كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 8

ش ئۇ ئا ر دا 6–ئايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ش ئۇ ئا ر دا 6–ئايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ   

 جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 1 – ئىيۇندىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 11 – قېتىم تەڭشىشى ھېسابلىنىدىكەن.
  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى خىلغا ئايرىلغان. بۇنىڭ بىرىنچى خىلى، ئەمگەكچىلەر تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق ھەقلەر (قىسقارتىلىپ ‹‹ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند›› دېيىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى ئايدا 1520 يۈەن، 1320 يۈەن، 1240 يۈەن، 1160 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 180 يۈەن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش %16.14 كە يەتكەن. ئىككىنچىسى، ‹‹ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند››نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى، بۇمۇ تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى: ئايدا 1210 يۈەن، 1020 يۈەن، 940 يۈەن، 865 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 120 يۈەندىن 125 يۈەنگىچە ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %13.92 كە يەتكەن .
  بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى: سائىتىگە 15.2 يۈەن، 13.2 يۈەن، 12.4 يۈەن، 11.6 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن 1.8 يۈەن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %16.14 كە يەتكەن.
  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ قېتىم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتە ئاساسىي قاتلاملارغا مايىل بولۇشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئاشۇرغان. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەن 15 ئۆلكە، شەھەر ئىچىدە 4 – ئورۇندا، غەربىي شىمال رايونى بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.

مەنبە زىلتاش تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-6-14 21:23:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بولىدىغان خەۋەركەن ..رەھمەت..
ۋاقتى: 2013-6-14 21:27:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مۇئاشى ئوسەمدىغاندۇ؟
ۋاقتى: 2013-6-14 21:37:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائاش ئۆسۈپ بولغىچە مال باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسۈپ بولىدۇ ھەقاچان.
ۋاقتى: 2013-6-14 22:17:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ مۇئاش ئۆسسە،بىچارە دېھقاننىڭ كۈنى تەس،مال-باھا ئۆسۈپ ئىككى سەككىز ئون ئالتە دېگەندەك ئىش بولىدۇ
ۋاقتى: 2013-6-15 11:07:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئاش بىر ھەسسە، ئۆسسە مال باھاسى 10ھەسسە ئۆسسىدىغان گەپ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-18 12:15:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ھەربىر ئىشچى -خىزمەتچىگە 120يىۋەندىن 180يىۋەنگىچە   ئۇسىدىكەن .بىراق مال باھاسىنى كونتىرول قىلمىسا ئۆسكەننىڭ  نىمە پايدىسى ..قېرىنداشلىرىم ....
ۋاقتى: 2014-3-13 13:52:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاختىنىڭ باھاسى ئۇسسە بۇلاتتى
ۋاقتى: 2014-3-13 13:58:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئاش ئۇسسە ياخشى بۇلاتتى بۇ ياخشى خەۋەر ىئكەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش