| بىر ھەپتە خىزمەت قىلىپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر . شۇڭا بۈگۈن بېسىمىڭلارنى يىنىكلىش ئۈچۈن بۇ كۈلكە خۇرۇچلىرىنى ئېلىپ كەلدىم .قېنى ھۆزۇرلانغايسىزلەر .بىسىم يىنىكلىتىدىغان تەرمەچلەر
*ئاغىنە ئۆتۈپ تۇرە ، يانفۇنۇمنىڭ سىگىنالىنى توسۇۋالدىڭ . *پۈتكۈل دۇنياغا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر كەمتەر ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن . *ۋۇي باشلىق ، شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ ئۆزىڭىز ھاجەتخانىغا كەپسىزغۇ ؟ *دۆتلىكىڭىز ھەمىشە ئىجاتچانلىققا تولغان جۇمۇ . *بۇ دۇنياغا كەلگىنىمدە تىرىڭ قايتىمەن ، دەپ ئويلىمىغان ئىدىم . *روھى كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن بۇيان خىلى روھلىنپ قالدىم . *سۈرىتىمنى كومپيۇتېرىمنىڭ ئىكرانىغا چىقىرىۋالسام ، كومپيۇتېرىم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى . *يۈرۈكىم پارە - پارە بولدى ، چىقىرىپ بىرەي مانتىغا قىيما قىلىڭ . *گىپىڭىزنىڭ پەش - چىكىتلىرىگىمۇ ئىشەنمەيمەن . *قىزچاق قورقماڭ ، مەن يا ياخشى ئادەم بولمىسام . *ياشلىقنىڭ نىمىسى قالتىس ، كىمنىڭ ياش ۋاقتى بولۇپ باقمغان ؟ بىراق سەنچۇ ؟ قىرىپ باققانمۇ ؟ *ھەرگىز مىدىرلىماڭ ئوڭ مۈرىڭىزدە سۇ ، سول مۈرىڭىزدە ئۇن بار ئىكەن ، مىدىرلىسىڭىزلا ئىككىسى ئارلىشىپ ئۇماچ بولۇپ كەتكۈەك . *يوقال ، توختىماي يوقال ! *ئۆزىڭىزنى قوغداڭ ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ ، بىراق ھەرگىز يىرىم كىچىدە چىقىپ باشقىلارنى قورقۇتماڭ . *ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى ھايۋان ھامان ھايۋان ، بىراق ئادەمبەزىدە ئادەم ئەمەس . *ھەر ئىشتا ئۆزىمىزدىن سەۋەپ ئىزدەيلى ، قانداقتۇر ئىچىڭىز قىتىپ قالسا ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىز ئىكەن دەپ تۇرۇۋالماڭ . *ئىشىڭىز بولمىسا يازدا كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىرىڭ ، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ قالسىڭىز ، باشقىلار ئاقنانچى دەپ تىللاپم يۈرمەس . *مەن بىلەن غايە توغرىسىداپاراڭلاشماڭ ، مەن ئۇنى ئۈزۈل - كىسىل تاشلىدىم . *تويغۇچە يىمىسەك ئورۇقلايدىغانغا نەدىكى مادار دەيسىز ؟
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى |
|