| باشقۇرغۇچى گۈلزار خانىم (خېنىم) نىڭ تەكلىپىنى قوللايمەن شۇنداقلا مەنمۇ تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بەرمەكچى: 1. ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەك. بۇ مۇنبەردە ئىملاغا دىققەت قىلماسلىق ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. 2. مۇنبەرنى مەشىق دەپتىرىگە ئايلاندۇرۇۋالمىساق. بولۇپمۇ شېئىرىيەت سەھپىسىگە يوللانغان ئەسەرلەردە بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر كۆپ. 3. ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن تەنقىدنى زىچ بىرلەشتۈرسەك. بىزدە تەنقىدتىن قورقۇش كېسىلى بەك ئېغىر. ھەممە تېمىلارغا « ناھايىتى قالتىس بوپتۇ، كارامەت ياخشى يېزىپسىز...» دىگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ بۇ خىل ئورۇنسىز ماقتاش شۇ تېما ئىگىسىنى (ئاپتورنى) ئالغا ئىلگىرلىتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ تاماخور قىلىۋېتىدۇ. مەن يەنىلا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: « بايقاش» بايقاشتەك بولسۇن. |
|