مۇنبەرداشلارغا چاقچاق

(خەنجەر)
ئۇستاز بۇلۇپ «ئادىمىن » ھەم «ئوغلانبەگ» ئەپەندىم،
سىلەر بولغاچ مۇنبەردە چىھرىمىزگە كۈلكە يار.
«نۇنى »،«ئەزىزى»،«مائارىپ » باي قىلدىڭلار بايقاشنى
«ئوتلۇق »،«ئالىم »،«زەپەرجان »،«ئاينۇر »،«سىرداش »،«بەختىيار».

«تايلاق»، «ياشناق »، «ئابلىمىت » يوللاپ تۇرۇڭ تېمىنى،
بىزمۇ كۆرۈپ بەس - بەستە ئىنكاس يېزىپ تۇرايلى ،
«خوشەن»،«بايقاش»،«ئادمىن » قارشى ئېلىپ ئۇلارنى ،
تىلەپ گۈزەل تىلەكلەر ئاڭا سالام بىرەيلى .

يوقاپ كەتتى مۇنبەردىن «ۋىنىرا » بىلەن «سەييارە » ،
«ئاي شارى»غا ئۇلارنى كەتكەنمىكىن دەپ قالدۇق.
«بارچىن»، «سادا»، «007» كۆرۈنمىسە بىر مەھەل،
سەۋەبىنى ئۇقالماي غەملىرىنى يەپ قالدۇق.

بىز ھەممىز ئەنسىردۇق «خانبەگ»، «ئوتلۇق » «تايلاق »تىن،
خىزمەت تاشلاپ ئىزدىدۇق ، ئۇتى ئەلۋەك يايلاقتىن
قايسى «خالتا كوچا» يۇرگەندۇ دەپ ئەنسىرەپ .
«ئالىم »«زەپەر »ئىزدىدۇق «بايقاش »دىگەن« ئايماق »تىن .

يوللاپ قويۇپ تېمىنى يوقاپ كەتمەڭ «ئادمىن»،
ئاڭلاپ باقساق سوتچىمۇ تەييار ئىكەن مۇنبەردە.
كۆرۈنمەيدۇ زادىلا نەگە كەتتى بىلمىدىم،
«بايقاش »، «ئامان » ئېيتىڭلار سىلەر زادى قەيەردە؟

تېپىڭ ئەمدى «خوشەن »مۇ تورداشلارنى بىر - بىرلەپ،
جەم بولايلى مۇنبەرگە بۇرۇنقىدەك ھەممىمىز.
«پەرى »، «گۇلزار» يازمىسى مۇنبەرلەرنى ياشناتقاي ،
شېئىرلاردىن شادلىققا تولسۇن شۇ پاك قەلبىمىز.

كۆرسىتىدۇ كارامەت،ئىشقا سېلىپ ماھارەت،
«پەرى »خانىم مۇنبەرنى جانلاندۇرۇپ باشقىچە.
ئەسلەپ چىقتىم چوڭ –كىچىك قېرىنداشنى-تۇغقاننى،
پېشقەدەملەر،شائىرلار،نازۇك قەلەم قاشقىچە.

مۇنبەرداشلار ھەممىمىز ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتەيلى،
بۈگۈن كەپتۇ «زەپەر» مۇ ئۇنداق يوقاپ كەتمەيلى.
ھەممىمىزنىڭ قەلبىگە تولسۇن مېھرى - مۇھەببەت،
بۇ مۇنبەرنى ھەرگىزمۇ ئەمدى تەرك ئەتمەيلى!

يېڭى يازما يوللىغان ،بۇ بايقاشنى قوللىغان ،
يازمىللىرى كۆڭۈلگە بېغىشلايدۇ خۇشاللىق.
يەنە كىمنىڭ نامىنى ئاتالمىدىم بىلمىدىم،
شۇنداقتىمۇ تىلەيمەن ئۇلارغا تىنچ - ئامانلىق!

مۇشۇ كۆكلەم-باھاردا چاقچاق بىلەن باشلانسۇن،
بۇ «بايقاش»نىڭ باغرىدا چىن دوسلۇقنىڭ ساداسى
مۇنبەر بىلەن نۇرلانسۇن تالاي نىمجان ۋۇجۇدلار،
شۇندا مۇراد تاپقۇسى نىمجانلارنىڭ نىداسى!...

ئاپتۇرى

قاراقاش ناھىيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل –ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى )
(خەنجەر)
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى