| ئۇقۇتقۇچىلار دەرس لاھىيەسىنى قانداق تەييارلاش كېرەك
دەرس تەييارلاش – دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم تەييارلىق خىزمىتى. ئۇ يالغۇز دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغان بىر سائەتلىك دەرسىدە ئوقۇتۇشتىكى مەقسەت ۋە تەلەپ، مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش جەريانى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشى بەلگىلەش – بەلگىلىيەلمەسلىكى، دەرس تەييارلىقىنىڭ پۇختا بولغان – بولمىغانلىقىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. دەرسنى ياخشى ئۆتۈشتە ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر ئوقۇتۇش ھالقىسىنى ئەستايىدىل لايىھىلەپ، زور مىقداردىكى يۈرەك قېنى ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئوقۇتۇشتىكى يۇقۇرى سۈپەت ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ھەر بىر ھالقىنىڭ يۇقۇرى سۈپىتىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ساقتىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. دەرس تەييارلىقى _ دەرسنى ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئاساسى. تەييارلىقنىڭ ياخشى بولۇش – بولماسلىقى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەر بىر دەرسنى تەييارلىغاندا، شۇ دەرس مەزمۇنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسى، دەرس ئۆتۈش قەدەم – باسقۇچلىرى ۋە ئۇسۇلىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى، مىجەزى، قىزىقىشى، تەپەككۈر تەرەققىياتى، روھى قىياپىتىنىڭ شەكىللىنىش شارائىتى، ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ئەمىلى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئوبدان چۈشۈنۈپ، شۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى لايىھىلەپ چىقىش كېرەك. بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلىقىغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلمىگەچكە، سىزغۇچ، پىلاستىنكا، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى قاتارلىق ئوقۇتۇش قوراللىرىنى سىنىپقا ئېلىپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدىغان ئەھۋاللارمۇ دەرس تەييارلىقىنىڭ پۇختا بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈش ئۈچۈن، دەرس تەييارلاش جەھەتتە بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشكە كەتكەن ئەجىردىنمۇ كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئوقۇتۇش لايىھىسى جاپالىق قان – تەر بەدىلىگە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىسسىياتى ۋە مۇھاببىتى مۇجەسسەملەنگەن. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، قارىسىغىلا ئۆزى بىلگەن بويىچە پىلان تۈزىدۇ-دە، نەتىجىدە تۈزۈلگەن پىلان ئەتراپلىق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن كۆپ ساندىكى بالىلاردا دەرس مەزمۇنىغا نىسبەتەن بەزى چۈشۈنۈكسىز ئۇقۇملار پەيدا بولۇپ قېلىپ، شۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتۈلۈشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىش ئالدىدا، چوقۇم تەييارلىقنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك. دەرس پىلانى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈلگەن، دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار تولۇق تەييارلانغان بولغاندىلا، شۇ سائەتلىك دەرستە ھامان كۆزلىگەن ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، بىر سائەتلىك دەرسنى ئۈنۈملۈك ئۆتۈپ چىققىلى بولمايدۇ.
|
|