فېۋرال ئايلىرىنىڭ سوغۇق شامىلى ۋە تۇتۇق ھاۋاسى گېتلىرنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى-بىرانائۇ (Braunau am Inn) دىن ئىبارەت بۇ گېرمانىيە ۋە ئاۋىستىرىيە چېگرىسىغا جايلاشقان كىچىك شەھەرنى تېخىمۇ سوغۇق كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پەقەت شەھەردىكى چېركاۋدا ئۇرۇلغان قوڭغۇراق ئاۋازىلا كوچا-كويلاردا ياڭراپ، سۇس كۆك رەڭلىك دەريا سۈيى بۇ شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ئاستاغىنا ئېقىپ تۇرۇۋاتاتتى، بۇ شەھەر ئاۋىستىرىيىدىكى باشقا كىچىك شەھەرلەرگە ئوخشاشلا قارىماققا ناھايىتى ئاددىي بىر شەھەردەك كۆرۈنەتتى.
بىرانائۇ شەھىرىدىكى بىر كوچىغا ئاۋىستىرىيىنىڭ ماۋتخاۋسېن جازا لاگىرى (Mauthausen Concentration Camp) دىن كەلتۈرۈلگەن تاشلار تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە مۇنداق خەت ئويۇلغانىدى:< نەچچە مىليونلىغان قازا قىلغۇچىلار بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇدۇكى، تېنچلىق ۋە ئەركىنلىك، دىموكراتىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن فاشىسىزىم مەڭگۈ باش كۆتۈرمەسلىكى لازىم!>. بەلكىم ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا نەچچە مىليونلىغان بىگۇناھ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغان ئۇرۇش جىنايەتچىسى-ئادولف گېتلىرنىڭ 1889-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى دەل مۇشۇ تاشلار تىزىپ قويۇلغان يەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنادا تۇغۇلغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن.
< ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ دادىسى بۇ يەرگە ۋاقىتلىق خىزمەت بىلەن يۆتكلىپ كەلگەندىن كېيىن گېتلىر دەل مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان>، شۇ جايدىكى مەلۇم بىر تارىخشۇناس كىشى < يەر شارى گېزىتى> نىڭ مۇخبىرىغا بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بەرمەكتە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىچىك بازار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا خۇددى ناھايىتى ئۇدۇل كېلىپ قېلىشتەكلا قىلاتتى، گېتلىرنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ھەتتا بۇ شەھەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئەسلىمىسى يوق بولۇپ، چۈنكى گېتلىر ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ كىچىك بازاردىن كۆچۈپ كېتىشكەنىدى. گېتلىر بۇ كىچىك شەھەرگە قايتا قەدەم باسقاندا ھەرگىز بۇرۇنقى گۆدەك گېتلىر ئەمەس بەلكى ناتسىستلارنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيىۋالغان ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ قوماندانى سۈپىتىدە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ 1938-يىلى دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىن بۇ كىچىك شەھەرگە كېلىپ، ئەينى چاغدا ئۆزى دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ كىچىك بىنانى كۆرۈپ كەتكەن، ئاندىن ئۇ يەنە داۋاملىق تۈردە گېرمانىيە ناتسىست ئارمىيىسىگە باشچىلىق قىلىپ ئاۋىستىرىيىنى بېسىۋىلىش ئۈچۈن ئاتلانغانىدى.
ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار بۇ كىچىك شەھەردە ئوخشاشلا قارشى ئېلىنمىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ يەردىكى پەقەت %7 ئاھالىلا ناتسىستلارغا قوللاش بېلىتى تاشلىغان. لېكىن گېتلىر بۇ كىچىككىنە شەھەرگە نۇرغۇنلىغان < تارىخىي يۈكلەرنى تاشلاپ قويۇپ> كەتكەن، يەنە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ زىيارەت قىلىدىغان بولۇۋالغان. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گېتلىرغا مۇناسىۋەتلىك پاراڭلارنى قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، چۈنكى بۇ يەردىكى كىشىلەردىن ھەمىشە:< گېتلىرنىڭ ئۆيى نەدە؟ سىز ئۇنىڭغا قانداق قارايسىز> دېگەندىن ئىبارەت ئوخشاش بىر سوئاللا سورىلاتتى. مۇخبىرلار بۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا گېتلىرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا، بۇ كىشىلەر ناھايىتى ئاددىيلا قىلىپ:< ئۇ ياخشى ئادەم ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى قىلغان> دەپلا جاۋاب بېرىشىدۇ خالاس. شۇنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەسكى، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى 70 يىل بۇرۇنقى ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن زۇلمەتلىك چۈشنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلار پەقەت تېپتېنچ ياشاشنىلا ئىزدەيدۇ خالاس.
گېتلىر ئەينى يىلى تۇغۇلغان بۇ ئۆي ئىزچىل ھالدا مەلۇم بىر جەمەتنىڭ تەئەللۇقاتىدا بولۇپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن بۇ ئۆي سېتىۋىلىنىپ بىر مەزگىل ساياھەت رايونى قىلىنغان، كېيىن يەنە ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. ھازىر بۇ جەمەتتە پەقەت بىرلا ياشانغان ئايال قېپقالغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىزچىل ھالدا گېتلىر تۇغۇلغان بۇ ئۆينى سېتىۋېلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ياشانغان ئايال ئىزچىل ھالدا بۇنى رەت قىلىپ كەلگەن.
شۇ يەردىكى بىر تارىخشۇناسنىڭ ئېيتىشىچە، گېتلىرنىڭ جەمەتىدىكىلەر بۇ يەردىن باشقا ياققا كۆچۈپ كېتىپلا قالماستىن، بەلكى گېتلىر بىلەن ئوخشاش فامىلىدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ ئۆز فامىلىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ گېتلىرغا چېتىلىپ قېلىشىنى خالىمىغان.