مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 10

ئەرلەرنىڭ كۆز يېشى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 16:48:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ كۆز يېشى


بىر قىز بولغان ئىكەن، ئۇ ئۆز ئوغۇل دوستىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن، ئەمما قەيسەر يىگىت ئۇنىڭ ئالدىدا پەقەتلا يىغلاپ باقماپتۇ. كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ، ئۇلارنىڭ بەختلىك كۈنلىرى قىزنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈش ئىستىكىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ بېرىپتۇ.
    ــ ئۇ زادى قاچان يىغلايدىغاندۇ؟
    ــ ئەخمەق قىز، مېنىڭ كۆز يېشىمنى كۆرۈشنى سىناپ يۈرمەڭ، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بىر كۈن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى چوقۇم ناھايىتى ئازابلىق بىر ئىش يۈز بەرگەن بولىدۇ،ــ يىگىت قىزنىڭ ئىچى تارلىقىنى بىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سەبىيلىكىگە قاراپ كۈلۈپ تاشلاپتۇ.
    قىزنىڭ قىزىقىشى قانائەت تاپماپتۇ، ئۇنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆز يېشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئاچچىقمۇ ۋە ياكى تۇزلۇقمۇ… ئىشقىلىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىپ باققۇسى كېلىدىكەن. بىر كۈنى بىر پەرىشتىنىڭ ئۇنىڭغا بىر پۇرسەت بەرگۈسى كېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ.
    - سىز راستىنلا ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرمەكچىمۇ؟ــ سوراپتۇ پەرىشتە.
ــ ئامالىڭىز بارمۇ؟
ــ بار، بىراق سىز نەچچە كۈن غايىپ بولۇشىڭىز كېرەك. ;
ــ مەن نەگە كېتىمەن؟ :
ــ ھاۋادىكى سۇغا ئايلىنىسىز، بىراق ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولالايسىز، ئۇنى كۆرەلەيسىز. مۇشۇنداق بولۇشنى خالامسىز؟
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىز ھاۋادىكى بىر تال سۇ تامچىسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ، ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ ئاۋۋال يىگىتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپتۇ. يىگىت ئۆيىدە دەرىزە يېنىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بىردەم سان-سېپىرلارنى ھېسابلىسا، بىردەم گرافىك ئىشلەيدىكەن، ئالدىراشچىلىقىدىن باش قاشلىغۇدەك چولىسىمۇ يوقكەن. تۇيۇقسىز، يىگىت تېلېفوننىڭ يېنىغا كەپتۇ. شۇندىلا، قىز يىگىتنىڭ ھەر كۈنى كەچ سائەت ئوندا ئۆزىگە تېلېفون بېرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئاپتۇ. يىگىت تېلېفوندا ئۆزى بىلەن سۆزلىشەلمىسە قانداق بولىدىغاندۇ؟ قىز قىزىققانسېرى كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ يىگىتكە قاراپتۇ. دەرھەقىقەت، يىگىت نەچچە قېتىم نومۇر بۇرىغان بولسىمۇ قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئالماپتۇ، كۆڭلىدە:« بۇنچە بالدۇر ئۇخلاپ قالغانمىدۇ؟ بوپتىلا، ئوبدانراق ئۇخلىۋالسۇن،» دەپ ئويلاپ مېھرىبانلىق بىلەن مىيىغغىدە كۈلۈپ قويۇپتۇ. بىراق قىز:« ئۇ نېمىشقا جىددىيلەشمەيدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ يىگىتتىن بىرئاز ئۈمىدسىزلىنىپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى، يىگىت دەل ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ كەپتۇ. بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ كىرىش بىلەنلا دەرھال قىزغا تېلېفون قىلىپتۇ، يەنىلا ئۇلانماپتۇ. يىگىت توختىماستىن تېلېفون قىلىشقا باشلاپتۇ، بارلىق دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ھەممىسىگە تېلېفون قىلىپتۇ، ئەمما ھېچكىم قىزنىڭ نەگە كەتكىنىنى بىلمەيدىكەن. يىگىت جىددىيلىشىپ قاپتۇ-دە، ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىشقا باشلاپتۇ. قىز بولسا دەرىزە يېنىدا ئۇنىڭغا قاراپ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. بىرئازدىن كېيىن يىگىت كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئالدىراش-تېنەش تالاغا مېڭىپتۇ، قىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپتۇ. يىگىت ئالدى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ، ئىشىك تاقاق ئىكەن، خوشنىسى قىزنى تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئىككى قېرى ئۇلارنى بىرگە تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئاقارغان چېكە چاچلىرىغا قاراپ يىگىت ئۆزىنى تۇتالماستىن قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى دەپ ساپتۇ. ئۇلارنىڭ تىت-تىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قىز بىرئاز پۇشايمان قىلىپ قاپتۇ.
يىگىت كېچىچە ئۇخلىماپتۇ. ئىلگىرى ئۇلار ئۇچراشقان جايلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ بېرىپتۇ، گەرچە ئۇ يەرلەردە تاتلىق ئەسلىمىلەر قالغان بولسىمۇ، ئەمما قىز يوق ئىكەن. كېچىچە قاتراپ چىققان يىگىتنىڭ ئىزتىراپتىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كېتىپتۇ. يىگىت ھېرىپ قاپتۇ-دە، ئۆيىدىكى كىرىسلوغا تاشلىنىپتۇ. قىز ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىگىتنىڭ يىرىك ساقاللىرىنى سىلاشنى، ئۇنىڭغا يوتقان يېپىپ قويۇشنى ئويلاپتۇ، بىراق ئۇ ھاۋادىكى سۇ تامچىسى تۇرسا! ئۇ پەرىشتىگە:
ــ مېنىڭ ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرگۈم يوق، مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ قويۇڭ!ــ دېمەكچى بولۇپتۇ، ئەمما پەرىشتە ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتا كەلمەپتۇ.
ئۈچىنچى كۈنى، يىگىت بۇرۇنقىدەكلا ئىشقا مېڭىپتۇ، ئەمما كۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى نۇرلار ئۆچكەن ئىكەن. يولدا كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ نېمىلەرنىدۇ ئىزدەيدىكەن. قىز كۆڭلىدە يىگىت ئۆزىنى تېپىۋالغانمىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ، ئەمما ئۇ ھازىر سۈزۈك سۇ تامچىسى تۇرسا! قىز ئۆزىنىڭ ساددىلىقىدىن كۈلۈپتۇ. يىگىت ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇدۇل ئۆيگە قايتماستىن، ئىلگىرى ئۇلار ئۇچرىشىدىغان كونا جايغا كەپتۇ. ئۇ يەردە بىر تۈپ قېرى چىنار دەرىخى بار ئىكەن. يىگىت چىنار ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ تۇرقىدىن قارىماققا ئىنتايىن غېرىپلىق باسقاندەك، بىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندەك، بىر نېمىلەرنى ساقلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن.
ــ سىز پەيدا بولىسىز، شۇنداقمۇ؟
تۆتىنچى كۈنى، يىگىت يەنە مۇشۇ يەرگە كەپتۇ. قولىدا بىر ئەينەك شارچە بار بولۇپ، شارچە ئىچىدە كىچىك بىر يەلكەنلىك كېمە بار ئىكەن. يىگىت ئۈن-تىنسىز ھالدا ئەينەك شارچىغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇرۇپتۇ. دەل شۇچاغدا، قىز ئۆزلىرىنىڭ بىللە دېڭىزغا چىقىپ ساياھەت قىلىشقا ۋەدىلەشكەنلىرىنى ئېسىگە ئاپتۇ.
بەشىنچى كۈنى، يىگىت كەلمەپتۇ. قىز يىگىتنى كارىۋىتىدىن تېپىپتۇ. يىگىت ئۇخلاپ قالغانمىدۇ؟ يىگىتنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن روھسىز چىرايىغا قاراپ، قىزنىڭ يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ كېتىپتۇ.
ــ پەرىشتە، قايتىپ كېلىڭچۇ!
ئالتىنچى كۈنى، يىگىت ئەينەك شارچىنى دېڭىزغا تاشلاپتۇ، شارچە بىلەن بىللە ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ دېڭىزغا چۆكۈپتۇ. قىز يىگىتنىڭ ھالىنى كۆرۈپ يۈرىكى بەكمۇ ئېچىشىپ كېتىپتۇ.
ــ پەرىشتە، سىز مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ قويۇڭچۇ!
پەرىشتە ئاخىرى پەيدا بولۇپتۇ:
ــ بەك كېچىكتىڭىز، سىز ھازىرلا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىسىز، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم سۆيۈۋېلىڭ!
قىزنىڭ ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپتۇ، ئۆزىنىڭ بىر ھەپتە يوقاپ كەتكىنىگە يىگىت بۇنچىلىك سۇلغۇنلىشىپ كەتكەن تۇرسا، ئەگەر ئۆزى راستىنلا يوقاپ كېتىدىغان ئىش بولسا، يىگىتنىڭ ھالى نېمە بولۇپ كېتەر؟! قىز يىگىتنىڭ لېۋىگە سۆيۈپتۇ. دەل شۇ چاغدا قىز يىگىتنىڭ لېۋىدە بىر تامچە ياشنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ دەل ئۆزى ئىكەن. ئەسلىدە يىگىتنىڭ كۆز يېشى دەل ئۆزى ئىكەن ئەمەسمۇ! ئۇ قاتتىق ۋاقىراپ كېتىپتۇ:
ــ ياق، مەن كەتمەيمەن…
ھېلىمۇ ياخشى بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. شۇندىن ئېتىبارەن قىز خۇرسەنلىك بىلەن ئۆزىگە شۇنى دەپتۇ:
ــ ئەمدى ھەرگىز يىگىتىمنىڭ كۆز يېشىنى كۆرمەيمەن، چۈنكى ئۇنىڭ كۆز يېشى ئۆزەمنىڭ غايىب بولىدىغانلىقىمدىن دېرەك بېرىدىكەن ئەمەسمۇ ...   


مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 18:57:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېزىلغان ھىكايە بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 21:39:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن.رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6158 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9294 سەر
شۆھرەت
4501 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 01:23:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن. دىمىسىمۇ تۇرمۇش ئەر ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنى شەرت قىلىشى ئاساسىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 02:37:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلرۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-30 22:45  

بۇ ئوتمۇشكە تەۋە، لېكىن بۈگۈندىن دالاۋەت بېرىدىغان يېڭى ھېكايەت. شۇنداق يىگىتلەرنىڭ تامچە كۆز يېشى قىزلارنىڭ نەق ئۆزىدۇر. نى- نى مۇشكىلات، ئوتكۈر قىلىچلار ئالدىدا كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايدىغان يىگىتلەر ئاشىقى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدۇ. نەزەرىمىزنى رىئاللىقىمىزغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، ساپ، پاك مۇھەببەت، ئاشىقى ۋە ئاشىقىنىڭ كېلىشمەسلىكى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدىغان يىگىتلەر شۇنداق كۆپ. لېكىن بۇ يىگىتلىرىمىز بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر خەۋپ، خېيىم- خەتەر، يوقۇتۇش، قۇربانلارغا كۆزىنى يۇمۇپمۇ قويمايدۇ. ۋادەرىخا، ئەسلى بۇ قىزنىڭ چۈشى ئىكەن. يىگىتلەرنىڭ قىلبىگاھى، سەجدىگاھى بولغان ئەي بەرنا قىز، كۆرۈپ تۇرۇپسەن يىگىتىڭنىڭ كۆز يېشىنى، ئەمدى ئۇنى كۆرىمەن دەپ، سىناپ يۈرمە؟! بىلىپ تۇرۇپتىمىزكى، يىگىت كۆز يېشى سەن ئۆزۈڭ، ئىشەنگىنكى، زەرىچە يات خىيال ئۆزۈڭنىمۇ ئازاپلاپ قويىدۇ. يىگىتىڭگە ئىشەن ئۇ سېنى ھەقىقىي دىلىدىن، ساپ يۈرىكىدىن سويىدۇ، يىگىتىڭنىڭ ھەر بىر تېنىقلىرىدا، ھەربىر قەدەملىرىدە، ھەربىر خىياللىرىدا پەقەت سەنلا بار، خۇددى، سېنىڭ تىلىڭدا، دىلىڭدا يىگىتىڭ بولغىنىدەك...
ئېسىل سوۋغىڭىزغا ھەشقاللا!!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

7

تېما

29

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
579 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
615 سەر
شۆھرەت
671 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 06:52:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇتىمىڭىز ھەقەيقەتەن ياخشىكەن .ئېسىل سوۋغىڭىزغا ھەشقاللا!!
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 20:03:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                      تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 00:24:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىيكايىكەن رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىمىز ئەرلەرنىڭ كۆز يېشىنى ئەمەس خۇشال كۈلكىسىنى كۆرۈپ تۇرايلى .
ئەسەرنىڭ ئاخىرى قانداق چىقار دەپ ئويلىغان ئىدىم ،مۇئەللىپى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەن ،بەك ياخشى چىقىپتۇ .....

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 22:52:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىكايىڭىز بەك تەسىرلىك ياخشى يېزىلىپتۇ ،رەخمەت سىزگە بۇندىن كېيىن نادىر تېمىلىرىڭىز  مۇنبەر يۈزىدىن ئۈزۈلمىگەي.
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:57, Processed in 0.446583 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش