سۇلايمان گۇۋاھ

مىھمان كەلدى دىدى بالىلار،
خوش كىلىپسىز دىدىم مەنمۇ ھەم .
داستىخاننى كەڭ سالدىم ئاڭا ،
ئەھۋال سۇراپ يەنە دەممۇ -دەم .

چۇشۇرمۇدۇم تۆردىن ھېچقاچان ،
ھەم يىگۇزدۇم تۇيۇپ يانغۇچە.
باغ ۋاراندا ئويناتتىم كۈتتۈم ،
ئۇيايرىدى كۆڭلى قانغىچە .

قۇرساق سېلىپ سەمىرىپ كەتتى ،
پولو،گۆش يەپ بىزنىڭ لىگەندىن .
لېكىن مىھمان تەرۋەنمەس يەنە ،
ئېغىز ئاچماس قايتىش دىگەندىن .

ئويلاپ قالدىم قانداق مىھمان بۇ ،
كۆرمىگەنمەن قايتماس مىھماننى .
بۇ مىھماننىڭ خۇلۇق مىجەزى ،
ھەيران قىلدى تامامى جاننى .

كىيىن ئۇقسام ئاكام ئىكەن ئۇ ،
ئاتام تاپقان ھەجگە چىققاندا .
قۇچاقلاشتۇق قايتىدىن ئۇزاق ،
ئېچىلمىغان سىرنى ئۇققاندا.

ئۆگەي ئانام يوللاپتۇ ئۇنى ،
ئاتاڭ قايتقان يولدا قايتقىن دەپ .
ئابى زەمزەم ئېلىپ كۇزىغا ،
ئىنىلەرنىڭ ئۈينى تاپقىن دەپ .

ئۇمۇ تۆردىن چۈشمىدى كىيىن ،
مەن يەتكۈزدۇم تۇققانچىلىقنى .
تاپا قىلسا غىڭ –پىڭ قىلمىدىم ،
سىر تۇتمىدىم بىر تال تېرىقىنى .

مانا ھازىر مەن ئاڭا مىھمان ،
قورىنىمەن ئۆز ئۈيۇمدىنمۇ .
ئۇنىڭ ئەجىرى كۆپتەك بىلىنەر ،
ھەتتا ئىچكەن چاي، سۇيۇمدىنمۇ .

گاھ پارىسى ،گاھى ئەرىبى ،
سۆزلەيدۇ ئۇ كۆندۇم مەنمۇ ھەم .
ئەقىل ئۇنىڭ پۇت –قول مىنىڭدىن .
خوش –خوش دەيمەن ئاڭا دەممۇ –دەم .

مەن مۇشۇنداق ئەۋلاد ئىكەنمەن ،
كۆڭلۈممۇ ئاق ،بوينۇممۇ يۇمشاق .
ئىشەنمىسەڭ سۇلايمان گۇۋاھ ،
قۇشلارغىمۇ بۇلىمەن قونداق .