"ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى" نىڭ پائالىيەت ئۇختۇرۇشى " ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى " قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان پەرزەتلىرىمىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتىمىز . يېقىندا خوتەن كىرىيەدە يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ، ئۇيۇشمىمىز ئەزالارغا ئۇيۇشما ئەزالىق پۇلىدىن سىرت ئىئانە توپلاش پائالىيتى ئېلىپ بارغان ئىدۇق . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بىر قىسىم ئەزالار بەس - بەستە ئىئانا قىلدى . بۇ ئىئانە پۇللار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيۇشما ئەزالىرى مۇزاكىرلىشى ئارقىلىق بۇ پۇللارغا خوتەن كىرىيە ناھىيە لەڭگەر بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش مەكتىپىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30 نەپەر ئوقۇغۇچىغا كىيم - كېچەك ، ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ بېرىشنى لايىق كۆرۈپ ،تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىدۇق .ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ پائالىيەت ۋاقتى بېكىتىلدى . ئۇيۇشمىمىز ۋاقتى يار بەرگەن ئەزالارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ 200 دىن ئارتۇق ئەزلارنىڭ كۆڭلىنى بۇ سەبىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ھەم ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ ،ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ئۈمىد ئاتا قىلىشىڭلارنى سورايمىز . پائالىيەت ئورنى : خوتەن كىرىيە ناھىيە لەڭگەر بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش مەكتىپى پائالىيەت ۋاقتى : 2014 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ( پەيشەنبە ) چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا ( شىقاڭ ۋاقتى ) ئالاقىلاشقۇچى " ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى " نىڭ كىرىيەدىكى ھەيئىتى ئامانجان ئابدۇراخمان " ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى " ھەيئەتلەر گۈرپىسى 2013 - يىلى 3-ئاينىڭ 18- كۈنى
|