بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-6 22:09
" ئىللىق ئائىلە "مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى قومۇلدا
2014- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى« 1- ئىيۇن » خەلقئارا بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشمىمىز قومۇل شەھەرلىك قارادۆۋە قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بالىلار بايرىمى پائالىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ ، قارادۆۋە بازارلىق « قوش تىللىق » بالىلار باغچىسىدىكى 20 نەپەر ئوماق بىلەن مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 10 نەپەر ئۆگىنىشى ياخشى، ئىقتىسادى قىينچىلىقى ئېغىر بولغان جەمئىي 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق . بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا 3460 يۈەن قىممىتىدىكى كېيىم- كېچەك، سومكا قاتارلىق بۇيۇملار ئارقىلىق بارلىق ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىللىق كۆڭۈللىرى يەتكۈزۈلدى . بۇ سەبىلەر ھەر بىر مېھرىبانلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتتى ھەم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە ،مىللىتىمىزگە ياراملىق ئادەملەردىن بولىدىغانلىقى ھەم ئۇيۇشمىدىكى ھەر بىر ساخاۋەتچىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى . بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قومۇل تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، رادىئو ئىستانسسى . قومۇل گېزىتى ھەم مائارىپنى قوللىغۇچى كارخانىلار ساخاۋەتچىلار بولۇپ 10 دىن ئارتۇق ئورۇن قاتناشتى . بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائلىيىتىگە ئۇيۇشمىمىزدىن ئۇيۇشما رەئىسى ھاۋاگۈل تۇرسۇن ( گۈلزار ) . ئۇيۇشمىمىزنىڭ ھەيئىتى رىسالەتگۈل ئۆمەر ( ھىلال ئاي ) ئۇيۇشمىمزنىڭ ئەزالىرىدىن پولات ( تونى ) مەخموتجان ، ئاسىيگۈل ( ياسىمەن ) ، زۇمرەتقىز ، ھىدايەتگۈل ، ھەمراگۈل ، ھاۋاگۈل ، پاتىمە ، پەرىدەم ( گۇلزات) ئەنۋەرجان ( سېنىڭ كۈلكەڭ ) ، ئەركىن ئابلېز . خۇرشىدە ئېزىز . زىمىرە . شېرىنگۈل قاتارلىق ئەزالار قاتناشتى . بۇ قېتىمقى قومۇل شەھەرلىك قارادۆۋىدە بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيىتمىز ھۆكۈمەت ۋە ئاممىنىڭ دىققەت ئىتىبارانى تارتتى. ئۇلار ئۇيۇشمىدىكى بارلىق ساخاۋەتچىلەرگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىرگە رەھمىتىنى بىلدۇردى . بىز بۇندىن كېيىنمۇ ساخاۋەت ئىشلىىرىنى ئۈزۈپ قويماي ياردەمگە مۇھتاق بولغان بارلىق ئوماقلىرىمىزغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز .
|