كۆرۈش: 1280|ئىنكاس: 19

مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ!!!

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ!!!

029.gif

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك  بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى  بايقاش تورىدىن سىلەرگە روزى ھېتلىق ئوتلۇق سالام !!! سىلەرنىڭ ھەر بىر كۈنىڭلارنى شادلىق  ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز.
روزى ھېيت بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ كاتتا بايرىمىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئاجىز-مەجرۇھلار، يىتىم-يېسىرلار، مۇھتاجمەنلەرگە خەيرى-ئېھسان قىلىنىدىغان، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇغقانلار بىر-بىرىگە ۋاپادارلىق، غەمخورلۇق قىلىشتەك ئېسىل خىسلەتلىرىنى نامايەن قىلىپ، خەلقىمىزگە ئىناقلىقنىڭ، خۇشاللىقنىڭ، بەخت ۋە  ئامەتنىڭ گۈل-چىمەن باغلىرىغا باشلاپ، تورداشلارنىڭ ئايەم كۈنلىرىگە پۈتمەس-تۈگىمەس خۇشاللىق ئاتا قىلغۇسى!... مۇنبىرىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىز مۇنبىرىمىزدىكى شائىر-يازغۇچىلار ۋە ھەۋەسكار دوستلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تورداش دوستلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقۇسى!
مىللىتىمىز ئەزەلدىن روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئۇلۇغلاپ، كاتتا تەبرىكلەپ كەلمەكتە، ھەم بۇ بايرامدا ئادەمنى خوشال قىلىدىغان ساۋاپلىق ئىشلارمۇ ھەسسىلەپ ئەۋىج ئالماقتا. بىزمۇ ئەجداتلارنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم  ئەنئەنىۋى بايرىمىز روزى ھېيتنى ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن قۇتلۇقلاش شۇنداقلا، مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھاردىم - تالدىم دىمەي ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان مۇنبەرداشلاردىن ھال سوراش ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىنى يۈكسەلدۈرۈپ تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ مول-مەزمونلۇق ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىغا رىغبەتلەندۇرۇش ئۈچۈن ، مۇنبىرىمىز كەڭ تور دۇياسىدىكى ئىستىداتلىق ھەم يېتىلۋاتقان قەلەمكەشلەرنىڭ ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىىش ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق مۇنبىرىمىزدە كۆپلىگەن تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ۋە تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ ۋۈجۈتقا كېلىشىگە سورۇن ھازىرلاش مەقسىتىدە مۇنبىرىمىزدە مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش قارار قىلىندى.

پائالىيەت تېمىسى: بايقاش مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتى
پائالىيەت مەخسىتى:مۇنبىرىمىزدىكى شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش.   
ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن: بايقاش مائارىپ مۇنبىرى.
پائالىيەت ۋاقتى: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە 20 كۈن.
پائالىيەتتىن خۇلاسە چىقىرىش ۋە مۇكاپاتلاش ۋاقتى: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى.
پائالىيەتكە قاتنىشىش ئوبىكىتلىرى: مۇنبىرىمىزدىكى قاتنىشىشنى خالايدىغان بارلىق تورداشلار.
پائالىيەت ئورنى: بايقاش مۇنبىرى.
باھالىغۇچىلار: مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچىلىك ئەزالار.
قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەر: شېئىر، ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىئى ئاخبارات، مەدەنىيەت-تارىخ، تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر.

پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە قويۇلدىغان تەلەپلەر:

1.بۇ قېتىمقى «بايقاش مائارىپ تورى  مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى» قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر جەزمەن جەھەتتىن ئىجادىي ئەسەر بولۇشى، تاللانغان ژانىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھېچقانداق مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى شۇنداقلا ئىشلىتىش ھوقۇقى بايقاش مائارىپ تورىدا بولۇشى كېرەك. (مەتبۇئاتلاردا ھەم مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.)
2. يوللانغان  ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوقۇرى بولۇشى كېرەك. ( ئىملا خاتالىقى ئېغىر،  تېما بىلەن مەزمونى ماس كەلمىگەن، مەزمونى سېرىق بولغان، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا مۇخالىپ بولغان، چاۋالچاق ھەم مىللى ئۆرۈپ-ئادىتىمىزگە ماس كەلمىگەن ئەسەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.)
3. پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ژانىرى، ھەجمى  ۋە سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇنداقلا بۇ تېمىلارغا نىسبەتەن ئۆز كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان قايىل قىلارلىق ئىنكاسلار باھالاشتا مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. ئەمما «مۇكاپاتلىنىشقا تىگىشلىك ئەسەر»، «ياخشى ئەسەر» دىگەندەك مۇئەيەنلەششتۈرۈلگەن قۇرۇق ئىنكاسلار بىردەك ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
4.پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە، ئەسەر ئاپتورى بىردەك «مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر » دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك، ئەسكەرتمىگەنلىرى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
5.ئاپتور ئەسەرنى يوللىغان ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە ئىسىم-فامىلىسى، تەخەللۈسى ۋە ئالاقىلشىش ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك. ( قىسقا ئۈچۈر ئارقىلىق مۇنبەر باشلىقلىرىغا يوللاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.)
6.قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بايقاش مۇنبىرىدە ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.

مۇكاپاتلىنىدىغان ئەسەرلەرنى تاللاش ئۇسۇلى:

پائالىيەت ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن يوللانغان ئەسەرلەرگە يازما ئىنكاس ئارقىلىق باھا بېرىشكە بۇلىدۇ، ئەمما مۇنبەر جۇغلانمىلىرى بىلەن مۇكاپاتلاشقا بولمايدۇ. (پائالىيەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بېرىلگەن مۇنبەر جۇغلانمىلىرى بىردەك بىكار قىلىنىدۇ). 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ مۇندەرىجىسى مۇنبەردە ئېلان قىلىنىپ، باشقۇرغۇچى، ئىشەنچىلىك ئەزالار ۋە تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلىدۇ. تاللاپ ئاۋاز بەرگۈچىلەر سانىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن 1-، 2- ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئەسەرلەر تاللاپ چىقىلىدۇ. دەرىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئەسەرلەرگە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

مۇكاپاتلاش تۈرلىرى:

مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر تۈۋەندىكى تۈرلەر بۇيىچە مۇكاپاتلىنىدۇ:
1-دەرىجىلىك مۇكاپات 3، مۇكاپات بۇيۇمى 50 مۇنبەر تىللاسى،
2-دەرىجىلىك مۇكاپات 3، مۇكاپات بۇيۇمى 40 مۇنبەر تىللاسى،
3-دەرىجىلىك مۇكاپات 3، مۇكاپات بۇيۇمى 30 مۇنبەر تىللاسى،
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپات بۇيۇمى 10 مۇنبەر تىللاسى.
1-، 2- ۋە 3-دەرىجىلەرگە ئېرىشكەن ئەسەرلەر بىردەك جەۋھەرلىنىپ، «بايقاش تور ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنىدۇ.

كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى، تەڭ باشقۇرۇپ، تەڭ نازارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

ئەسكەرتىش: ئەسەرلەرنى ئايرىش ۋە باھالاشقا قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە(تېما ئىچىدىكى ماۋزۇ ئاستىغا) ‹‹مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر›› دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشۇڭلارنى، ماۋزۇ سىتونىدىكى ماۋزۇنىڭ ئالدىغا (M) بەلگىسى قويۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز. قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت!


بايقاش مائارىپ تورى
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-4 01:20:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بايقاش» نىڭ بۇ ھېيتلىق پائالىيىتى، ھەم رۇزى ھېيتىمىزغا قىلىنغان سوۋغا، ھەم مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تۈركە بولۇپ قالىدۇ. بايقاش- ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، 8 مىڭدىن كۆپرەك تورداشلارنى ئۆزىگە جەم قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق بايقاشتا كۆپلىگەن ئىخساسلىقلار بايقالغۇسى! كەمىنىمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىمەن. ئىشىنىمەنكى، بۇ قۇتلۇق پائالىيەتنىڭ قەدەم ئىزلىرى گۈل- دەستىلەرگە چۆمكۈلىدۇ.
ئاخىردا بۇ قۇدلۇق پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئۇستازلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن!  

باھا سۆز

ئەمىلى ھەركىتىڭىز بىلەن قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . رەھمەت  ۋاقتى: 2013-8-4 19:09
ۋاقتى: 2013-8-4 04:42:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟
يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەنئەنىۋى ئايىمىمىز روزى ھېيت يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ھەممىڭلارغا ئايەملىك سالام:


مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق تورداش دوستلارنىڭ مۇنبىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىگە تولۇق قاتنىشىشىنى، خەلق ئارىسىدىكى ‹‹تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز›› دىگەن ھېكمەت ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانچىلىك يازالىسا شۇنچىلىك يېزىپ يوللىشىنى، بۇ قۇتلۇق ئايەم كۈنلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىجادى تەپەككۇرىنى چېنىقتۇرۇش ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ مەنىۋى كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ۋاقتى: 2013-8-4 10:03:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى،ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ،پىقىرىمۇ يېقىندىن قوللايمەن ۋە ئاكتىپ قاتنىشىمەن...

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-8-4 19:10
ۋاقتى: 2013-8-4 15:26:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پائالىيەت بوپتۇ .
ۋاقتى: 2013-8-4 15:31:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، بولسا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ مۇنبىرىمىزنىڭ مەنىۋى مەدىنىيىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرسەك.

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2013-8-4 19:10
ۋاقتى: 2013-8-4 17:37:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار ناھايتى ياخشى ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپتۇ  مەنمۇ تۇلۇق قوللايمەن  مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كوپلەپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بايقاشنىڭ بۇندىن كىيىنكى رەڭدارللىقىنى تېخىمۇ ئەۋىجكە چىقىرىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى  

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-8-4 19:10
ۋاقتى: 2013-8-4 17:45:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە سەل كىچىكىپ خەۋەر تاپقان بولساممۇ ،لىكىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. گۈلزار خانىمنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بىر پائالىيەت سۇرۇنى بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنى ئەمىلى ھەركىتىم بىلەن قوللايمەن.
يېزىقچىلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىم ئەمدى تازا ئەسقاتدىغان بولدى

باھا سۆز

نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز .  ۋاقتى: 2013-8-4 19:10
ۋاقتى: 2013-8-4 17:48:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مۇشۇ پائالىيەتكە مەخسۇس بىر سەھىپە تەسىس قىلساق،ئەزالار ئۆزىنىڭ مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇردىغان تىملىرىنى شۇ سەھىپە ئىچىگە يوللىسا،باھالاش ۋە باشقا ئىشلاردا پايدىسى يۇقىرى بولاتتى. مۇنبەر ئۇستىگىلا يوللاپ قويساق كىيىن باھالىغۇچىلار ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ باھالاشتا قىيىنچىلىق تارتىپ قالدىغان ئىش بولامدۇ قانداق؟

باھا سۆز

ناھايتى ئورۇنلۇق تەكلىپ بېرىپسىز . ئەسەر يوللىغۇچىلار بايقاش پائالىيەتلىرى دىگەن مەخسۇس سەھىپىگە يولىسا بو تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-8-4 19:12
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-4 19:12:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-4 17:48
بولسا مۇشۇ پائالىيەتكە مەخسۇس بىر سەھىپە تەسىس قىلساق ...

ناھايتى ئورۇنلۇق تەكلىپ بېرىپسىز . ئەسەر يوللىغۇچىلار بايقاش پائالىيەتلىرى دىگەن مەخسۇس سەھىپىگە يولىسا بولىدۇ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش