كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 2

قىشتا نەپەس يولىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايىنا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 23:13  

قىشتا نەپەس يولىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك






  • قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن زۇكام، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا، قىش پەسلىدە ئۆپكە، كاناي قاتارلىق نەپەس يوللىرىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      بەدەننى ئىسسىق ساقلاش نەپەس يولى كېسەللىرى، ئاساسەن، بەدەنگە سوغۇق ئۆتكەنلىكتىن بولىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا نېپىز كىيىنىش، پۇتى مۇزلاش، تەرلەپ كېلىپلا كىيىملەرنى سېلىۋېتىپ نېپىز كىيىنىۋېلىش، ئۇزاق ۋاقىت سىرتتا يۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرىغا قاراپ قېلىن كىيىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


  •   مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش نۇرغۇن كىشىلەر قىش كىرگەندىن كېيىن ھاۋا سوغۇق، دەپ چېنىقمايدۇ، سىرتقا چىقماي ئۆيگە بېكىنىۋالىدۇ. بۇنداقلار ئۇزاق ۋاقىت ئۆيدىن چىقمىغاچقا، سىرتقا چىقسىلا ئاغرىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىش پەسلىدە مۇۋاپىق كىيىنىپ مۇۋاپىق چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىۋاتقان تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    شۇڭا، كىشىلەر قىش پەسلى كىرگەندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن يۈگۈرۈش، سەيلە قىلىش قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەمما، زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، بەك جۇدۇنلۇق، تۇمانلىق كۈنلەردە ۋاقتىنچە چېنىقىشنى توختاتسا بولىدۇ.

      يېمەكلىككە دىققەت قىلىش ئادەتتە، قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ياغ مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەمدە تەركىبىدە كالتسىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C كۆپ بولغان كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەرخىل نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش قىش پەسلىدە مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ، سۈت ئىچىپ بېرىشنىڭ ئۆپكىنى ئاسراشتا پايدىسى بار.

      خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش نەپەس يولى ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىدىغان بولغاچقا، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر كەيپىيات چۈشكۈن، روھى سۇلغۇن بولسا، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ، ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئەكسىچە خۇشال كەيپىيات ئادەم بەدىنىنىڭ باكتېرىيە، ۋىرۇسقا بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاغرىقنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈلۈش ئۆپكىنى كېڭەيتىپ، ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، ماغدۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغا زىيادە چېچىلىۋەرمەسلىك كېرەك.

      تارقىلىشچان زۇكام تارقالغان مەزگىلدە سىرتقا كۆپ چىقماسلىق، چىققاندا زۆرۈر بولسا، ماسكا تاقىۋېلىش، ئەگەر نەپەس يولىدا كېسەللىك كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك.
  • مەنبە: www.sawda.com






baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-17 12:45:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ،بىلىۋالدىم،موشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.
ۋاقتى: 2015-2-18 20:04:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلاركەن. تىمىڭىزغا رەخمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش