . گاڭگىراش _ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىش ، ئىسەنگىرەش ، ساراسىمگە چۈشۈش ، ئالاقىزادە بولۇش . شەكلەن _ شەكىل جەھەتتىن ، ئىپادىلىنىش شەكىلىگە كۆرە . ئاقىل _ ئەقىللىق ، دانا . دىتسىز _ دىتى ، ئەقلى – ھۇشى يوق ، پەم – پاراسىتى بولمىغان ؛ دىتلىق ئەمەس . تەنقىدچى _ ① تەنقىد قىلىشقا خۇشتار كىشى . ② ئەدەبى ، ئىلمىي ، ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىپ ، ئۇنىڭ ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ باھالىغۇچى . ئىنتىزار _ تەقەززا بولۇش ، كۈتۈش . ئىلە _ بىلەن . مەگەر _ ئەگەر ، ناۋادا . غېرىپسىنىش _ غېرىىپلىق ھىس قىلىش ، غېرىپلارغا ئوخشاش بولۇپ قالماق ، غېرىپ بولۇپ قالماق . رومانتىزىم _ ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى بىر خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى ، بۇنىڭدا مول تەسەۋۋۇرغا تاينىپ ئوبىراز يارىتىش ئارقىلىق رىئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ . سەھرا _ ① ئۆسۈملۈك ، دەل – دەرەخ ئۆسمىگەن ياكى ئاندا – ساندا ئۆسكەن ؛ سۇسىز ، بىپايان يەر ؛ دەشىت – باياۋان ، چۆل . ② يېزا . تومۇز _ ① ئەڭ ئىسسىق بولغان 6- ۋە 8 – ئاي ئارىلىقىدىكى مەزگىل . ② 24 مەۋسۈمنىڭ بىرى بولۇپ ، 7- ئاينىڭ 22 - ، 23- ياكى 24- كۈنلىرى . چىمەن _ ① ئوت- چۆپ ، گۈل – گىياھتىن ئىبارەت يېشىللىق . ② يېشىللىق ياكى گۈل- گىياھلار بىلەن قاپلانغان ، دەل – دەرەخ ۋە گۈل – چىچەكلەر كۆپ ئۆسكەن جاي ؛ گۈلزار ، گۈلشەن . ③ يېشىللىق ياكى گۈل- گىياھلار بىلەن قاپلانغان . ④ قىزلارنىڭ ئىسمى . ⑤ كۇچا ناھىيسىدىكى بىر يېزىنىڭ ئىسمى . كۈي _ ① مۇزىكىدا قايسى ئاھاڭ «o d » بولۇپ كەلسە ، بىر كۈي بولىدۇ . ② ئاھاڭ ، ناخشا . سۈكۈنات _ ئۈن- تىنىسز ، جىمجىت تۇرغان ھالەت ؛ جىمجىتلىق ، سۈكۈت . ھارارەت _① كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئسسىقلىق ، تەپت . ② بىرەر جىسىمنىڭ ، ماددىنىڭ قىززىتىش ياكى ئسسىتىلىش دەرىجىسى ؛ تىمپىراتۇرىسى . ③كۆچمە . ھېسسىي تەپت ؛ لەززەت ؛ ئىللىقلىق . شەپە _ ① تىۋىش ، پەس ئاۋاز . ② كۆچمە . بەلگە ، ئالامەت ؛ ئىما ، ئىشارەت ، بىشارەت . پەرىشتە _ ① دىنىي چۈشەنچە بويىچە ئاللانىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىجىرا قىلىدىغان ، جەننەت بىلەن دوزاخنى باشقۇرىدىغان ، قاناتلىق ، غەيرىى تەبىئىي مەخلۇق ؛ مالائىكە . ②كۆچمە . ياخشى خۇلق _ مىجەز ، ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە بولغان ۋە گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن كىشى . ئارخىپ _ بىرەر ئىدارە ، تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىش- پائالىيتى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالغا ئالاقىدار بولغان ، تۈرگە ئايرىلىپ ۋە سېستىمىلاشتۇرۇلۇپ ساقلىنىدىغان ھۆججەت ، خەت – چەك ۋە فوتۇ سۈرەت قاتارلىق ماتىرىياللار . شايى _ يىپەكتىن توقۇلغان رەخىت . گۇڭگا _ ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان ، تۇتۇق ؛ خىرە ، غۇۋا . فېنولوگىيە _ بىئولوگىيەنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشىلىرىگە باغلىق ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى . چاقىرىم _ مېىتر سېستىمىسى قوبۇل قىلنغانغا قەدەر قوللىنىلغان يەرلىك ئوزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى . بىر چاقىرىم ئۇزۇنلۇق ئادەتتە 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ كېلىدۇ . ئاقچا _ پۇل . ساھىل _ ① دەريا ، دېڭىز ، كۆللەرنىڭ قىرغىقى ، بۇيى . ②كۆچمە . ئەتراپ ، دائىرە . مالخاي _ ① ئاق كېگىز قالپاق . ② توماق . تىرەك _ ① بىرەر نەرسىنى يۆلەپ كۈتۈرۈپ ، تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قويۇلىدىغان مەلۇم ئوزۇنلۇقتىكى ياغاچ ، تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەر . ②كۆچمە . قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان ، ياردەم بىرىدىغان كۈچ ، ھىمايىچى . قولۇلە _ يومشاق تەنلىك ھايۋان . تېننىڭ سىرتىنى كۇنۇسسىمان قاپچۇق ياكى ئۇرچۇقسىمان ۋە ئېللىپىس شەكىللىك قاپچۇقلار ئۇراپ تۇرىدۇ . ئۈسىتىدە بۇرما شەكىللىك سىزىقىلىرى بولىدۇ . ئېتىز قۇلۇلىسى ، دېڭىز قولۇلىسى قاتارلىق تۈرلىرى بار . ناپالىئۇن _ فىرانسىيە Ⅰ ئىمىپىرىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئىمپىراتۇر ، داڭلىق ھەربىي ئالىم ، سىياسىئۇن . پەرىشان _ ① ھەر تەرەپكە كەڭ چېچىلىغان ، بىسەرمجان ، تەرتىپىسىز . ② پىكىر – خىيالى ، دىققەت – ئىتىبارى ( زىھىنى ) بىر نوقتىغا مەركەزلەشمىگەن ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنگەن ، چېچىلغان ، يىغىنچاق ئەمەس ، تارقاق . كەمپىر _ قېرىغان ئايال ، قېرى خوتۇن . خۇرسىنىش _ بىرەر غەم – ئەندىشە ، تەشۋىش ، مەغلۇبىيەت يۈزىسىدىن ئېغىر نەپەس چىقارماق ، ئۇھ تارتىماق ، خۇرلۇق ھىس قىلىماق . سۇلۇ _ ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق ، سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك . يوپۇرمىقى ئىنچىكە ، ئوزۇن ھەم ئۇچلۇق ؛ گۈلى يېشىل كىلىدۇ . كىچىك باشاقلىرىنىڭ ئۇزۇن قىلىتىرىقچىلىرى بولىدۇ . دېنىنى يېگىلى ، يەم – خەشەك قىلىغىلى بولىدۇ . ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى . چەكمەن _ پىششىق ئېگىرىلگەن پاختا ياكى يۇڭ يىپىتىن پۇختا سىلىق قىلىپ توقۇلغان يەرلىك رەخت . بايتال _ ئاتنىڭ چىشىسى . تېلېگراف _ تېلېفۇن ، تېلېگرامما ياكى رادىئو ئۈسكىنللىرىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس خەۋەر يەتكۈزىدىغان ئالاقە ۋاستىسى . تېۋىلغا _ ئازغان ئائىلىسدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان بىر چاتخال . يوپۇرمىقى توخۇم ياكى ئېللىپىس شەكىللىك بولىدۇ . ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قېلىنىدۇ . سوۋخۇز _ دۆلەت ئىگلىكىدىكى دىھقانچىلىق مەيدانى . چۇپان _ پادىچى . ئاۋۇل _ كۆچمەن چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان جاي ؛ قىشلاق . تۇزاق _① ھايۋان ۋە قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ، تۆمۈر ۋە ياغاچتىن ياسالغان بىر خىل قىسماققا ئوخشاش قۇرۇلما ، قاپقان . ②كۆچمە . بىراۋنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر ، ئىشلىتىلىگەن ۋاستە ؛ ھىيلە – مىكىر . پاتىھە _ ① قورئاننىڭ بىرىنچى سۈرىسى ، باشلىنىشى . ② بىراۋ ئۆيگە يۇقلاپ كەلگەندە ياكى زىيارەت قىلىپ ھۇزۇرىغا ۋە ئۆيىگە بارغاندا ئەھۋاللىشىشتىن ئىلىگىرى ياخشىلىق تىلەپ ئېيتىلىدىغان دۇئا . ③ بىرەر ئىشىنى باشلىغان كىشىگە ياخىشلىقىنى تىلىگەن ھالدا بىرىلىگەن رۇخسەت ، ئىجازەت . ④ ئۆلۈم ئۇزىتىلىغان ئۆيدە ئۆلۈمدىن كېيىن بىر قانچە كۈن ئىچىدە ياكى ھېىيىت كۈنلىرى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا ۋە تەزىيلەر . ⑤ قىز بىلەن يىگىت تۇرمۇش قۇرۇشنى ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپ ئائىلىسىگە بارىكاللا ئېيتىپ بەرگەن تەشەككۈر دۇئاسى . ⑥ نىكاھ مۇراسىمىدا ئوقۇلىدىغان خۇتبە دۇئاسى . پەرتۇق _ تاماق ئەتكەندە ئالدىغا تارتىۋالىدىغان بوغقۇچلۇق لاتا ، پەشتاما . برىچكا _ تۆت چاقلىق ( غالتەكلىك ) ئۇزۇن ھارۋا . لاچىن _ قۇشلار تۈرى ، لاچىن ئائىلىسىدىكى بىر قۇش . ئەركىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتېمېتىېر كېلىدۇ . باش قىسمى بىلەن بويننىڭ يان تەرەپلىرىدىكى پەي – تۈكلىرى قارا رەڭلىك ، ئازراق كۈكۈچ ئارىلاش ، قارا ئالىسىمۇ بار . دۈمبە تەرەپلىرى كۆك كۈلرەڭ قۇرساق قىسىملىرى ئاقۇچ ھەم ئالىسى بار . ئۇچۇشى تىز ، يىرتىقۇچ كىلىدۇ . چوڭ قۇشلارنىمۇ ئوۋلايدۇ . جەرەن _ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تۈكلىرى ئاق سېرىق ، پارقىرايدۇ ؛ مۈڭگۈزى قىسقا ۋە سەل ئەگىرى ، قۇيرۇقى قىسقا ، تۆت ئايىغى ئېنچىكە كېلىدۇ ؛ چۆللەردە ياشايدۇ، گۆشى مەزىلىك ، تېرىسىدىن كىيىم تىكىشكە بولىدۇ . نىيويۇرك – ئامرىكىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ شەھەر . ئىنجىل _ تەۋرات ، ئىنجىل ، زەبۇر ، قۇرئان قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تۆت كىتابنىڭ بىرى بولۇپ خۇدادىن ئەيسا پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلىگەن دەپ قارىلىدىغان خىرىستىئان دېنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى . خىرسىتىئان دىنىدىكىلەر تەۋراتنى ئۇلۇغلايدۇ ، چۈنكى خىرىستىئانلار « كونا تەۋرات » قا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ « يېڭى تەۋرات » تىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن . ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ « ئىنجىل » دەپ ئاتىغان . ئادەت _ ① ئۆگىنىپ قالغان ھەرىكەت ؛ قىلىق . ② ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان كىشلەرگە سىڭىپ كەتكەن تەرتىپ ؛ قائىدە – يۇسۇن ، ئەنئەنە ، ئۇدۇم . ③ ئاياللاردا ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋىر قىلىدىغان بالياتقۇدا قان ھاسىل بولۇشىتىن ئىبارەت فىزىئولوگيلىك ھادىسە . مىكى – مىكىن _ مىش – مىش ، ئاساسى يوق . بىرىتانىيە _ غەربى ياۋرۇپادىكى بىر ئارالنىڭ نامى . ئەنگىلىيە زىمىنىنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ . چۈپرەندە _ ① شاكال ، شۆپۈك قاتارلىق كىرەكسىز ، تاشلاندۇق نەرسىلەر ؛ ئەخلەت . ② كۆچمە . ئەرزىمەيدىغان ، رەتكە ئۆتمەيدىغان ، ئىتىبارى يوق . بەيتۇللا _ « ئاللانىڭ ئۆيى » دېگەن مەنىدە بولۇپ ، مەككە ئىسلام دىننىڭ مەركىزىگە ئايلانغاندىن كەبىگە بىرىلگەن نام ، يەنى كەبە . جاكار _ ئاممىغا چىقىرىلغان ئېلان ، ئوقتۇرۇش ، بۇيرۇق ، يوليۇرۇق ، ئەمىر- پەرمان . ئەرباپ _ ① پەن – مەدەنىيەت ، سەنئەت ساھەلىرىدە ياكى دۆلەتنىڭ سىياسى ئىشلىرىدا ئۆز پائالىيىتى بىلەن تونۇلغان ، شۇ ساھەلەردە ئۆزىنى كۆرسەتكەن شەخىس . ② باشلىق ، ئەمەلدار . سوگۇ _ يالاڭتۆش ، قەلەندەر . ئەمىر _ خان ، پادىشاھ ، باش سەركەردە . پەرز _ ① ئاللانىڭ بەندىلەرنىڭ ئادا قىلىشىغا ۋە ساقلىنىشىغا بۇيرۇغان ۋەزىپلىرى . ② چوقۇم ئۇرۇنداش زۈرۈر بولغان ۋەزىپە ؛ مەجبۇرىيەت . جۇڭزا _ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ، يايى ، چىرىكلەر كىيىۋالىدىغان باش كىيىم ، تەقىيە . قۇيغان _ كۈرە _ Ⅰ① ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپ ، ياغاچ ياكى قومۇشتىن سۈكەن شەكلىدە ياسىلىدۇ . ② ئون شىڭغا تەڭ ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكى . Ⅱ① ھويلا ، قورۇ . ② قورغاس ۋە دۆربىلىجىن ناھىيللىرىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى . تەكىيە _ ئىچىگە توزغاق قاتارلىق يومشاق نەرسىلەر سېلىنپ تەييارلانغان ، تۇلۇق شەكىللىك ياستۇق . سۈبھىي _ ① تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان پەيىت ، سەھەر . ② ئەر- ئاياللارنىڭ ئىسمى . پالاش _ چەت ، ياقا يۇرتلارغا مەجبۇرىي ھەيدىۋېىتىش ، ئەۋەتىش ، سۈرگۈن قىلىش . نىقاب _ ① ئۆزىنى تۇنۇتماسلىق ياكى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يۈزىگە تۇتۇلىدىغان ، كىيىلىدىغان نەرسە . ②كۆچمە . ھەقىقى ھال- ئەھۋال ، قىياپەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى پەردازلىغۇچى ، يوشۇرغۇچى نەرسە ، ۋاستە . ھوششەرە _ بىرەر سۆز ، بىرەر ئىش- ھەرىكەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قىلىنغانلىقغا ، بىجىرىلىگەنلىكىگە ئېيتىلىدىغان تەشەككۈر ، رازىمەنلىك ؛ بارىكاللا . ئەئلەم _ شەرىئەت يولى بىلەن چىقىرىلغان پەتىۋانى تەستىقلايدىغان ياكى رەت قىلىدىغان دىنىي زات ؛ باش موپتى ، دىنىي ئۆلىما . تىرىپىرەن _ قالايمىقانلىشىپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن ، ۋەيران . داتىڭ _ خەنزۇتىلىدا زال دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ ، تىكىستە ئەمەلدرلار سۇراق رەسمىيتىنى بىجىرىدىغان ئىشخانا دېگەن مەندە قوللىنىلغان . يالاپ _ قاتتىق رىجىم ئاستىدا مەجبۇرى ئېلىپ مېڭىش . چاڭزا _ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەلدارلار كىيىۋالدىغان ئۇزۇن ئاستىدا چېكى بار تون-چاپان . چامباش _ پۇت- قول ماھارىتى ۋە قۇرال ئىشلىتىش تېخنىكىسى بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىرى . پومزەك _ توپ ، كىچىك توپ . ئۇتۇغات _ ① دوپپىسىنىڭ ئالدىغا تاقىلىدىغان زەر پۈپۈك . ② ئەمەلدارلارنىڭ باش كىيىمىگە تاقىلىدىغان مەنسەپ بەلگىسى . تۇڭچى _ ئېغىزچە تەرجىمان ، تەرجىمان . ئىنئام _ بىرەر تەشكىلات ، كوللىكتىپ ياكى شەخىس تەرىپىدىن بىرىلىگەن سوۋغا ؛ ھەدىيە ، تارتۇق ، مۇكاپات . ياڭگاڭزا _ خەنزۇتلىدا قوللىنىلغان كونىرىغان سۆز بولۇپ ئايال دېگەن مەنىدە . ئالا- بولىماچ _ ① ئاق ۋە باشقا رەڭلەر ئارىلاشقان . ② كۆچمە . تۇتۇقرۇقسىز ، تۇتامى يوق ، تاققا – تۇققا . ③ خۇسۇسىيەتلرى جەھەتتىن بىر خىل بولمىغان ؛ ھەر خىللىققا ئىگە . چۇماق _ ① دەرەخ غولىنىڭ پۇتاقلىق جايى ، قىسمى . ② ئۇچىدا پۇتىقى بار ياغاچىتىن كېسلىگەن كالتەك ؛ ئۇچى ئەگرى تاياق . زەرپ _ قاتتىق ، شىددەت ؛ زەربە بىرىش . شۇخشۇش _ ئارقىچىلاپ كەينىگە يېنىش . نەزىرى ئۈستۈن _ ئادەم ياراتمايدىغان ، يۇقىرىنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھالى چوڭ ؛ تەكەببۇر ، يوغانچى . زەردە _ ① ئاشقازاندىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى ، سەپىرا . ② كۆچمە . كۈچلۈك غەزەپ ، نەپرەت ، ئاچچىق . كۆشەش _ ئۇزۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ يېگەن نەرسىنى ئۇبدان سىڭدۈرۈش ئۈچۈن قايتىدىن ئېغىزىغا ئەكىلىپ چايناش ھەرىكىتى . جەۋھەر _ ① قىممەت باھالىق تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى . ② كۆچمە . بىرەر شەيئىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ، مېغىزى ، يادروسى . ③ كۆچمە . مەلۇم بىر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئاساسلىق ، ئەھمىيەتلىك قىسمى . ④ كۆچمە . مەلۇم ئەجىر ، تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى ، نەتىجىىسى . فورمۇلا _ ① بىر قانچە مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق يېزىلغان ئىپادە . ② ماددىلار سوستاۋىنىڭ خېمىيۋى بەلگە ياكى كوئېففىتسېنتلار ئارقىلىق يېزىلىغان ئىپادىسى . قابىل _ ① ھەرقانداق ئشىنى قىلىشقا قۇربى ، قابىليىتى يىتىدىغان ؛ ياراملىق ، قابىليەتلىك ، ئىقتىدارلىق . ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . سۆكۈش _ Ⅰ ① تىكىلگەن نەرسىنىڭ يېپىنى ئۈزۈپ ، سۇغۇرۇپ چېكىنى ئاجىرىتىش . بۆلەكلەرگە ئاجىىرىتىش ، پارچە ھالەتكە كەلتۈرۈش . ② ئۆي – ئىمارەت ، جازا ، ماشىنا ، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى ئۆرۈپ ، بۇزۇش ، پارچىلاش ؛ چۇۋۇش . Ⅱ باشقىلارنى يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىش ، تىللاش ؛ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش . پىچ _ پۇلات – تۈمۈر تاۋلاشتا رودىلارنى ئىرىتىپ ، پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدىغان چوڭ قۇرۇلما . سەزگۈ ئەزالار _ جانلىقلارنىڭ سىرتقى تەسىرلەرنى سىزىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئەزالىرىنى كۆرسىتىدۇ . ئىرسىيەت قانۇنىيىتى _ تىرىك ئورگانىزىمىلارنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاش ۋە نەسىلىدىن نەسىلگە ئۆتكۈزۈش قابىليىنىڭ قانۇنىيىتى . ئېينىشتېئىن _ دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى . برىليانىت _ كېىسىلىپ ، تاراچلىنىپ ، ھەرخىل شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن ، ئۈستىگە ھەل بىرىلگەن ئالماس . دىئالىكىتكا _ شەيئىلەرنىڭ زىدىيىتىنىڭ ھەرىكىتى تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ ئومۇمى قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى تەلىمات . ئۇ مىتافىزىكىغا تۈپتىن قارىمۇ – قارىشى بولغان دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيە بولۇپ شەيئىلەرنى ئۆزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ ئۆزگىرىپ ۋە تەرەققى قىلىدۇ . ئۇنى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىدىيەتلەر كۈرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ . ئىلھام _ ① كۆتۈرەڭگۈ ئىجادى روھ ، ئىجادى غەيرەت ۋە زوق جوش ئۇرۇپ تۇرغان ھالەت . ② ئىجادى پائالىيەت جەريانىدا ئاپتۇر ئىدىيىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشى ، كەيپىياتنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەيئى ، ھادىسىلەرنىڭ قوزغىتىشى بىلەن پەيدابولغان ئىجادى قابىليەت . ③ مەدەت ، رىغبەت ؛ زوق . پەلسەپە _ ① دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تەلىمات ، كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا (تەبىئەت دۇنياسى ، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر ) توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىشى ۋە يەكۈنى . ②كۆچمە . ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان ، پاكىتىسىز ، ئاساسسىز پىكىر ، سەپسەتتە قۇرۇق گەپ . لوگىكا _ ① تەپەككۇر شەكلى ۋە تەپەككۇر قانۇنىيەتلرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ② ئوبىكتىپ شەيئىلەر تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر قانۇنيىتى ،③ تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرى . ئادۋوكات _ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھاۋالىسى ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگۈلىشى بىلەن قانۇنىي ھالدا داۋالاشقۇچىلارغا ھەمكارلىشىپ ، شىكايەت قىلىدىغان ياكى باشقا قانۇنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ياكى باشقا قانۇنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس خادىم . روھىيەت _ روھىي ھالەت ، مەنىۋى كەيپىيات . كاھىش _ تام ۋە ئۆگزىگە ياتقۇزىلىدىغان قۇرلۇش ماتىرىيالى . ئەسلىدە سېغىز لايدىن ياسىلىپ ، يۈزىگە ساپال سىرى سۈركىلىپ خۇمداندا پىشۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىناتتى . ھازىر سىمونت قاتارلىق باشقا ماتىرىياللاردىن ھەر خىل شەكىلدە كۆيدۈرمەيمۇ ياسىلىدىغان بولدى . گىلگامىش _ بابىل _ دۇنيادىكى قەدىمقى مەدەنىيەتلىك ئەلنىڭ بىرى بولۇپ ، ھازىرقى ئىراننى كۆرسىتىدۇ . يەنى دەجلە ، فىرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى رايۇنلارنى كۆرسىتىدۇ . رىسالە _ بىرەر ساھە بىرەر كەسىپ ۋە ئۇنىڭ تەرتىپ ، قائىدە – قانۇنلىرىغا ئائىت كىتابچە . براشور . مىخ مەتبەئە _ بېسىش مەشغۇلاتى قوغۇشۇن ھەرپ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدىغان مەتبەئە . بونىڭدا ئالدى بىلەن ھەرپ تىزىلىپ ئىسىتىراتىپقا ئېلىنغاندىن كېيىن قايتا قوغۇشۇن بەت قۇيۇپ چىقىلىدۇ . شاراپىتى _ خىسلىتى ، پەزىلىتى ، پايدىسى ، نېپى . دۇردانە _ ① ئېسىل ، چوڭ ئۈنچە- مەرۋايىت . ② ئىسىل ، بىباھا ، قىممەتلىك نەرسىلەر . جاھالەت _ ئىلىم – مەرىپەتتىن مەھرۇم بولغان ھالەت ، نادانلىق ، قالاقلىق . خۇنۈك _ ① ئۇچۇق ئەمەس ، سۈزۈك ئەمەس ، غۇۋا ، خىرە . ② كۆرۈنۈشى ، سىرتىقى قىياپىتى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلمايدىغان ، كۆرۈمسىز ، سۆرۈن ، يېقىمىسىز ، سەت . ③ كۆچمە . قۇلاققا ياقمايدىغان ، يېقىمسىز ئاڭلىنىدىغان . ④ نۇرسىز . تەۋىسسىيە قىلىش _ ① بىراۋنى بىرەر ئىشقا لايىق ، مۇۋاپىق دەپ كۆرسىتىش . ② مەسلەھەت ، تەكلىپ بىرىش . مالائىكە _ پەرىشتە . ئەلئىھرام _ مىسىردىكى قەدىمىقى زاماندىكى پادىشاھلارنى قەبىرە قۇرلۇشى . فىرئەۋىننىڭ قەبرىسى ئەڭ مەشھۇر ، ئىھرام دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى . تىراژى _ كىتاب ، ژورنال ، گېزىت قاتارلىقلارنىڭ بېسىلىپ چىققان نۇسخىسىنىڭ سانى . تاكامۇللاشتۇرۇش _ كەم – كوتىسىز ، مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرۈش ، تولۇق ، يتىلگەن ، تولغان ھالەتكە كىلىش . شېۋە _ بىر مىللەتنىڭ ئورتاق تىلىنىڭ مەلۇم دائىرىگە ، رايۇنغا خاس تارمىقى . ئادەتتە دىئالىكىتتىن كىچىك بولىدۇ . دېئالېكىىتنىڭ ئىچىكى قىمسىدىكى مەلۇم بىر رايۇن ياكى مەھەللىۋى تىلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ . تارىخى پىرسۇناژلار ئوبىرازى _ ئەدەبىي ئەسەرلەردە تارىختا ئۆتكەن شەخىسلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە بەدىئىي توقۇلمىغا يۇل قويغان ئاساستا يارىتىلىغان ئوبىرازلارنى كۆرسىتىدۇ . توقۇلما پىرسۇناژلار ئوبىرازى _ تۇرمۇش ماتىرىياللىرىنى تاللاش ، پىششىقلاش، ئومۇملاشتۇرۇش ، مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ بەدىئىي توقۇلما ئارقىلىق يارىتىلىغان پىرسۇناژلار ئوبىرازىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمبەخت _ بەخت – سائادەتتىن بىرلىكتە بەھىرلىنىش . تىقىم _① ئادەم تىزىنىڭ قارىشى تەرەپتىكى پۈكلىنىدىغان جايى . ② ئات- ئۇلاغ مىنگۈچىگە نىسبەتەن پۇتىنىڭ ، ئۇلاغنىڭ قۇرسىقىغا تىگىپ تۇرغان ھەممە قىسمى ؛ بەلنىڭ ئاستى . ③ ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئاستى . قارىگىر ئات _ توڭگىرەك _ يۈرۈش قىيىن بولغان ئوڭغۇل – دوڭغۇل دۆڭلۈك . ئۈمچىيىش _ رەنجىش ، خاپىلىق ، كۆڭلى يېرىم بولۇش ياكى نارازىلىق تۈپەيلىدىن كالپۇكىنى سەت قىلىپ پۈرۈشتۈرمەك ، كالپۇكىنى بىر قىسمىلا قىلىماق . مىڭبىگى _ فىئودال كونا جەمئىيەتنىڭ يېزىلاردىكى مىڭ ئائىلىنى باشقۇرىدىغان يەرلىك ئەمەلدار . تۆپە _ Ⅰ ① يەر يۈزىدىن ياكى مەلۇم بىر جايدىن ئېگىز ، يۇقىرى بولغان جاي ؛ دۆڭ . ② بىرەر نەرسىنىڭ ئۈسىتىدىكى بوشلۇق ؛ كۆك ، ئاسمان . ③ بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى ، ئۈسىتى . ④ كۆچمە . مەلۇم بىر ئىش بولۇۋاتقان جاي ، نەق مەيدان . Ⅱ تېرىدىن تىكىلگەن ، پوسمىغا ئوخشاش تاشلانمىغان ، سىرتى ئاقباش كىيىمى . غورۇ _ ① قوتان ۋە ھويلا – ئاراملارغا ئىشىك ياكى تام ئورنىدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياغاچلارنى بىر – بىرىگە پاراللېل قىلىپ ياسىغان توسما . ② قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنى ئىچىدىن تاقاپ قۇيىدىغان توغرا ياغاچ ؛ تاقاق . مۆھىر _ تامغا . بەشئاتار _ بىر قېتىمدا بەش تال ئوقنى سېلىپ ئاتقىلى بولىدىغان بىر خىل مىلىتىق . ئايغىر _ پىچىلىمىغان ئەركەك ئات . بوقا _ پىچىلىمىغان ئەركەك كالا . پەشمەت _ Ⅰ توغرا ياقىلىق ، تىزىنى بېسىپ تۇرىدىغان ئىچ پەتلىلىك چاپان . Ⅱ ياغدا قورۇلغان ئۇن ۋە قىيامدىن تەييارلانغان ، تالا – تالا يىپسىمان يەرلىك تاتلىق يىمەكلىك . مەسكاپ ئۆتۈك _ مەسە ، مەسە ئۆتۈك ، ياشانغانلارنىڭ كالاچ قاپلاپ كىيدىغان پاشنىسىز يۇمشاق ئۆتۈكى . دۇخاۋا _ يىپەك ۋە ئارىلاشما يىپلاردىن ئوڭ يۈزىگە مۇي چىقىرىپ توقۇلىدىغان رەخت . غۇجا _ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ، مەلۇم ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ئاقسۈڭەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىلىرى . ② « بەگ » ، « باي » دېگەن مەنىدە ئۇلۇغلاپ ، ھۆرمەتلەپ چاقىرىش فورمىسى . ③ بىر كىمنىڭ ياكى نەرسىنىڭ ئىگىسى ؛ خۇجايىن . ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . پۇت _ Ⅰ① ئادەم ، ھايۋان ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ يەرنى تايىنىپ تۇرىشى ، يۈرۈشى ياكى ئۆمىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى ؛ ئاياغ . ② كارىۋات ، ئۈستەل ، ئۇرۇندۇق قاتارلىقلارنىڭ يەرگە تىگىپ تۇرىدىغان قىسمى ؛ ئايىغى . Ⅱ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ، بىر پۇت 16.38 كىلوگىرامغا تەڭ بولىدۇ . توقۇناق _① ئات- ئۇلاغ ھارۋىللىرىغا ئارتىلغان ئارغامچىنىڭ ئۇچىغا چىگىلگەن ئىلىمەك ياغاچ . ② كۆچمە . ئۇرۇنسىز يامان قىلىپ كۆرسىتىلگەن تەرەپ ، بەتنام . ③ كۆچمە . كۆڭۈلدە ساقلىغان غۇم ، يامان نىيەت . قۇلا _ ① قوڭۇر سېرىق ( ئاتنىڭ رەڭگى ھەققىدە ) ② شۇنداق رەڭلىك ئات . قۇلان _ ئاتتىن كچىكىرەك ، ئىشەكتىن چوڭراق ، ئاتقا قارىغاندا كۆپرەك ئىشەككە ئوخشاپ كېتىدىغان ياۋايى ھايۋان ؛ ياۋايى قېچىر . قاشقا _ ① ئات- ئۇلاغلارنىڭ پىشانىسىدىكى ئاق تۈك ئۈنگەن يىرى ، ئاق بەلگىسى . ② پېشانىسىدا شۇنداق ئاق تۈكى بار بولغان ئۇلاغ ؛ ئات . ③كۆچمە . باشقىسىدىن ئالاھىسدە پەرىقلىنپ تۇرىدىغان يىرى ، بەلگىسى . ④ كۆچمە. بىرەر يەرنىڭ ئوتتۇرىسى ، مەركىزى ، كۆزى . خالتار ئات _ نارتۈگە _ بىر ئۆركەشلىك ( لوككىلىق ا ) ئەركەك تۆگە . جوھۇت _ ① يەھۇدىيلار . ② دىنسىز ، كاپىر ، ياۋۇز ، قەبىھ . تېكە _ ئۆچكە ، ياۋا ئۆچكە ، جەرەن قاتارلىقلارنىڭ ئەركىكىنىڭ پىچىلىمىغىنى . ئۇلاڭ _ ئېگەرنى توقۇغاندا تۆشتىن ، قۇرساقتىن تارتىپ چىڭىتىدىغان تاسما . كۈزلەك _ كۈز پەسلىدە چارۋا بېقىلىدىغان ئوتلاق . ساھىبى _ ① بىر نەرسىگە ئىگە بولغۇچى ؛ ئىگە . ② بىرەر ئشتا ياردەملەشكۈچى خىزمەتچى ، مۇلازىم . بال _ Ⅰ ھەسەل . Ⅱ يەر تەۋرەش ۋە شامال قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ كۈچىنى بىلىدۈرىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى . مۇفتى _ شەرىئەت قانۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ، شەرىئەتكە ئاساسەن پەتىۋا (ھۈكۈم ) چىقىرىدىغان مەسىللەرگە يول تېىپىپ بىرىدىغان دىننى ئەرباپ ، ئۆلىما . مالامەت _ ناھەق ئەيىپىلىنىش ، تاپا – تەنە . ئىتىماد ئىتىش _ ئىشەنچ قىلىش . رەپتار _ ۋەزىيەت ، ئەھۋال ، ھالەت ، پەيىل . كۇلا _ شال پاخىلى ، چىغىرتماق ، چىغ قاتارلىقلاردىن ئېشىلىگەن ئارغامچا . قىڭغىر _ ① تۈز سىزىق بويلاپ يۈنەلمىگەن ، ئەگىرى . ② بىر تەرەپكە قىيسايغان ، قىڭغايغان . ③ كۆچمە . ئالدايدىغان ، ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىلىگەن ، ساختا . ④ كۆچمە . بىر ئەزاسى بىر تەرەپكە قىيسايغان . سىڭار _ ① يان ، چەپ ؛ بىر تەكشىلىككە تۈز سىزىق بۇيىچە ئۇرۇنلاشقان جۈپ نەرسىنىڭ بىرى ، تاق . ② يانتۇ ، ئالچاڭ ، يېنىچە ، قىيپاش . مۆڭگۈمەك _ ئارقا ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تىپچەكلەيدىغان ، چىچچاڭلىماق . كۆشۈك _ چىغ ۋە كۇلدىن تور شەكىلىدە توقۇلىدىغان تاغار . سانجىق _ ئىچكى ئەزالارغا ئۆتكۈر نەرسە سانجلغاندەك بولۇپ تۇيۇلىدىغان قاتتىق ئاغرىق . ئەيبى _ ① قائىدە – يۇسۇنغا ، تەرتىپ – ئىنتىزامغا ، ئەدەپ – ئەخلاققا خىلاپ ئىش ؛ كەمچىلىك ، سەۋەنلىك . ② كىشى ئويىلىدىغان ، نومۇس قىلىدىغان ، خىجالەت تارتىدىغان خاتا ھەرىكەت ؛ ناچار قىلىق . بولمىغۇر ئادەت . ③ نوقسان ، قۇسۇر ، ئىللەت ، جىسمانى كەمتۈكلۈك . قاتىرىماق _ ① ئادەتتىكىدىن ئىتتىكرەك ، يۈگۈرگەندىن ئاستىراق ھالەتتە ماڭماق ؛ سوكۇلدىماق . ② قاتىنىماق ، بېرىپ – كىلىپ يۈرمەك . مۈدۈرۈش _ پۇتلىشىش ، سەنتۈرۈلىش . قۇتراش _ ① قالايمىقانلىشىپ ئۆزىنى ئۇرماق ، جىددى ھەرىكەت قىلىماق . ② بىرەر يامان مەقسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىماق ، ھەرىكەت ئېلىپ بارماق . ③ ھەرىكەتكە كەلمەك ، چىقماق ؛ قاپلىماق ، باسماق . ئابدال _ قەلەندەر ، دىۋانە ، تىلەمچى . قەلەندەر _ دىنى غەزەللەرنى ئوقۇپ يۇرتمۇ- يۇرت كىزىىپ تىلەمچىلىك قىلىپ جان باقىدىغان كىشى ؛ تىلەمچى ، دىۋانە . بىچاغ _ ۋاقىتسىز ، مۇددەتتىن بۇرۇن ، لاپ _ ئەمەلىيەتكە ئويغۇن كەلمەيدىغان ، ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىنغان ، قۇرۇق ، يالغان گەپ ؛ پو . زىنھار _ بولۇشسىز پېئىللار بىلەن كېلىپ « ئەسلا ، پەقەت ، ھېچقاچان ، قىلچە ، مۇتلەق » دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ . تائەت _ دىنىي ئەمەللەرنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن بىجىرىش . تاڭلا _ كېيىنىكى كۈندىكى ، شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىكى ، ئەتىكى . نەۋىشىت _ تەقدىر ، قىسمەت . شىكەستە _ ① جارائەتلەنگەن ، سۇنۇق ، قايغۇلۇق ، ھەسرەتلىك . ② جارائەت ؛ غەم – قايغۇ ، دەرد – ھەسرەت . ئەلەم . شەرم _ نومۇسلۇق ئىش- ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنىنى چەتكە ئېلىش ، خېجىل بولۇش ھېسسى ؛ ھايا – نومۇس ، ئار . گەردۇن _ ① ئاسمان ، پەلەك . ② كۆچمە . دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشلىرى ؛ تەقدىر ، قىسمەت ؛ پىشانە ؛ كۆرگۈلۈك . ئەفلاك _ پەلەك ، ئاسمان ، كۆك . ئاغۇشىت ئۇغا ، زەھەر . تەقدىرچىلىك ئىدىيىسى _ تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىگە تەن بىرىشىنى ، رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش يولىدا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل ئىدىيۋى قاراش . تەبىقە _ جەمئىيەتتىكى كىلشەرنىڭ ئىجتىمائى ، ئىقتىسادى ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئارقىسدا بۆلۈنگەن قاتلام ، جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى ، بىر بۆلىكى . لوقمان _ رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن دۇنياغا مەشھۇر تىۋىپ ، تىبابەتچىلىكنىڭ پىرى . دەرمان _ ① ماغدۇر ، مادار ، كۈچ . ② كۆچمە . مەدەت ، ياردەم . ③ چارە ، ئىلاج ، داۋا . ھۆكۈمى قايماق _ Ⅰ تىندۇرۇلغان ياكى قاينىتىلىغان سۈت يۈزىدە ھاسىل بولىدىغان ۋە تەركىبىدە ماي بولىدىغان نىپىز قەۋەت . Ⅱ① قىڭغىر ، ئەگىرى بولۇپ قالماق ؛ ئېگىلمەك . ② مەلۇم بىر تۈز سىزىق ، يۈنىلىشىتىن بىر تەرىپىگە چەتلىمەك ، كەينىگە يانماق . پېيىگە چۈشۈش _ ئىز بېسىش ، كەينىگە چۈشۈش ، ھەرىكىتىنى كۈزىىتش ، نىشانلاش . دىۋە _ ① چۆچەك ، رىۋايەتلەردە تەسۋرىلىنىدىغان ناھايىتى زور كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە غەيرىى تەبىئەتلىك خىيالى مەخلۇق . ② كۆچمە . ناھايىتى قۇدرەتلىك ، باشقۇرغىلى بولمايدىغان ، ئادەم ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان نەرسە . كەمەر _ كىيىم ئۈستىدىن بەلگە باغلايدىغان تاسما ، بەلۋاغ . ساۋۇت _ قەدىمىكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە ، قېلىچ ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيلگەن ، تۈمۈر پارچىللرىنى بىر – بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى . شاپ پىچاق _ ئۇچى ئارقىغا قايرىلغان ھالەتتە سوقۇلغان بىر خىل پىچاق . مەئىشەت _ ① كۈندىلىك تىرىكچىلىك ، ياشاش ، تۇرمۇش كەچۈرۈش . ② كەيىپ – ساپا ، ئەيىش – ئىشرەت ، ھوزۇر – ھالاۋەت . شىكار _ ئوۋ قىلىش ، ئوۋ ئوۋلاش ئىشى ؛ ئوۋ . قىمىز _ ئات ياكى تۈگە سۈتىنى ئېچىتىپ ئىشلەنگەن بىر خىل ئىچىملىك . ئازراق كەيىپ قىلىش خۇسۇسىيەتىگە ئىگە . خوجا _ ① شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ، مەلۇم ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ئاقسۈڭەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىلىرى . ② « بەگ » ، « باي » دېگەن مەنىدە ئۇلۇغلاپ ، ھۆرمەتلەپ چاقىرىش فورمىسى . ③ بىر كىمنىڭ ياكى نەرسىنىڭ ئىگىسى ؛ خۇجايىن . ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . تۇغ _ Ⅰ① بايراق ، ئەلەم . ② مازارلاردا خادىلارغا ئېسلىغان قوتازنىڭ قۇيرۇقلىرى ، ۋە ئاق ، قىزىل ، سېرىق لاتىلار . ③ داخانلارنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆينىڭ تۇرۇسىغا ، بىر ئۇچىنى يەرگە مەھكەم قىلىپ ئورناتقان ئارقىنى ۋە شۇ ئارقانغا باغلانغان ھەر خىل رەڭدىكى لاتىلار . Ⅱ ئېتىزلارغا سۇ تۇتۇش ئۈچۈن ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە سېلىنغان تۇپا تۇسۇق ، تۇغان . نېسىۋە _ كىشىنىڭ بەھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك ھەسسىسى ، ئۆلۈشى ؛ رىزقى . توپىلاڭ _ Ⅰ① قالايمىقان ۋاراڭ – چۇرۇڭ ، ئۇرۇش – ماجىرا . ② ئىسيان ، غەلىيان . Ⅱ يۇمشاق ، بوزاڭ تۇپا بىلەن قاپلانغان ھالەت ۋە ئاشۇنداق يەر. قەلئە _ دۈشمەن ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن ئۇرالغان قورغان ؛ شەھەر . يەتتە ئىقىلىم _ پۈتۈن دۇنيا ، يەر يۈزى . پانىي _ تىز ئۆتۈپ كېتىدىغان ؛ ۋاقىتلىق ، ئۆتكۈنچى ، ئامانەت . سەپكۈن _ ① بىر خىل تېرە كېسىلى . بۇنىڭدا يۈزدە ، بەزىدە بەدەندە سارغۇچ قوڭۇر ياكى قارا قوڭۇر رەڭدىكى ئۇششاق داغلار پەيدا بولىدۇ ، ئاغرىمايدۇ ، قىچىشمايدۇ . ② يۈزدە بولىدىغان شۇ خىل داغ . سېزىك _ ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندا ، كۆڭلى ئاينىيدىغان ، كۆڭلى بىرەر نەرسىنى تارتىدىغان بىر خىل روھى- ھالەت . سالماقلاپ _ ئېغىرلاپ ، تەمكىن ھالەتكە كىلىش . سۇمۇرۇغ _ قەدىمكى رىۋايەتلەردىكى تىنى ناھايىتى چوڭ ، كۈچلۈك ، باتۇر بىر خىل ئەپسانىۋى قۇش . سۈيۈنچە _ كىشىنى خۇشال ، مەمنۇن قىلىدىغان خۇشخەۋەر ئۈچۈن بىرىلىدىغان سوۋغا ، ئىنئام . ئىگەر _ ئادەم ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسەن ئاتقا توقۇلىدىغان ئالدى ۋە كەينى قېشى ئېگىز ، ئوتتۇرىسى پەس جابدۇق . كۆپىنچە ياغاچ ۋە تېرىدىن ياسىلىدۇ . جەرەن قاشقا _ ئاق قاشقا ئات . ۋولقان _ يەرشارى ئۈستۈنكى قاتلاملىرىدىكى بېسىم ئاجىزلاشقاندىن كېيىن يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسىملىرىدىكى ماگما قاتارلىق يۇقىرى تىمپىراتۇرىلىق ماددىلار ماددىلار يېرىقلاردىن يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىققان يۇقىرى تىمپىراتۇرىلىق سۇيۇقلۇق ۋە قاتتىق ماددىلاردىن ئىبارەت . قونچى _ ئاياغنىڭ باشلىقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلىغان ، پاقالچاققا كىيىلىدىغان قىسىمى . ئىلىك ئېلىش _ قوبۇل قىلىش ، توغرا تېپىش ؛ ئېتىراپ قىلىش . روم _ رىم . يەنى رىم ( ۋىزانتىيە ) ئىمپىرىيسىنىڭ ئىشغالىيتىدىكى كىچك ئاسىيا رايۇنى . كىچىلە _ ئايغاقچى ، پايلاقچى ، جاسۇس ، نازارەت قىلغۇچى . پەگاھ _ ئۆينىڭ ئىشىكىگە يۇقاتقان يىرى ، تۆرنىڭ قارىمۇ- قارىشىسى . تولۇم _ ① قۇرسىقىنى يارماي سويغان كالا ، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىسى . ② قۇرسىقىنى يارماي سويغان كالا ، قوي ، ئۆچكىلەرنىڭ تىرىسىدىن پىششىقلاپ تەييارلانغان خالتا . ئادەتتە ئىچىگە ئاشلىق ، سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ تاغار ۋە سۇ خالتىسى ئورنىدا ئشلەتكىلى بولىدۇ . ئىچىگە ھاۋا قاچىلاپ سۇ ئۈزۈشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ . توغرا _ ئات - ئۇلاغلارنىڭ تومشۇقىنى كىرگۈزۈپ ، بېشىغا ئېسىپ ، بوغۇز بىرىدىغان باغلىق خالتا ؛ توۋرا . ئەلقىسسە _ « ھېلىقى قىسسەنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ؛ شۇنداق قىلىپ » دېگەن مەنىدىكى باغلىغۇچى رولىدىكى سۆز . باقى _ ① دائىمىي ، ئەبەدىي ، مەڭگۈ ، مەڭگۈلۈك ، ئۆلمەس . ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . پەلەك _ ① يەردىن گۈمبەز ، قازان شەكىلىدە بولۇپ كۆرىنىدىغان ھاۋا بوشلۇقى ؛ ئاسمان ، كۆك . ② كۆچمە . تەقدىر ، قىسمەت . مەسۈم _ ① بىگۇناھ، ، گۇناھسىز ، پاك، تازا ، سەمىمىي . ② نۇمۇسچان ، نۇمۇسلۇق ؛ ئىپپەتلىك . نەرە تارتىش _ قاتتىق ۋارقىراش ، شاۋقۇن كۆتىرىش . گومۇش _ بىرەر ئىشقا دەرھال ئەقلى يەتمەيدىغان ، روھىي – ھالىتى جۇشقۇن ئەمەس ، زىھىنى ئاجىز . قاۋان _ ياۋا توڭىگۇزنىڭ ئەركىكى . غاڭزا _ تاماكا چېكىشتە ئىشلتىلىدىغان ئەسۋاب . كۆپىنچە مىس ، قاتتىق ياغاچ ياكى چاقچۇق قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ . باش قىسمىغا تاماكا قاچىلىنىپ ، يەنە بىر ئۇچچىدىن شۇرىلىدۇ .
قاراقاش ناھيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپتىن ؛نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدئىمىن ئەگەر مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئويلىسىڭىز، بۇ «13579698455» نومۇرغا تېلىفۇن قىلسىڭىز ھەرقاچان قولۇم كۆكسىمدەدۇر.
|