بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايىنا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 22:59
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دىگەن ئادەم تاماقنى ئاز يىيىشى كېرەك ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئۇمۇمىي ئىنىرگىيە ئىچىدە ،قەنىتلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسپىتى ئەڭ كۆپ ،بەدەندىكى زاپاس قەنىتلەر بەدەننىڭ پۈتۈن بىر كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىق مىقتارىنىڭ
%60 ىنى تەمىنلەيدۇ.شۇڭا تاماققا قاراپ ،مۇئاپىق مىقتاردىكى قەنىتلىك يىمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك،بولمىسا بەدەندىكى زاپاس ياغلار ئۇنىڭ ئورنىدا سەرپ بۇلىدۇ.ھەتتا ئاقسىلنى ئىشلىتىپ ئورگانىزىمنىڭ ئىنىرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداشقا توغرا كېلىدۇ.كىراخمال ئىنسانلار يىمەكلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان قەنىت تۈرىدىكى ماددا بۇلۇپ ،ھەزىم بۇلۇش جەريانىدا ھىدروزلىنىپ ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلات گىلىكوزىغا ئايلىنىدۇ.چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنى تەمىنلەيدىغان ئىنىرگىيەنىڭ ھەممىسىنى گىلىكوزا تەمىنلەيدۇ.چوڭ مېڭە ئىچىدە زاپاس ساقلىنىدىغان قەنىت مەنبەسى بولمىغاچقا ،قاندىكى قەنىتنىڭ قۇيۇقلىقى تۆۋەنلەپ كەتسە ،مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئىنىرگىيە كەملەش سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ،شۇنىڭ بىلەن قۇرساق ئېچىش ،باش قېيىش ،يۈرەك سېلىش ،سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇزۇقلۇق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ،يەنە بىر جەھەتتىن زىيادە تۇيۇنۇپ يىيىشتەك ناچار ئادەتتىن ساقلىنىش كېرەك.تاماقنى بەك تۇيۇپ يىگەندە قان ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالىدۇدە شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدە قان ،ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كۆرىلىدۇ.نەتىجىدە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ،ئەقلىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ،ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.ئەڭ چاتىقى كىسلاتالىق تالا بىخ ھۈجەيرىلىرىنى ئۆستۈرگۈچى فاكتۇر دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل زور مىقتاردا ئاجرىلىپ چىقىدۇ.بۇ خىل فاكتۇر قان تۇمۇر ئىندوتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن قان تۇمۇرلار كىچىكلەپ قان بىلەن تەمىنلەش

ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا مېڭىدە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ.ھازىرغا قەدەر مۇئاپىق تاماققا مۇئاپىق مىقتاردا چەك قۇيۇشتىن باشقا ،بۇ خىل مېڭە توقۇلمىلىرى ۋە مېڭە ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئاجرالما ماددىلارنى چەكلەيدىغان ئۈنۈملۈك ئامىل يوق.شۇڭا ئادەتتە تاماقنى بەك تۇيۇپ يىيىشتىن ساقلىنىش ،ئامال بار تاماقنى ئاز يىيىش لازىم.
مەنبە : تەڭرى تاغ خەۋرلەر تورى
|