بۇرۇت ماجىراسى
(ساتىرا)
سىنى دەپلا ئايالىم ،ماڭا كۆيگەن بۇرۇتۇم، سىنى دەپلا ئايالىم ،مىنى سۆيگەن بۇرۇتۇم. سەن بولغاچقا ئەركەكتەك، يۇرگەن ئىدىم غادىيىپ، مەندىن بالدۇر كىتەمسەن، ۋىدالاشماي بۇرۇتۇم.

بۇرۇت قويغان ئەجدادىم ،ئۈچۈرگىلى بۇلامدۇ، تۈك چىقمىسا قولتۇقتىن كۈچۈرگىلى بۇلامدۇ. سەن بولمىساڭ بۇ ،يۇزنى كۈتۈرگىلى بۇلامدۇ، ئۇرىۋاتقان بىدىدەك ياش تۈكەمسەن بۇرۇتۇم.

كۆڭلىڭگىمۇ ئالمايتتىڭ ،يۇرسەم سىنى مايلىماي، مەيلى ئىدى خىزمەتتە ،سىنى ئىلغار سايلىماي. «مىخ»يىگەندەك بۇپقالدى ،«ئۇلار »ساڭا پايلىماي، چىدىشى يۇق «ئۇلار»نىڭ، ساڭا ئەي-شاپ،بۇرۇتۇم .

بۇرۇنقىلار يۇزىدە ،شۇنداق بۇرۇت يوقمىدى، بۇرۇت ئۈچۈن يۇرۇگىڭ پەقەت ئەركىن سوقمىدى. بۇ،بۇرۇتۇم كۇزۇڭگە يا- ئېتىلغان ئوقمىدى، «خوشنىلار»نىڭ كۈزىگە سىغمىدىڭغۇ بۇرۇتۇم.

بۇرۇت دىگەن مىراسكەن، قويماسلىققا چارە يوق، چىداشمىدى «خوشنىلار»،باشقىلارنىڭ كارى يوق. يەپكەتكۈدەك بۇرۇتقا كىلىدىغان پارە يوق، كەيىپ–ساپا قىلمايتتىڭ ئاددى–ساددا بۇرۇتۇم.

سەن بولغاچقا چوكانلار ،ھەۋەس بىلەن قارىشار، سەن بولغاچقا «خوشنىلار »ئىشخانامدىن مارىشار. سەن توغۇرلۇق باشلىقلار ئاق قۇچقاچتەك سايرىشار، دەم ئېلىشقا چىققۇچە، چىقماي تۇرساڭ بۇرۇتۇم.

سەن توغۇرلۇق باشلىقلار، ھەرنىمىلەر دەپ كەتتى، سەن توغۇرلۇق «سوت ئېچىپ »جىرمانىلەر ئەپ كەتتى. جىرمانىنى تۈلىسەم ھۆججەت بەرمەي سەپ كەتتى، باشقىلارنىڭ كۇزۇرى، بۇپقالدىڭغۇ بۇرۇتۇم.

قايسى بىر ئەر-دەسلەپتە، بۇرۇت-ساقال قويمىغان، بۇرۇت قويغان دادامغا، ئانام شۇڭا تويمىغان. بۇرۇت قۇيۇپ ئەجدادىم، چەتئەللەردە ئوينىغان، بۇكۈنلەرگە كەلگەندە، ئۈششۈك تەگدى بۇرۇتۇم.

مەخسۇس ھۆججەت مەركەزدىن، پات يېقىندا كەلگۇدەك، «كۇسىلار»غا ئايمۇ –ئاي، تۇلۇقلىما بەرگۇدەك. بۇرۇت قويماي «خوشنىلار »قاش –كىپىكنى تەرگۇدەك، سەۋەپسىزلار« باشقىلار» تاش ئاتتىغۇ بۇرۇتۇم.

بۇرۇت دىمەك ئەزەلدىن، بۇۋام دەيتتى ئەر-دىمەك، شۇبۇرۇتسىز مىللەتنىڭ، مەۋجۇتلىقى نە- كىرەك. تاك قىلالماس« باشقىلار » ئوخشاش سوقسا مىڭ يۈرەك، شۇ، چاغدىلا ئارمانغا يىتەرسەنمۇ بۇرۇتۇم.
 ئاپتۇرى: قاراقاش ناھىيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپتە |